ئاكا - ئۇكا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا ناھايىتى نامرات بىر دېھقان بولغان ئىكەن. دېھقان كېچە - كۈندۈز ئىشلەيدىكەن، ئەمما بالىلىرى ئۇششاق بولغاچقا، يېرىم ئاچ، يېرىم توق كۈن ئۆتكۈزىدىكەن.
كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، بۇ دېھقاننىڭ ئىككى بالىسى چوڭ بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار دادىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىش - ئوقەتنىڭ يولىغا چۈشمەكچى بوپتۇ.
بىر كۈنى ئۇلار ئاتا - ئانىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۆيىنى ئېيتىپ، ئىجازەت سوراپتۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇلارغا رازىلىق بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكا - ئۇكا ئىككىسى ئىش - ئوقەتكە ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى ئۇكىسى ئىشىك ئالدىدىكى يوغان سۆگەتتىن ئىككى تال تاياق كېسىپ ئەكىرىپ مانتىغا تىكلەپ قويۇپ، ئاكىسىغا:
- ھەي ئاكا، بىزمۇ چوڭ بولدۇق، ئاتا - ئانىمىز قېرىپ قالدى، بىز ئەمدى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، دۇنيا تېپىپ كەلمەيمىزمۇ؟ - دەپتۇ. ئاكىسى ئىنىسىنىڭ بۇ مەسلىھىتىنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. ئىنىسى ئانىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ:
- ئاپا، بىزگە توقاچ يېقىپ بەرگىن، بىز باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ، دۇنيا تېپىپ كېلىمىز، - دەپتۇ. ئۇلار ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ، يولغا راۋان بوپتۇ. بىر نەچچە زامان يول ماڭغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ئوزۇقلىرى تۈگەپ، ئۆزلىرى ھالسىزلىنىپ كېتىپتۇ. شۇنىدىمۇ كىچىكى زادى بوشاشماپتۇ. ئۇ ئىگىز بىر دوڭگە يامىشىپ چىقىسا، چوڭ بىر شەھەر كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ ئاكىسىغا:
- يۈر چاپسان، بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ قاپتىمىز! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ھالسىزلىنىپ قالغان ئاكىسىمۇ يامىشىپ دوڭگە چىقىپتۇ. بۇلار دوڭدىن چۈشۈپ شەھەرگە كەپتۇ - دە، ھارغىنىلىقتىن تۈپ - تۈز ياسالغان تاشقا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ تاش بولسا، شەھەر پادىشاھىنىڭ ساياھەت قىلىپ يۈرگەندە دەم ئېلىپ ئولتۇرىدىغان يېرى ئىكەن. شۇ كۈنى پادىشاھنىڭ ساياھەتكە چىقىدىغان كۈنى ئىكەن. پادىشاھنىڭ بىر ئادىمى «تاشنى سۈپۈرۈۋېتەي» دەپ ئىلگىرىرەك كەلسە، تاشنىڭ ئۈستىدە ئىككى نەرسە ئۇخلاپ ياتقۇدەك.
- بۇ نەنىڭ تىجىمەللىرى؟ - دەپ ئۇلارنىڭ پۇت - قولىرىنى باغلاپ ئېرىققا ئىتتىرىۋېتىپتۇ. ئاندىن پادىشاھقا كېلىپ:
- مەن سىلى ئولتۇرىدىغان يەرنى سۈپۈرۈۋېتەي دەپ بارسام، ئىككى ئوغى ئۇخلاپ يېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ پۇت - قوللىرىنى باغلاپ، ئېرىققا تاشلىۋېتىپ كەلدىم، - دەپتۇ. پادىشاھ:
- نېمىشقا ئۇنداق قىلدىڭ؟ دەرھال ئۇلارنى مېنىڭ مەپەمگە ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كېلىڭلار،- دەپ بۇيرۇپتۇ.
بالىلار كەلگەن زامان پادىشاھ ئۇلارنى يىراقتىن كەلگەن مېھمانلاردەك ھاممامدا يۇيۇندۇرۇپتۇ، كىيىلىرىنى يوتكىتىپ، ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا سېمىز گۆشلەر بىلەن پولۇ، ئاپپاق توقاچلارنى قويۇپتۇ. بالىلارنىڭ كىچىكى:
- ھەي ئاكا، بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويغان ئىتنىڭ گۆشى ئىكەن، - دەپتۇ.
ئاكىسى ناننى يەپ كۆرۈپ:
- بۇ ناننى ئادەمنىڭ قېنى بىلەن يۇغۇرغان ئىكەن، - دەپتۇ.
بۇ پاراڭلارنى پادىشاھ دەرىزىدىن ئاڭلاپ قاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىغى كېلىپ:
- مېنىڭ ئەڭ ياخشى تائاملىرىمغا ھاقارەت كەلتۈرگىنى ئۈچۈن بۇلارنىڭ بېشىنى ئال! - دەپ جاللاتلارغا بۇيرۇق بېرىتۇ. ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزى يەنە ئاچچىغىدىن يېنىپ:
- بۇلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، زىندانغا تاشلاڭلار، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
بالىلارنى زىندانغا تاشلاتقۇزۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولۇپ، مۇلازىمنى چاقىرىپتۇ:
- راستىڭنى ئېيتامسەن - يوق ياكى بېشىڭنى ئالغانغا رازىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. مۇلازىم:
- پادىشاھى ئالەم، راستىمنى ئېيتاي! سىلى مېھمان كېلىپ قالدى، ئۇننىڭ ياخشىسىنى كەلتۈرگىن، دېگەنلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇننىڭ ياخشىسىنى كەلتۈرگەن ئىدىم؛ بىراق ئۆتكەن يىلى بۇغداي تەرگەن يەر بىر چاغلاردىكى جەڭدە ئادەم قېنى تۆكۈلگەن جاي بولغاچقا، بۇغداي كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئوبدان بولغان بولسىمۇ، تەمى ئادەم قېنى تېتىپ قاپتۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ:
- مالچىنى چاقىرىپ كەلگىن، - دەپ بۇيرۇپتۇ.
- ھەي قويچى، راستىڭنى ئېيت، بولمىسا بېشىڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ.
- پادىشاھ ئالەم! راستىمنى ئېيتاي:
- بۇ يىل بىزنىڭ بىر قوي قوشكېزەك تۇغۇپ ئۆلۈپ قالغان ئىدى، بىر ئىتمۇ قوي بىلەن تەڭ كۈچۈكلىگەن بولغاچقا، شۇ ئىتقا ئەمدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا بۇ قوي ناھايىتى سەمرىپ كەتكەن، - دەپتۇ.
پادىشاھ بالىلارنىڭ زىرەكلىكىگە ھەيران بولۇپ، دەرھال زىنداندىن بوشىتىپتۇ - دە، ئۆزىگە ئوڭ قول ھەم سول قول ۋەزىر قىلىۋاپتۇ.
بۇ پادىشاھنىڭ بۇلبۇلگوياسى بار ئىكەن. ئۇنى ھەر ھەپتىدە قەپەزدىن ساياھەتكە چىقىرىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى بۇلبۇلگويا ساياھەتتىن بىر تال خۇرمىنى چىشلەپ ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى تەخسىگە سېلىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ قەپىزىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ خورما خاسىيەتلىك مېۋە ئىكەن. ئۇنى قېرى ئادەملەر يىسە، ياشىرىپ كېتىدىكەن، پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئولتۇرغاندا، ئوڭ قول ۋەزىرى:
- قېنى، پادىشاھى ئەلەم، سىزنىڭ يېشىڭىز توقسانغا كەلدى. بۇ مېۋىنى سىز يەڭ! - دەپتۇ.
پادىشاھ مېۋىنى قولىغا ئېلىپ، يىگىلى تەمشەلگەندە، سول قول ۋەزىرى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ:
- پادىشاھى ئالەم، سىزدىن سورايدىغان بىر سۆزۈم بار، - دەپتۇ.
- قېنى سۆزلىگىن، - دەپتۇ پادىشاھ.
سول قول ۋەزىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:
- پادىشاھى ئالەم، بىز ئىككى - ئۈچ يىل كۈتسەك، مۇشۇ بىر دانە مېۋىدىن نۇرغۇن مېۋە ئالاتتۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلقىمىزنى تەمىن قىلاتتۇق، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.
پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى توغرا تېپىپ، مېۋىنى يىمەي ئورنىغا قويۇپتۇ ھەم شۇ زامان قېرى باغۋەننى چاقىرتىپ، ھېلىقى مېۋىنى قولىغا بېرىپ:
- بۇ مېۋىنى ياخشى يەرگە تېرىپ، ياخشى پەرۋىش قىلغىن! - دەپ تاپشۇرۇپتۇ.
بىر يىل ئۆتۈپتۇ، ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ، ئۈچىنچى يىلى دەرەخ مېۋىگە كىرىپ، بىر تال مېۋە پىشىپتۇ. بوۋاي بۇ پىشقان مېۋىنى كۆرۈپ خوشال بولۇپ، بېلىدىكى كىر پوتىسىغا يوگەپ ئەپكېتىپ بارسا، ئۇنىڭ ئالدىغا پادىشاھنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىرى يولۇقۇپ قاپتۇ. بۇ ۋەزىر:
- ھەي بوۋاي، نەگە كېتىپ بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي:
- بېغىمىزدا ياخشى بىر مېۋە بارئىدى، بۇ يىل شۇنىڭدىن بىر تېلى پىشىپ قاپتۇ، شۇنى پادىشاھقا ئەپكېتىپ بارىمەن، - دەپتۇ.
- ھەي ئەخمەق بوۋاي! پادىشاھنىڭ ئالدىغىمۇ شۇنداق ئەسكى پوتىغا يۆگەپ ئاپىرامدۇ، ئەكەلگىنە، مېۋەڭنى مەن ساڭا ياخشى داستىخانغا ئوراپ بېرەي، - دەپ، بوۋاينى تالادا قويۇپ، ئۆزى ئويىگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئۆيدە ھېلىقى مېۋىنى ئوغىغا مىلەپ، ئاپپاق داستىخانغا ئوراپ ئېلىپ چىقىپ، بوۋايغا:
- مانا ئەمدى ئۇيالماستىن ئەكىرسەڭ بولىدۇ، - دەپ تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
بوۋاي پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
- پادىشاھى ئالەم، ھېلىقى مېۋىنى مەن ئۈچ يىلدىن بېرى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، مانا بۇ يىل بىر دانە مېۋە ئالدىم، ئۇنى سىلىنى يەپ كۆرسۇن دەپ ئەكىردىم، - دەپتۇ.
پادىشاھ ۋەزىرلىرى ئالدىدا مېۋىنى يىگىلى تەمشەلگەندە، سول قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ قولىنى يەنە تۇتۇۋاپتۇ. پادىشاھ مېۋىنى قايتۇرۇپ تەخسىگە سېلىپ قويۇپتۇ.
- پادىشاھى ئالەم، مېنىڭ سورايدىغان بىر سۆزىم بار، - دپتۇ سول قول ۋەزىرى.
- ھە، سورا، - دەپتۇ پادىشاھ.
- پادىشاھى ئالەم، بىز ئۈچ يىل كۈتۈپ، ئاران دېگەندە، بۇنىڭ بىر تال مېۋىسىنى كوردۇق؛ ئەمدى بۇ مېۋىنى زىنداندا ياتقان نۇرغۇن قېرىلارنىڭ بىرىگە يىگۈزۈپ، شۇنىڭ ساۋابىنى ئېلىڭ، - دەپتۇ.
پادىشاھ ۋەزىرىنىڭ بۇ سۆزىنىمۇ ماقۇل كۆرۈپ، زىندان باشلىقىنى چاقىرىپ:
- يۈز ياشقا ئاشقان گۇناھكاردىن بىرىنى چاقىرىۋەت، - دەپ ئەمىر قىپتۇ.
گۇناھكار بوۋاي، سېنىڭ زىنداندا ياتقىنىڭغا ئۇزۇن يىل بولدى. ئەمدى گۇنايىڭدىن كەچتىم، مۇنۇ مېۋىنى يىگىن! - دەپ ھېلىقى مېۋىنى بېرىپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ، مېۋىنى موكلا قىلىپ، ئاغزىغا سالغان ھامان يىقىلىپ، شۇ يەردىلا جېنى چىقىپ كېتىپتۇ.
- ھېلىقى بۇلبۇلگويانى كەلتۈرۈڭلار! - دەپ پادىشاھ ئەمىر قىپتۇ.
پادىشاھ بۇلبۇلگويانى بىر كوتەككە قويۇپ، ئۆز قولىدا بېشىنى پالتا بىلەن چېپىپ تاشلاپتۇ. بىچارە قۇشنىڭ تېنى بىر ياققا، بېشى بىر ياققا چۈشۈپتۇ.
- ئاپار، تاشلىۋەت! - دەپ ۋارقىراپتۇ پادىشاھ.
ئۇ يەنە باغۋەن بوۋاينى چاقىرتىپ:
- ھېلىقى مىۋىلىك دەرەخنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەپكىرىپ سورۇۋەت! - دەپ ئەمىر قىپتۇ. بوۋاي:
- خوپ، بولىدۇ! - دەپ باغقا كىرىپ، ھېلىقى دەرەخقە قارىسا، ئۇ پۈتۈنلەي باغدىكى باشقا دەرەخلەرگە ئوخشىماي، بۆلەكچىلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەرەخنى كۆيدۈرۈشكە بوۋاينىڭ قولى بارماستىن، باشقا قېرى دەرەخنى قومۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەپكىرىپ سورۇپتۇ. پادىشاھنىڭ كوڭلى ئەمىن تېپىپتۇ. بۇرۇنقىدەك ھايات كەچۈرۈپ قاپتۇ.
كېيىنكى يىلى باشقا مېۋىلەر قاتارىدا بۇ دەرەخمۇ مېۋە بېرىپ، شاخ - شېخىنى كۆتىرەلمەي ئېگىلىپ كېتىپتۇ. بوۋاينىڭ كەچكىچە قىلىدىغان ئوقىتى بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرىغا تىرەك تىرەش بوپتۇ. بۇ مېۋىنىڭ يوغانلىقى تۇخۇمدەك بولۇپ ساغىرىپ پىشىپتۇ.
بوۋاي بىر كۈنى سەھەر ھېلىقى مېۋىنىڭ قېشىغا كېلىپ بىر تال مېۋىنى ئېلىپ يەپ يېنىكلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ شۇ زامان ئۆزىگە قارىسا، ياش يىگىت بولۇپ قالغان، يەنە بىر تال مېۋىنى ئۇزۈپ، يانچۇقىغا سېلىپ ئۆيىگە كىرىپ:
- ھەي موماي، يۈر، باغلارنى تازىلايمىز، - دەپتۇ. خوتۇنىغا، موماي ھەيران بولۇپ:
- ھوي سەن كىمنىڭ بالىسى؟ ! ئۆزەڭنىڭ مومىسى قاتارلىق ئادەمنى خوتۇنۇڭدەك ئىشقا بۇيرۇغىنىڭ نېمىسى، يوقال! - دەپ قوغلاپتۇ. بوۋاي:
- ھەي، قويساڭچۇ، مەن سېنىڭ ئېرىڭغۇ. ئىشەنمىسەڭ، مە مۇنۇ مېۋىنى يىگىن! - دەپ يانچۇقىدىكى مېۋىنى مومايغا بېرىپتۇ. موماي مېۋىنى يەپتۇ. موماي شۇ زامان ئون ئىككى ياشلىق قىز بولۇپ قاپتۇ. ئەمدى بۇلار ياش بالىلاردەك يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، باغنىڭ ئىچىنى پاكىز قىلىپ تازىلىۋېتىپتۇ.
كۈنلەردىن كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر كۈنى پادىشاھ «باغدىكى مېۋىلەر پىشىپ كەتتى؛ مېھمانلارنى ئەپ كىرىپ تاماشا قىلايلى» دەپ ئويلاپ، تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئادەمنى باغقا ئەۋەتىپتۇ. بۇ ئادەم دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلسە، كىچىككىنە بىر بالا دەرۋازىنى توساپ تۇرغان. كەلگەن ئادەم:
- ھەي بالا باغۋەن بوۋاي قېنى، چاقىرىپ كەلگىن؟ - دەپتۇ.
بالا:
- نېمە ئىشىڭىز بارئىدى؟ باغۋەن بوۋاي مەن! - دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم:
- ماڭ، بوۋاڭنى چاقىرىپ كەلگىن، كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟ - دەپ ئۇرۇشۇپتۇ.
بالا ئۇنماستىن:
- باغۋەن بوۋاي مەن بولىمەن! - دەپ باغقا كىرگۈزمىگەندىن كېيىن، بۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا:
- پادىشاھى ئالەم، مەن باغقا بارسام باغنىڭ ئىشىكىدە ئون ئىككى ياشلىق بىر بالا «باغۋەن بوۋاي مەن» دەپ، زادىلا بوۋاينى چاقىرىپ بەرمىدى؛ مېنىمۇ باغقا كىرگۈزمىدى، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان سول قول ۋەزىر بۇنىڭ نېمە ئىشلىكىنى دەررۇ سېزىپ:
- پادىشاھى ئالەم، بۇ بوۋاي مېۋىنى يەپ ياشىرىپ بالا بولۇپ قالغانمۇ نېمە؟ - دەپتۇ. پادىشاھ يۇرتنىڭ بىر قانچە چوڭلىرىنى يىغىپ باغقا ساياھەتكە كەپتۇ. باغنىڭ ئىچىدە ئون ئىككى ياشلاردىكى بىر بالا بىلەن بىر قىز قىيغتىپ ئويناپ يۈرگەن ئىكەن. مېھمانلارنى كۆرۈپ، ئۇلار دەررۇ داستىخان، كۆرپىلەرنى سېلىپ، يوغان ئىككى تاۋاققا ھېلىقى مېۋىدىن ئۈزۈپ كېلىپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. مېھمانلار بىر - بىردىن ئېلىپ يەپتۇ. شۇ زامان بۇ قېرىلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى ياشلىق بالا بولۇپ قاپتۇ.
شەھەردىكى ياشانغان باشقا ئادەملەرمۇ بۇ مېۋىنى يەپ ياشىرىپ كېتىپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ شەھەر ئادەم قېرىمايدىغان شەھەر بولۇپ قالغان ئىكەن.