UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخېمىر باتۇر

خېمىر باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر ئوۋچى بولۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس ئىكەن. بىر كۈنى ئوۋچى ئوۋغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، خوتۇنىغا: >مەن ئوۋدىن كەلگىچە بالا تۇغىسەن، ئەگەر تۇغمىساڭ قويۇۋېتىمەن< دەپتۇ. بۇ خوتۇن >قانداقمۇ قىلارمەن!< دەپ يىغلاپ، نانغا خېمىر يۇغۇرۇپ ئولتۇرۇپ، خېمىردىن بىر بالا ياساپ قويۇپتۇ. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ نان يېقىۋاتسا، بىر ئۆردەك ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ: >ھەي ئايلا، ئۆيدە بالاڭ يىغلاۋاتىدۇ!< دەپتۇ، خوتۇن ئۆردەكنىڭ گېپىگە ئېرەڭ قىلماستىن ئىشىنى قىلىۋېرىپتۇ. بىر ۋاقىتتا ئۆردەك ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ يەنە شۇنداق دەپتۇ، خوتۇن يەنە ئىشەنمەستىن ئۆيگە كىرمەپتۇ. ئۆردەك ئۈچىنچى قېتىم ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ يەنە: >ھەي ئايلا، بالاڭ يامان يىغلاپ كېتىپ بارىدۇ؟< دەپتۇ. خوتۇن: >بىزدە يىغلايدىغان بالا نېمىش قىلسۇن< دەپ ئۆيىگە كىرىپتۇ، قارىسا راستىنلا ھېلىقى خېمىردىن ياساپ قويغان بالا يىغلاپ ياتقۇدەك. خوتۇن خۇشال بولۇپ بالىنى ئېمىتىپ باقسا، بالا ئېمىپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېرى كەپتۇ. قارىسا خوتۇنى بالا تۇتۇپ ئولتۇرغان. - بۇ كىمنىڭ بالىسى؟ - دەپ سوراپتۇ ئوۋچى. خوتۇنى: - مېنىڭ بالام، - دەپتۇ. ئېرى ئىشەنمەستىن: - سەن بىرسىنىڭ بالىسىنى سورىۋاپسەن! - دەپ يېڭى، تۇققان خوتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ بالىنى ئېمىتكۈزۈپتۇ. بالا ئۆز ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنى ئەممەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋچى: - راستىڭنى ئېيت، قانداق تاپتىڭ بۇ بالىنى؟ - ديىشىگە، خوتۇنى: - >مېنىڭ خېمىردىن بولسىمۇ بالام بولسىدى< دېۋىدىم، خۇدايىم تىلىكىمگە يەتكۈزدى، - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا، بۇ بالىنىڭ ئىسىمىنى خېمىر باتۇر قويايلى، - دەپتۇ ئېرى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتۈپ، بالا يەتتە ياشقا كىرىپتۇ، بالا بىر كۈنى: - ھەي دادا، نەگە بارىسەن، - دەپ سوراپتۇ. - ئوۋغا بارىمەن، بالام، - دەپتۇ دادىسى. - سەن بارغان ئوۋغا مەنمۇ بارسام بولامدۇ؟ - دەپتۇ خېمىر باتۇر. - ياق، بالام، سەن تېخى كىچىك! - دەپتۇ دادىسى. - ياق، دادا، مەن سېنىڭ بىلەن بىللە بارىمەن، سېنىڭ ئىشىڭنى كۆرىمەن ۋە ئۆگىنىمەن، - دەپتۇ خېمىر باتور. - بوپتۇ، ئەمما مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئىشلەيسەن، تۇر دېگەندە ئورنىڭدىن قوزغالمايسەن! - دەپ جېكىپتۇ دادىسى. - خوپ! - دەپتۇ خېمىر باتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئوۋغا چىقىپتۇ. بۇلار چۆلمۇ چۆل، تاغمۇ تاغ، غارمۇ غار، جاڭگالمۇ جاڭگال، توقايمۇ توقاي ئارىلاپ يۈرۈپ، كۆپ كىيىكلەرگە گەز كەپتۇ. ئوۋچى بالىسىنى سىناش ئۈچۈن، بىر بوغاز كىيىكنى ئالدىغا ھەيدەپ بېرىپ >ئات، بالام ئات!< دەپ ۋارقىراپتۇ. خېمىر باتۇر ئاتماقچى بولۇپ، ئوقيانى كېرىپ ئاتماپتۇ. دادىسى: - نېمىشقا ئاتمىدىڭ؟ - دەپ قاتتىق ۋارقىراپتۇ. خېمىر باتۇر ئەيىپلىك كىشىدەك دادىسىدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ: - ھەي دادا، ئۇ، بوغاز كىيىك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتمىدىم، ئەيىبلىك مەن، كەچۈرىسەن - دەپتۇ، خېمىر باتۇر. - خەير بوپتۇ، ئۇنداق بولسا رەھمەت ساڭا، دەپتۇ دادىسى. ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە يى ئۆتۈپ، خېمىر باتۇر دادىسىدىن يالغۇز چىقىپ ئوۋ ئوۋلاشقا رۇخسەت سوراپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا دۇئا بېرىپتۇ. ئۇ بىر تاغقا قاراپ مېڭىپتۇ. بىر قانچە تاغلاردىن ئېشىپ، بىر غارنىڭ ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاپ يۈرسە، ئۇنىڭغا بىر ئوۋچى يولۇقۇپتۇ. بالا بۇ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن: - مەن خېمىر باتۇر بولىمەن، مۇشۇ تاغلارنى ساياھەت قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈيمەن، سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەنمۇ تاغ ئارا ساياھەتتە يۈرگەن تاغ باتۇرىمەن! - دەپتۇ يولۇققان ئادەم. - ئۇنداق بولسا، ئىككىمىز دوست بولايلى، بۇ تاغلاردا بىللە ئوۋ ئوۋلايلى، - دەپتۇ خېمىر باتۇر. ئىككىسى دوست بولۇپ، ئىچكىرىلەپ مېڭىپتۇ. بىر تاغدىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر تاغقا يېتىپتۇ. ئۇ تاغدا يەنە بىر ئادەم گەز كېلىپ، كۆل ياقىسىدا ياشىغان كۆل باتۇر بولۇپ چىقىپتۇ. بۇلارنىڭ بارلىق سىرلىرى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۈچى بىر بولۇپ ئوۋچىلىق قىلىشىپتۇ، بىر غاردا ماكانلىشىپتۇ. بىرىنچى كۈنلۈك تاماق ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاش نۆۋىتىنى تاغ باتۇرغا بېرىپتۇ. تاغ باتۇر سەھەر تۇرۇپ بىر كىيىك ئېتىپ كەپتۇ. ئۇ تاماقنى پىشۇرغىچە قالغان ئىككىسى ئوۋ ئوۋلاپ كېتىپتۇ. تاغ باتۇر تاماق پىشۇرۇۋاتقاندا، ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى يەتتە غېرىچ بىر بوۋاي كېلىپ: >ھەي بالام، گۆشۈڭ پىشتىمۇ، ماڭا گۆش بەر< دەپ سوراپتۇ. تاغ باتۇر ئىتتىرىۋېتىپ، قازاننىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ، بارلىق تاماقنى بىرلا سۈمۈرۈپ تۈگىتىپتۇ - دە: >خەير - خوش!< دەپ كېتىپ قاپتۇ. شېرىكلىرى تاپقىنىنى ئېلىپ قايتىپ كەلسە، تاغ باتۇر قۇرۇق قازانغا قاراپ، بېزىرىپ ئولتۇرۇپتۇ. شېرىكلىرى: - ھەي تاغ باتۇر، بۇ نېمەئىش؟! پىشۇرغان گۆشۈڭ قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ تاغ باتۇر: - ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى يەتتە غېرىچ بىر بوۋاي كېلىپ يەپ كەتتى! - دەپتۇ. ئىككىنچى نۆۋەتتە تاماق ئېتىشكە كۆل باتۇر قاپتۇ. بۇ چاغدىمۇ يۇقىرىقىدەك ۋەقە يۈز بېرىپتۇ. ئۈچىنچى نۆۋەتتە تاماق ئېتىشكە خېمىر باتۇر قاپتۇ. ئۇنىڭ تامىقى پىشىپ تەييار بولغاندا، ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى يەتتە غېرىچ ھېلىقى بوۋاي يەنە پەيدا بولۇپتۇ. خېمىر باتۇر بوۋاينىڭ سورىغان تامىقىنى بېرىپتۇ. بوۋاي يەنە سوراپتۇ، ئىككىنچى قېتىمدا خېمىر باتۇر بەرمەپتۇ. بوۋاي باتۇرغا كېلىپ ئېسىلىپتۇ. خېمىر باتۇر بوۋاينىڭ ساقىلىدىن تۇتۇپ دەرەخقە باغلاپ قويۇپتۇ. ئاڭغىچە شېرىكلىرى كېلىپ، بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، خۇشال - خورام تاماق ئىچىشىپتۇ. بۇلار تامىقىنى يەپ بولۇپ چىققىچە بوۋاي دەرەخنى يىلتىزى بىلەن يۇلۇۋېلىپ كېتىپ قاپتۇ. باتۇرلار كەينىدىن ئىزلەپ بىر يەرگە بارسا، ئۇ بىر قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن، ئۈچ باتۇر مەسلىھەتلىشىپ، خېمىر باتۇر چۈشۈشكە تايىن بوپتۇ. ئۇ ئارغامچا بىلەن بېلىنى باغلاپ چۈشۈشىگىلا ھېلىقى بوۋاي ئۇنىڭغا ئېسىلىپتۇ. خېمىر باتۇر بوۋاينى ئۆلتۈرۈپ قارىغىدەك بولسا، بوينىغا جىق ئاچقۇچلار ئېسىلغان بىر قارا مۈشۈك پەيدا بولۇپتۇ. ئۇ دەرھال مۈشۈكنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئاچقۇچلارنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ. ئىككىنچى تەرەپكە قارىسا، قاتار سېلىنغان ئىمارەتلەر تۇرغان. يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر ئىشىكنى ئاچسا، بىر ساندۇققا سېلىپ قويغان ھۆر قىزنى كۆرۈپتۇ. ئۇ قىزنى ساندۇق بىلەن ئېلىپ چىقىپ، شېرىكلىرىگە تارتىڭلار دەپ يۇقىرىغا چىقىرىپتۇ. قايتىپ كېلىپ، قالغان ئىشىكلەرنى ئېچىپ قارىسا، بىرىدە لىق ئادەم، بىرىدە لىق ھايۋانلار تۇرغان. ئادەملەر: >مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز< دەپ چۇقۇرۇشۇپتۇ. خېمىر باتۇر: >ئاڭلاڭلار، مەن يىرتقۇچ ئەمەس، ئادەم بالىسى، سىلەرنى ئازاد قىلدىم، سىلەر ئەمدى ئازاد! خالىغان يېرىڭلارغا كېتىڭلار!< دەپتۇ. ئادەملەرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، خېمىر باتۇر قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا كېلىپ: >ئاغىنىلەر، مەن كەلدىم، مېنى تارتىڭلار!< دەپ ۋارقىراپتۇ. ھېلىقى ئىككىسى قىزنى كۆرگەندىن كېيىن، نىيىتى بۇزۇلۇپ، خېمىر باتۇرنى ئۆلتۈرۈشكە توختام قىلىشىپتۇ - دە، خېمىر باتۇرغا ئارغامچىنى تاشلاپ، قۇدۇقتىن ئاز قالغاندا، ئارغامچىنى قويۇۋېتىپتۇ. خېمىر باتۇر قۇدۇقنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىككىسى قىزنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. خېمىر باتۇر قۇدۇقنىڭ تۈۋىگە چۈشكەندە، سۆڭەك - سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپتۇ، ئەمما ئۆلمەپتۇ. بىر ۋاقىتتا بىر ھەرە پەيدا بولۇپ: >ھەي، بىچارە ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ياخشىلىق قىلغان، مەنمۇ ساڭا ياخشىلىق قىلاي< دەپتۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇچۇپ قونغان يېرى ساقىيىپ تۇرۇپتۇ. خېمىر باتۇر ساقىيىپ تۇرغاندىن كېيىن، ھەرە: >بۇ باشقا بىر دۇنيا، مەن ساڭا ئۆز دۇنيايىڭغا كېتىدىغان يول كۆرسىتەي، مۇشۇ يول بىلەن قىرىق كېچە - كۈندۈز يۈرگەندىن كېيىن تاغ باغرىدا ياشايدىغان بىر بوۋايغا ئۇچرايسەن، شۇ بوۋاينىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلساڭ، بوۋاي ساڭا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ< - دەپتۇ. ئۇلار ئايرىلىشقاندىن كېيىن، خېمىر باتۇر ھەرە ئېيتقان مۆھلەت ئىچىدە بوۋايغا دۇچ كەپتۇ. بوۋاي ناھايىتى قورقۇنچ بىلەن يەر ھەيدەپ تۇرغاندا، خېمىر باتۇر: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا! بالىڭىز يوق بولسا، بالا، قۇلىڭىز يوق بولسا، قۇل بولاي، - دەپ سالام بېرىپ كەپتۇ. بوۋاي: - ۋاي بالام! قاتتىق ۋارقىرىما! بۇ يەردە يىرتقۇچلار كۆپ، ئەگەر ئۈنىمىزنى ئاڭلاپ قالسا، ھازىر يېتىپ كېلىپ بىزنى يوق قىلىۋېتىدۇ! - دەپتۇ. خېمىر باتۇر: - قورقماڭ بوۋا، قورقماڭ، يىراق سەپەردىن كېلىۋاتقان بىر مۇساپىرمەن، سىزنىڭ قوشىڭىزنى ھەيدەپ تۇراي، مېنىڭ قورسىقىمنى تويغۇزۇڭ، - دەپتۇ. بوۋاي: - خوپ، بىراق ئۈنىڭنى چىقارما، - دەپ جېكىپ ئۆيىگە كېتىپتۇ. بوۋاي كەتكەندىن كېيىن، خېمىر باتۇر قاتتىق ۋارقىراپ ناخشا ئېيتىپ، قوش ھەيدەپتۇ. بۇنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ يولۋاس، شىرغا ئوخشاش ۋەھشىي ھايۋانلار پەيدا بولۇپتۇ. خېمىر باتۇر ئۆزىگە يېقىن كەلگەنلىرىنى تۇتۇپ قوشقا قېتىپتۇ. بۇلارنى ئۇرۇپ تۇرۇپ ئىشلىتىپ، بوۋاي كەلگىچە نۇرغۇن يەرنى ھەيدەپ، ئېتىزلىقنى كېڭەيتىپ بېرىپتۇ. بۇنى بوۋاي يىراقتىن كۆرۈپ: - قويۇۋەت، بالام! قويۇۋەت! - سەن يوقتا مېنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇ يىرتقۇچلارغا نېمىشقا چېقىلدىڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. خېمىر باتۇر يىرتقۇچلارنى قوشلاپ - قوشلاپ باغلاپ، بوۋايغا كۆرسىتىپ: >بۇلار ئەمدى سىزگە تەگمەيدۇ< - دەپ قويۇۋېتىپتۇ. ئاندىن قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى بوۋايدىن سوراپتۇ. بوۋاي: - بالام، سەن مۇشۇ تاغنى ياقىلاپ ماڭساڭ بىر دەرياغا توغرا كېلىسەن؛ ئۇ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر چىنار دەرىخى بار؛ چىنارنىڭ ئۇچىدا ھەر يىلى سۈرمە قۇش بالىلايدۇ، شۇ قۇشنىڭ بالىلىرىنى ھەر يىلى بىر ئەجدىھا كېلىپ يەپ كېتىدۇ. شۇ ئەجدىھانى ئۆلتۈرسەڭ، سۈرمە قۇش دېگەن يېرىڭگە يەتكۈزىدۇ؛ ئەجدىھانى ھېچكىم ئۆلتۈرەلمىگەن، مۇشۇ قىلىچ بىلەنلا ئۆلتۈرۈش مۇمكىن، - دەپتۇ ۋە خېمىر باتۇرغا بىر قىلىچ بېرىپتۇ. خېمىر باتۇر بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغ ياقىلاپ، ئاچ - يالىڭاچ دەريا بويىغا يېتىپ بېرىپتۇ. قارىسا ھەقىقەتەن چىنار دەرىخى كۆرۈنۈپتۇ. خېمىر باتۇر چىنار دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، دېمىنى ئالغاندىن كېيىن پۇتاقلارغا ئېسىلىپ چىنارغا چىقىپتۇ. قاق يېرىمىغا چىقىپلا، دەريانى يېرىپ كېلىۋاتقان ئەجدىھانى كۆرۈپتۇ. خېمىر باتۇر يۇقىرى چىقىشنى توختىتىپ، ئەجدىھارغا قارشى تەييارلىق كۆرۈپتۇ. خېمىر باتۇر يۇقىرى چىقىشنى توختىتىپ، ئەجدىھارغا قارشى تەييارلىق كۆرۈپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئەجدىھا چىنارغا ئىككى ئۇرۇلۇپ، قۇشنىڭ بالىلىرىنى دەم تارتىپتۇ، شۇ چاغدا، خېمىر باتۇر قىلىچىنى توغرا تۇتۇپ، ئېتىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، ئەجدىھانى ئوتتۇرىدىن قاق يېرىپ، دەريانى قانغا بوياپتۇ. ئەجدىھانىڭ يېرىمى دەريانىڭ بۇ چېتىدە، يېرىمى دەريانىڭ ئۇ چېتىدە يېيىلىپ يېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن خېمىر باتۇر ھالسىزلىنىپ، ئاران دېگەندە، قۇشنىڭ ئۇۋىسىغا يېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قۇشنىڭ بالىلىرى خېمىر باتۇرنى يۇتماقچى بولۇپتۇ. خېمىر باتۇر: - ھەي جانىۋارلار، ياخشىلىققا ياخشىلىقمۇ ياكى ياخشىلىققا يامانلىقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياخشىلىققا ياخشىلىق، نېمە ياخشىلىقىڭ بار؟ - دېگەندە خېمىر باتۇر: - دەرياغا قاراڭلار! - دەپتۇ. ئۇلار دەرياغا قاراپ، ئەجدىھانىڭ ئىككى پارچە بولۇپ ياتقىنىنى كۆرۈپتۇ. - بۇ نېمە ۋەقە؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇلار. - بۇ ئەجدىھا ھەر يىلى سىلەرنىڭ ئاكىلىرىڭلار بىلەن ھەدىلىرىڭلارنى يەپ كېتەتتى، مەن شۇ ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈشكە كېلىپ ئۆلتۈردۈم، ئىشەنمىسەڭلار ئاناڭلاردىن سوراڭلار، ئەگەر يالغان بولسا، مېنى ئۆلتۈرۈڭلار، - دەپتۇ خېمىر باتۇر. سۈرمە قۇشنىڭ بالىلىرى: - ئۇنداق بولسا بىزنىڭ قانىتىمىزنىڭ ئارىسىغا كىرىۋال، بولمىسا ئانىمىز سېنى يەپ كېتىدۇ، - دەپ ئۇنى قانات ئاستىغا ئاپتۇ. خېمىر باتۇر يېتىپ دەپ ئاپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، بوران، شىۋىرغان بىلەن قار - يامغۇر ياغدۇرۇپ، سۈرمە قۇش كەپتۇ. قوشنىڭ بالىلىرى: - بىزنىڭ ئانىمىز كېلىۋاتىدۇ، قورقماي ياتقىن، - دەپتۇ، خېمىر باتۇرغا. سۈرمە قۇش ئۇۋىسىغا قونۇشى بىلەنلا: - بۇ نېمە؟ ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قۇشنىڭ بالىلىرى: - ھەي ئانا، ياخشىلىققا ياخشىلىقمۇ ياكى ياخشىلىققا يامانلىقمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق! - دەپتۇ ئانىسى. بالىلىرى: - سەن دەرياغا قاراپ باق! - دەپتۇ. قۇش دەرياغا قاراپ، ئەجدىھانىڭ ئۆلۈپ ياتقىنىنى كۆرۈپ: - بۇنى كىم ئۆلتۈردى! چىقار بېرى! - دەپتۇ، بالىلىرى قاناتلىرىنىڭ ئاستىدىن خېمىر باتۇرنى چىقىرىشىغىلا سۈرمە قۇش ئۇنى يۇتۇۋېتىپتۇ. بالىلىرى ئانىسىنىڭ ئاغزىغا ئېسىلىپ: - نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - تاقەت قىلىڭلار! - دەپتۇ سۈرمە قۇش ۋە بىر ھازادىن كېيىن خېمىر باتۇرنى چىقىرىپ: - خەير، بۇ ئۆزى ئەقىللىق بالىكەن، سىلەر سەۋرى قىلمىدىڭلار، تېخىمۇ ئەقىللىق بولاتتى! بالا، سەن ئەمدى نېمە تىلەيسەن؟ - دەپ سوراپتۇ. خېمىرباتۇر: - مەن بىر مۇساپىرمەن، مېنىڭ تىلىكىمگە يەتمەك تولىمۇ قىيىن! - دەپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. سۈرمە قۇش: - تىلىكىڭنى ئېيت، مەن مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن! - دەپتۇ. خېمىر باتۇر ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرمە قۇش قىرىق كېچە - كۈندۈزلۈك ئوزۇق، سۈيىنى تەييارلاپ يولغا چىقىپتۇ. ئوتتۇز توققۇز كېچە - كۈندۈز ئۇچقاندىن كېيىن، ئوزۇقى تۈگەپتۇ. بىر كېچە - كۈندۈز قالغاندا، قۇش تاماق سوراپتۇ. خېمىر باتۇر ئامالسىزلىقتىن، ئۆزىنىڭ بىر يانپىشىدىن گۆشنى كېسىپ ئېلىپ بېرىپتۇ. سۈرمە قۇش يەنە سۇ سۇراپتۇ، خېمىر باتۇر بىر كۆزىنى ئويۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرمە قۇش دېگەن يېرىگە يەتكۈزۈپتۇ. بىر ئايلىنىپ يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، قۇش: - ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ماڭا شۇنداق تاتلىق گۆش، سۇ بەردىڭ، ئۇ قانداق گۆش بىلەن سۇ ئىدى؟ - دەپ سوراپتۇ. خېمىر باتۇر: - ئوزۇق تۈگەپ، ئامالسىزلىقتىن ئۆز يانپىشىم بىلەن كۆزۈمنى ئويۇپ بەرگەنىدىم، دېيىشى بىلەن قۇش خېمىر باتۇرنى يۇتۇپ، بىر ئازدىن كېيىن بۇرۇنقى ئەكسىگە كەلتۈرۈپ، تولغان يىگىت قىىپ چىقىرىپتۇ. شۇندىن كېيىن سۈرمە قۇش: - مانا ئەمدى دېگەن يېرىڭگە يەتكۈزدۈم، ئەمدى بالىلىرىمغا باراي، - دەپ خۇشلىشىپ كېتىپ قاپتۇ. خېمىر باتۇر ئايلىنىپ بايىقى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا كەپتۇ. كەلسە شېرىكلىرى تېخىچە قىز ئۈچۈن جەڭ قىلىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار خېمىر باتۇرنى كۆرۈپلا، قورقۇپ قېچىپ كېتىپتۇ. خېمىر باتۇر قىزنى ئۆزى ئېلىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، مۇرادىغا يېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق