UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئۆز بېشىغا كەلمىگىچە

ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا، زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ ئىكەن. شۇ زاماندا مۇنداق بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى بۇيرۇپ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان پۇقرانىڭ بەرىنى ئوردا ئالدىغا يىغدۇرۇپ مۇنداق جاكا قىپتۇ: _ خالايىق، ئوڭ قۇلاق - سول قۇلاق، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەندىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ، ئىش - پىش، مېڭىش - تۇرۇش، توي - تۆكۈن، يىغا - زارى . . . ھەممىسىدە ئىجازەت ئالمايدىكەنسىلەر، ئەمىرىمگە بوي سۇنمىغان ھېسابلاپ، بوينۇڭلاردا قىلىچ ئوينىتىمەن. پادىشاھ ھەردائىم ئەمرىنى جاكارلاپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا ، پۇقرالارمۇ دەس تۇرۇپ، توققۇز تازىم قىلىشى ، ھەر بىرى خەزىنىگە ئەمىر ھەققى ئۈچۈن ئوتتۇز تەڭگە تاپشۇرۇشى شەرت ئىكەن. بۇقېتىم پۇقرالار مىدىر - سىدىر قىلىشماي ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئاچچىقلاپ. _ ھۆرمىتىم قېنى؟ تەڭگەمچۇ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېچكىم جاۋاب بەرمەپتۇ. بىرەرسىمۇ قىمىرلاپ قويماپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ، يېنىدىكى خانىشتىن سوراپتۇ: _ بۇ نېمە ئىش؟ _ ئۆزەڭلىدىن سوراڭلار، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ خانىش. پادىشاھ ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ جاۋاب تاپالماپتۇ. ئاخىرى يالۋۇرۇپتۇ. _ بايا ئۆزۈڭلار، - دەپتۇ خانىش، - «مەندىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ . . .» دېمىگەنمىدىڭلار. ئىجازەت كۈتۈپ تۇرغاندۇ. پادىشاھ گەدىنىنى قاشلاپ، «ھۆرمىتىمنى قىلىڭلار! » دەپتىكەن، پۇقرالار ئوپۇر - توپۇر قوپۇشۇپ تازىمنى ئادا قىپتۇ. لېكىن، خەزىنە تەرەپكە ئاياغ باسماپتۇ. پادىشاھ يەنە ئەمىر قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. پۇقرالار ئەمىرنى بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپتۇ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ. جاللاتلار مەھەللىمۇ - مەھەللە ئارىلاپ، پادىشاھ ئەمرىنى تۇتمىغانلارنى مارىلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى يىغلاپ ئوردىنى كۆتۈرۋېتىپتۇ. ئىنىگئانىلار، كىنىزەكلەر ئۇنى دەپمۇ، بۇنى بېرىپمۇ پەس كويغا چۈشۈرەلمەپتۇ. خانىش بالىنى كۆتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: _ ھوي ھەممىگە قادىر شاھىم، دەردىمگە داۋا، مۇڭلىرىمغا باش پاناھىم، بۇ شۇمتەكلىرىنى قانداق قىلغۇلۇق؟ - دەپتۇ. پادىشاھ چالۋاقاپتۇ: _ بۇنىمۇ سورىغان بارمۇ؟ يىغلىسا ئۆزىنىڭ ئاغزى، سەن ئۆزەڭ بىر نېمە قىل، ماڭ! _ ئۇنداق بولسا، جاللاتنى چاقىراي، كاللىسىنى ئالسۇن . . . . _ ھوي، نېمە دەۋاتىسەن، خوتۇن؟! ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ ياكى شاھزادىدىن تاندىڭمۇ؟ خانىش كۈلۈپ كېتىپ، ئېرىنىڭ ئەمرى پۈتۈلگەن قەغەزنى قولىغا ئاپتۇ: _ مانا بۇنىڭغا پۈتۈكلۈك تۇرۇپتۇ، - دەپتۇ خانىش، - شاھزادەم بىرىنچىدىن، يىغلاشتىن بۇرۇن سىلىدىن ئىجازەت ئالمىدى، ئىككىنچىدىن يىغلاۋېرىپ ئەمرىڭلىنى كۆزىگە ئىلمىدى. ئۆز دادىسىنىڭ ئەمرىگە بوي سونمىغان بالىنى دادىسىنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئۆلتۈرمەك دۇرۇس. پادىشاھ ئەمرى ئۆز جەمەتىگە تەڭرى،پۇقرالارغا جەبرى بولسا، تەڭرى راۋا كۆرمەيدۇ. پادىشاھ بالىسىنى قوچىقىغا ئېلىپ بەزلەپ بېقىپتۇ، بالا زادى پەس كويغا چۈشمەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئەمرى پۈكۈلگەن قەغەزنى ئوچاققا تاشلاپتۇ؛ ئوتتۇز تەڭگە ئالۋاڭنىڭ مېھرىدىن كەچكەنلىكىنى جاكالاپتۇ. شۇندىن كېيىن بالا يىغىدىن توختاپتۇ. پۇقرالار ئامان - ئېسەن تىرىكچىلىك ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق