UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھورۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى

ھورۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى زاماننىڭ زامانسىسدا، ھورۇننىڭ ماكانىدا بىر ھورۇن بولغان ئىكەن. ئۇ خەلقى ئالەمگە مەلۇم ئىكەن. كۇچار شاھى شاھ بولۇپ، شەھەر سوراپ تۇرغاندا، شۇ ھورۇن ھايات ئىكەن. ئۇ ھەمىشەم ئىش قىلماي ئوڭدا يېتىپ، ئاش ئىچىپ، قاچا بوشىتىپ، يول چىڭداپ، كوچا ئارىلاپ يۈرىدىكەن. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە نەدە سايە بولسا، بۇ ھورۇن شۇ يەردىن تېپىلىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر دېھقان كوچىنىڭ بۇرجىگىدىن ئىلدام ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، ھورۇن ئۇنىڭغا: - ھوي دېھقان ئاكا، نېمە ئانچە پايپاسلاپ يۈرسىز، ئالدىرىماي ماڭسىڭىزمۇ ئىشىڭىز تۈگەيدىغۇ؟ - دەپتۇ. - ئاشلىقىم پېشىپ قالغان ئىدى، ئومىچى تاپالماي يۈرىمەن، ئالدىرىمىسام شامالدا قېقىلىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. - ۋاھ، بەللى! مانا مەن ئىش تاپالماي يۈرسەم، سىز ئومىچى ئىزلەپ يۈرۈپسىز، ئومىڭىزنى مەنلا ئورۇپ بېرەي، - دەپتۇ. ھورۇن. - ئۇنداق بولسا، تولا ياخشى بولاتتى بۇنىڭ ساۋابىغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى، ئەتە ئومىغا چۈشۈڭ، - دەپتۇ دېھقان خوشال بولۇپ. - ئانچە ئالدىرىماڭ، ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى، ئالدىرىغان قالار، بۇيرۇغان ئالار دېگەننى بىلەمسىز؟ ئاۋال سىز ماڭا چاي - تۇزلۇق بىر نېمە بېرىڭ، مەن ئوزۇق - تۈلۇكنى ھازىرلىۋېلىپ، بىر كۈندىن ئومىڭىزنى ئورۇپ قويىمەن، - دەپتۇ. ھورۇن. - خوپ ، خوپ، نېمە كېرەك؟ - بىر تونۇر توقاچقا لايىق ئۇن، نان يېقىشقا ئوتۇن، يىتەرلىك چاي، ئۆيدىكىلەرگە چاي - تۈزلۇق ئۈچۈن ئاز - تولا تەڭگە بېرىڭ، شۇ چاغدا ئومىڭىز ئورۇنلۇۋېرىدۇ، - دەپتۇ. دېھقان بۇنىڭغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەييارلاپ بېرىپتۇ. ھورۇن ئەتىسى ئومىغا چىقىدىغان بولۇپ كېلىشىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى دېھقان ئېتىزغا بارسا، ھورۇن كەلمەپتۇ. دېھقان خاپا بولۇپ، ھورۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. - ھوي قانداق گەپ بولدى بۇ؟! ۋەدە قېنى ؟! ئاشلىق قېقىلىپ كېتىدىغان بولىدىغۇ، - دەپتۇ دېھقان. ھورۇن: خۇدادىن كەلسە، ئۆزىڭىزمۇ قېقىلىپ كېتىسىز، بىر كۈننىڭ كارى چاغلىق، نان ياقىدىغان كىشى تاپلمىدىم، ئەتىلەردىن بىر گەپ بولۇپ قالار، - دەپ دېھقاننى يولغا ساپتۇ. دېھقان ئەتىسى ئومىنى يالغۇز ئورۇپ، كەچقۇرۇن ھورۇنغا يەنە يولۇقۇپتۇ. بۇ قېتىم دېھقان قەۋەت ئاچچىقلىنىپ: _ تازا ئىش خوشياقماس، تەييارتاپ ئوخشايسەن، ئاداش، _ دەپتۇ ھورۇنغا. _ ئۇنداق ئەمەس، بۇرادەر، _ دەپتۇ ھورۇن، _ مەن ئومىغا كەتكەندە، بالا _ چاقامغا كۆز - قۇلاق بولۇپ، سايىدا ياتقۇدەك بىر ئادەم تاپالمايۋاتىمەن. ئەتىلەردىن بىرگەپ بولۇپ قالار. دېھقان ئەتىسى كېلىپ ناھايىتى رەنجىپ: _ ئادەم ئەمەس ئىكەنسەن، _ دەپ كايىپتۇ. _ كايىماڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىڭ، مىجەزىم يوق، بىتاب بولۇپ قالدىم، ياخشى بولۇپ قالسام، ئەتە چىقىمەن، خۇدا خالىسا، _ دەپتۇ ھورۇن. دېھقان ئەتىسى يەنە كەپتۇ _ دە، ئاتتىنمۇ چۈشمەي: _ ھەي، زادى سەن ئىشلەمسەن _ ئىشلىمەمسەن؟! _ دەپ سوراپتۇ. _ ئىشلەيمەن، _ دەپتۇ ھورۇن. _ قاچان ئىشلەيسەن؟ _ قۇلۇم تەككەندە. _ سېنىڭ قولۇڭ تېگىدىغان كۈن بولامدۇ زادى؟ _ دەپ سوراپتۇ دېھقان. _ ئەلۋەتتە بولىدۇ، _ دەپتۇ ھورۇن. - راستىڭنى ئېيت قاچان قولۇڭ تېگىدۇ؟ - قۇم چېچەكلىگەندە، تۆگىنىڭ قويرۇقى يەرگە تەگكەندە، بۇ سۆزلەرگە قاتتىق رەنجىگەن دېھقان: - ھەي تەييارتاپ، ئالغان نەرسىلەرنى قايتۇر، بولمىسا، دۇئا قىلىۋەت، - دەپ تەنە قىپتىكە ھورۇن: - دۇئا قىلسام قىلاي،- دەپ ئۇششۇقلۇق قىپتۇ. دېھقان ئۇنىڭدىن قەرىزنى پۈتۈرەلمە، ئومىسىنى ئۆزى ئورۇپ تۈگىتىپتۇ. دېھقانلار ئومىسىنى ئورۇپ بولۇپ، كۈزلۈك ئۇرۇق چېچىشىقا باشلاپتۇ. ھورۇن بولسا ئىش قىلماي يېتىۋېرىپتۇ. جامائەت «بۇ ئىشلىمەي بالا - چاقىسىنى ئاچتىن ئۆلتۈرۈۋالمىسۇن» دەپ، بىرسى يەر، بىرسى ئۇرۇق، بىرسى قوش، بىر سى ئۇلاق چىقىرىپ، بىر پاتمان يەرنى ھەيدەپ بۇغداي تېرىپ بېرىپتۇ. كېلەر يىلى ئاشلىق پىشقاندا، جامائەت ئۇنىڭغا: - ساڭ جامائەتنىڭ ياردەم قىلىپ تېرىپ بەرگەن ئاشلىقى پىشىپ قاپتۇ. تېزرەك ئورىۋالغىن، - دەپتۇ. - ماڭا شۇنچە غەمخۇرلۇق قىلىپ تېرىپ، سۇغۇرۇپ، پىشۇرۇپ بەردىڭلار، رەھمەت، ئەمدى بۇغداينى بىرەرىڭلار ئورۇپ بەرسەڭلار تولىمۇ ياخشى بولاتتى، - دەپتۇ ھورۇن، جامائەت: - ئوماڭنى ئۆزەڭ ئورى، مۇنچىۋالامۇ ھورۇن بولغان بارمۇ، - دىسە: - مەيلى، ئۆزەم ئورىسام ئوراي، بۇغدايلىقنى ئالدىغا ئەكىلىپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. ھورۇن يەنە. شۇندىن كېيىن جامائەت بۇ ئەھۋالنى كۇچار پادىشاھىغا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت ئاپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ مەسلىھىتى بىلەن شەھەردىكى ھورۇنلار ئۈچۈن ساراي سالدۇرۇپتۇ. ساراي پۈتكەندىن كېيىن پۈتۈن پۇقراغا مۇنداق ئېلان چىقىرىپتۇ. - ھاي خالايىق! ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، شەھىرىمىزنىڭ پادىشاھى ھورۇنلار سارىيى سالغۇزدى، شەھەر خەلقى ئىچىدىكى ھەممە ھورۇنلار شۇ سارايدىكى پادىشاھلىق تاماق بىلەن بېقىلىدۇ. كىمدە - كىم ئىش قىلىماي، پادىشاھلىق تاماق بىلەن جان بېقىشنى خالىسا، ھەپتە ئىچىدە شۇ سارايغا بېرىپ ياتسۇن! شۇندىن كېيىن بارلىق ھورۇنلار توپلىشىپتۇ. ھورۇن ئەمەس كىشىلەر بۇ سارايغا كەلمەپتۇ. ساراي ئىچىدە نۇرغۇن قازانلار ھەپتىگىچە قايناپ تۇرۇپتۇ. ئوتۇنلار تاغ بولۇپ ساراي ئەتراپىغا دوۋلىنىپ تۇرۇپتۇ. ھورۇنلار ئوڭدا يېتىپ ئۇماچ ئىچىشكە باشلاپتۇ. «ھەممە ھورۇن يىغىلىپ بولدى» دەپ خەۋەر قىلغاندا، ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە پادىشاھ ساراينى كۆيدۈرۋېتىشكە بويرۇپتۇ. ئىشىك - توڭلىكلىرىنى ياپمايلا، ئوت قويۇپتۇ. ساراي بىلەن بىللە ھەممە ھورۇن كۆيۈشكە باشلاپتۇ. قاچقىنى قېچىپتۇ. قاچمىغىنى يېرىۋېرىپتۇ. شۇ چاغدا ھېلىقى ھورۇن يېنىدا ئوڭدا ياتقان ھورۇنغا: - ئاداش، ئوت ناھايىتى ئۇلۇغ كۆيۈۋاتىدۇ، قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ. يېنىدىكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتكەن ھورۇن ئىكەن. - قاچان قوپۇپ يۈرەي، مېنىڭ ئۈچۈن سەن پۈدەپ قويساڭا، - دەپ يېتىۋېرىپتۇ. - شۇنداق قىلىپ، سارايدىكى قاچمىغان ھورۇنلار كۆيۈپ كېتىپتۇ. ھازىرقى ھورۇنلار ھېلىقى قېچىپ كەلگەنلىرىدىن قالغانلىرىمىش.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ھورۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى | UyghurWiki | UyghurWiki