سىرلىق مازار
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر ئىشاننىڭ يالغۇز ئوغلى بولغان ئىكەن. ئىشان قېرىپ ئۆلەر ھالىغا يەتكەندە ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
- ئوغلۇم، بىزدىن ساڭا قالغان نەرسىلەر تۈگەپ، بېشىڭغا كۈن چۈشكىدەك بولسا، كىشىلەرنى ئالداشنىڭ مىڭ بىر تۈرلۇك ئۇسۇلى بار، مەن مانا شۇنداق ھىلىلەرنىڭ شاراپىتىدىن ياخشى كۈن كەچۈرۈپ كەلدىم، سەنمۇ كىشلەرنى ئالدىيالساڭلا ئىشىڭ ئوڭىدىن كېلىۋېرىدۇ.
ئىشان ئۆلۈپ بەش كۈندىن كېيىن، بالىسى بىر موزدۇزغا ھۈنەر ئۆگەنگىلى كىرىپتۇ. بىراق بەش كۈن ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن زېرىكىپتۇ. ئۇنىڭدىن چىقىپ بىر كىيىم تىككۈچىگە شاگىرت كىرىپ ، ئون كۈن ئىشلەي، بۇ يەردىكى ئىشقىمۇ چىدىماپتۇ. ئىشاننىڭ ئوغلى باشقا يۇرتلارغا كېتىشىنى مەقسەت قىلىپ، ئىشەككە خۇرجۇننى ئارتىپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئۇ ئىككى - ئۈچ كۈن ماڭغاندىن كېيىن، يولدىن زېرىكىپ چەتكە چىقىپ، بىر بۇلاق بويىغا كەپتۇ - دە، خۇرجۇن - قاچىسىنى چۈشۈرۈپ قونۇپتۇ. ئەتىسى قوپۇپ قارىسا، ئىشىگىنى بۆرە يەپ، سوڭەكلىرىنى قويۇپ قويۇپتۇ. ئاخىرى ئۇ: «دادام دېگەن ھېلىدىن بىرنى قىلىپ باقايمۇ، بۇ كۈندە نېمە تولا، مازار تولا؛ نېمە تولا، شەيىخ تولا، مەنمۇ ئىشەكنى كومۈپ قويۇپ، پالانى غۇجام دەپ ئاتاپ كۈن كەچۈرمەيمۇ» دېگەن ئويغا كەپتۇ، ئىشەكنى يول ئۈستىگە كۆمۈپ، گۈمبەزنى تۇرغۇزۇپتۇ. بالا پېرىچىنى كىيىپ، قاسقاندەك سەللىنى ئوراپ، رەسىمىي شەيىخ قىياپىتىگە كېرىپتۇ، گۈمبەزنىڭ ئىسمىنى ئىشكى ھاڭگا بولغاندىن كېيىن «ھاڭدۇت ۋەلىيۇللاغۇجام» قويۇپ، شەيىخ بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر كۈنى بىر يولۇچى كېلىپ قارىسا، بىر ياخشى گۈمبەز تۇرغىدەك. يولۇچى شەيىخقا سالام قلغاندىن كېيىن:
- بۇ كىمنىڭ گۈمبەزى، بۇ يەردە بۇرۇن مۇنداق گۈمبەز يوق ئىدىغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سىزنىڭ بۇرۇن بۇ يەردە گۈمبەز كورمىگىنىڭىز راسىت، - دەپتۇ. ھېلىقى بالا، - ئەمما مازار غوجام مەھەللىدە ياتماي، چولدە ياتىدىغان زات ئىكەن. مەن چول - باياۋانغا كېزىپ يۇرەتتىم، بىر كۈنى چۈشۈمدە «خۇدانى دىسەڭ مېنى تاپ» دېگەن بىشارەت بولدى. بۇ زاتنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئىزلەپ مۇشۇ جايغا كېلىپ قونۇپ قاپتىمەن، شۇ كۈنى چۈشۈمدە «ئەمدى مېنى تاپتىڭ، بۇ يەرنى ياخشى ئاسرىشىڭ لازىم» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەتىسى تۇرۇپ بۇ گۈمبەزنى بىنا قىلدىم.
- بۇ كىشىنىڭ ئېتى نېمىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ يولۇچى.
- بۇ غوجامنىڭ ئىسمى ھاڭدۇت ۋە لىيۇللا غوجام، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇ، شۇندىن كېيىن بۇ يولۇچى بارغان - تۇرغان جايىدا:
- خالايىق، پالانى بۇلاق تۈۋىدە ھاڭدۇت ۋە لىيۇللا غۇجام دېگەن مازار پەيدا بوپتۇ، - دەپ تارقىتىۋېرىپتۇ. بىر - ئىككى يىلدا بۇ گۈمبەزنىڭ داڭقى ئالەمگە پۇر كېتىپتۇ. بىر - ئىككى يىلدا بۇ گۈمبەزنىڭ داڭقى ئالەمگە پۇر كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ھېلىقى شەيىخ كېلىۋاتقان كىشلەرنى 200 - 300 قەدەم نېرىدىن ئۇلاقتىن چۈشۈپ، مازارنى تاۋاپ قىلىدۇرىدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ 300 - 400 ئات، كالا، قوي يىغىۋاپتۇ. بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شەيىختىن بۇ مازارنى سېنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئۆيمەي. بۇ مازارنىڭ سىرى ئاشكارا بولۇشقا باشلاپتۇ، غەزەپلەنگەن خەلقلەر كەتمەن - گۈرجەكلەر بىلەن مازارنى تۈپ - تۈز قىلىپ تاشلاپتۇ. ياخشىلىق كۆرمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن شەيىخ بىر كېچىدىلا تىكىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ مال - دۇنياسى كەمبەغەللەرگە قاپتۇ.