>بۇقا موزايلاپتۇ ...<
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئاق كۆڭۈل كەمبەغەل ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ موزايلىق بىر ئىنىكى بار ئىكەن. بىر كۈنى دىخان ئىنەكنى سۇغارغىلى ئېلىپ چىقىپتۇ. موزاي ئىنەكنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپتۇ. دەل شۇ چاغدا يەنە بىر كىشىمۇ بۇقىسىنى سۇغارغىلى ئېلىپ چىققان ئىكەن. قايتار چېغىدا موزاي بۇقىغا ئەگىشىپ كېتىپ قاپتۇ. موزاينىڭ ئىگىسى ئىنىكىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ باغلاپ قويۇپ بۇقىلىق ئادەمنىڭكىگە موزاينى ئەكەلگىلى بېرىپتۇ. بىراق بۇقىنىڭ ئىگىسى:
- بۇ موزاي مېنىڭكى. مېنىڭ بۇقام موزايلايدىغان خاسىيەتلىك بۇقا. بۇ موزايغا ھەر قانداق كىشىنىڭ چىشى پاتمايدۇ، - دەپ، مۇتىھەملىك قىلىپ موزاينى بەرمەپتۇ. ئىككىيلەن تالىشىپتۇ. ئاخىرى سوقۇشۇپتۇ ۋە قازىغا بارماقچى بولۇشۇپتۇ. بۇقىنىڭ ئىگىسى ھېلىقى موزاينىڭ تىزگىنىدىن بىر ياغلىق ئېلىپ قوينىغا سېلىۋاپتۇ. موزاي ئىگىسى بولسا ھىچنەرسە ئالماپتۇ. قازى ئالدىغا كىرىپ ئېگىلىپ تازىم قىلىشىپتۇ.
- ھە نىمە گەپ؟ - دەپتۇ قازى خوش ياقا - ياقماس قىياپەتتە. موزاينىڭ ئىگىسى ئېگىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئەرزىنى بايان قىلىپتۇ:
- ھۆرمەتلىك قازىم، مېنىڭ بىر موزايلىق ئىنىكىم بولۇپ، ئۇنى تۈنۈگۈن كۆلگە سۇغارغىلى ئېلىپ چىققان ئىدىم. قايتار چاغدا موزىيىم بۇ كىشىنڭ بۇقىسىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭكىگە كىرىپ كەتتى. موزاينى ئەكەتكىلى بارسام بۇ كىشى >بۇ مېنىڭ موزىيىم، بۇ موزاينى مېنىڭ بۇقام تۇققان< دەپ بەرمەيۋاتىدۇ. جاھاندا مۇشۇنداقمۇ مۇتىھەملىك بولامدۇ قازىم؟ بۇقىمۇ تۇغامدۇ، قازىم؟ بۇ دەۋانى ھەق سوراپ قويامدىكىن دىگەن ئۈمىدتە ئۆزلىرىنڭ ئالدىغا كەلدۇق، - دەپتۇ.
موزاينىڭ ئىگىسى ئەرزنى تۈگىتىشىگە، بۇقىنىڭ ئىگىسى سۆزىنى باشلاپتۇ:
- قارىمامدىلا قازىم، بۇ ئىپلاسلىقنى، ماۋۇ قارا يۈز بەندە ئېغىلىمدىكى موزاينى >مېنىڭ< دەپ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى قاراپ تۇرۇپ بوزەك قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ سىلىمۇ ناھايىتى ئوبدان بىلىلا، بۇقا دىگەنمۇ بەزىدە موزايلايدۇ ئەمەسمۇ؟ موزاي مېنىڭ. بۇنىڭدا شەك يوق. بۇ دەۋانى ئوبدانراق سوراپ قويسىلا قازىم، - دەپتۇ. بۇقا ئىگىسى سۆزلەۋېتىپ تىزەك چىگىلگەن ئاق ياغلىقنى ئۈچ - تۆت قېتىم مۇشتلاپ قۇيۇپتۇ. قازى نىمە دىيىشنى بىلەلمەي، بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
- مەن ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كىتابقا قاراپ باقاي. كىتابتا نىمە يېزىلغان بولسا شۇ بويىچە سورايمەن، - دەپ ئىگىسى مۇشتلاپ قويغان ئاق ياغلىققا چۈشكەن ئىكەن. ئۇ ياغلىقتىكىنى تىللا دەپ ئويلاپ، بۇقا ئىگىسىگە پايدىلىق سۆز قىلىپ، تىللانى قولغا چۈشۈرۈش كويىغا چۈشۈپتۇ. بىردەمدىن كېيىن قورسىقىغا بىر ھىيلىنى پۈكۈپ ئۆيدىن چىقىپتۇ - دە گېلىنى قىرپ تۇرۇپ موزاينىڭ ئىگىسىگە:
- مەن بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن. كىتاپتا يېزىلىپتۇ. بۇقىمۇ بەزىدە موزايلايدىكەن. بۇ كىشىنىڭ بۇقىسىنىڭ موزايلىغىنى راست. موزايدا سېنىڭ ھەققىڭ يوق، ماڭ بېرىپ ئىشىڭنى قىل، بۇندىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق مۇتىەملىك قىلىساڭ كۆرگۈلۈڭىڭنى كۆرىسەن، - دەپتۇ. موزاينىڭ ئىگىسى سۆز ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي گەدىنىنى قاشلاپ، ئىككى كۆزىنى ياشلاپ، ھەسرەتلىك تىنىپ ئاستا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇقا ئىگىسىمۇ خوشال بولۇپتۇ. چوڭ قەدەملەر بىلەن تالاغا كېتىپتۇ. بۇقا ئىگىسىمۇ خوشال بولۇپتۇ. چوڭ قەدەملەر بىلەن تالاغا مېڭىپتۇ - يۇ. قازىغا قوينىدىكى ياغلىقنى بەرمەپتۇ. قازى ھاپىلا - شاپىلا كىچىك ئوغلىنى:
- ئاۋۇ ئىگىز كىشىدە بىر ئاق ياغلىق بار. >دادام بەرسۇن دىدى< دەپ ئېلىپ كەلگىن، - دەپ ئەۋەتىپتۇ.
ئوغۇل بېرىپ ھېلىقى ئىگىز ئادەمنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىپ، >ياغلىقنى بېرىڭ< دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. بۇقىنىڭ ئىگىسى ياغلىقنى بېرىپ كەينىگە قارىماي كېتىپ قاپتۇ. بالا ياغلىقنى دادىسىغا ئەكىلىپ بېرىپتۇ. قازى >بىر ياغلىق تىللاغا ئىگە بولدۇم< دەپ شاتلىنىپ قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ. ياغلىقنى باغرىغا بىر نەچچە قېتىم بېسىپتۇ. ئاندىن ئېچىپ قارىغان ئىكەن. ياغلىقتىكى قېتىپ كەتكەن موزاي تىزەكلىرى چېچىلىپ كېتىپتۇ. قازى يىلان چېقىۋالغاندەك تولغىنىپ، تاتىرىپ كېتىپتۇ. نىمە قىلىشنى بىلمەي بۇتتەكلا تۇرۇپ قاپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ قىزىقارلىق ۋەقە ئەلگە ئاڭلىنىپ، سۆز - چۆچەك بولۇشقا باشلاپتۇ. بۇقىنىڭ ئىگىسى ئەسلىدە ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق ئادەم ئىكەن. ئۇ قازىنىڭ پارىخورلۇقىغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي قازىنى مات قىلىش ئۈچۈن موزاينى >مېنىڭ< دەپ قازىنىڭ ئالدىغا دەۋاغا بارغان ئىكەن، ئۇ قايتقاندىن كېيىن موزاينى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئەل - جامائەت ئارىسىدا قازىنى راسا پاش قىلىپتۇ. قازى شۇ قېتىملىق سوراقتىن كېيىن جامائەت ئارىسىدا باش كۆتىرەلمەس بولۇپ كېتىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا كۆكچى مەلىسىدكى: سوپاخۇن