UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپادىشاھ بىلەن باغۋەن

پادىشاھ بىلەن باغۋەن

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر باغۋەن بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بىر تاغ ئارىسىدا ياشايدىكەن. ئۇنىڭ چوڭ بىر بېغى بولۇپ، ئون سەككىز مىڭ ئالەمدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بار ئىكەن، بۇ باغنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم جەننەتنى كۆرگەندەك بولىدىكەن. شۇ زامانلاردا بىر پادىشاھ بولۇپ، ئۆز مەملىكىتىنىڭ چېگرىسىنى تازا ئېنىق بىلمەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ۋەزىر ۋە ياساۋۇللىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىپتۇ. بىر تاغ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنى ناھايىتى قاتتىق ئۇسسىزلىق بېسىپتۇ. ۋەزىر تاققا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، يىراقتا بىر يېشىللىق كۆرۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ يېشىل كۆرۈنگەن تەرەپكە ئات سېلىپتۇ. بۇ يېشىللىق ھېلىقى باغۋەن بوۋاينىڭ بېغى ئىكەن. ئۇلار باغنىڭ ئالدىغا كەلگەن ھامان باغۋەن بوۋاي ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. بوۋاي بىر ئانارنى سىققان ئىكەن، سۈيىگە بىر چىنە تولۇپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ھوزۇرلىنىپ ئىچىپتۇ. بوۋاي ئۇلارنى باغقا باشلاپ كىرىپ سەيلە قىلدۇرۇپتۇ. پادىشاھ باغ سەيلىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە شىكارغا راۋان بوپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ: - بۇ باغ ئەجەپ گۈزەل ئىكەن. بۇ بوۋاي قايسى پادىشاھقا قاراشلىقتۇ؟ بىز مۇشۇ باغنى ئەپلەپ - سەپلەپ قولغا چۈشۈرسەك، - دەپتۇ ۋەزىرلىرىگە. كۈن چۈش بولاي دىگەندە ئۇلار يەنە بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. بۇ قېتىم ئۈچ دانە يوغان ئاناردىن ئارانلا بىر چىنە سۈيى چىقىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ: - ئەي بوۋاي، بۇ قانداق گەپ؟ ئەتىگەن بىر كىچىك ئاناردىن بىر چىنە ئانار سۈيى چىققان ئىدى، ھازىر ئۈچ چوڭ ئاناردىن ئاران بىر چىنە ئانار سۈيى چىقتى، - دەپتۇ. بوۋاي: - بۇ پادىشاھنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ غىڭ - پىڭ قىلالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى پادىشاھ باغۋەن بوۋاينى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق ئادەملەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە باغۋەن بوۋاينى داقا - دۇمباقلار چېلىپ قارشى ئاپتۇ. بوۋاي بۇ يەردە ئوبدان مېھمان بولۇپتۇ. پادىشاھ >ئەمدى مەن بوۋاينى چارىباققا ئېلىپ باراي، ئۇنى مۇشۇ باغنى باشقۇرىدىغادن ئادەم قىلىپ قويۇپ، تاغدىكى بېغىنى قولغا چۈشۈرەي< دەپ ئويلاپتۇ. بىر كۈنى باغۋەن بوۋاي: - مەن كەلگىلىمۇ ئۈچ - تۆت كۈن بولۇپ قالدى. ئۆي يالغۇز، مەن كېتەي، - دەپتۇ. پادىشاھ: - بىزنىڭ چارىباغنى بىر كۆرۈپ كېتىڭ، - دەپتۇ. بوۋاي ماقۇل بولۇپ چارىباغدا سەيلە قىلىپ بولۇپ >ئەمدى، مەن كىتەي< دەپتىكەن، پادىشاھ كۆڭلىدىكى ئويلىغانلىرىنى بوۋايغا ئېيتىپتۇ. بوۋاي: - بۇ پىلانلىرى ناھايىتى توغرا، لېكىن >ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت - قۇلۇمنىڭ خوشلۇقى<، >ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم خوپ، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم خوپ< دىگەندەك، ئادم يوق تاغدىكى بولسىمۇ ئۆز بېغىم خوپ، ھۆرمەتلىك پادىشاھى ئالەم شەپقەتلىرىگە رەھمەت، شۇ خالىي بېغىمغا كېتىۋالاي، ئۆزلىرى قاچاندا بارسىلا مەن تەييار. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل، مولچىلىق قىلىۋېتەي، بولسا كۈندە بېرىپ بىمالال ھوزۇرلانغايلا، - دەپتۇ. پادىشاھ بوۋايغا قايىل بولۇپتۇ ۋە ئۈچ - تۆت ئادەمنى ھەمرا قىلىپ نۇرغۇن سوغا - سالام بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ياقا گۇڭشېدىن: جامال شىرىپ
← بارلىق تېمىلار چوچاق