UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقجاھاننى بەختلىك كەزگەنلەر

جاھاننى بەختلىك كەزگەنلەر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن ھاشىم دىگەن بىر ئادەم ئەسكەر بولۇپتۇ. ئۇ ئۇرۇشتىن قايتقاندا ئاران بەش تىيىن بىلەن يولغا چىقىپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ بىر تۈگمەننىڭ سۇسىز چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، >بۇ نىمە كارامەتتۇر< دەپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئەتراپقا قاراپ بىر ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ بىر تۆشۈگىنى ئېتىۋېلىپ بىر تۆشۈگىدە شامال چىقىرىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. تۈگمەن شۇ شامالنىڭ كۈچىدە چۆرگىلىگەن ئىكەن. ئۇ بۇ بۇرنىدىن شامال چىقىرارنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋاپتۇ. يەنە كېتىۋېتىپ بىر ئادەمنىڭ بىر پۇتىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپتۇ. ئۇلار: - بۇ نىمە ئىش؟ - دەپ سورىغا ئىكەن، ھېلىقى ئادەم: - مەن يەلتاپان باتۇر بولىمەن. بىر پۇتۇمنى قولتۇقۇمغا قىسىۋالمىسام، بەك يۈگۈرۈپ كېتىپ چاتاق چىقىدۇ، - دەپتۇ. - ئۇنداقتا، سەن بىز بىلەن ماڭ، بىرگە جاھان كېزەيلى، - دەپتۇ ھاشىم. يەل تاپان باتۇر ماقۇل بولۇپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپتۇ. يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى بىر شەھەرگە كەپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن، ئۇ يۈگۈرۈشكە ماھىر ئىكەن. بۇ شەھەر ئۇنىڭدەك يۈگۈرۈك يوق ئىكەن. ئۇ قىز >كىم يۈگۈرۈپ ماڭا يېتىشەلىسە شۇ كىشىگە ئۆزۈمنى ئاتايمەن< دىگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھاشىم يەل تاپان باتۇرنى قىز بىلەن يۈگۈرۈشكە چۈشۈشكە ئۈندەپتۇ. يەل تاپان باتۇر ماقۇل بولۇپ قىزبىلەن يۈگۈرۈشۈپتۇ. قىز ئارقىدا قاپتۇ. پادىشاھ ئۆز قىزىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ: - سىلەرگە بىر تاغار ئالتۇن بېرەي، تاغار ئېلىپ كېلىڭلار، - دەپتۇ. ھاشىملار ئون كېچە - كۈندۈز ئىشلەپ كارامەت يوغان بىر تاغار توقۇپ چىقىپتۇ. پادىشاھ ھارۋا - ھارۋىدا ئالتۇن ئېلىپ كەپتۇ. ھاشىملار تاغارغا ئالتۇننىمۇ، ھارۋىلارنىمۇ، ئاتلارنىمۇ قاچىلاپتۇ. تاغار يەنىلا توشماپتۇ. ئوردىدا قالغان ئالتۇن كۈمۈشلەرنى ئەكەپتۇ. تاغار يەنە توشماپتۇ. پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، نىيىتىنى بۇزۇپ، ھاشىملاردىن مال - مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، بۇرنىدىن شامال چىقىرار يىگىت بىر بۇرنىنى ئېتىپ تۇرۇپ، بىر بۇرنىدىن شامالچىقارغان ئىكەن، پادىشاھنىڭ ئادەملىرى غازاڭدەك پىلدىرلاپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ھاشىملار بالا - قازادىن قۇتۇلۇپ ئالتۇنلارنى تەڭ بۆلۈشۈپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ھايات كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ئۈچ ئۆستەڭ ئارا مەھەللىدىن: قاسىم ئابلا
← بارلىق تېمىلار چوچاق
جاھاننى بەختلىك كەزگەنلەر | UyghurWiki | UyghurWiki