UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتىرىڭ - تىرىڭ< كىم ئويغاق؟

تىرىڭ - تىرىڭ< كىم ئويغاق؟

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر تۆمۈرچىنىڭ قىرىق ئوغلى بار ئىكەن. بۇ ئوغۇللارنىڭ چوڭلىرى بازغان سوققىدەك، كىچىكلىرى كۆيەك باسقۇدەك بوپتۇ. ئارىدىن يەنە ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تۆمۈرچى ئاستا ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ قويۇش ئارزۇسىنى قىلىپتۇ. بىر كۈنى ئۇستا ئۆيدە خوتۇنى بىلەن ئولتۇرۇپ >قىرىق قېتىم توي قىلغۇدەك ماجالىمىز يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلا قېتىم توي قىلايلى. قىرىقىغا قىرىق يەردىن قىز ئېلىپ بەرسەك، قىرىق كېلىن پېتىشمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىرىق قىزى بار كىشى بىلەن قۇدا بۇلايلى< دېگەن مەسلىھەتنى قىلىپتۇ. بۇ مەسلىھەتنى ئوغۇللىرىغا ئېيتقانىكەن، ئۇلارمۇ رازى بوپتۇ. دادىسى: - ئەمىسە، ئوغۇللىرىم، قىرىق قىزى بار كىشىنى تېپىڭلار! - دەپ پاكىز كىيىندۈرۈپ، ئاز - تولا خىراجەت بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئوغۇللار قىرىق قىزى بار ئۆينى ئىزلەپ مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ، مەھەللە ئارىلاپتۇ، شەھەر ئايلىنىپتۇ لېكىن تاپالماپتۇ، تاپالمىسىمۇ يەنە ئىزلەپ مېڭىۋېرىپتۇ، بىر كۈنى شەھەرنىڭ چېتىدە كېتىۋېتىپ، ئادەمزات تۇرمايدىغان دالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان بىر ھويلىنى كۆرۈپتۇ. بۇلار: >ئاشۇ ھويلىدىن سوراپ باقايلى، ئىزلىگىنىمىز تېپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس< دەپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئۇرغانىكەن، چاچلىرى پاخمىلىشىپ كەتكەن، ئۇرۇق، پالكۆز بىر موماي چىقىپتۇ. - ئانا، بىز قىرىق ئوغۇل ئىدۇق. قىرىق قىزى بار كىشىنى ئىزلەپ كەلدۇق، - دەپتۇ ئوغۇللاردىن بىرى. ئۆيگە كىرىڭلار باللىرىم. مانا مېنىڭ قىرىق قىزىم بار، - دەپتۇ موماي بۇلارنى ئۆيگە باشلاپ. موماي ئوغۇللاردىن ئۇنى - بۇنى سوراپ، قۇرۇق كەلمىگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ - دە، >ئۆز پۇتى بىلەن كەلگەن ئامەت< نى قولدىن چىقارماسلىقنىڭ ئامالىنى ئويلاپتۇ، قىرىق ئوغۇلغا قىرىق قىزىنى بېرىشكە رازى بولۇپتۇ. ئوغۇللار خوشال بولۇشۇپ، قايتىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا موماي كەتكىلى قويماپتۇ. - قونۇپ قېلىڭلار بالىلىرىم، بۈگۈن كېچە مېنىڭكىدە مېھمان بولۇپ، قىزلىرىمى ئوبدان كۆرۈڭلار، تونۇشۇڭلار! - دەپ قوندۇرۇپ قاپتۇ. سىمىز قويدىن بىرنى سويۇپ مېھمان قىلىپتۇ. تاماقتىن كېيىن موماي ئوغۇللار ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە قىرىق قىزنى باشلاپ كىرىپتۇ، ئوغۇل - قىزلار ئىككى رەت بولۇپ قاتار ئولتۇرۇشۇپ، بىر - بىرلىرىگە يەر ئاستىدىن قارىشىپتۇ. شۇ چاغدا چېچەن سادىق بەزى قىزلارنىڭ چىرايى قىز بالىغا ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئېڭەكلىرى كۆكىرىپ تۇرغانلىقىنى، ئولتۇرۇپ - قوپۇشلىرى ئەر كىشىگە ئوخشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، سېزىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ. موماي بالىلار بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن: - بالىلىرىم يول مېڭىپ ھارغانسىلەر، ئەمدى ئارام ئېلىپ ئۇخلاڭلار! - دەپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ، قىزلىرىغا: - سىلەر ئاق كىگىزنى يېپىنىپ يېتىڭلار، ئوغۇللارغا قارا كىگىزنى يېپىپ قويۇڭلار! - دەپتۇ. بۇگەپنى باياتىن بېرى ھوشيار بولۇپ يۈرگەن سادىق ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ ئاق كېگىز بىلەن قارا كېگىزنىڭ سىرىنى ھېچ چۈشىنەلمەپتۇ، ئاخىر >بۇ خوتۇن بىر شۇملۇقنى ئويلاۋاتسا كېرەك< دېگەن يەرگە كەپتۇ. قىزلار ئىككى رەت قىلىپ ئورۇن سېلىپ، ئوغۇللارغا قارا كىگىز يېپىپ قويۇپتۇ، ئۆزلىرى ئاق كىگىز يېپىنىپ يېتىپتۇ. بۇ ئەسلىدە شۇم نىيەتلىك، ياۋۇز موماي ئىكەن. ئۇنىڭ >مانا مېنىڭ قىزلىرىم دەپ باشلاپ كىرگەن بالىلىرىنىڭ ھەممىسى قىز بولماستىن تەڭدىن تولىسى ئوغۇل ئىكەن. موماي قىزلىرىنى ئەرگە بەرمەي، ئوغۇللىرىنى ئۆيلىمەي، ئۆزىنىڭ جەدداللىق ھۈنىرىنى ئۆگىتىۋاتقانىكەن، ھەر قېتىم ئادەم ئۆلتۈرگىنىدە قىلىچىنى قانغا مىلاپ يالايدىكەن. >سىلەرمۇ يالاڭلار، يۈرىكىڭلار پۈتۈن بولىدۇ< دەپ بالىلىرىغىمۇ يالىتىدىكەن. موماي ئاشخانىغا كىرىپ قىلىچىنى بىلەشكە كىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ قان يالاشقا نەپسى تاقىلداپ كېتىپتۇ. بىراق مۇشۇنداق ئامەت كەلگەن كېچىدە ئۆشكىلىرىنىڭ مەرىشى، ئىتلىرىنىڭ ھاۋشىشى، مۈشۈكلىرىنىڭ مىياۋلىشى موماينىڭ كۆڭلىنى تىندۇرماپتۇ. ياۋۇز موماي ئەل ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا بالىلار ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىگە كېلىپ قىلىچىنى تىرىڭلىتىپ: - تىرىڭ، تىرىڭ، كىم ئويغاق؟ - دەپ سوراپتۇ. سادىق ھودۇقماستىن: - سەگەك سادىق - مەن ئويغاق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. - نېمىشقا ئۇخلىمىدىڭ؟ - قىرىق ئۆشكەڭ مەرەپ ئۇخلاتمىدى. موماي بېرىپ قىرىق ئۆچكىسىنى چېپىۋېتىپتۇ، قايتىپ كېلىپ ئاشخانىنىڭ بوسۇغىسىدا كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ. سادىق بىر تۇغقانلىرىنى ئاستا ئويغىتىپ >موماينىڭ پەيلى بۇزۇق، سەگەك ياتايلى!< دەپ شىۋىرلاپ قويۇپتۇ. موماي يەنە ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ، ئاستا سوراپتۇ: - تىرىڭ - تىرىڭ، كىم ئويغاق؟ - زېرەك سادىق، مەن ئويغاق. - نېمىشقا ئۇخلىمىدىڭ؟ - قىرىق ئىتىڭ ھاۋشىپ ئۇخلاتمىدى. موماي جىلى بولۇپ بېرىپ قىرىق ئىتىنمۇ چېپىپ تاشلاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئوغۇللار تۈڭلۈككە ئارغامچا سېلىپ، بىر - بىردىن يامىشىپ چىقىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىلىقتا موماي يەنە ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بوپتۇ. - تىرىڭ - تىرىڭ، كىم ئويغاق؟ - چېچەن سادىق، مەن ئويغاق. - نېمىشقا ئۇخلىمىدڭ؟ - قىرىق مۈشۈكۈڭ مىياۋلاپ ئۇخلاتمىدى. موماي ئىچ - ئىچىدىن تىت - تىت بولۇپ، قىرىق مۈشۈكنى ئۆلتۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىدە شۇنداق دەپتۇ >توختا سادىق، سېنىڭ چېچەنلىكىڭنىمۇ كۆرەرمەن، سەنمۇ موماڭنىڭ كىملىكىنى بىلەرسەن!...<. ئوغۇللار تۈڭلۈكتىن چىقىپ - چىقىپ بىر نەچچىسى قاپتۇ، ئۇلار قىزلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاق كىگىزنى تۇيدۇرماي يىغىۋېلىپ قارا كىگىزنى يېپىپ قويۇپتۇ - دە، سادىققا قاراپ: - يۈر، چىقىپ كېتىمىز، - دەپتۇ. سادىق: - ئاق كىگىز بىلەن قارا كىگىزدە نېمە سىر باركىن، شۇنى كۆرۈپ چىقىپ كېتەي، - دەپ ئايرىلىپ قاپتۇ. ئۇلار سادىقنىڭ زېرەك ۋە چاققانلىقىغا ئىشىنىپ ماقۇل دەپ چىقىپ كېتىپتۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭمۇ كۆرگىسى كېلىپ، تۈڭلۈكتىن ماراپ يېتىشىپتۇ. سادىق ئاق كىگىزىڭ ئىچىگە كىرىپ، يالغاندىن خورەك تارتىشقا باشلاپتۇ. شۇ چاغدا موماي بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ يەنە ئىشىك تۈۋىگە كەپتۇ: - تىرىڭ - تىرىڭ، كىم ئويغاق؟ - سادىق ئىندىمەپتۇ. موماي كۆڭلىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سوراپتۇ: - تىرىڭ - تىرىڭ، كىم ئويغاق؟ ئۆينىڭ ئىچىدىن خورەكتىن باشقا تاۋۇش چىقمىغاندىن كېيىن موماي ئىشىكنى >غىچ< قىلىپ ئېچىپتۇ - دە، قىلىچنى پارقىرىتىپ كىرىپتۇ. قارا كىگىز يېپىنغانلارنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئۇلارنى جان - جەھلى بىلەن شارتىلدىتىپ چېپىشقا باشلاپتۇ. قىلىچنى ھەر بىر ئۇرۇپ، بىر قېتىم يالاپتۇ. كىگىزنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا قىلىچنى بار كۈچى بىلەن بىر ئۇرۇپتۇ - دە قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە خۇشاللىقىدىنمۇنداق دەپتۇ: قۇتۇلدۇم سەن سادىقتىن، ئەمدى چىقتم ھاردۇقتىن. شۇ چاغدا سادىق ئاق كىگىزدىن بېشىنى چىقىرىپ: قۇتۇلمىدىڭ سادىقتىن، چىقالمىدىڭ ھاردۇقتن. بار - يوقۇڭدىن ئايرىلدىڭ، شۇم بۇيىدەك قايرىلدىڭ. دەپتۇ. موماي بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى سېزىپتۇ. ئۆمرىدە مۇنداق يېڭىلىپ باقمىغان موماي دەرد - ئەلەمگە چىدالماستىن، كالىدەك ھۆكۈرەپ بېرىپ سادىققا ئۆزىنى تاشلاپتۇ. سادىقنىڭ بىر قولى بىر بىر قۇلىقىدىن مەھكەم تۇتۇپ، ھويلىغا ئاچىقىپ قوشاق قېتىپ زارلاپتۇ: قىرىق سەركە ئۆچكەمدىن، ئايرىپ قويغان سادىق تاز، قىرىق تايغان ئىتىمغا، زامىن بولغان سادىق تاز. قىرىق مۆمىن مۈشۈكۈمنى، ئادا قىلغان سادىق تاز. قىرىق شاگىرت، بالامدىن، جۇدا قىغان سادىق تاز. ياۋۇز موماي سادىقتىن كېلىشتۈرۈپ ئۆچىنى ئالماقچى بولۇپ، ئۇنى قازناققا سۇلاپ قويۇپتۇ. موماي >ئەمدى ئۆچۈمنى قانداق ئالسام بولار...< دەپ ئويلاۋاتسا، سادىق قازناقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: - جەددال ئانا، قازناقنىڭ تۈڭلۈكىدىن پاتىدىغاندەك تۇرىمەن، چىقىپ كەتسەم مەيلىمۇ؟ - دەپتۇ. موماي >ۋاي جۇۋاينىمەك تاز< دەپ، دەرھال قازناقتىن ئاچچىقىپتۇ. ئاچىقىپلا تۇلۇمغا سېلىپ تۇرۇسقا ئېسىپ قويۇپتۇ. ئاندىن قامچا سېپىدەك بىر تاياق بىلەن ئۇرغىلى تۇرۇپتۇ. تاياق سادىقنىڭ جېنىدىن ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، >ۋاي جان< دېسە موماينىڭ خۇش بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىر ھىيلە ئويلاپتۇ - دە، قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. موماي ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ: - ھەي تاز، مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن، دېگەندەك، مەن ئۇرسام، سەن كۈلۈۋاتىسەنغۇ؟ سېنىڭ ئەخمەقلىقىڭغا كۈلۈۋاتىمەن. مېنىڭ كۈلگىنىم تاياقنىڭ ئۆتمىگىنى، جىم تۇرغۇنۇم جېنىمدىن ئۆتكىنى. دەردىم چىققۇدەك ئۇرىمەن دېسەڭ، جاڭگالدىن تېۋىلغا كېسىپ كېلىپ شۇنىڭ بىلەن ئۇر، بولمىسا كۈلگۈنۈم كۈلگەن، - دەپتۇ سادىق. موماي ئويلاپ: >دەرۋەقە، تېۋىلغا تايىقى مۆڭكۈگەك ئۆكۈزنى يىكتەك تۈزەيدۇ< دەپتۇ كۆڭلىدە. ئۇ ئىشىكنى مەھكەم قۇلۇپلاپ، كەكىسىنى ئېلىپ جاڭگالغا كېتىپتۇ. موماي كەتكەندىن كېيىن سادىقنىڭ ئەپچىل بىر ئىنىسى قازناقنىڭ تۈڭلۈكىدىن چۈشۈپ تۇلۇمنى پېشىۋېتىپتۇ. بۇ ئىككىسى يەنە تۈڭلۈك بىلەن ھويلىغا چىقىپ، يوغان بىر قاپاقنى ھەرە بىلەن تولدۇرۇپتۇ. چېپىپ تاشلانغان ئۆچكىدىن بىرنى ئەكىرىپ تۇلۇمغا ساپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپاقنى سېلىپ تۇلۇمنى ئاۋۋالقىدەك ئېسىپ قويۇپتۇ. ئاندىن بۇلار ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. ئەمدى تۈگەنچى گەپنى موماينىڭ ھالىدىن ئاڭلايلى: موماي تېۋىلغىنى كېسىپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ يېتىپ كەپتۇ. ئۆيگە كىرىپ تۇلۇمغا قارىسا ئۆز جايىدا ئېسىقلىق تۇرغان، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، ئىشىك - تۈڭلۈكنى تاقاپتۇ - دە، تۇلۇمنى ۋاقىلدىتىپ ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. تۇلۇمدىن ھېچ ئاۋاز چىقمىغاندىن كېيىن >تاياق سادىقنىڭ جېنىدىن ئۆتۈۋاتقان ئوخشايدۇ< دەپ يەنىمۇ بەكرەك ئۇرۇپتۇ. تۇلۇمنىڭ ئىچىدىكى قاپاق سۇنۇپتۇ، تۇلۇم يىرتىلىپتۇ. ھەرىلەر غۇژۇلداپ چىقىپ، موماينىڭ باش - كۆزىنى ۋاژىلدىتىپ چېقىپتۇ. يالماۋۇز موماي داد - پەرياد ئوقۇپ ئۆزىنى تۆت تامغا ئۇرۇپتۇ. ھەرىلەر كۆينەكنىڭ ياقا ۋە يەڭلىرىدىن كىرىپ پۈتۈن ئەزايىنى چقىشقا باشلاپتۇ. موماي ھالىدىن كېتىپ لاسسىدە يىقىلىپتۇ، بەدەنلىرى كۈپتەك ئىششىپ نەپسى سىقىلىپتۇ. مىڭ تەسلىكتە جېنى چىقىپ، گۆرىگە تىقىلىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق