كۆڭۈلدىكىدەك كېلىن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بۇرنىكەن، تۇخۇ تۇرنىكەن، مانا شۇنداق زامانلارنىڭ بىرىدە بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن. ئۇئادەمنىڭ ئېڭەككە تاقاشقۇدەك بىر ئوغلى بولۇپ، ئەقىلى - ھوشى سەل كەمرەك ئىكەن، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا خامراق ئىكەن.
بىر كۈنى ئۇ ئادەم:«ئوغلۇم كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئەمدى ئۆيلەپ قويماي بولمايدۇ. ئوغلۇمنى باشقۇرالايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك كېلىن تاپسام بولاتتى» دەپ ئويلاپتۇ. مۇنداق قىزنى ئۇرۇق - تۇققان قەۋم - قېرىنداشلارنىڭ ئىزدەپ تاپالماپتۇ. ئاخىر: «خېلىدىن بېرى ئوغلۇمنى تۈزۈكرەك ئىشقا سېلىپ كۆرمەپتىمەن، بىرەر ئىشقا بويرۇپ كۆرمەپتىمەن. بىر ئىشقا بۇيرۇپ باقاي، ئاز - پاز ئەقىل كىرگەن بولسا ئەجەب ئەمەس» دەپ يانچۇقىدىن ئىككى پۇل ئېلىپ ئوغلىغا بىرىپتۇ:
_ بالام، بۇ پۇلغا بازاردىن بىزگە ئوزۇق، كالغا بوغۇز، توخۇغا دان ئېلىپ كەلگىن، - دەپتۇ.
ئوغلى پۇلنى ئېلىپ بازارغا بېرىپ، ئۇنىڭ - بۇنىڭ باھاسىنى سوراپ كۆرۈپتۇ، قارىسا، بۇ پۇلغا پەقەت بىرلا نەرسە كېلىدىكەن. بازارنى ئايلىنىپ، دادىسى دېگەن سودىلىقنى تاپالمىغاندىن كېيىن بېشى قېتىپتۇ. ئۆيىگە يېقىن بىر خالتا كوچىغا كىرىپ، قۇلۇپلاقلىق بىر ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ بالىنىڭ بۇنداق تۇرغىنىنى كۆرگەن قىز ئويناۋاتقان يېرىدىن قوپۇپ، ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بالا بۇنىڭغا قاراپمۇ قويماپتۇ. ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى قىز تالاغا چىقسا، بايىقى بالا ئۆز جايىدا قېقىپ قويغان قوزۇقتەك تۇرغۇدەك. قىز بۇ بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق تۇرغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ سوراپتۇ؛
_ ھوي بالا، سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز يوقمۇ؟ بايا شۇنداق تۇرۇۋىدىڭىز، تېخىچىلا قوزغالماپسىزغۇ؟
_ مېنىڭمۇ ئىشىم بار ئىدى، - دەپتۇ ئوغۇل، ئىزا تارتقانلىقىنى بىلىندۈرمەسلىككە سېلىپ، - شۇ ئىشىمنىڭ تۈگۈنىنى يېشەلمەي شۇنداق تۇرىمەن.
_ ئېيتىڭا ، ئۇ قانداق تۈگۈن ، مەن ئاڭلاپ باقاي، - دەپتۇ قىز.
_ دادام ماۋۇ پۇلغا بىزگە ئوزۇق، كالىغا بوغۇز، توخۇغا دان ئېلىپ كەل، دېۋىدى،بازارغا بېرىپ، ئۇنى - بۇنى سوراپ باقسام، بۇ پۇلغا شۇ ئۈچ نەرسىنىڭ بىرىلا كېلىدىكەن . دادامنىڭ ئالدىغا نېمە دەپ بېرىشىمنى بىلمەي تۇرىمەن، - دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز مۇلايىملىق بىلەن:
_ مەن ئېيتىپ بەرسەم خۇش بولامسىز؟ - دەپتۇ.
ئوغۇل خىجىللىقتىن يەرگە قاراپ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپتۇ.
_ بازارغا بېرىپ، پۇلىڭىزغا قوغۇن ئېلىڭ. قوغۇننىڭ ئېتى سىلەرگە ئۇزۇق، شاپىقى كالىغا بوغۇز، ئۇرۇقى تۇخۇغا دان بولىدۇ، - دەپتۇ قىز .
بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تۇرۇپ ئويلىسا راست. ئۇ قىزغا رەھمەت ئېيتىپ، بازاردىن قوغۇندىن بىرنى ئېلىپ، ئۆيىگە يېنىپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ كېچىكىپ كەلگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ:
_ بۇنى ئۆزۈڭ ئويلاپ تېپىپ كەلدىڭمۇ ياكى بىر كىم ئەقىل كۆرسەتتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
ئوغۇل دادىسىغا راستنى ئېيتىپتۇ. بالىنىڭ دادىسى «ھە، مېنىڭ ئوغلۇمنى باشقۇرىدىغان، چىرىقىمنى ئۈچۈرمەيدىغان كۆڭۈلدىكىدەك كېلىن تېپىلىپتۇ» دەپ ئوغلىنى ئالدىغا سېلىپ بېرىپ، قىزنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ قويۇپ، يېنىپ كەپتۇ. كېيىن قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تويلىشىپتۇ.