جۇدالىق ۋە خوشاللىق
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن مەلۇم بىر شەھەردە ناھايىتى پۇلپەرەس، بېخىل بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. پادىشاھنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، يىگىرمە بەش ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئەرگە بەرمەپتۇ. چۈنكى پادىشاھنىڭ كىمەركى ھەر بىرى يەتتە ئىقلىمنىڭ باھاسىغا تەڭ تۇرغىدەك، داغسىز، كېچىنى كۈندۈزدەك يورۇتالايدىغان بەش دانە گۆھەر بەرسە قىزىمنى شۇ كىشىگە بېرىمەن، دىگەن شەرتى بار ئىكەن. بۇ شەرتنى ئورۇنلايدىغان ھىچكىم چىقماپتۇ. قىزنىڭ ئۆمرى بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ياشلىق باھارىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىپ بارغىنىغا ئىچى پۇشقان قىز بىر كۈنى، چاھار باققا چىقىپ، قىزلارنىڭ بېشى مەنئى قىلىنغان، كوچا تەرەپكە يېقىن بىر راۋاققا چىقىپ، ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى كۈزىتىپتۇ.
شۇ ئارىدا سودىگەرچە كىيىنگەن بىر ياش يىگىت قارا ئارغىماققا مىنىپ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ راۋاققا قاراپ قىزغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ تازا ۋە تولغان گۈزەل ھۆسنىگە مەھلىيا بولۇپتۇ - دە قىزغا سالام بېرىپ تۇرۇپ:
- ئى گۈزەللىك گۈلشىنىنىڭ لالىسى، دۇرلارنىڭ دۇردانىسى، قايسى گۈلشەننىڭ گۈلى، قايسى چىمەننىڭ بۇلبۇلىسىز؟ نەسىۋىڭىز كىم؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن، - دەپتۇ قىز يىگىتنىڭ كېلىشكەن قەددى - قامىتى ۋە خۇش پېئىل ئەخلاقىغا زوقلىنىپ، - مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاسىنىڭ يىگانە، بەخىتسىز قىزى بولىمەن . ئۆزىڭىزدىن ئەھۋال ئۇقساق؟
يىگىت، ئۆزىنىڭ سودىگەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئىككىيلەن ئۇزاق پاراڭلىشىپتۇ. بىر - بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپتۇ. ئاخىرىدا ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا ۋەدە قىلىشىپتۇ. يىگىت شاھنىڭ شەرتىگە كۆنۈپتۇ ۋە پۈتۈن بىساتىدىكى پۇل، ماللىرىنى خەجلەپ، شەرتكە توغرا كېلىدىغان گۆھەردىن بەشنى تېپىپ شاھنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. شاھ ۋەدە بويىچە توي قىلىپ، قىزنى سودىگەر يىگىتكە بىكالاپ بېرىپتۇ. سودىگەر مەلىكە بىلەن بىر يىل بىللە تۇرغاندىن كېيىن يەنە سودىگەرلىك ئىشى بىلەن ئۆزىگە ئەللەرگە ئۇزاق سەپەرگە يۈرۈپ كېتىپتۇ.
مەلىكىنىڭ بويىدا قالغان ئىكەن. ۋاقتى - سائىتى كەلگەندە كۆزى يورۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇكى، ئاي دىسە ئاغزى بار، كۈن دىسە كۆزى بار ئىكەن. مەلىكە بالىنى ناھايىتىمۇ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىپتۇ. ئوغۇل ئون ئىككى ياشقا كىرىپتۇ. ناھايىتىمۇ ئەقىللىق ۋە باتۇر بولۇپ ئۆسۈپتۇ. ئىلىم - ھىكىمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپتۇ. ئانغىچە مەلىكىنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. شەھەرگە يېڭىدىن بىرى شاھ بولۇپتۇ. بۇ شاھ شەھۋەتپەرەس ئىكەن. كىمنىڭ چىرايلىق خوتۇن، قىزلىرى بولسا شۇنىڭغا كۆز سالىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھ ساراي بېغىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى مەلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە «ئاھ» دەپ ھوشىدىن كېتىپ، يىقىلىپ قاپتۇ. ھوشىغا كېلىپ ئوردىغا قايىتقاندىن كېيىن ياساۋۇللاردىن سوراشتۇرۇپ، مەلىكىنىڭ كىملىكىنى بىلىپتۇ ۋە ئەتىسىگىلا ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ نىكاھلىنىش تەلىۋىنى قويۇپتۇ.
مەلىكە سەپەرگە چىقىپ كەتكەن سودىگەر ئېرىگە تولىمۇ ئامراق ۋە سادىق ئىكەن. ئۇنى كېچە - كۈندۈز ياد ئېتىپ كېلىشنى كۈتىدىكەن. مەلىكە شاھنىڭ تەلىۋىنى ئاڭلاپ تولىمۇ بىئارام بولغان ھالدا يىغلاپتۇ. ئىلاج قانچە؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىغىنى، شاھىنىڭ دىگىنىنى قىلىدىغان تەلۋە ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپتۇ. ئاخىرى قىرىق كۈنلۈك مۆھلەت سوراپتۇ. «قىرىق كۈنگىچە ئېرىم كېلىپ قالار» دەپ ئويلاپتۇ مەلىكە ئۈمىد بىلەن. شاھ رازى بوپتۇ. قىرىق كۈن تولغاندا شاھ يەنە ئادەملىرىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن مەلىكىنىڭ ئېرىگە بولغان مېھرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىكەن: «سەندەك شەھۋانە، نۇمۇسىز شاھقا خوتۇن بولغىچە، سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكىنىم ياخشى» دەپ ئويلاپتۇ - دە، تام - تورۇس، پۇل - ماللىرىنى تاشلاپ، بالىسىنى ئېلىپ بىر كېچىدىلا سەرگەردان بولۇپ قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئەتىسى ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئىزلىتىپ باققان بولىسىمۇ تاپالمايتۇ.
مەلىكە ئوغلىنى ئېلىپ چۆل - جەزىرىلەرنى كېزىپ، قوساق ئاچسا گىيانىڭ يىلتىزىنى يەپ، ئۇسساپ كەتسە يامغۇر سۇلىرىنى ئىچىپ سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. بىر كۈنى بىر جەزىرە - قۇملۇققا دۇچ كەپتۇ. قارىسا قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر خۇش ھاۋالىق چىمەنزار نەمايەن بوپتۇ. يېقىن بېرىپ قارىسا ئالتۇندىن سېپىلى بار شەھەر ئايلىنىپ تۇرغىدەك. مەلىكە ۋە ئوغلى شەھەر ئىچىگە كىرىشنىڭ ھىچ ئېپىنى تاپالماپتۇ. ھېرىپ، سېپىل تۈۋىدىن ئاقىدىغان ئېرىقنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئاپتۇ. بۇ سۇ سېپىلىنىڭ ئىچىدىن چىقىدىكەن. ئوغۇل سۇ ئىچەي دەپ قول تىقىشىغا. تۇخۇم چوڭلىقىدا بىر تاش قولىغا چىقىپتۇ. تاش تولىمۇ چىرايلىق. داغسىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىكەن. لېكىن تاشنىڭ ۋەقەسىنى ئېيتماپتۇ. بۇلار يەنە سەپىرىنى داۋام قىلىپ باشقا بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. بالا ئانىسىنى شەھەر چېتىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى شەھەر ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاج. ئانىسىغا يېمەكلىك ئالغىلى شەھەرگە كىرىپتۇ. بۇ شەھەر يىگىت تۇغۇلغان شەھەردىنمۇ چوڭ ۋە بەك كاتتا ئىكەن. يىگىت رەستىلەرنى ئارىلاپ بىر سودىگەرنىڭ دۇكىنى ئالدىغا چىقىپ قاپتۇ. قارىسا ئادەملەر دۇكان ئالدىغا ئولاشقان ۋە بىر ئالتۇن قەپەز ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇددى ئۆزى سۇدىن سۈزۈۋالغان تاشقا ئوخشايدىغان، لېكىن خىرە ھەم كىچىك، بىر يېقىغا دەز كەتكەنلىكتىن ئالتۇن بىلەن چەمبەرلەنگەن بىر تاش تۇرغىدەك. كىشىلەر ئەنە شۇ تاشنى تاماشا قىلىشىپ تۇرغان ئىكەن. يىگىت «قەپەزدىكى تاش مېنىڭ تېشىمغا ئوخشامدۇ - ئوخشىمامدۇ؟» دەپ بىر قەپەزگە، بىر قوينىغا قاراپتۇ.
خېرىدارلارنى كۈزىتىپ ئولتۇرغان سودىگەر بۇ يوچۇن ياش بالىنىڭ بىر قەپەزگە، بىر قوينىغا قاراپ بىر نىمىلەر دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە:
- ھەي بالا! سەن نىمە قىلىۋاتىسەن؟ مېنىڭ گۆھىرىمنى سېھىرىگەرلىك بىلەن ئۆزەڭگە چاقىرىۋاتامسەن؟ ئەگەر شۇ نىيەتتە بولساڭ جازايىڭنى تارتىسەن! - دەپ ۋارقىراپتۇ.
- نېمە؟ - دەپتۇ بالىمۇ قىلچە ئەيمەنمەي، - سىلىدە بار تاش، مەندە يوقمىكەن؟ مانا! - دەپ قوينىدىكى تاشنى شۇنداق ئاپتىكەن، ئەتراپ پاللىدە يورۇپ كېتىپتۇ. جامائەتمۇ بۇ ئىشقا ھاڭ - تاڭ بولۇشۇپ كېتىپتۇ.
سودىگەر قارىغىدەك بولسا، بالىنىڭ قولىدىكى تاش ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ۋە ساپ بىر گۆھەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا يەتتە ئىقلىمنىڭ باھاسىمۇ ئازلىق قىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ ياماق چۈشكەن گۆھىرى بالىنىڭ گۆھىرى ئالدىدا ياماققىمۇ ئەرزىمەيدىكەن. ناھايىتىمۇ ھودۇقۇپ كەتكەن سودىگەر بالىنى دەرھال دۇكانغا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە خىزمەتكارلىرىنى بۇيرۇپ چاي - مەزە كەلتۇرۇپتۇ. سودىگەرنىڭ مۇنچىلا پاي - پىتەك بولۇپ كېتىشىدىن بالىنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قاپتۇ.
- ئوغلۇم، - دەپتۇ سودىگەر بالىغا ھۆرمەت بىلەن تەكەللۇپ قىلىپ، - ھىلىقى گۆھىرىڭىزنى ساتامسىز؟
يىگىت «بوپتىلا، ساتىمەن دەپ باقمايمەنمۇ. راستىنلا سېتىۋالسا ياخشى، ئانامنى باقارمەن» دىگەن قارارغا كەپتۇ - دە:
- ساتسام ساتاي، - دەپتۇ.
- قانچىگە ساتارسىز؟
- ئىنساپ قىلىپ بەرسىلە.
سودىگەر: «گۆدەك بالىكەن، ئەرزىنراق ئالارمەن» دەپ ئويلىغان ئىكەن. شۇڭا بالىنىڭ ئالدىغا تىللا تولدۇرۇلغان يوغان سەككىز ساندۇقنى قويۇپتۇ ۋە:
بولارمۇ ئوغلۇم؟ - دەپ سوراپتۇ.
يىگىت كۆڭلىدە «بىر قوتۇر تاشقا مۇنچىۋالا تىللا قويغىنىنى قارىمامدىغان. سودىگەر مېنى ئوينىتىۋاتسا كېرەك.» دەپ ئويلاپتۇ ۋە:
- مېنى مەسخىرە قىلمىسىلا ! - دەپتۇ.
- يوقسۇ، ئوغلۇم، ئۆزلىرىنى مەسخىرە قىلغىلى بولامدىغان! - دەپتۇ سودىگەر ۋە بالىنى ئالدىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، چاكارلىرىغا ۋارقىراپتۇ. چاكارلار يەنە ساندۇقلاپ تىلا ئېلىپ كەپتۇ. بالا يەنىلا: «مېنى مەسخىرە قىلىمىسىلا» دەپتۇ. بۇ ئەھۋال بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ئاخىرى سودىگەر باي:
- ئەمسە، مەن بىر جۈپ ئات بىلەن خوتۇن - بالىلىرىمنى ۋە قەپەزدىكى گۆھىرىمنى ئېلىپ، يىڭنىدىن يىپ سۇغۇرغاندەكلا چىقىپ كېتىمەن. قالغان ئۆي - ۋاق، دۇكان، پۇل - دۇنيا... ھەممىسى سىلىگىلا قالىدۇ. رازى بولاملا؟ - دەپتۇ.
تېخىمۇ ھەيران بولغان بالا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئاخىرى: «بىر ماقۇل دەپ باقمايمەنمۇ، راستىنلا دىگىنىدەك بولسا خۇدانىڭ بىزگە بەرگىنى، چاقچىقى بولسا، جايىدا قالار» دەپ ئويلاپتۇ - دە:
- خەير، ماقۇلە، بەرسەم بېرەي، - دەپتۇ.
سودىگەر خوشال بولۇپ، ھېلىقى توختام بويىچە بارلىق مال - مۈلكىنى خەت - مۆھۈرلەپ بالىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى بىر جۈپ گۆھەرنى ۋە بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ بۇ شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ.
بالا ئانىسىنى ئەپكەلدۈرۈپتۇ. خىزمەتكارلار بۇ يېڭى خوجايىنىنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بالىلارنىڭ ھال - ئوقىتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ. يىگىت يوشۇرۇنچە ھېلىقى چۆگىلەپ تۇرىدىغان ئالتۇن سېپىللىق تىلسىماتقا بېرىپ گۆھەر ئېلىپ كېلىدىكەن.
شۇ شەھەرنىڭ بىر پادىشاسى بار ئىكەن. ئۇ ناھايىتى تەلۋە، ئاچكۆز، زالىم ئىكەن. بىر كۈنىسى ئۇ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە، بىر جەزىرىدە ئالتۇن سېپىللىق بىر قەلئە - شەھەرنى كۆرۈپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بۇلاق بولۇپ ئۇنىڭدىن گۆھەر قايناپ چىققۇدەكمىش. شاھ گۆھەرنى سۈزۈپ ئالىمەن دەپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ئوردىدىكىلەرنى ئالدىغا چاقىرتىپتۇ ۋە كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن:
- سىلەر شۇ بۇلاقنى تېپىپ مىڭ دانە گۆھەر كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار ھەممەڭلەرنىڭ كاللاڭلارنى ئالىمەن! - دەپ بويرۇپتۇ.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوردىدا بىكار يېتىپ يەپ ھورۇنلىشىپ كەتكەن ۋەزىر - ۋۇزرالارنىڭ بېشىغا غەم چۈشۈپتۇ. دەرھال ئادەم ۋە قوشۇن چىقىرىپ تەرەپ - تەرەپنى ئاختۇرۇشۇپتۇ، ئاخىرى ھېلىقى جەزىرىدىكى قەلئەنى تېپىتۇ. بۇ قەلئە ئەسلىدە بىر دىۋىنىڭ ماكانى ئىكەن. شۇ ئارىدا دىۋە كېلىپ قاپتۇ ۋە قوراللانغان، يوچۇن ئادەملەرنىڭ قەلئەنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپكە كەپتۇ - دە، قاتىتىق ۋارقىرىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ ھەيۋىتىدىن ئاسمان - زىمىن، تاغۇ - تاشلار لەرزىگە كەپتۇ. گۆھەر ئىزلەپ كەلگەنلەردىن نەچچىسى يۈرىگى يېرىلىپ ئۆلۈپتۇ. ئىگىسىز قالغان ئات - ئۇلاقلار تەرەپ - تەرەپكە پىتىرلاپ قېچىپ كېتىشىپتۇ. قالغانلىرىنى دىۋە سۈر - توقاي قىلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاران ئەللىك - ئاتمىشچە ئادەم قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. لېكىن شاھنىڭ ئالدىغا كىرىشكە پېتىنالماپتۇ. ئارىسىدىن بىرى:
- شەھىرىمىزگە يېڭىدىن پەيدا بولغان ھېلىقى ياش گۆھەر پۇرۇچنى تاپمايمىزمۇ؟ ئۇنىڭدا گۆھەر ئۈزۈلمەيدىكەن. پات - پات بىر ياقلارغا يوقاپ كېتىپ يەنە پەيدا بولۇپ قالغۇدەك، ئاشۇ ياش گۆھەرپۇرۇچ ئىشنىڭ يولىنى بىلسە كېرەك، - دەپتۇ.
ھەممىسى بۇ گەپنى ماقۇل كۆرۈشۈپ، ئاشۇ ياش گۆھەرپۇرۇچ يىگىتىنىڭ دۇكىنىغا باستۇرۇپ كەپتۇ ۋە مىڭ دانە گۆھەر تەييارلاشنى بۇيرۇپتۇ.
يىگىت ئەتىسى يولغا چىقىپ جەزىرىدىكى ئالتۇن سېپىل تۈۋىگە كەپتۇ. ئېرىققا قارىسا سۈيى توختاپ قالغان ئىكەن. ئۇ ئۇزۇنغىچە كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ، سۇ ئاقماپتۇ. سەۋىۋى، دىۋە بۇلاقنىڭ قەلئە تېشىغا چىقىدىغان يولىنى توسۇپ قويغان ئىكەن. يىگىت قەلئەگە كىرىشنىڭ يولىنى ئىزلەپ تۇرغىنىدا ئايلىنىپ تۇرغان قەلئە تۇيۇقسىزلا توختاپتۇ. چۈنكى قەلئەدىكى دىۋە قىرىق كۈن ئوۋغا بېرىپ، يەنە قىرىق كۈن ئۆيىدە تۇرىدىكەن. ئۆيىدە تۇرغاندا قەلئە توختايدىكەن. ئوۋغا ماڭغىنىدا، غەيرىلەرنىڭ قەلئە ئىچىگە كىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن. قەلئەنىڭ يەنە ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى بىر ئىكەن. مەيلى دىۋە كەلسۇن - كەلمىسۇن، ھەر يۈز كۈندە قەلئە ئۆزىلا ئۈچ كۈن توختاپ دەم ئېلىپ ئاندىن يەنە ئايلىنىۋېرىدىكەن. يىگىت بۇ قېتىم ئەنە شۇ ئۈچ كۈن توختاش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىكەن.
يىگىت جۈرئەت بىلەن قەلئەگە كىرىپتۇ - دە، ھەيران قاپتۇ. چۈنكى قەلئەنىڭ ئىچى شۇنداق كەڭرى ۋە باغۇ - بوستانلىق ئىكەنكى، دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى ئالتۇن، ياپراقلىرى زەبەرجەد (يالتىراق تاشلىق)، مېۋىلىرى ياقۇتتىن ئىكەن. سۇ ئورنىدا ھەسەل ئاقىدىكەن. ئۆي - ئىمارەتلىرى ئالتۇن - كۈمۈشتىن بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ئىكەن ۋە رەڭمۇ - رەڭ چاقناپ تۇرىدىكەن. باغلار ئارىلاپ بۇلبۇلگويالار خۇش ئاۋاز بىلەن سايرىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ قۇشلارنىڭمۇ پەيلىرى زەر - ئالتۇندىن، تاجىلىرى ياقۇتتىن، تۇمشۇقلىرى زۈمرەتتىن ئىكەن. يىگىت بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ يەنە بىر چوڭ باققا كىرىپتۇ. باغنىڭ گۈزەللىكى جاھاندا تەڭداشسىز ئىكەن. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر راۋاق بولۇپ، ھەممە يېرى لەئىل - ياقۇت ۋە قاشتېشىدىن ياسالغان ئىكەن. لېكىن شۇنچىلىك چوڭ باغ ۋە قەسىر ئىچىدە بىرمۇ تىرىك جان كۆرۈنمەيدۇ. يىگىت راۋاق تۈۋىگە كېلىپ قارىسا بىر بۇلاق قايناپ تۇرارمىش. ئۇنىڭدىن سان - ساناقسىز گۆھەرلەر ئېتىلىپ چىقىپ، ئېقىم بويلاپ ھەر تەرەپكە قاراپ كېتىپ بارارمىش. يىگىت خوشاللىقىدا، بۇلاقتىن گۆھەر سۈزۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدا:
- ھەي ئادىمىزات، بۇ قەلئەگە كىرىشكە ۋە گۆھەرلەرنى سۈزۈشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! - دېگەن ناھايىتى ساپ ۋە يېقىملىق، مۇلايىم بىر ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. چۆچۈگەن ھالدا بېشىنى كۆتىرىپ قاراپ ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. چۈنكى ئالدىدا، ئاي دىسە ئاغزى بار، كۈن دىسە كۈزى بار بىر نازىنىن گۈزەل قىز كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇغۇدەك. يىگىت ئەيمىنگەن ھالدا قولىدىكى گۆھەرلەرنى ياندۇرۇپ بۇلاققا تاشلاپتۇ - دە، قىزغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ تازىم قىلىپ تۇرۇپتۇ.
- ئەي قىز، مەن شاھىمىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلدىم، ئۇنىڭغا مىڭ دانە گۆھەر ئاپارمىسام مېنى ئۆلتۈرىدۇ. يالغۇز ئانام بار. باش پاناھسىز قالىدۇ، - دەپتۇ يىگىت ۋە بېشىدىن كەچكەن كەچمىشلىرىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن قىزغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.
قىزنىڭ بۇ ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم، گۈزەل يىگىتكە رەھمى كەپتۇ - دە، ئۇنىڭ راستچىللىقى ۋە ئەخلاقى - خۇلقىغا قايىل بۇلۇپ ئاشىق بىقارار بولۇپتۇ. ئۇ:
- يىگىت، سەن ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىشقا يول تۇتۇپسەن. مەن سېنىڭ ياش جېنىڭغا ئېچىنىمەن. بۇ بىر ياۋۇز دىۋىنىڭ ماكانى. ئۇ دىۋە شۇنداق يوغانكى، پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ئادەملەر يىغىلسىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ ھەم ئۇ ئۆلمەيدۇ. مەنمۇ بىر ئەلنىڭ پادىشاھىنىڭ يالغۇز قىزى ئىدىم. ياۋۇز دىۋە مېنى ئون يىل ئىلگىرى ئون ئىككى ياش چېغىمدا باغدا ئۇخلاۋاتقان يېرىمدىن ئېلىپ قېچىپ مۇشۇ يەرگە بەنت قىلدى. ئۇ ماڭا ئاشىق، لېكىن مەن ئۇنىڭ بېشىدىكى بىر تال چېچىدەكمۇ كەلمەيمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ مېنىڭ ھۆسنۇمنى كۆزگىنىگە خۇش بولۇپ ياشايدۇ. مېنىڭسىز ئۇ ياشىيالمايدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ئادىمىزات نەسلىدىن پەقەت سېنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم. ئاتا - ئانامنى تولىمۇ سېغىندىم. لېكىن بۇ يەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالمىدىم. سەن بۇدا گۆھەرلەردىن كۆپلەپ ئېلىۋالغىن - دە قايتا كەلمە! دىۋە ھالاك قىلىدۇ! - دەپتۇ - دە، يىگىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي يىغلىۋېتىپتۇ.
- ئەي قىز، - دەپتۇ يىگىت قىزنىڭ چېچىنى سىلاپ، بەزلەپ تۇرۇپ، - غەم قىلما، دۇنيادا ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىگە ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ. مەن جەزمەن دىۋىنى يوقىتىپ سېنى قۇتۇلدۇرىمەن!
- سەن دىۋىنى بىلمەيسەن، ئۇنىڭغا قورال - ياراق كار قىلمايدۇ. ئۇ ئۆلمەيدۇ. ياخشىسى، سەن بۇ يەردىن كەتكىن! - دەپتۇ قىز يىلىنىپ تۇرۇپ، يىگىت رەت قىلىپ:
- ياق! مەن سېنى تاشلاپ كەتمەيمەن، «دىۋىنىڭ جېنى باشقا جايدا ساقلىنىدۇ» دەپ ئاڭلىغانمەن. سەن دىۋە كەلگەندە ئۇنىڭ جېنىنىڭ نەدە ساقلىنىدىغانلىقىنى سورىۋال. ئاندىن دىۋە يوقىلىدۇ، سەن ئازاتلىققا چىقىسەن! - دەپتۇ - دە، گۆھەرلەردىن بولۇشىچە ئېلىپ، قىز بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. شاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ گۆھەرلەرنى قويۇپتۇ. شاھ خوشال بولۇپ، دەرھاللا ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. يىگىت ئانىسىنى ئوردىغا ئەكىلىۋاپتۇ. شاھ يىگىتكە بەكمۇ ھېرىس بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇنى قېشىدىن بىردەم نېرى قىلمايدىكەن. بۇنى كۆرەلمىگەن نان قېپى ۋەزىرلەرنىڭ ئىچى ئاداپ، كۆڭۈللىرىگە ئۆچمەنلىك - قەستىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىشىپتۇ.
يەنە كۈنلەردىن بىر كۈنى، شاھ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە، سېپىللىرى ئالتۇن بىر قەسىرنىڭ ئىچىدىكى باغدا، ھەر قېتىم غۇنچىلىرى ئېچىلغاندا ئاجايىپ خۇش ئاۋاز بىلەن كۈلۈپ، ئەتراپقا قۇياشتەك نۇر چاچىدىغان بىر گۈلنى كۆرۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى بۇ گۈلنى تېپىپ كېلىش ئىشىنى ۋەزىر - ئەمىرالەرنىڭ ئارىسىغا ساپتۇ. پەيت كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىچى قارا ياۋۇز ۋەزىرلەردىن بىرى:
- شاھىم، بۇ ئىش جانابى باش ۋەزىرنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئۆتكەن قېتىمدىمۇ گۆھەرلەرنى باش ۋەزىر ھەل قىلغان ئىدى، - دەپتۇ. شاھ يەنە يىگىتنى بۇيرۇپتۇ. يىگىت بۇ نۆۋەت سەپەرگە جەڭ كيىمىلىرىنى كىيىپ قوراللىنىپ جۆنەپتۇ.
ھېلىقى كۈنى يىگىت قەلئەدىكى قىزنىڭ قېشىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىنلا، دىۋە قالئەگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. كېلىپلا ئادەمنىڭ ھىدىنى سېزىپ قاپتۇ ۋە قىزدىن:
- بۇ يەرگە ئادەم كىرگەن ئوخشىمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئالجىما! - دەپ ئاچچىقلىنىپتۇ قىز دىۋىنى سىلكىشلەپ تۇرۇپ، - بۇ يەرگە ئۇچار قۇشمۇ كىرەلمەيدۇ، ئادىمىزات قانداق كىرسۇن! ئادەم گۆشىنى يەپ كەلگەن بولساڭ ئۆزەڭنىڭ ئۆزەڭگە پۇرىغاندۇ تايىنلىق!
دىۋە قىزنى خاپا قىلىشنى خالىمايدىكەن. شۇڭا پەسكويغا چۈشۈپتۇ. قىزنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ھۆسنىنى تاماشا قىلىشقا باشلاپتۇ، ئارقىدىنلا قىزدىن مەي سوراپتۇ. قىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئارقىمۇ - ئارقا مەي ئۇزىتىپتۇ. دىۋە يۈز كۈپ مەينى ئىچىپ راسا كەيىپ بوپتۇ. قىز ئۇنىڭ ئالدىدا مىڭ ياڭزا خۇلۇق بىلەن نازلىنىپتۇ ۋە دىۋىدىن:
- ئەي قۇدرەتلىك دىۋە، سەن جاھاندا تەڭدىشى يوق باتۇرسەن، ساڭا ھېچقانداق قورال - ياراق تەسىر قىلمايدۇ. سەن ئۆلمەيسەن. مەن بۇ خىسلىتىڭ بىلەن پەخىرلىنىمەن. ئېيتقىنا، بۇنىڭ سىرى نەدە؟ جېنىڭ زادى قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ.
دىۋە بۇ سوئالدىن ھۇشيارلىنىپتۇ - دە، خاۋاتىرلىنىپ:
- سەن بۇنى ئەجەپ سوراپ قالدىڭغۇ؟ بۇنى سەن سورىما! - دەپتۇ قىزغا.
- سەن مېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەيدىكەنسەن. مەن سېنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. سەن بولساڭ تېخى مەندىن سىر ساقلايسەن. بولدى، مېنى ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قوي! سەن سىرتقا كەتكەندە يالغۇز قېلىپ قورقىمەن. ساڭا خەۋپ يېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. شۇڭا بىلگۈم كېلىدۇ، - دەپتۇ قىز.
دىۋە بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن، قىزنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن:
- خەير. ئۆزەڭگىمۇ - ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئاڭلا! بۇندىن يىراقتىكى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارالدا بىر تۈپ چىنار بار. چىنارنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن قەپەز ئېسىلغان، ئالتۇن قەپەزدە بىر ئەينەك كۆمزەك، كۆمزەكنىڭ ئىچىدە ئالتۇن بېلىق بار. مېنىڭ جېنىم شۇ ئالتۇن بېلىق. بېلىق ئۆلسە مەنمۇ ئۆلىمەن. لېكىن بۇنى ھېچكىم ئالالمايدۇ. پەخەس بول! بۇ سىر ھېچقانداق جايدا ۋە ھېكىمگە بىلىنىپ قالمىسۇن، - دەپتۇ، ئۇ قىزنىڭ قېشىدا قىرىق كۈن تۇرۇپ يەنە سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ.
دەل شۇ پەيتتە يىگىت ھېلىقى گۈل ئۈچۈن كەپتۇ. قەلئەنىڭمۇ توختاش ۋاقتى ئىكەن. يىگىت قەلئەگە كىرىپ قىزغا سۆزلەپتۇ.
- بۇ گۈل - دەپتۇ قىز، - مۇشۇ باغدا بار. لېكىن گۈلنى پۇرىغان ئادەم دەرھال ئۆلىدۇ. سەن ئۇنى شاھقا ئاپارغىچە ھەرگىز پۇراپ سالما، شاھمۇ پۇرىمىسۇن.
- قىز يەنە يىگىتكە دىۋىنىڭ جېنى توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
- ئالدى بىلەن، - دەپتۇ يىگىت، - دىۋىنى يوقىتىپ ئاندىن گۈلنى ۋە سېنى ئېلىپ بۇ جايدىن بىراقلا كېتەي، بىز ئادەملەرچە ياشايلى، ئاتا - ئاناڭنى كۆرۈۋالغىن!
يىگىت ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىرى ھېلىقى دەيانىڭ بويىغا كەپتۇ. دەيا تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئىكەن. يىگىت ياغاچلارنى چېتىپ سال ياساپ ئارالغا ئۆتۈپتۇ. چىنار تۈۋىگە كېلىپ، قەپەزگە قارىتىپ ئوق - يارىدىن ئوق ئۈزۈپتۇ. ئوق قەپەزنىڭ بېغىغا تېگىپتۇ - دە ئۈزۈلۈپ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. ئاڭغىچە ھاۋا ئۆزگىرىپ بوران چىقىشقا باشلاپتۇ. چۈنكى دىۋە بۇ ئىشنى تۇيۇپ قېلىپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان ئىكەن. يىگىت دەرھال قەپەزنى چېقىپ، ئەينەك كۆمزەكنى قولىغا ئاپتۇ. ئانغىچە دىۋە دەريادىن ئۆتۈپ يېقىنلاپ قاپتۇ. دىۋىنىڭ:
- ھەي ئادىمىزات، قولۇڭنى تارت! - دېگەن ھەيۋەتلىك ئاۋازى يەر - جاھاننى لەرزىگە ساپتۇ. ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماقلار قاراسلاپ چېقىلىپتۇ. يىگىت دىۋىنىڭ ھەيۋىتىدىن قىلچىلىكمۇ قورقماپتۇ - دە، بېلىقنى تاش بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇ ئەسنادا ھاۋانىڭ گۈلدۈرلىشى ۋە چاقماقلارنىڭ قاراسلىشىغا بىرلىشىپ دىۋىنىڭ نالە - پەريادى ئاڭلىنىپتۇ. قاتتىق بوراندىن كېيىن، شىددەتلىك يامغۇر قۇيۇۋېتىپتۇ. ئۈچ كېچە - كۈندۈزگىچە ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كېتىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن بوران توختاپتۇ. بۇلۇتلار تارقاپ، ھاۋا سۈزۈلۈپتۇ، قۇياش پارقىراپ چىقىپ، ئەتراپقا نۇر چېچىپتۇ. جاھان ئەسلىدىكى گۈزەللىكىگە قايتىپتۇ. يىگىت قارىسا ئۆزى مىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن دەريامۇ يوق ئىمىش. تاغدەك زور، بەت - بەشىرە بىر مەخلۇق سوزۇلۇپ ياتقۇدەكمىش. بۇ ھېلىقى دىۋىنىڭ ئۆلۈكى ئىكەن. يىگىت خوشال - خورام ھالدا قىزنىڭ قېشىغا قايتىپتۇ. قىزنى، ھېلىقى گۈلنى. يەنە نۇرغۇن گۆھەرلەرنى ئېلىپ شەھەرگە قايتىپ كەپتۇ. شاھ خوشال بولۇپ گۈلنى قولىغا ئاپتۇ. گۈل ھەقىقەتەنمۇ رەڭدار ئىكەن. ئۇ مىڭ ياڭزا جىلۋە بىلەن نۇر چېچىپ قاقاقلاپ كۈلەرمىش. شاھ يىگىتنىڭ «گۈلنى پۇراپ سالماڭ» دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالماي، ئاچكۆزلۈك ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن گۈلنى پۇرىغان ئىكەن. شۇ ھامان ئۆلۈپ قاپتۇ. شەھەر خەلقى بۇ تەلۋە، زالىم شاھتىن قۇتۇلغىنىغا خوشال بولۇشۇپ تەنتەنە قىلىشىپتۇ. ئاق كۆڭۈل يىگىتنى شەھەرگە پادىشاھ قىلىۋاپتۇ.
يىگىت شاھ بولغاندى كېيىن يۇتنى ناھايىتى ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلپتۇ. يېتىم - يىسىرنىڭ دادىغا يېتىپتۇ. دىۋىنىڭ ماكانىدىكى گۆھەر - بايلىقلىرىنى خەلقلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپتۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ياشايدىغان خەلق ئىچىدە بىرمۇ كەمبەغەل ئادەم قالماپتۇ.
ياخشى كۈن، ياخشى سائەتتە ھېلىقى قىزنى ئەمرىگە ئاپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن قىزنى ئېلىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى قېيىناتىسى بولمىش شاھنىڭ دەرگاھىغا بىر قارغۇ دىۋانە كىرىپ كەپتۇ. شۇ سورۇندا يىگىتنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىكەن. دىۋانىنى كۆرۈپلا «ئاھ» دەپ ۋارقىراپتۇ - دە، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن ھۇشىغا كەپتۇ ۋە ئوغلى، كېلىنى، قۇدىلىرىغا، بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇشقان شۇ سورۇندىكى ئېرى ئىكەنلىگىنى ۋە پۈتۈن ئۆتمۈشىنى ھىكايە قىلىپ بېرىپتۇ.
ھېلىقى «دىۋانە» مۇ يىغلاپ تۇرۇپ، بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇ سودىسىن قايتىپ، ئەسلىدىكى شەھەرگە كېلىپ، خوتۇن - بالىلىرىنىڭ ياۋۇز پادىشاھنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي قېچىپ، سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پۈتۈن مال - مۈلۈكلىرىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلۈشتۈرۈپ بېرىپ، يۇتمۇ - يۇرت يىغلاپ يۈرۈپ، كۆزلىرىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
ئاتا - ئانا، بالا، قۇدا - بالا تېپىشقانلىقلىرىغا ناھايىتى خوشال بولۇشۇپتۇ. چوڭ توي - مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ئەل خەلقىنى كۈتۈۋاپتۇ. ئاندىن يىگىت قېيناتا - قېيىنانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئاتا - ئانىسى ۋە ئايالىنى ئېلىپ، شاھ بولغان شەھەرگە قايتىپ كېلىپ، خەلق بىلەن بىرگە بەختلىك ئۆتۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: زورىخان.