بىر پەرىزاتنىڭ سۆرىتى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بۇرۇنكەن، تېرىق تۇلۇمدا، غېرىپ بۇلۇڭدا ئىكەن. شۇنداق زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى بولۇپ، ھۆسىنى - جامالدا يىگانە، ئەقلى - ھوشى جايىدا ئىكەن. پادىشاھنىڭ قىرىق ئۆيدە غەزىنىسى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوتتۇز تۇققۇز ئۆيدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، دۇررى - گۆھەر ۋە باشقا قىممەت باھالىق دەپنە - دۇنيالىرىنى بىر - بىرلەپ ئوغلىغا كۆرسىتپتۇ - يۇ، ئەمما قىرىقىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىشكىنى ئاچماي يانداپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوغلى:
_ بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچماي ئۆتۈپ كەتتىڭىزغۇ. بۇ ئۆيدە نېمە بار؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ:
_ بالام بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىما، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەسلى بۇ ئۆيدە پادىشاھ ئاشىق - بىقارار بولغان ئاجايىپ گۈزەل پەرىزاتنىڭ سۆرىتى بار ئىكەن. بۇ ئۆيگە پادىشاھتىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدىكەن.
پادىشاھنىڭ ئوغلى بۇ ئۆينى كۆرەي دەپ ھەرقانچە يالۋۇرسىمۇ پادىشاھ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىماپتۇ. شاھزادە «بۇ ئۆيدە دادامنىڭ مەندىن يۇشۇرۇپ، مەخپىي تۇتۇدىغان بىر نېمىسى بار ئوخشايدۇ» دەپ گۇمان قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئېسى - يادى شۇ ئۆي بىلەن قاپتۇ ۋە ئۆينىڭ ئاچقۇسىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ چۈشلۈك غىزادىن كېيىن يېتىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ يېنىدىن ئاچقۇچنى پەم بىلەن ئېلىپ، ھېلىقى ئۆيگە كىرىپتۇ. بۇ ئۆي ئىنتايىن ئازادە ياسالغان ئىكەن، ئۆينىڭ ئازادىلىكى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىكەن. شاھزادە شۇنداق سەپسلىپ قارىغۇدەك بولسا، ئۆيدە چىرايلىق بىر پەرىزاتنىڭ سۆرىتى ئېسىقلىق تۇرغۇدەك. بۇ پەرىزاتنىڭ سۆرىتىنى كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بوپتۇ. ئىشىق ئوتىدا يۈرەكلىرى كۆيۈپتۇ. ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ھوشىغا كېلىپ، قىزنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ ئۆيدىن قايتىپ چىقىپتۇ ۋە بۇ قىزنى ئىزلەپ تېپىش قارارىغا كەپتۇ. تەۋەككۈل قىلىپ يولغا راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ناھايىتى ئۇزۇن مەنزىللەرنى كېزىپتۇ. ئاخىرى ھېرىپ - چارچاپ، ماغدۇرىدىن كېتىپ، بىر باياۋاندا يېقىلىپ قاپتۇ. بىر چاغدا شاھزادىنىڭ قولىقىغا : «قوپ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە كۆزىنى ئېچىپ قارىغۇدەك بولسا، ئالدىدا ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي شاھزادىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ ئوغلۇم، بۇ جاڭگىلى باياۋاندا يېتىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ قاياققا بارماقچىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بىر پەرىزات قىزنىڭ سۆرىتىنى كۆرۈپ، ئۇ قىزغا ئاشىق بولغانلىقى ۋە ئۇنى ئىزلەپ ماڭغانلىقىنى يۇشۇرماستىن بوۋايغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.
بوۋاي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ ۋە:
_ ئوغلۇم، بۇ پەيلىڭدىن قايت. گۆدەكلىك قىلما. بۇ سۆرەتتىكى پەرىزات قىز، پەرىلەر پادىشاھنىڭ قىزى. ئۇ يەر بۇ يەردىن ئالتە ئايلىق يول. ئادىمزات تۈگۈل، ئۇچار - قۇشلارمۇ ئۇيەرگە بارالمايدۇ. سەن بارالىغان تەقدىردىمۇ، پەرىلەر شاھى قىزىنى ساڭا ھەرگىزمۇ بەرمەيدۇ، - دەپتۇ.
شاھزادە ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلاپتۇ. بوۋاي تەسەللى بېرىپتۇ. شاھزادە بوۋايغا :
_ ئى ئاتا، مەن ئۇ قىزغا ئاشىق بىقارار بولدۇم. ئۇنى ئىزلەپ تېپىشقا قەتئى بەل باغلىدىم. بۇ ئىرادەمدىن ھەرگىزمۇ قايتمايمەن. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ قىزنى جەزمەن ئىزلەپ تاپىمەن. مۇشۇ يولدا ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق، - دەپتۇ. شاھزادىنىڭ قەتئىيلىكى، چىداملىقى، ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلىكى، غەيرىتى بوۋاينى تەسىرلەندۈرۈپتۇ.
_ ئوغلۇم! - دەپتۇ بوۋاي، - سەن ئىرادەڭدىن قايتمايدىغان ئوخشايسەن، سېنىڭ غەيرىتىڭ، قەتئىي ئىرادەڭ مېنى قاتتىق تەسرلەندۈردى. ئىرادىلىك ئادەم مۇرادىغا يەتمەي قالمايدۇ، ئۇنداق بولسا، بۇ يولۇڭدا بېلىڭنى مەھكەم باغلا. مۇرادىڭغا يېتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم بېرەي.
شاھزادە بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، بوۋاينى ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپ، بوۋاينىڭ پۇتىنى سۆيۈپ، رەھمەت ئوقۇپتۇ.
_ ئوغلۇم، سەن كۈن يۇرۇش تەرەپكە ماڭغىن. ئون كۈن يۈرگەندىن كېيىن بىر ئىمارەت كۆرۈنىدۇ. ئۇ دىۋىلەرنىڭ ماكانى. دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ تەرەپكە قارىساڭ بىر ئۆي بار. ئاشۇ ئۆيدە بىر خاسىيەتلىك قارا ئارغىماق بار. ئۇ ئۇچىدىغان ئات. بۇ ئات ئۇن كۈنلۈك يولنى بىر كۈندە باسىدۇ. سەن ئۆيگە كىرگەندە ئات سېنى كۆرۈپ قارىغان ھامان دەرھاللا ئاتقا ئېگىلىپ سالام بېرىپ، قول باغلاپ يىغلاپ، بىچارىلىقىڭنى ئىزھار قىلغىن، شۇ چاغدا ئاتنىڭ ساڭا رەھىمى كېلىدۇ - دە، جىم بولۇپ قالىدۇ. بولمىسا ئات يات ئادەمنى كۆرگەن ھامان قاتتىق كىشنەيدۇ - دە، شۇئانلا دىۋىلەر كېلىپ ئۇنداق ئادەمنى قىيما - چىيما قىلىپ، گۆشىنى ئاسمانغا پۈركۈۋېتىدۇ. ھازىر دىۋىلەرنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقتى. دىۋىلەر قەرەللىك ئۇخلايدۇ. ھەر قەرەلدە 10 كۈنگىچە ئويغانماي ئۇخلايدۇ. ھازىر تېزدىن يولۇڭغا ماڭ. دىۋىلەر ماكانىغا بېرىپ، ئاشۇ ئۇچار ئاتنى قولۇڭغا چۈشەر، ئاشۇ ئات سېنى قىزنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ جايغا بېرىپ ئاتتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاتنىڭ بىر تال قىلىنى ئېلىپ قىلىپ، ئاتنى ياندۇرۇۋەت. قىل بېشىڭغا يەنە كۈن چۈشكەندە لازىم بولىدۇ. ئۇ جايدا بىر پىشقەدەم ياغاچچى بار. ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئەھۋالىڭنى ئېيتىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم تىلىسەڭ، ياغاچچى ساڭا ياردەم بېرىدۇ. خەير ئىشىڭغا خىزىر مەدەتكار بولسۇن، - دەپلا غايىپ بوپتۇ بوۋاي.
شاھزادە بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۈن يۇرۇش تەرەپكە قاراپ راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، نۇرغۇن چۆل جەزىرلەرنى كېزىپتۇ. ئاخىر دىۋىلەر ماكانىدىكى ئۇچار ئاتنى قولغا چۈشۈرۈپ، ياغاچچى ئۇستىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ياغاچچىغا سۆزلەپ بېرىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سوراپتۇ. ياغاچچىنىڭ شاھزادىگە ئىچى ئاغرىپ، پەرىزات قىزنىڭ ئوردىنىڭ بېغىدىكى بىر ئېگىز راۋاقتا تۇرىدىغانلىقىنى، راۋاققا قانداق چىقىش مۇمكىنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ئىلىم - ھېكمەت بىلەن بىر شوتا ياساپ بېرىپتۇ. بۇ ناھايىتى ئەپچىل ھەم قىسىقىرىدىغان ھەم ئۇزۇن شوتا ئىكەن. شاھزادە ياغاچچىغا رەھمەت ئېيتىپ، شوتىنى ئېلىپ، باغقا بېرىپ راۋاققا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. راۋاقتىن ناخشا ساز ئاۋازى، قىزلارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە قىزنىڭ مۇشۇ راۋاقتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، شوتىنى قويۇپ، ناھايىتى پەم بىلەن راۋاققا چىقىپتۇ. ئەمما پەرىزاتنىڭ خىزمەتكارلىرى شاھزادىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بىر خىزمەتكارى: «ۋاي، بىرئادىمزات راۋاققا چىقىپ كەلدى»دەپ چۇقان ساپتۇ. پەرىزات بۇ چۇقاننى ئاڭلاپ: « بۇ قانداق گەپ؟ بۇ يەرگە ئادىمزات تۈگۈل، ئىنسى - جىننىڭمۇقەدىمۇ يەتمەيتتىغۇ؟ ماڭ، ئەھۋالنى ئۇقۇپ كىر» دەپ خىزمەتكارىنى بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكار چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، ناھايىتى كېلىشكەن، ساھىپجامال بىر يىگىت پەرىزات بىلەن كۆرىشىمەن دەپ ئىلتىجا قىلىپ تۇرغۇدەك. خىزمەتكارلار ھەيران بولۇشۇپ، بۇ خەۋەرنى دەرھال پەرىزاتقا يەتكۈزۈپتۇ. پەرىزات «بۇ ئەجەپ بىر ئىش، بۇنىڭدا بىر سىر بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ، يىگىتنى ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكارلار شاھزادىنى ئېلىپ كىرىپتۇ. شاھزادە پەرىزاتنى كۆرۈپ، ئەدەپ - ئىكرام بىلەن سالام بېرىپ، قول باغلاپ تۇرۇپتۇ. پەرىزاتمۇ شاھزادىگە بىرلا قاراپ ئاشىق بىقارار بوپتۇ. شاھزادە ۋە پەرىزات بىر - بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپتۇ. بىر - بىرى بىلەن ھەقىقى ئاشىق - مەشۇق بولۇشۇپتۇ. بىر قانچە ۋاقىت ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپتۇ. شاھزادىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىز دادىسىغا ئېيتماپتۇ.
پەرىزات بىر كۈنى شاھزادىگە:
_ سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى دادامدىن يۇشۇرۇپ، مەخپىي تۇتۇپ كەلدىم. ئەگەر دادام بىلىپ قالسا، سىزنىمۇ، مېنىمۇ ساق قويمايدۇ. سىز مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ، ئىككىمىزبىرگە كېتەيلى، - دەپتۇ.
شاھزادە قىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشكە رازى بولغانلىقىغا ناھايىتى خۇرسەن بوپتۇ. بۇلار سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى ھازىرلاپ تەل قىپتۇ. شاھزادە ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئات ھازىر بوپتۇ. بۇلار ئاتقا مىنىپتۇ. ئات بولارنى ئېلىپ ئۇچۇپ، نۇرغۇن تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، شاھزادە بوۋاي بىلەن ئۇچراشقان بولاق بېشىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئاتنىڭ بىر تال قىلىنى ئېلىپ قېلىپ، ئاتنى يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزلىرى يەردە ھاردۇق ئالماقچى بوپتۇ. بۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ھېرىپ - چارچاپ، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكتىن شاھزادە پەرىزاتنى بۇلاق تۈۋىدە قالدۇرۇپ، يىمەك - ئىچمەك تېپىپ كېلىشكە كېتىپتۇ. پەرىزات يالغۇز زېرىكىپ ئولتۇرسا، ھاسا تايانغان قېرى بىر موماي كەپتۇ. پەرىزات مومايدىن:
_ چوڭ ئانا، قەيەردىن كېلىشىڭىز؟ قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ۋاي قىزىم، قەيەرگە باراي. مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار ئىدى، بىتاپ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. شۇنى يوقلىغىلى كېتىپ بارىمەن. ئادەم قېرىغاندا كۈچىدىن قالىدىكەن، ئۇزۇن يولدىن كېلىپ، ھېرىپ - چارچاپ «ئۇھ» دېگۈچىلىك مادارىم قالمىدى، مۇشۇ يەرگە ئاران ئۇلاشتىم، بىر ئاز ئارام ئېلىپ ماڭاي، - دەپتۇ موماي.
_ ۋاي بىچارە، چوڭ ئانا، ھېرىپ كېتىپلا، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئارام ئالسىلا، بىردەم مۇڭدىشىپ، ئەھۋاللىشايلى، - دەپتۇ پەرىزات.
ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ موماينى كۆرۈپ پەرىزاتتىن:
_ بۇ موماي قەيەردىن كەپتۇ؟ قايان بارىدىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ بۇ موماي بىتاپ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئوغلىنى يوقلاشقا بارىدىكەن، - دەپتۇ پەرىزات.
شاھزادە مومايغا ئىچ ئاغرىتىپ، تېپىپ كەلگەن يېمەكلىكلرىدىن بېرىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ئەسلىدە بۇ موماي جادۇگەر بولۇپ، ئۇنى ئوغلى پەرىزاتقا ئاشىق ئىكەن. ئەمما پەرىزاتنى ھېچقانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرەلمەي يۈرگەن ئىكەن. بۈگۈن پەرىزاتنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىبلىس جادۇگەر قېرى موماينىڭ سۆرىتىدە بولۇپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ بېقىشقا كەلگەن ئىكەن.
بۇ قېرى جادۇگەر بۇلاردىن ئايرىلىپ، ئوغلىنىڭ قېشىغا ئۇچقاندەك بېرىپتۇ - دە، پەرىزاتنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلى خوشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاپتۇ. ئانا - بالا پەرىزاتنى ئېلىپ قېچىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشپتۇ.
بۇ جادۇگەرنىڭ سېھىر قىلىنغان بىر دانە يىپ ئىگىرىدىغان چاقى بار ئىكەن. جادۇگەر چاقنى ئېلىپلا ئۇچۇپ، ھايت - ھۇيت دېگۈچە پەرىزەتنىڭ قېشىغا كەپتۇ. پەرىزات چاقنى كۆرۈپ:
_ بۇ نېمىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ۋاي قىزىم، بۇ چاقنى تېخى بايىلا بىر خىزىر ئىنئام قىلدى. بۇ خىسلەتلىك چاق ئىكەن، ئۇچالايدىكەن. شۇڭا سىزگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەكەلدىم. سىزنىمۇ چاققا مىندۈرەي، بۇ چاقنىڭ خىسلىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ، - دەپتۇ.
پەرىزات چاقنىڭ خىسلىتىگە ناھايىتى قىزىقىپتۇ ۋە:
_ ۋاي چوڭ ئانا، مېنى بۇ خىسلەتلىك چاققا مىندۈرۈپ ئۇچۇرتۇپ باقسىلا، بۇنىڭ خىسلىتىنى كۆرۈپ باقاي، - دەپتۇ.
جادۇگەر پەرىزاتنى ئالدىغا ئېلىپ چاققا مىندۈرۈپ، چاقنىڭ ئوڭ قولىقىنى تولغىغان ئىكەن، چاق ئاسمانغا كۆتۈرلۈپتۇ، ئۇچقانسېرى ئېگىز ئۆرلەپتۇ. پەرىزات ناھايىتى قورقۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن چاق پەسلەپ بىر ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ.
_ بۇ قەيەر؟ - دەپ سوراپتۇ پەرىزات.
_ بۇ بىزنىڭ ئۆي، قېنى ئۆيۈمگە كىرىڭ، - دەپ تەكلىپ قىپتۇ جادۇگەر.
_ ياق، كىرمەيمەن، تېزدىن قايتىپ كېتەيلى، - دەپتۇ پەرىزات.
_ سەن تېخى قايتىپ كېتىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ بۇ سېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ. ئەمدى بۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كېتەلمەيسەن - دەپتۇ جادۇگەر تەرىنى تۈرۈپ.
پەرىزات بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئاڭغىچە جادۇگەرنىڭ ئوغلى پەيدا بوپتۇ. پەرىزاتنى ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پەرىزات قارىسا، يېنىدا ناھايىتى سەت، بەدرەڭ بىر ئەر كىشى تۇرغۇدەك. پەرىزات:
_ بۇ كىم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ، ئۇ سېنىڭ ئىشقى دەردىڭدە ئۆرتەندى، ئۇزۇندىن بېرى يىگىنى زەھەر، كىيگىنى كېپەن بولدى. سېنى قولۇمغا كەلتۈرەلمەي يۈرەتتىم. ئەمدى قولۇمغا چۈشتۈڭ. ھازىردىن باشلاپ سەن ئوغلۇمنىڭ بولدۇڭ، - دەپتۇ جادۇگەر پەرىزات يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، بۇلارنىڭ رەھىمى كەلمەپتۇ.
ئەمدى ھېكايىنى شاھزادىدىن ئاڭلايلى.
پەرىزات يوقالغاندىن كېيىن، شاھزادە ئۇيان ئىزلەپ، بۇيان ئىزلەپ پەرىزاتنى ھېچقانداق يەردىن تاپالماپتۇ. ئاخىرى ئەلەم - دەرتتە تولا يىغلاپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. شاھزادە بىھۇش تۇلا يىغلاپ ياتسا قۇلىقىغا «بالام، قوپ ئورنۇڭدىن» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. شاھزادە مىڭ تەسلىكتە كۆزىنى سەل - پەل ئاچسا، ئالدىدا ھېلىقى بوۋاي تۇرغۇدەك. شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋاي:
_ بالام، نېمە بولدۇڭ؟ ساڭا نېمە خاپىلىق يەتتى، نېمە ئۈچۈن يىغلاپ ياتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
شاھزادە بوۋايغا بولغان ئەھۋالنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپ، يىغلاشقا باشلاپتۇ. بوۋاي شاھزادىگە تەسەللى بېرىپ:
_ يىغلىما، سەۋرى قىل، غەيرەتلىك بول. ئىرادەڭنى بوشاشتۇرما. پەرىزاتنى قايتا قولۇڭغا چۈشۈرۈشگە يەنە مەن ياردەم بېرىمەن. يېنىڭدىكى ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرگىن. ئات يېتىپ كەلگەندە ئاتقا مىنگىن. ماۋۇ شەمشەرنى «ياھاياتەننەبى» دەپ شىلتىسەڭ، تاشنىمۇ سۇنى كەسكەندەك كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاتنىڭ ياردىمى، قىلىچنىڭ خاسىيىتى بىلەن دۈشمىنىڭنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ پەرىزاتقا قايتا مۇيەسسەر بولىسەن، - دەپ، بىر قىلىچنى شاھزادىگە بېرىپلا غايىپ بوپتۇ.
شاھزادە بوۋايغا يۈزمىڭ رەھمەت ئوقۇپ، ئاتنىڭ قىلىنى كۆيدۈرۈپتۇ. ئات ھازىر بوپتۇ. شاھزادە ئاتقا مىنىپتۇ. ئات ئۇچۇپ شاھزادىنى جادۇگەرنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. شاھزادە قارىغۇدەك بولسا، كۆزىگە بىر ئىمارەت كۆرۈنۈپتۇ. جادۇگەر شاھزادىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئاستى - ئۈستى ۋە تۆت ئەتراپىغا دەرھال سېھرى بىلەن بىر قەۋەت ئۆمۈچۈك تورى باغلاپتۇ. تورنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا يوغان بىر دۆ (ئۆمۈچۈك) پەيدا بوپتۇ. شاھزادە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىسا، دۆ خىرىس قىلىپ، دەپ تارتىپتۇ. شاھزادە قىلىچىنى چىقىرىپ«ياھاياتەننەبى» دەپ بىر چاپقان ئىكەن، تورلاردىن ئوت چاقناپ ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. لېكىن دۆ ئۆلمەپتۇ، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن شاھزادىنى دەم تارتىپتۇ. شاھزادە چەبدەسلىك بىلەن دۆگە يەنە بىر قېلىچ ئۇرغان ئىكەن، دۆ بىر يۇمۇلىنىپ، بى قېرى مومايغا ئايلىنى:
_ ماڭا رەھىم قىلىڭ، - دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ.
_ پەرىزات قەيەردە، ھازىر تېپىپ بېرىسەن! - دەپ جادۇگەرگە قىلىچ تەڭلەپتۇ شاھزادە. جادۇگەر:
_ پەرىزات سول تەرەپتىكى ئۆيدە يۇشۇرۇقلۇق، - دەپتۇ. شاھزادە دەرغەزەپكە كېلىپ، قىلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ «ياھاياتەننەبى» دەپ قەھرى بىلەن بىر ئۇرغان ئىكەن، جادۇگەر بىر چىقىراپلا ئىككى پارە بولۇپ ئۆلۈپتۇ.
شاھزادە جادۇگەرنى ئۆلتۈرۈپ ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، سو تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا، بېشى توڭگۇزنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان ناھايىتى بەدھەيۋەت بىر مەخلۇق ئېتىلىپ كېلىپ شاھزادىگە چاڭ ساپتۇ. شاھزادە قېلىچى بىلەن «ياھاياتەننەبى» دەپ بۇ بەدھەيۋەت مەخلۇقنى بىر چاپقان ئىكەن، ئۇنىڭ بىر قولى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. ئۇ ئەمدى شاھزادىگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئورنىدىن قوپۇپلا قېچىپتۇ. شاھزادە ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ «ياھاياتەننەبى» دەپ بىر قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، بۇ بەدھەيۋەت مەخلۇق ئىككى پارە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. ئەمما شۇ ھامانلا بىر قارا قويۇن كۆتىرلىپ بىردەمدىن كېيىن غايىپ بوپتۇ. شاھزادە قارىغۇدەك بولسا، پەرىزات داق يەردە بىھوش ياتقۇدەك. شاھزادە يۈگۈرۈپ بېرىپ، پەرىزاتنى يۈلەپ، ھۇشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پەرىزات ھۇشىغا كېلىپ، شاھزادىگە:
_ بىز بۇ يەردە تۇرمايلى. بۇ يەر جادۇگەرلەرنىڭ ماكانى ئىكەن، بۇ خەتەرلىك جايدا جادىگەرلەردىن يەنە بىزگە زىيان - زەخمەت يېتىپ قالمىسۇن، تېزدىن كېتىۋالايلى، - دەپتۇ. شاھزادە بىلەن مەلىكە ئاتقا مىنىپ بۇلاق بېشىغا كەپتۇ. ئاتقا يۈمىڭ رەھمەت ئېيتىپ، يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. بۇلار بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، يولغا راۋان بوپتۇ. شەھەرگە يېقىن كەلگەندە شاھزادە دادىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پەرىزاتنى بىرگە ئېلىپ سالامەت كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنىڭ پەرىزاتنى بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، «بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى پەرىزاتنىڭ ئىشقى - پىراقىدا يىگەن - ئىچكىنىم زەھەر بولغان ئىدى، ئەمدى پەرىزات قولۇمغا كېلىدىغان بولدى، مۇرادىمغا يېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئىنتايىن خوشال بوپتۇ. داپ - دۇمباق، ناغرا كاناي چالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئۇلار ئوردىغا كەپتۇ. پادىشاھ پەرىزاتنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، خوشاللىقىدا قىلغىلى ئىش تاپالماي قاپتۇ. ئەمما پەرىزات شاھزادىدىن باشقا كىشىگە قارىماپتۇ. شاھزادە ئولتۇرسا ئولتۇرۇپتۇ، قوپسا قوپۇپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ پەرىزاتنى كۈنلەپ، ئوغلىغا سالقىن قارايدىغان بوپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن رەنجىپ، ئۆيدىن تالا - تۈزگە چىقماپتۇ. پەرىزاتمۇ شاھزادىنىڭ يېنىدىن ئايرىلماپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. بۇلار ھازىرلاپ بەرگەن ئۆيدە ئولتۇرماي ، باشقا جايدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ناھايىتى پەرىشان بوپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇنداق پەرىشانلىقىنى كۆرگەن باش ۋەزىر پادىشاھتىن سەۋەبنى سوراپتۇ. پادىشاھ ئادەتتە ھەرقانداق سىرى بولسا، بۇ ۋەزىرگە ئېيتىدىكەن. پادىشاھ ۋەزىرگە ئۆزىنىڭ پەرىزاتقا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەردىدە كېچە - كۈندۈز ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، پەرىزاتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھېچ قانداق ئامالىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ۋەزىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. پادىشاھتىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، خوش بولۇپ ۋەزرىنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. ئەمما خوش بولغانلىقىنى چاندۇرماپتۇ، ئەسلىدە بۇ ۋەزىر «پادىشاھ ئۆلسە ئورنىغا ۋارىس بولۇپ تەخىتتە ئولتۇرغۇدەك ئەۋلادى يوق، چوقۇم مەن پادىشاھ بولىمەن» دېگەن ئۈمىتتە يۈرگەن ئىكەن. شاھزادىنىڭ ئۇشتۇمتۇن قايتىپ كېلىشى، ۋەزرىنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرغان ئىكەن. ۋەزىر ئەمدى پادىشاھنىڭ پەرىزاتقا ئاشىقلىقىنى بىلىپ، شاھزادىنى يۇقىتىشنىڭ پەيتى كەپتۇ، دەپ بىلىپتۇ ۋە مەككارلىق بىلەن پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، بۇرنىدىن چىقىپ، پادىشاھقا ناھايىتى كۆيۈنگەن قىياپەتتە:
_ بۇنىڭ ئىلاجىسىنى قىلايلى، ئەگەر سېلىنىڭ مەقسەتلىرى پەرىزاتتا بولغان بولسا، شاھزادىنى پەرىزاتتىن ئايرىۋەتمەي تۇرۇپ، پەرىزاتنى قولغا كەلتۈرۈش مۈشكۈل گەپ. مەن بىر ھىلە ئىشلىتىپ شاھزادىنى پەرىزاتتىن ئايرىپ، ئوردىغا باشلاپ كىرەي، ئۇنىڭغا ئايرىم بەلگىلىك كىيىم كىيدۈرەيلى. بۇ كىيىم شاھانە ئالى كىيىملەردىن بولسۇن. كىيىمنى كىيدۈرۈپ «كوچا ئايلاندۇرۇپ تاماشا قىلدۇراي» دەپ ماڭاي. مۇشۇنداق كىيىمنى كىيىپ ئوردىدىن چىققان كىشىنى يوقىتىۋېتىش تۇغرىسىدا پاسىبانلارغا خۇپىيانە ئۇختۇرايلى، شاھزادە تاشقىرىغا چىققان ھامان پاسىبانلار شاھزادىنى جايلىۋەتسۇن. مۇشۇنداق قىلىپ شاھزادىنى يۇقىتىۋەتسەك، ئۇ ۋاقىتىدا پەرىزات ئۆزلىرىنىڭ بولىدۇ، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل كۆرمەپتۇ. مەككار ۋەزىر ھىيلىگەرلىك قىلىپ:
_ ئەگەر بۇ مەسلىھەتنى قۇبۇل كۆرمىسىلە، باشقا ئامال يوق، - دەپتۇ. كۈيۈك دەردىدە خۇددىنى يوقاتقان پادىشاھ ئاخىرى مەككار ۋەزىرنىڭ ھىيلە - مىكرىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ ۋە ئىشنى شۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر شاھزادىنى ھەر خىل ھىيلە - مىكىرلەر بىلەن پەرىزاتتىن ئايرىپ، ئوردىغا باشلاپ كەپتۇ. چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئالداپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان شاھانە كىيىملەرنى كىيدۈرمەكچى بوپتۇ.
شاھزادە: «مەن بۇ كىيىمنىڭ لايىقىدا ئەمەس» دەپ كىيىمىنى كىيىشنى رەت قىلىسىمۇ، قايتا - قايتا زورلاپ كىيدۈرمەكچى بوپتۇ. شاھزادە :
_ ئۇنداق بولسا ئالدىن سىز كىيىپ بېقىڭ. سىزگە ياراشقان بولسا مەن ئاندىن كىيەي، - دەپتۇ. پادىشاھ ئۆز ئىچىدە «ئالدىن مەن كىيىپ بەرسەم بېرەي، ئاندىن بۇ كىيسۇن» دەپ كىيىمىنى ئۈستىگە كىيىپ، ئۆزىنى رۇسلاپ بولغىچە، شاھزادە غىپ قىلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ھېلىقى بەلگىلىك كىيىم بىلەن شاھزادىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ سىرتقا چىقىشىغا، ئىشىك تۈۋىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان پاسىبانلار كىيىمنى كۆرۈپلا، ئۇرۇنلاشتۇرۇش بويىچە پادىشاھنى قېلىچ بىلەن چېپىپ تاشلاپتۇ. شاھزادە ئۆزىگە قىلىنغان سۈيىقەست، ھىيلە - مىكىرلەرنىڭ تىگى - تەكتىگە يېتىپ چۈشىنىپتۇ ۋە بىلمەسكە سېلىپ دادىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ، نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپتۇ. شاھزادە دادىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بوپتۇ. شاھزادە ھېلىقى مەككار ۋەزىرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ جازالاپ ئىنتىقام ئاپتۇ. ئاندىن قىرىق كۈن توي - تاماشا ئۆتكۈزۈپ، پەرىزاتنى رەسمىي نىكاھلاپ ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ. شۇنداق قىلىپ شاھزادە بىلەن پەرىزات مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.