مىراس
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن ئاتام زامانىسىدا، بىر دېھقان ئۆتكەن ئىكەن. يوقسۇزلۇقتىن داق يەرنى كۆرپە، بورىنى يوتقان قىلىپ ياتىدىكەن. ئۈچ كۈندە بىر ۋاق تاماق كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى سايىت، ئوتتۇرانچىسىنىڭ ئىسمى گايىت، كىچىكىنىڭ ئىسىمى ايىت ئىكەن. بالىلار قېقىلىپ - سوقۇلۇپ چوڭ بولۇپتۇ. قولىدا يەر - زېمىن، مال - مۈلۈك بولمىغاچ بايلارغا چاكار ئىشلەپ دادىسىنى بېقىپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دېھقانغا قېرىلىق يېتىپتۇ، كېسەل بولۇپ، تېكىر تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن كېلىپ، تاپقىنىنى بېرىپ كېتىدىكەن.
بىر كۈنى سايىت بېلىگە بىر ناننى تۈگۈپ، دادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆيگە كەلسە، دادىسى ئىڭراپ ياتقىدەك. سايىت تېكىر بېشىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۆزىنى ياشقا تولدۇرۇپ:
- دادا، ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ، - دەپتۇ. دېھقان:
- ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم تۆشۈك تەرەپ بۇلۇڭدا، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن، ئاللا ئىگەم بەركىتىنى بەرسۇن، ئىلايا ئامىن! - دەپ دۇئا قىلىپتۇ.
سايىت دادىسى بىلەن خۇشلىشىپ، تىرىكچىلىككە مېڭىپتۇ. گايىت كىرىپ كەپتۇ.
- دادا، - دەپتۇ ئۇ دادىسىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ، - يۈزىڭىز يۇتىقىپ قاپتۇ، قارىغاندا كېسەل ئۆز قەتىگە ئاپتۇ. ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ...
- ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم تۆر تەرەپ بۇلۇڭدا، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن. ئاللا ئىگەم بەركىتىنى بەرسۇن، ئىلايا ئامىن، - دەپتۇ دېھقان.
گايىت تاپقان بىر ئامۇتىنى دادىسغا بېرىپ، كەتمىنىنى مۈرىسىگە سېلىپ، باينىڭكىگە كېتىپتۇ. نۆۋەت ۋايىتقا كەپتۇ. ئۇمۇ ئالتە كۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا ئالغان ئىككى سەر گۆشنى دادىسىغا تەڭلەپ:
- جېنىم دادا، تاپقىنىمنى باي غوجام ئېلىپ قالدى، قولۇم قىسقا كېلىپ قالدى. ياخشىراق باقالمىدىم، رازى بولۇڭ، - دەپتىكەن، دېھقان ئاغزىنى چاكىلدىتىپ:
- ئوبدان بالام، مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىڭ، رەھمەت. مېنىڭ تاپقىنىم پەگا تەرەپ ئوڭ بۇلۇڭدا، مەن ئۆلگەندىن كېيىن قېزىۋالغىن. ئاللا ئىگەم بەركىتىنى بەرسۇن، ئىلايا ئامىن، - دەپ قولىنى كۆتۈرۈپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ دېھقان قازا قىلىپتۇ. ئۈچ ئوغۇل دادىسىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ، بىر - بىرىگە باقماي بۇلۇڭلارنى قېزىشقا باشلاپتۇ. قازا، قازا، تامنىڭ ئۇلىغىچە قېزىپ قارىسا، سايىتقا بىر پاي ياغۇنچاق، گايىتقا بىر داپ، ۋايىتقا بىر شوتا ئۇچراپتۇ. ئوغۇللار خاپا بولۇپ: >دادام بىزنى ئەخمەق قىلىپتۇ، مۇشۇنىمۇ مىراس دېگىلى بولامدۇ؟< دېيىشىپ، قولىغا چىققاننى ئېلىشىپ ھەر ياقلارغا كېتىپتۇ.
سايىت سەھرادىن شەھەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر چۆل - جەزىرىگە بېرىپ قاپتۇ. ھېرىپ - ئېچىپ ئۇيقا بېسىپتۇ. ئاخىرى بىر تۈپ دەرەخ تۈۋىدە توختاپ، تېنى ئەيمىنىپ، دەرەخ ئۈستىدە ئۇخلاش نىيىتىگە كەپتۇ. چىقىپ شاخنىڭ ئارىسىغا جايلىشىپتۇ. ئۇ، ئەمدى پۇت - قولىنى سوزۇپ، ئۇخلاي دەۋاتسا، تۆت ئادەم تاغار - قاپلارنى يۈدۈشۈپ، دەرەخ تۈۋىگە كېلىشىپتۇ.
- بۇرادەرلەر، - دەپتۇ بىرى، - نېمە ئېلىپ، نېمە قويدۇق. كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن.
- ئوبدان گەپ بولدى، - دېيىشىپتۇ قالغان ئۈچى.
شۇنداق قىلىپ تۆتىلىسى تاغار - قاپلىرىنى دۈم قىلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئالتۇن - كۈمۈش، يامبۇ - تىللا ئىكەن. ئارىدىن بىرسى:
- باينىڭ تاپقان - تەرگىنىنى بىرلام كۆتۈرۈپتۇق، ئۆمۈر بويى يېتىپ يىسەكمۇ تۈگىتەلمىگىدەكمىز. ئەمما، بۇنچىۋالا مالنى شەھەردە كۆتۈرۈپ يۈرسەك تۇتۇلۇپ قالىمىز. مۇشۇ دەرەخ تۈۋىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئۇدۇللۇق ئېلىپ خەجلىمىسەك بولمىغىدك، - دەپتۇ.
باشقىلار بۇ پىكىرگە قوشۇلۇپتۇ. ئۇلار ئورا كولاشقا تۇتۇش قىلىپتۇ. سايىت ئۇلارنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى پەملەپ، بېشىنى چەنلەپ ياغۇنچاقنى تاشلاپتۇ. تاش گۈلدۈرلەپ چۈشۈپ، ئوغرىلارنىڭ بىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىپتۇ. قالغانلىرى >ۋاي، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشتى! پىمانىمىز ئەمدى توشتى< دېيىشىپ، ئالدى - كەينىگە قارىماي بەدەر قېچىشىپتۇ. شۇ قاچقانچە يەتتە كېچە - كۈندۈزلۈك يەرگە بېرىپ توختاپتۇ. سايىت ئوغرىلار تاشلاپ قاچقان دەببى - دۇنيانى ئېلىپ، كاتتا باي بولۇپ كېتىپتۇ.
گايىت داپنى قولتۇقىغا قىسىپ، دەرتمەن قەدىمىنى ئالدىرىماي بېسىپ، دەشت - باياۋاندا كېتىۋېتىپتىكەن، ۋەيرانە بىر ئۆي ئۇچراپتۇ. بۇ، ئەسكى تۈگمەن ئىكەن. گايىت بىر كېچە ئۇخلاپ ئۆتمەك بولۇپ، تۈگمەنگە كىرىپتۇ. تېنى ئەيمىنىپ، سۇكەنگە كىرىپ، بىر پەس يېتىپ بېقىپتۇ. ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ. داپنى تاراڭلىتىپ ئۆز كۆڭلىنى ياسىماق بولۇپ تۇرسا، تەرەپ - تەرەپتىن جىن - شاياتۇنلار يىغىلىپ ساماغا چۈشۈپتۇ. شۇ ئەسنادا، تۈگمەن قېشىغا بىر سودىگەر كېلىپ قالغان ئىكەن. ئۇمۇ داپ ئاۋازىغا خۇشتار بولۇپ، ئات - ئۇلاقلىرىنى يولدا قويۇپ، تۈگمەنگە بېشىنى تىقىشىغا، جىن - شاياتۇنلار ئۈركۈپ، سودىگەرنىڭ چاتراقلىرىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ قېچىپ كېتىپتۇ. گايىت سودىگەرگە ئېسىلىۋاپتۇ.
- ئەسكىرىمنى قاچۇرۇۋەتتىڭ، يىغىپ بەر! بولمىسا، پادىشاھقا ئەرز سۇنۇپ، توققۇز پۇشتۇڭنى قۇرۇتىمەن...
سودىگەر >ماقۇل< دەپ سىرتقا چىقىپتۇ، توۋلاپ بېقىپتۇ. جىن - شاياتۇنلاردىن بىرسىمۇ كەلمەپتۇ. سودىگەر يالۋۇرۇپ:
- ئۇكامم، بەش ئات - خېچىرلىق مال بېرەي، گۇناھىمدىن ئۆتكىن، - دەپتۇ.
- ئۇ نېمەڭگە ئەسكەر كەلمەيدۇ، جۈر پادىشاھ ئالدىغا، - دەپتۇ گايىت ۋە سودىگەرنى سۆرەپتۇ.
- ئون ئات - خېچىرلىق مال بېرەي...
- ياق...
- يىگىرمە ئات - خېچىرلىق مال بېرەي...
- ياق...
- ئەمسىە، بىرنى ئۆزۈم ئېلىپ قېلىپ، ئوتتۇز توققۇزىنىڭ ھەممىسىنى بېرەي...
- ياق...
سودىگەر يىغلاپتۇ، خىزمەتچىلەر ئارىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ دېمەڭ - بۇ دېمەڭ سودىگەر قىرىق ئات - خېچىرلىق يۈك - تاقنى ئۇلىقى، خىزمەتكارى بىلەن گايىتقا بېرىپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ. شۇندىن باشلاپ گايىت چوڭ سودىگەر بولۇپ قاپتۇ.
ۋايىت يۇرت ئارىلاپ، قونالغۇ مارىلاپ ماڭغان ئىكەن. كېتىۋېتىپ، بىر پىخسىق باينىڭ ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ قاپتۇ. >ھە، مانا تاپتىم!< دەپ، دادىسىدىن مىراس قالغان شوتىنى تامغا قويۇپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. ئۆيدە بىر ئايال بىلەن بىر ئەر كىشى ئىشقى - مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ۋايىت تۈڭلۈكتىن قارىسا، ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس بىر ئايال يارمىغان كۆتەكتەك قوپال، يۈزلىرى كۆمەچتەك قاپ - قارا ئەر كىشىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغىدەك. داستىخاندا پىشۇرۇلغان ئۆپكە - زاسۈي، بەتتە - پولۇ، قاتلىما، قەن - گېزەك تولۇپ تۇرغىدەك.
- باي كېلىپ قالسا رەسۋا بولىمىز، ھەددى - ھېسابسىز تاياق يەيمىز، مەن كېتىۋالاي خېنىم، - دەپتۇ ئەر كىشى بىر ھازا كۆڭۈل ئېچىشقاندىن كېيىن.
ئايال بەللىرىنى تولغاپ ئەركىلەپ، رابىتىنىڭ بوينىنى قايرىپ پەپىلەپ:
- ھەي قاياشىم، يۈرىكىمدىكى ئويناشىم، ساقلايدۇ ئوتنى پاختا ئارىسىدا خۇدايىم. گەر كېلىپ قالسا باي، راستلاپ قويدۇم پانا جاي، كەتمىسىلە، - دەپتىكەن، ئەر كىشى رابىتىنىڭ رايىغا بېقىپتۇ.
ئەسلىدە باي خوتۇنىدىن گۇمانلىنىدىكەن. بۇ كېچىسى ئۇ >شەھەرگە كىرىپ چىقاي< دەپ قويۇپ يېرىم يولدىن قايتىپ كەپتۇ. خوتۇنى داستىخاننى ئالدىراپ - تېنەپ يىغىشتۇرۇپ، رابىتىنى قازناققا يوشۇرۇپتۇ. ئىشىكنى ئېچىپتۇ. باي ئۆيگە كىرىپ سىناش ئۈچۈن قورسىقى ئاچقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوتۇنى >يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق ئىدى، غىزا ئېتەي< دەپ تۆشۈككە ئۆتۈپتۇ. باي پۇشۇلداپ يېتىپتۇ.
ۋايىت يول ئۈستىدە سۆگەتنىڭ پورىدىن بىر ھۆپۈپ تۇتۇۋالغان ئىكەن. ئۇنى قوينىغا سېلىپ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ باينىڭ ئىشىكىنى قېقىپتۇ. يېتىملىكىنى ئېيتىپ، قوندۇرۇۋېلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. باي نائىلاج >ماقۇل< دەپتۇ. بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ۋايىت ھۆپۈپىنى مىجىغان ئىكەن، ھۆپۈپ >ھۆپ - ھۆپ< دەپ سايراپتۇ. باي ھەيران بولۇپ:
- نېمە دەۋاتىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ساندۇقتا يەيدىغان نېمە بار دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋايىت.
باي پايپاسلاپ بېرىپ، ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچسا، دېگەندەك لىگەن - لىگەن قاتلىما، ھونان، بەتتە - پولۇ، قەن - گېزەك چىقىپتۇ. باي خوتۇنىغا ھومىيىپ، گەپ سوراي دېگىچە ھۆپۈپ >ھۆپ - ھۆپ< دەپ يەنە سايراپتۇ. باي ۋايىتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ سوراپتۇ.
- ھەي يېتىمچى، يەنە نېمە دەيدۇ ئۇ؟
ۋايىت:
- نېمە دەيتتى باي ئاكا، ياخشى پىشۇرۇلغان ئۆپكە - زاسۈيمۇ بار دەيدۇ، - دەپتۇ چاندۇرماي.
باي >ئەستەغپۇرۇللا، بۇ نېمە گەپ؟< دەپ ساقىلىنى سىيلاپ كاتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ. ئوخشىتىپ قۇيۇلغان ئۆپكە - ھېسىپ، ئوبدان پىشۇرۇلغان كاللا - پاقالچاقنى كۆرۈپ، خوتۇنىنىڭ بۇغدىيىكىدىن ئاپتۇ، ئاچ بېقىنىغا راسا ساپتۇ. خوتۇنى ئاللا - كاللا سېلىپ >ئىللا - تاۋارا، خەۋىرىم يوق< دەپ قەسەم ئىچىپتۇ، ۋايىتنى تىللاپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇپتۇ. ۋايىت ھۆپۈپنى قاتتىق مىجىپتۇ. ھۆپۈپ >ھۆپ - ھۆپ، ھۆپ - ھۆپ...< دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ. باي ئۇرۇشنى توختىتىپ:
- يەنە بار دەمدۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، ۋايىت:
- غوجىكا، خېنىمنىڭ رابىتى قازناقتا دەيدۇ، - دەپتۇ.
باي پالتىنى ئېلىپ قازناققا چېپىپتۇ. ئاچچىقىغا پايلىماي خوتۇنىنىڭ يىگىتىنى چاناپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ۋايىت ئۆلگۈچىگە سەپسېلىپ:
- ۋاي ئاكام، ۋاي ئاكام!...، دەپ يىغلاپ ئۆزىنى تام - تامغا ئۇرۇپتۇ.
باي ھەيران بولۇپ:
- نېمە بولدۇڭ يېتىمچى؟ - دەپ سوراپتىكەن، ۋايىت:
- ئاكامنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ، تۆلەپ بەر، بولمىسا، جۈر پادىشاھ ئالدىغا بارىمىز، - دەپ ئېسىلىۋاپتۇ.
باي ئۇنى بېرەي - بۇنى بېرەي دېسىمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى ئۆي - پۆي، باغ - ھويلا، بارلىق مال - مۈلۈكىنى ۋايىتقا قالدۇرۇپ، خوتۇنىنى ئالدىغا سېلىپ يۇرتنى تاشلاپ كېتىپتۇ. ۋايىت ئويناپ - كۈلۈپ قاپتۇ.
دېھقاننىڭ مىراسى ئوغۇللىرىنى ئەنە شۇنداق باي قىلىۋەتكەن ئىكەن.