باي بىلەن قازى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
ئۆتكەن زاماندا بىر مەھەللىدە بىر قازى بىلەن بىر باي بولغان ئىكەن. بىر كۈنى باي يېرىم كېچىدە قازىنىڭ ئىشىگىنى قېقىپتۇ.
- ھە، كىم؟ - دەپ سوراپتۇ قازى.
- تەقسىر، مەن، - دەپتۇ باي.
قازى باينى ئۇنىدىن تونۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە باشلاپتۇ.
- خوش، نېمە ئىش تەقسىر، - دەپ سوراپتۇ قازى.
- ھېچ ئىش يوق قازىم. مەن ھازىر سايىم قوشقارچىنىڭ ھېلىقى سېمىز ئاق قوشقىرىنى ئەپلىمەكچىمەن. ئەگەر ئىشىمىز ئوڭغا تارتماي ئاشكارا بولۇپ قالسا... مانا بۇنى ئاز كۆرمەي تەسەررۇپ قىلىپ، بىزنى نۇمۇستىن ساقلاپ قالارلا! - دەپ بىر ئاز پۇلنى قازىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ باي.
- ھەي - ھەي - ھەي... مەنمۇ نارىن سېغىنىپ تۇراتتىم. شۇنداق قىلىمىز، ئەلۋەتتە. خاتىرجەم بولسلا، - دەپتۇ قازى.
ئارىدىن كوپ ئۆتمەيلا قوشقار باينىڭ شەھەردىكى قوراسىدىن چىقىپتۇ. سايىم بۇنى كۆرۈپ قازىغا ئەرز قىلىپ، كەپتۇ.
- ھە، نېمە دەيسەن؟ - دەپتۇ قازى سايىم قوشقارچىغا.
- مېنىڭ يېقىندا يوقالغان سېمىز ئاق قوشقىرىم باينىڭ شەھەردىكى قوراسىدىن تېپىلدى. جاناپلىرى ئىلتىپات قىلىپ ئادالەتلىك بىلەن قوشقارنى ئىگىسىگە بويرۇپ بېرىشلىرىنى سورايمەن.
- نېمە؟! - دەپتۇ قازى ئاچچىق قىلغان بولۇپ، - باينى سەندەك رودىپايلارنىڭ بىر قوشقىرىغا ئوغرىلىققا چۈشىدىغان ئادەم دەمسەن، ئۇنىڭ خۇدا بەرگەن يۈزلەپ بوداق مېلى ۋە نۇرغۇن بايلىقى بار، شۇمۇ ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ.
- جاناپلىرى... - دەپتۇ سايىم قازىغا يالۋۇرۇپ، - مېنىڭ دۇنياغا كېلىپ كۆرگەن بايلىقىم شۇ بىر قوشقار ئىدى. مەن تۆھمەت قىلمايمەن، ئۇ مېنىڭكى ئىدى.
- كۆپ ۋالاقلىماي چىق، ئىمانىسز! باي ھەجىگە ئىككى نوۋەت بېرىپ كەلگەن ھاجى ساھىپ كىشىدۇر، ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغىنىڭ شەرىئەتتە چوڭ گۇناھ، چىق، يوقال كۆزۈمدىن! - دەپ سايىمنى ھەيدەپتۇ.
- ئوغرىغا يان باسقاننىڭ ئۆزى ئىمانسىز، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ سايىم نەپرەت بىلدۈرۈپ.
قازى بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تىلى تۇتۇلۇپ، كىكەشلەپ قاپتۇ. دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.