UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقشىتلە بىلەن پىتلە

شىتلە بىلەن پىتلە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەر - خوتۇن ئۆتكەنىكەن. ئېرىنىڭ ئېتى شىتلە، خوتۇنىنىڭ ئېتى پىتلە ئىكەن. بۇلار مەھەللىدىن چەتتەرەك پاكار بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۆينىڭ لىم ياغىچى غارسىلداپ سۇنۇشقا باشلاپتۇ. ئەر - خوتۇن ئۇنىڭغا چارە قىلماقچى بولۇپتۇ. شىتلە: - نوغۇچنى تۈۋرۈك قىلايلى، - دەپتۇ. پىتلە قارشىلىق كۆرسىتىپ: - نوغۇچ بولمىسا، بىز ئۇرۇقلۇق بۇغداي تېپىپ تېرىپ، ئورۇپ، يىغىپ، ئۇن تارتىپ كەلگەندە قانداق قىلىپ ئاش ئېتىمىز؟ مۇنۇ ھاسىنى تۈۋرۈك قىلايلى، - دەپتۇ. شىتلە قوپۇپ: - سەن تەييار ھاسىنى تۈۋرۈك قىلىپ قويساڭ، مەن قېرىغاندا نېمىنى تايىنىمەن؟ تۇغىدىغان بالىلىرىڭ چوڭ بولۇپ باشباشتاقلىق قىلسا نېمە بىلەن ئەدەبلەيمەن؟ سەن ئاش ئېتىۋاتقاندا ئۇ بەڭباش ئوتۇن ئەكىرگىلى چىقىپ ئويناپ قالسا، ھاسسام بولمىسا قانداق تالاغا چىقىپ قىچقىرىپ كىرەلەيمەن؟ سەن زادى كېيىنلىكنى ئويلىمايسەن؟ - دەپتۇ. سونۇشقا باشلىغان ياغاچ پەسلەشكە باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا تونۇر كۆسىيى قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ يۈرگەن بىر تال ياغىچى بار ئىكەن. ئۇلار شۇنى تۈۋرۈك قىلىپ، لىمنى توختىتىپ ئاپتۇ. بۇلار بىر كۈنى قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە جۈمەلەپ بېرىپتۇ. قايتىش ۋاقتىدا قېيىن ئاتىسى بۇلارغا ئىككى جىڭ گۆش يوللۇق تۇتۇپتۇ. بۇلار گۆشنى ئەكىلىپ قازانغا ساپتۇ. گۆش ئەمدى پىشاي دېگەندە: - ۋاي خوتۇن، گۆشنىغۇ يەيمىز، چىش كولىغۇچ يوق، قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ شىتلە. بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەپ: - بىز ھەممە ئىشنى ئالدىن تەييارلاپ كەلگەن ئەر - خوتۇن تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇنى ئويلىماپتىمىز - ھە؟ - دەپتۇ پىتلە. چىش كولىغۇچنىڭ ئارچا ياغىچىدىن بولىدىغانلىقىنى، ئارچىنىڭ تاغدا بولىدىغانلىقىنى ئەسلىشىپ، گۆشنى قازاندا قويۇپ ئاۋۋال تاغقا بارماقچى بوپتۇ. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچىنى قويۇشقا يەر تاللاپتۇ.بۇلار بىر زامانلار كېلىپ دېھقانچىلىق قىلساق لازىم بولىدۇ، دەپ بىر تۈز يەرنى خامان قىلىپ، ئوتتۇرىسىغا موما ياغاچ قاداپ قويغانىكەن. قارىسا، موما خېلى ئېگىز. ئەر - خوتۇن بىر - بىرىنى يۆلۈشۈپ تۇرۇپ ئاچقۇچنى مومىنىڭ ئۇچىغا ئېسىپ قويۇشۇپتۇ ۋە بۇ يەرگە ھېچكىمنىڭ قولى يەتمەيدۇ، دەپ جەزم قىلىشىپ تاغقا راۋان بوپتۇ. بۇلارغا يولدا ھىيلىگەر بىر ئادەم ئۇچراپتۇ. ئۇ شىتلە بىلەن پىتلىگە سالام بېرىپ: - يول بولسۇن! نەگە مېڭىشتىلا؟ - دەپ سوراپتۇ. شىتلە بىلەن پىتلە بىر - بىرىنىڭ ئاغزىدىكى گەپنى تارتىۋېلىپ، سۆزلەپ كېتىپتۇ: - ۋاي تەقسىز، بۈگۈن قېيىن ئاتىمىزنىڭ ئۆيىگە جۈمەلەپ بارساق ئىككى جىڭ گۆش بەردى. ئۇنى قازانغا سېلىپ، ئەمدى يەيلى دېسەك چىش كولىغۇچ يوق. شۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تاغقا كېتىۋاتىمىز. - ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچنى موما ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ قويدۇق، - دەپتۇ پىتلە، - گۆش پىشاي دەپ قالغان، يەنە كىرىپ يەپ كەتمىسىلە جۇمۇ؟ - نېمە دېگەنلىرى بۇ خېنىم، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم، - ئۇنداقمۇ قىلامدىغان. ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز يوللىرىغا كېتىپتۇ. شىتلە بىلەن پىتلىنىڭ قارىسى يۈتۈش بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆيگە كىرىپ گۆشنى يەپ، شورپىسىنى ئىچىپ، ئىىشكنى قۇلۇپلاپ ئاچقۇچنى يەنە ئاۋۋالقىدەك موما ياغىچىنىڭ ئۇچىغا ئىلىپ قويۇپ، ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. شىتلە بىلەن پىتلە تاغقا بېرىپ، ئارچا تېپىپ، چىش كولىغۇچ ياساپ، ئۈچ كۈندە ئاران ئۆيگە كەپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىگە بىر دانە دۆلەت قوڭغۇزى ئۆمۈلەپ بوسۇغۇدىن چىقىۋاتقانىكەن، بىردەمدىلا بىر تۆشۈككە كىرىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. شىتلە بىلەن پىتە كېلىپ قازاننى ئاچسا، ھېچنېمە يوق. - ئاپلا، بۇنى ھېلىقى قوڭغۇز يەپ كېتىپتۇ، - دەپ ئارقىدىن قوغلاپ چىقسا، ھېچنەدە يوق. ئىشىكنى ياپماي كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە خېلى تاپاتەنە قىلىشىپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يەنە جۈمەلەپ بارغانىكەن. چۆچۈرە بىلەن مېھمان قىلىپ، قايتىش ۋاقتىدا بىر جىڭ گۆش بېرىپتۇ. شىتلە بىلەن پىتلە گۆش بىلەن چۆچۈرە ئېتىپتۇ. ئاش پىشقاندا قېيىن ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە چۆچۈرىنى چوكا بىلەن ئىچكەنلىكى ئېسىگە كەپتۇ - دە، بىر شەرتنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال چوكىنى قانداق ياساش ئۈستىدە ئويلاپتۇ، ئۇنىڭ شىلۋە ياغىچىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى ئەسلەپتۇ. شىلۋە ئەلۋەتتە تاغدا بولىدۇ. ئاخىر چۆچۈرىنى قازاندا قويۇپ، تاغقا ماڭماقچى بولۇپتۇ. بۇ قېتىم ئاچقۇچنى بۇرۇنقىدىن يوشۇرۇنراق جايغا قويۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، تونۇر تۈۋىدىكى كۈلگە كۆمۈپ، ئۈستىگە ئەگرى - بۈگرى قىلىپ سۇ سېپىپ، بەلگە قىلىپ قويۇپ، تاغقا مېڭىپتۇ. يولدا ھېلىقى ئادەم بىلەن يەنە ئۇچرۇشۇپ قاپتۇ. شىتلە بىلەن پىتلە بۇ نۆۋەت ئالداپ قۇتۇلماقچى بولۇپ كېلىشىۋاپتۇ. - ھە، يول بولسۇن؟ - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. - تاغقا بارمايمىز، شىلۋە ياغىچى ئالمايمىز، چوكا ياسىمايمىز، - دەپتۇ شىتلە. - ئۆيدە چۆچۈرە ئەتمىدۇق. ئاچقۇچنى كۈلنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ، ئۈستىگە ئەگرى - بۈگرى سۇ سېپىپ قويمىدۇق، - دەپتۇ پىتلە. يولۇچى بۇلار بىلەن خوشلىشىپ، توپتوغرا شىتلە بىلەن پىتلىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ - دە، چۆچۈرىنى ئىچىپ قازاننىڭ ئاغزىنى بۇرۇنقىدەك يېپىپ قويۇپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، ئاچقۇچنى ئۆز جايىغا قويۇپ كېتىپتۇ. بۇ قېتىمدا شىتلە بىلەن پىتلە بەش كۈندە كەپتۇ. ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ. بېرىپ قازانغا قارىسا ھېچنېمە يوق. بىر چىۋىن قازاننىڭ ئىچىدىكى نەملىكنى شۈمۈپ تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرگەن شىتلىنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپتۇ. - ۋاي خoتۇن، چاپسان بول، پالتىنى ئەكىلىپ بەر، - دەپتۇ. پىتلە چىۋىننىڭ مېڭىسىنى نىشانلاپ تۇرۇپ، راسا كەلتۈرۈپ بىرنى قويۇپتۇ، قازان سەككىز پارچە بوپتۇ. چىۋىن ئۇچۇپ بېرىپ پىتلىنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ. ۋاي خوتۇن، - دەپتۇ شىتلە، - مىدىرلىماي تۇر، بۇ قۇرغۇر سېنىڭ بېشىڭغا قوندى، بۇنىڭ ئەدىبىنى بەرمىسەم بولمايدۇ، - دەپ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بېرىپ، بىر قويغانىكەن، خوتۇننىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. ھېلىقى چىۋىن >غىڭ< قىلىپ ئۇچۇپ تۈۋرۈككە قونۇپتۇ، شىتلىنىڭ ئەرۋاھ ئۇچۇپ، تومۇرلىرى كۆپۈپ، ئاچچىقى ئىچىگە، غەزىپى بېشىغا ئۆرلەپتۇ. - سەن ھىيلىگەر قۇۋ چىۋىن، - دەپتۇ شىتلە، - ئاشنى ئىچىڭ، قازاننى چېقىڭ، خوتۇننى ئۆلتۈرۈڭ، ئەمدى تۈۋرۈككە قونۇپ ئۆگزىنى كۆتۈرۈڭما؟ ھىم... مەن سېنىڭ شۇنداق ئەدىبىڭنى بىرەيكى، خەپ توختا! ئۇ پالتىنى ئارقىسىغا يوشۇرۇپ، ئاستا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۈۋرۈككە يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىزلا ئىشىك ئېچىلىپتۇ. قارىا بايىقى ئاچكۆز ئادەم كىرىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئۇ كۆڭلىدە بۈگۈن نەق سامسا تەييارلاپ قويغاندۇ، دېگەن گۇمان بىلەن كىرگەنىكەن. ئۇ شىتلىنىڭ >خەپ شۈك< دېگەن شەرىتى بىلەن جىم تۇرۇپ قاپتۇ. شىتلىنىڭ قولىدا پالتا بارلىقىنىمۇ ئۇقماپتۇ. شىتلە ئەپلەپ تۇرۇپ تۈۋرۈككە راسا كەلتۈرۈپ بىرنى قويغانىكەن، تۈۋرۈك بىلەن بىللە لىممۇ چۈشۈپتۇ. چىۋىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ، سۇنغان يوغان لىم ياغاچ بولسا توپتوغرا ھېلىقى ئاچكۆز ئادەمنىڭ قاق چوققىسىغا چۈشۈپ، >ۋايجان< دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، ئۇستىخانلىرى پېقىش - پېقىش بولۇپ جان بېرىپتۇ. شىتلە بولسا، ئۇنىڭ بىلەن چاتىقى يوق چىۋىننى قوغلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق