UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر

چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى مەلۇم شەھەردە ئۇستا تىۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ بىر شاگىرتى بار ئىكەن. شاگىرت دائىم ئۇستازىنىڭ كېسەل كۆرۈپ دورا بۇيرۇشىغا زەڭ قويۇپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى بىر ئاتقۇچىنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ، تىۋىپنىڭ قېشىغا كەپتۇ. تىۋىپ ئۇ كېسەلنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىككى سەر سۇماي ئىچىشنى بۇيرۇپتۇ. ئاتقۇچى تىۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىككى سەر سۇماي ئىچىپتۇ. سۇماي ئاتقۇچىنىڭ ئىچىنى سۈرۈپ، ئىچىگە ئورنىشىپ كەتكەن چاڭ - توزانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپتۇ، بىر - ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ كېسىلى ساقىيىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. تىۋىپ شاگىرتىنى ئۆيدىن خەۋەر ئېلىشقا قويۇپ، ئۆزى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى يىغىش ئۈچۈن تاغقا چىقىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى بىر جۇۋازچىنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ تىۋىپنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. تىۋىپنىڭ شاگىرتى جۇۋازچىغا ئىككى سەر سۇماي ئىچىشنى بۇيرۇپتۇ. جۇۋازچى ئىككى سەر سۇماينى ئىچكەنىكەن، بىر نەچچە كۈنگىچە ئىچى توختىماي سۈرۈپ، ھالىدىن كېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇ ئەسنادا تىۋىپ تاغدىن قايتىپ كەپتۇ. جۇۋازچىنىڭ خوتۇنى تىۋىپنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنى ئاغزىغا كەلگىنىچە ھاقارەتلەپ، ئەرز قىلىش ئۈچۈن تىۋىپنى سۆرەپتۇ. تىۋىپ ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسە، شاگىرتى: - سىلە ئۆتكەندە ئاتقۇچىنىڭ قورساق ئاغرىقىغا ئىككى سەر سۇماي بۇيرۇغان ئىدىلە، ماينى ئىچىپ ئاتقۇچىنىڭ قورساق ئاغرىقى ساقايغانىدى. شۇڭا مەن جۇۋازچىغىمۇ ئىككى سەر سۇماي ئىچىشنى بۇيرۇغانىدىم، - دەپتۇ. - ئاتقۇچىنىڭ قورسىقى ئاغرىشتىكى سەۋەب، - دەپتۇ تىۋىپ شاگىرتىغا، - ئۇ ئاتقۇچى بولغاچقا دائىم چاڭ - توزانلار ئارىسىدا ئىشلەيدۇ، ئىچكى ئەزالىرىغا توپا - چاڭ ئورناپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىغان. مەن شۇ ۋەجىدىن سۇماي ئىچىشنى بۇيرۇغان. ئەمما جۇۋازچى دائىم ماي بىلەن ھەپىلەشكەچكە، ئىچكى ئەزالىرىغا ياغنىڭ بۇسلىرى ئورناپ كەتكەن، ئۇنىڭغا سېغىز يېيىشنى بۇيرۇش لازىم ئىدى. چۈنكى سېغىز ئادەم بەدىنىدىكى ماينىڭ دۇغ - بۇسلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتەتتى. بىراق سەن جۇۋازچىغا دورىنى خاتا بۇيرۇغان.... شۇندىن كېيىن خەلق ئىچىدە >چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر< دەپ ماقال تارقىلىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە بوزاق يېزىسىدىن ئابدۇللا مەتقۇربان.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
چالا تىۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر | UyghurWiki | UyghurWiki