UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئېيىق باتۇر

ئېيىق باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئوڭ قول ۋەزىرى بار ئىكەن. بىر كۈنى ۋەزىر پادىشاھدىن ئوۋ ئوۋلاشقا رۇخسەت سوراپتۇ. پادىشاھ ئىجازەت بېرىپتۇ. ۋەزىر تاغمۇ - تاغ يۈرۈپ، بىر ئوڭكۈردىكى بىر ئېيىق بالىسىنى ئۇچرىتىپتۇ، ئۇنى باغلاپ ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھقا سوغات قىپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولۇپتۇ. ئېيىق بالىسىنى تۆمۈر قەپەزگە سالدۇرۇپ چارىباغقا قويغۇزۇپتۇ. بىر نەچچە زامان ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەزىر يەنە ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ، ھېلىقى ئۆڭكۈرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىسا، يوغان بىر ئېيىق ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا ئۇخلاپ ياتقان، ۋەزىر ئېيىقنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى سويۇشقا باشلاپتۇ. بىر كەمدە كەينىدىن بىر نېمە كېلىپ، ۋەزىرنى بېسىۋاپتۇ. ۋەزىر شۇنداق قارىسا، ھەممە يېرى يۇڭ باسقان بىر بالا ھەدەپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ خىرىس قىلىۋاتقان، ۋەزىر ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ مىڭ تەسلىكتە ئۇنى باغلىۋاپتۇ - دە، شەھەرگە ئېلىپ كېتىپ پادىشاھقا كۆرسىتىپتۇ. ئەسلىدە بالىسىنى ۋەزىرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئېيىق قاتتىق غەزەپلەنگەن ئىكەن. ئۇ شۇ كۈنىلا بالىسىنىڭ دەردىدە چىدىماي شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر بالىنى ئېلىپ قاچقان ئىكەن، ئېيىق بالىنى ئېمىتىپ چوڭ قىپتۇ ھەم ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ خام گۆش بىلەن بېقىپتۇ، بالا ئېيىق ئانىسى ئېلىپ كەلگەن ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەپ ئېيىقتەك كۈچلۈك بولۇپ چوڭ بوپتۇ. ۋەزىر بالىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ، بولغان ۋەقەنى بايان قىپتۇ. پادىشاھ ئىنتايىن خوش بوپتۇ ۋە ۋەزىرنىڭ بالىسى بولمىغاچقا بۇ بالىنى بېقىۋېلىشقا ئۈندەپتۇ. ۋەزىر ئىنتايىن خوشال بولۇپ، شۇ زامان ساتراچلارنى چاقىرىپ، بالىنىڭ بەدىنىدىكى يۇڭلارنى چۈشۈرۈپتۇ. كىيىملەرنى كىيگۈزۈپتۇ. ئەمما بالا كىيىملەنى يىرتىپ، پىششىق تائاملارنى يىمەپتۇ. ۋەزىر ئاخىر بالىنى ئېيىق ئويناتقۇچىغا باققۇزۇپتۇ. ئۇ ئادەم بالىغا كىيىم كىيگۈزۈپتۇ، يىرتىسا ئۇرۇپتۇ، پىششىق تائام يىمىسە گۆشنى چالا پىشۇرۇپ يىگۈزۈپتۇ. گەپ ئۆگىتىپتۇ. يىل توشقاندا، بالا ئادەم بالىسغا ئوخشاپتۇ، بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولغان ۋەزىر يۇرتقا توي - تاماشا قىلىپ بېرىپ، بالىنىڭ ئىسمىنى «ئېيىق باتۇر» قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بالا ئادىمىزات ئىچىگە كۆنۈپ، تەڭتۈش بالىلار بىلەن ئوينايدىغان بوپتۇ، بىراق ھېچبىر بالىغا كۈن بەرمەپتۇ. بالا بىرەرسىگە تېگىپ قويسىلا بېشىنى يېرىۋېتىدىكەن، بەزىلەرنىڭ پۇت - قوللىرىنى سۇندۇرۇۋېتىدىكەن، بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ توپاق، موزايلىرىنى مىنىپ، بەللىرىنى سۇندۇرۇۋېتىپتۇ. مۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن، خەلق كۈندە پادىشاھقا ئەرىز قىلىدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرنى ئالدىغا چاقىرىۋېلىپ: - بۇ بالىنى مەدرىسكە بېرىڭ، بەلكىم تەرتىپكە ئۆگىنىپ قالار، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. ۋەزىر پادىشاھنىڭ مەسلىھىتىنى ماقۇل كۆرۈپ، بالىسىنى مەدرىسكە بېرىپتۇ. ئۇ مەدرىستە بىر - ئىككى ئاي ئوقۇغاندىن كېيىن، يەنە ئۆزىنىڭ شوخلىقىنى قىلىپ، بالىلارنىڭ دەپتەر - قەغەزلىرىنى يىرتىپ قىلمىغان ئەسكىلىكى قالماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ شۇنداق ئەسكىلىك قىلىۋاتقاندا خەلپىتىم خاپا بولۇپ، ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى قويۇپتۇ. ئېيىق باتۇر: - ئۇرۇش دېگەن ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق! - دەپ خەلپىتىمنىڭ ئاغزىغا بىرنى ئۇرغان ئىكەن، خەلپىتىمنىڭ ئاغزى - بۇرنى قان بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. شۇ ھامان مەدرىستىكى بارلىق خەلپەتلەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ بالىنى ئوقۇتمايمىز! - دەپ توۋلاپتۇ. شۇندىن كېيىن ۋەزىر: - پادىشاھى ئالەم، بۇ بالىنى ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ - دەپ سوراپتۇ. - بىز بۇ بالىنى دەرۋازىغا كېسەكچى قىلىپ قويايلى، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ پادىشاھ. ئۇلار بالىنى چاقىرىۋېلىپ: - ئېيىق باتۇر، سەن ئەمدى دەرۋازىدا تۇرۇپ جىسەكچىلىك قىلغىن، بىزنىڭ رۇخسىتىمىزسىز ھېچكىمنى كىرگۈزمىگىن، - دەپ جېكىپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى شۇ شەھەرنىڭ قازىسى دەرۋازىدا تۇرغان كىچىك بالىغا قارىمايلا مۇھىم ئىش بىلەن ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئېيىق باتۇر ئۇنىڭ پېشىدىن تۇتۇۋېلىپ: - كىرمەيسەن مەن سېنى كىرگۈزمەيمەن! - دەپتۇ. قازى قارىغۇدەك بولسا بۇ بىر كىچىككىنە بالا. قازى غەزەپكە كېلىپ بالىنىڭ كاچىتىغا بىرنى ساپتۇ. ئېيىق باتۇر: - پادىشاھ ماڭا ھېچكىمنى كىرگۈزمە دېگەن، سەن مېنى نېمىشقا ئۇرۇسەن؟ - دەپ قازىنى كۆتىرىۋېلىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان يوغان تاشقا بىر ئۇرۇپتىكەن، قازى شۇ يەردىلا ئۆلۈپ قاپتۇ. چاپارمەنلەر شۇ ھامانلا پادىشاھقا: - ۋاي، پادىشاھى ئالەم، ئېيىق باتۇر قازىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى! - دەپ خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. - پادىشاھ بىلەن ۋەزىرنىڭ يەنە بېشى قېتىپ، ئەمدى ئامال قىلىپ بۇنى يوقىتىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپتۇ. - مەن بىر ئامال تاپتىم، - دەپتۇ پادىشاھ، - شەھىرىمىزنىڭ چېتىدىكى جاڭگالدا ناھايىتى نۇرغۇن يىرتقۇچلار بار، بۇ بالىنى بىز شۇ جاڭگاللىققا ئوتۇنغا ئەۋەتەيلى، ئۇ يەردىن تېخى ھېچكىم تىرىك چىقمىغان، - دەپتۇ. ۋەزىر ئېيىق باتۇرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا چاقىرتىپ كېلىپ: - بىز پادىشاھنىڭ تويىنى قىلماقچى بولدۇق، شەھىرىمىزدە ئوتۇن بەكمۇ قىس، خەلققە سېلىق سالساق ئېغىر بولۇپ كېتەر، ئۇنىڭدىن كۆرە ساڭا قىرىق قۇل بىلەن قىرىق خېچىر بېرەيلى، سەن ئۇلارنى باشلاپ، جاڭگالدىن بىزگە ئوتۇن ئەكىلىپ بەرسەڭ، - دەپتۇ. ئېيىق باتۇر قىرىق قۇل، قىرىق قېچىرنى ئېلىپ، يېنىغا بىر خەنجەرنى ئېسىپ، يولغا راۋان بوپتۇ. بىر نەچچە كۈن يول يۈرۈپ، جاڭگالغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ جاڭگاللىقتا پادىشاھ ئېيتقاندەك، يىرتقۇچ ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بۇلار ئادەملەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «بىزگە ئوزۇق كېلىۋاتىدۇ» دېگەندەك خوشال بولۇشۇپ، توپلىنىپ ھۇجۇم قىپتۇ. ئېيىق باتۇر شۇ ھامانلا ئۆزى يالغۇز يىرتقۇچلارنىڭ بىرمۇنچىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ قالغانلىرى ھەر تەرەپكە قېچىشىپ كېتىپتۇ. ئاندىن ئېيىق باتۇر خېچىرلارنىڭ بەرىگە ئوتۇن ئارتىپتۇ، ئۇ بۇنىمۇ ئاز دەپ تال - چىۋىقلاردىن ئاغمچىلارنى ئېشىپتۇ - دە، يىرتقۇچلارنى تۇتۇپ كېلىپ، ئۇلارغىمۇ ئوتۇنلارنى ئارتىپ، شەھەرگە ھەيدەپ مېڭىپتۇ. بۇلار شەھەرگە يېقىن كەلگەندە، پادىشاھقا: - ۋاي، پادىشاھى ئالەم، بىزنىڭ شەھەرگە جاڭگالنىڭ يىرتقۇچلىرى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ! - دېگەن خەۋەر يېتىپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىر چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، بۇ ئېيىق باتۇرلار ئىكەن. ئۇ ئەكلگەن ئوتۇنلار شۇنچە نۇرغۇن ئىكەنكى، ئۇنى قويىدىغان يەر تاپالماي قاپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىر يەنە «بۇ بالىنى قانداق قىلىپ خەلققە چوڭراق پايدا تېگىدىغان بىر ئىشقا قويۇش كېرەك» دەپ مەسلىھەت قىلىشىپتۇ. ئاخىرىدا پادىشاھ: - ئېيىق باتۇردىن پايدىلىنىش پەيتى كېلىۋاتىدۇ، ئاڭلىشىمچە، خۇشنا خەلپە بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى. مانا شۇ غازاتتا بىز ئېيىق باتۇردىن راسا پايدىلىنايلى، - دەپتۇ - دە، ئېيىق باتۇرنى لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، باسقۇنچىلارنىڭ خەتىرىدىنمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىشلىرىدىنمۇ قۇتۇلۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق