UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخوجا سېلىم

خوجا سېلىم

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ دۇنيالىقتا ئارزۇلۇق بىرلا قىزى بارئىكەن. شاھ قىزى ئۈچۈن كېچەيۇ كۈندۈز سەكپارە ئىكەن. بىر كۈنى قىز كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قاپتۇ. شۇ شەھەردىكى قانچە - قانچىلىغان تىۋىپلەر بۇ قىزنى داۋالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ساقايماپتۇ. شاھ ۋەزىر ۋە مۇنەججىملىرى بىلەن بۇ توغرىدا مەسلىھەتلىشىپتۇ. پادىشاھ قېشىغا يىغىلغانلاردىن: - بۇ قىزغا قىلمىغان سەۋەبلىرىمىز قالمىدى. قىزىمنىڭ كېسىلىگە شىپا بولغۇدەك يەنە قانداق مەسلىھەتىڭلار بار؟ - دەپ سوراپتۇ. ۋەزىرلەر ھېچقانداق ئامال قالمىغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە قوشنا خاندانلىقلاردىن ئۆلىمالارنى، ھۆكۈمالارنى تەكلىپ قىلىپ كۆرسىتىپ بېقىشنى مەسلىھەت بېرىپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ چەت يۇرتلاردىن ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ كەلتۈرۈپتۇ ۋە ۋەزىرلىرىگە دېگەن سۆزنى بۇ ئۆلىمالارغىمۇ بايان قىپتۇ. بىر مەھەل جىمجىتلىقتىن كېيىن سورۇن ئەھلى ئىچىدىن بىر مۇنەججىم ئوتتۇرىغا چىقىپ: - پېقىرلىرىنىڭ بىر قوشۇق قېنىدىن كەچسىلە، مەلىكىمىزنىڭ شىپا تېپىشى ھەققىدە بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى، - دەپتۇ پادىشاھ: - قىزىم ساقىيىدىغانلا بولسا قانداقلا مەسلىھەتىڭ بولسا بايان قىلىۋەر، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم، - دەپتۇ. مۇنەججىم كۆڭلىگە پۈككەن پىكرىنى بايان قىلىپ: - پادىشاھى ئالەم، جانابلىرىغا مالال كەلمىسە، بىرىنچىدىن، پۇقرالارغا رەھىم قىلىپ، كەمبەغەل يېتىم - يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىلا، ئىككىنچىدىن، زىنداندىكى گۇناھكارلارنى ئازاد قىلسىلا، مانا مۇشۇنىڭ شاپائىتىدىن ياراتقان ئىگەم مەلىكىمىزگە شىپالىق بېرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، ۋەزىرلىرىگە: - مېنىڭ قول ئاستىمدىكى پۇقرالارنىڭ ئالۋان - ياساقلىرى يەڭگىللىتىلسۇن،قېرى - چۆرى، تۇل خوتۇن، يېتىم - يېسىرلارغا خەير - ساخاۋەت قىلىنسۇن. زىنداندىكى گۇناھكارلار ئازاد قىلىنسۇن! - دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. زىنداندىكى گۇناھكارلارمۇ ئازاد قىلىنىپتۇ. گۇناھكارلار ئارىسىدا ئاپئاق ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەن، نۇرانە بىر مويسىپىت بار ئىكەن، ئۇ كىشى «پادىشاھقا ئەرزىم بار» دەپتۇ. پادىشاھ مويسىپىتنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قوبۇل قىلىپ، ئوردىغا كىرىشكە ئىجازەت بېرىپتۇ. بۇ مويسىپىت ياساۋۇللارنىڭ ھەمراھلىقىدا شاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپتۇ. پادىشاھ ئىلتىپات قىلىپ، مۇناسىپ ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. مويسىپىت كىشىنىڭ دۇئا - تەگبىرىدىن كېيىن شاھ تائام كەلتۈرۈشنى ئەمىر قىلىپتۇ. تائامدىن كېيىن پادىشاھ مويسىپىتتىن سوراپتۇ . - سىز كىم بولىسىز؟ يۇرتتىڭىز قەيەر؟ زىندانغا قانداق كىرىپ قالدىڭىز؟ نېمە ئەرزىڭىز بار؟ بۇ كىشى بىر ئاھ ئۇرۇپ، بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىسىنى مۇنداق باشلاپتۇ: - ھەي! پادىشاھى ئالەم، مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئىسمىم خوجا سېلىم، ئاتاممۇ داڭلىق باي ئىدى. ئاتام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مىراس قالغان ماللىرىم بىلەن ئىش - ئوقىتىم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، تۇرمۇشۇم پاراۋان ئۆتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە چاھارباغقا ساياھەتكە كىردىم. گۈزەل باغدا تەنھا ساياھەت قىلىپ ئايلىنىپ، كۆلنىڭ بويىغا كەلدىم. شۇ ھامان سۇدىن چىقتىمۇ ياكى ئاسماندىن چۈشتىمۇ، بىلمەيمەن، بەدھەيۋەت - يۈزلىرى قاپقارا، چىشلىرى ئۇزۇن، ۋەھىمىلىك بىر مەخلۇق ئۆزىنى ماڭا ئۇردى. شۇنىلا بىلىپ قالدىم. قالغىنىنى بىلمەيمەن. مەن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ئېسىمگە كەلگەندە كونا بىر ئۆيدە ياتىمەن، بۇ ئۆيدە ئەسكى كىگىز، سامان تەكىيدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئايالىم بېشىمدا سەكپارە بولۇپ، ئايلىنىپ يۈرەتتى. ھوشۇمغا كەلگەنلىكىمنى كۆرگەن ئايالىم ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. مەن شۇ ھالەتتە يەتتە يىل يېتىپتىمەن. بارلىق مال - مۈلكۈم مېنى داۋالىتىش بىلەن تۈگەپتۇ. ئەجىلىم پۈتمىگەنىكەن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تالا - تۈزگە چىقالمىغۇدەك بولۇپ قالدىم. يۇيۇنۇپ - تارىنىپ ئاللاغا ئىبادەت قىلدىم. كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى. ئاسمانى - ئالەمدىن سەپ - سەپ بولۇپ مالائىكىلەر چۈشتى. بىر كۇرسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيدا بولدى. مەن ئالدىغا بېرىپ سالام بەردىم. مەندىن ھال - ئەھۋال سورىدى. مەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن: - خوجا سېلىم، سەن ئەمدى شىپا تاپىسەن. بەقۇۋۋەت پالۋان بولىسەن، سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، تەرتۇس دېگەن شەھەرگە بېرىپ، شۇ يەرنىڭ پادىشاھىغا ياردەملىشىپ، رۇملۇقلار بىلەن غازات قىلغىن، - دېدى. - خوپ ياخشى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردىم. ئويغانسام چۈشۈم ئىكەن. ئىپار - زەپەرنىڭ ئىللىق پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. ئۆزۈم بۇرۇنقىدىنمۇ بەقۇۋۋەت بولۇپ قاپتىمەن. كۆرگەن چۈشۈمنى ئايالىمغا ئېيتىپ، ئايالىم بىلەن خەيرلىشىپ سەپەرگە چىقىپ كەتتىم. نەچچە كۈنلەپ مېڭىپ، نەچچە - نەچچە مەنزىللەرنى بېسىپ، ئادەمزات بار ماكاننى ئىزدەپ، نەچچە كۈنلەپ يۈرۈپ كەتتىم. مېنىڭ يۇرتۇم نەدە، قاياققا ماڭىمەن، ئېنىق بىلمەيتتىم. بىر كۈنى بىر ئورمانلىققا بېرىپ قالدىم. بۇ ئورمان مايمۇنلار ماكانى بولۇپ، نۇرغۇن مايمۇنلار مېنى تۇتۇۋېلىپ، يالاپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. مايمۇن پادىشاھى ئادەم ئىكەن، ئۇ مېنى ئەڭ يۇقىرىدا ئولتۇرغۇزدى. - كېلىڭ مېھمان، - دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئورۇن كۆرسىتىپ. - سىز بىزنىڭ يۇرتىمىزغا قانداق بولۇپ كېلىپ قالدىڭىز؟ - مەن يۇرتۇمدىن سەپەرگە چىقىپ، يول ئادىشىپ كېلىپ قالدىم. - سىزنىڭ بىز تەرەپلەرگە كېلىشىڭىزنى تەقدىر نېسىپ قىپتۇ. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ يۇرتىمىزدا قىرىق مىڭ مايمۇن بار. بۇنداق بىر قانچە يۇرتلىرىمىز بولۇپ، ھەر قايسىسىدا قىرىق مىڭدىن مايمۇن بار. مېنىڭ ئېرىم ھەممىسىنىڭ پادىشاھى ئىدى. ئۇ ئۆلدى، ھازىر ئۆزۈم پادىشاھلىق قىلىۋاتىمەن. سىز مېنى ئۆز ئەمرىڭىزگە قوبۇل قىلىپ ئېلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، بەرىبىر سىز كېتەلمەيسىز. مەن ھازىر بۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئىلاجسىز ماقۇل بولدۇم. مايمۇنلار شاھى توي ھەققىدە ئەمىر قىلغانىدى، مايمۇنلار جاڭگال يەل -يېمىشلىرىنى يىغىپ توي ھازىرلىقىنى پۈتتۈردى. مايمۇنلارغا ئۆز ئادىتى بويىچە توي قىلىپ بەردى. بىر يىلدىن كېيىن مايمۇن ئايالىمغا ماڭا رەھمەت قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويۇشنى، بالا - چاقىلىرىم بار ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا: - بوپتۇ بۇ يەردە ئۆمۈرلۈك تۇرمىسىڭىز مەيلى. بىراق ھازىر مەن ھامىلىدار، بالا تۇغۇلغاندا، ئوغۇلمۇ، قىزمۇ كۆرۈپ كېتىڭ، - دېدى. مەنمۇ ماقۇل بولدۇم. ئاي، كۈن توشۇپ، يەڭگىدى. ئايالىم قىز تۇغقانىدى. - قىزىمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن، ئەمدى مەن كېتەي، - دېدىم. - دېگىنىڭىز بولسۇن، لېكىن بۇ قىزىڭىز «ئاپا، دادا» دېگۈدەك بولغاندا كېتىڭ، - دېدى. بۇنىڭغا قانچە نارازى بولغان بولساممۇ ئۇنىمىدى. ئۇ ۋاقىتنى ئۇزارتىشنىڭ ئامالىنى قىلاتتى. مەن قېچىش پەيتىنى تاپالمايتتىم. قىزىمىز ئاخىرى «ئاپا، دادا» دېگۈدەك بولدى. يەنە كېتىشكە رۇخسەت سورىدىم. ئۇ: - بۇنى ياتلىق قىلغۇچە تۇرۇڭ، - دېدى. ئۇنىڭ مېنى ئىختىيارى بىلەن يولغا سالمايدىغانلىقىنى بىلدىم. قېچىش قارارىغا كەلدىم، يۇرتتىكى مايمۇنلارنىڭ جاڭگالغا يەل - يېمىش يىغىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ، بۇ ماكاندىن يىراقلىشىپ، تەۋەككۈل دەپ يولغا ئاتلىنىپ قاچتىم، ئالدى - كەينىمگە قارىماي بار كۈچۈم بىلەن يوشۇرۇنۇپ قاچتىم. بىر قانچە چاقىرىم يول يۈرگەندىن كېيىن، كەينىمدىن ۋارقىرىغان ئاۋاز كەلدى، مەن تېخىمۇ تېزرەك قاچتىم. ئۇ: - توختا! بۇ بالا سېنىڭ بولامدۇ ياكى مېنىڭ بولامدۇ؟ - دېدى. - مەن «سېنىڭ بولسۇن، سېنىڭ بولسۇن» دەپ قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ كېتىۋەردىم، قۇتۇلغانلىقىمغا خۇشال ئىدىم. بىر نەچچە كۈن ماڭغاندىن كېيىن، بىر قوي پادىسىغا يولۇقتۇم، بىراق قوي بېقىۋاتقان چوپان دىۋە ئىدى. ئۇ، مېنى كۆرۈپ: - ھە! غوجا سېلىم كەلدىڭمۇ؟ - دېدى. قويلىرىنى ھەيدەپ مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭدى، قويلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ بىر غارغا قامىدى. غار ئاغزىنى يوغان تاش بىلەن ئېتىپ قويدى. مېنى كىچىك بىر غار ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئادەملەر قاتارىغا قوشۇپ قويدى. غاردىكى كىشىلەر قىرىق - ئەللىكچە بولۇپ، ئۇلار: «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز» دەپ چۇرقىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ قولى مەھكەم باغلاقلىق ئىدى. مېنىڭمۇ قولۇمنى باغلاپ قويدى. - سەن ھازىرغىچە بىر نەچچە كۈن مېھمان، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن دېۋە غارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ ئىككى ئاچىماق زىقنى ئوتقا تاشلىدى. زىق قىزىغاندىن كېيىن قوتاندىكى بىر قوينى ئېلىپ كىردى. زىقنىڭ بىر تەرىپىگە بىر ئادەمنى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئادەم خىقىراپ - چىقىراپ، ئوت ئۈستىدە جان بەردى، بۇلارنى ياخشى كاۋاپ قىلىپ قوي گۆشى بىلەن ئادەم گۆشىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېدى. بىزنىڭ ئۆلمەسلىكىمىز ئۈچۈن قوي گۆشىدىن ئاغزىمىزغا ئاز - ئازدىن چىشلىتىپ قويدى. دىۋىنىڭ قارنى تويغاندىن كېيىن زىقنى ئوتقا تاشلاپ، ئۇيقۇغا كەتتى. مەن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قولۇمنى يەشتىم، زىقمۇ ئوتتا قىزىپ، چوغدەك تەييار بولغانىدى، مەن زىقنى دىۋىنىڭ كۆزىگە چەنلەپ تۇرۇپ بار كۈچۈم بىلەن تىقتىم، دىۋە ئورنىدىن چاچراپ تۇرغانچە: - غوجام سېلىم، بۇ سېنىڭ قىلغان ئىشىڭ! - دەپ مېنى قوغلاشقا باشلىدى، غارنىڭ ئىشىكى تاش بىلەن توراق بولغانلىقى ئۈچۈن قوي قورۇسىغا چىقىۋالدىم، ئۇمۇ قوي قورۇسىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇۋېلىپ، قويلارنى بىر - بىرلەپ چىقىرىشقا باشلىدى. قويلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ بىردىن ئىسمى بار ئىدى، قويلارنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىردىن سىيلاپ چىقىراتتى، مەن يوغان بىر قوينىڭ تېرىسىنى ئۆزۈمگە يۆگەپ ئالدىم. بەختىمگە يارىشا، مەندىن باشقا قوي قالماپتىكەن. يەنە چاقىرغانىدى، مەن باردىم، دۈمبەمنى سىيلاپ پەرق ئېتەلمەي مېنىمۇ چىقىرىۋەتتى. قويلارنى چىقىرىمەن دەپ غارنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋەتكەندە، قويلارمۇ، ئادەملەرمۇ چىقىپ كەتكەنىدى. مەنمۇ چىقىۋالدىم، دىۋە ئەمدى بىزنى تاپالمايتتى. غاردىن ئامان - ئېسەن چىقىۋالغان ئادەملەر مەندىن رازى بولۇشۇپ، مەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇشتى. يول يۈرۈپ، يول يۈرسەكمۇ مول يۈرگەندىن كېيىن ھەرقايسىسى ئۆز ماكانلىرىغا راۋان بولدى. مەنمۇ ئۆز ماكانىمغا كېلىپ ئىشىكنى قاقتىم. ئايالىم ئۆيدىن: - كىم؟ - دەپ ۋارقىراپ چىقتى. تۈن قاراڭغۇ ئىدى. ئۈنۈمدىن تونۇپ، ئىشىكنى ئاچتى. بىز كۆرۈشتۇق. ئۆيگە كىرسەم تېخىمۇ قاراڭغۇ بولۇپ، ھېچكىمنى كۆرگىلى بولمايتتى. چىراغنى ياندۇرغۇدەك نەرسە يوق ئىدى. ئۆيىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى قوشنىمىز باققال بولۇپ، دۇكىنىدا چىراغ يېنىپ تۇراتتى. مەن چىراغنى كۆتۈرۈپ ياندۇرۇش ئۈچۈن دۇكانغا كىرگىنىمدە باققال: - ۋاي ئوغرى! - دەپ چۇقان كۆتۈردى. بازار ياساۋۇللىرى مېنى تۇتۇپ ئوردىغا ئېلىپ كەلدى. مېنىڭ نالە - زارىمنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى. شۇندىن بېرى 27 يىل ئۆتتى. مەن زىنداندا ياتتىم. مېنىڭ ئېتىمنى سۈرۈشتۈرگەن كىشى بولمىدى. بۈگۈن جانابىي ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن زىنداندىن خالاس بولدۇم، - دەپ خوجا سېلىم سەرگۈزەشتىسىنى تۈگەتتى. پادىشاھ خوجا سېلىمنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسىگە ھەيران بولۇپ: - نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپسىز، زىنداندا بىگۇناھ ئۇزۇن مۇددەت يېتىپسىز، بۇندىن كېيىن بىزنىڭ ھىمايىمىزدە دەم ئېلىپ ياتقايسىز، - دەپتۇ. خوجا سېلىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئارامخۇدا ياشاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق