ئەرنى باي قىلىدىغانمۇ، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىر - ئەمرالىرى بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئوردىغا تۇيۇقسىز بىر قارلىغاچ ئۇچۇپ كىرىپ، «ۋىچىر - ۋىچىر، ۋىچ! ۋىچىر - ۋىچىر، - ۋىچ!» دەپ سايراپ، ئىككى ئايلىنىپ ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىردىن:
_ ئەي ۋەزىر، بۇ قارلىغاچ نېمە دەيدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ پادىشاھى ئالەم، بۇ قارلىغاچنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى بىلمىدىم،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر:
_ ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، قارلىغاچنىڭ زادى نېمە دىگەنلىكىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىسەن، چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسەڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، قارلىغاچنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى زادىلا ئويلاپ تاپالماپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ، ۋەزىر ئوي - خيالغا پېتىپ، غەم - غۇسسىدا ئولتۇرۇپتۇ. ۋەزىرنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى بىلەن بىرمەكتەپتە ئۇقۇيدىكەن. ئىككىسى ھەركۈنى مەكتەپكە بىللە بارىدىكەن. بۇ كۈنى ۋەزىرنىڭ قىزى دادىسىنىڭ ئەھۋالى بىلەن بولۇپ قېلىپ، مەكتەپكە بارماپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى ساۋاقدىشىنى يوقلاپ، ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ۋەزىر، ۋەزىرنىڭ خوتۇنى ۋە قىزى بىر - بىرى بىلەن ۋىدالىشىپ يىغلىشىۋاتقۇدەك. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ:
_ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن مۇنداق يىغلايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ نېمىگە يىغلىمايلى، ئەتە دادامنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ. شۇڭا بىر - بىرىمىز بىلەن ۋىدالىشىپ يىغلىشىۋاتىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىرنىڭ قىزى.
پادىشاھنىڭ قىزى بۇ ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى سوراپتۇ. ۋەزرىنىڭ قىزى:
_ بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، دادام ئۇخلىماي غەم - غۇسسە بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، - دەپ،ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ.
_ بۇنىڭغا قايغۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ سۇئالغا مەن جاۋاب بېرەي. شۇ كۈنى قارلىغاچ ۋىچىرلىغاندا مەنمۇ ھازىر ئىدىم. بۇ قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر ۋىچ، دېگىنى، ئەر كىشىنى باي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن دېگىنى، ئوردىغا بېرىپ سوئالغا مۇشۇ جاۋابنى بەرسۇن، - دەپتۇ پادىشاھنىڭ قىزى.
ۋەزىر بۇ قىزنىڭ ئەقلىگە ئاپرىن ئەيلەپتۇ ۋە قىزدىن ناھايىتى مىننەتدار بوپتۇ. ۋەزىر بۇ كېچىنى ئوبدان ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى ئوردىغا بېرىپ پادىشاھقا كۈرۈنۈش قىپتۇ.
_ قارلىغاچنىڭ قىلغان سۆزىنى بىلىپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ.
_ خوش پادىشاھى ئالەم، بىلىپ كەلدىم. قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر ۋىچ، دېگىنى، ئەر كىشىنى باي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن دېگىنى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر.
_ بۇنى ساڭا كىم ئېيتىپ بەردى، راستنى ئېيت؟ - دەپ سوراق قىپتۇ پادىشاھ.
_ ھېچ كىم ئېيتىپ بەرمىدى، ئۆزۈم ئويلاپ تاپتىم، - دەپتۇ ۋەزىر.
_راستىڭنى ئېيت. سەن ئۆزۈڭ ئويلاپ تاپقان ئەمەس، ئەگەر راستىڭنى ئېيتمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن، - دەپ ھەيۋە قىپتۇ پادىشاھ.
_ ئۆزۈم ئويلاپ تاپتىم، - دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ ۋەزىر.
پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمەي«جاللات! » دەپ ۋارقىراپ، ۋەزىرنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى بۇيرۇپتۇ.
ۋەزىر قورققىنىدىن ئىلاجىسىز راستىنى ئېيتىپتۇ:
_ گۇنايىمنى كەچۈرسىلە. ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلۇق قىزلىرى دانىشمەن مەلىكەم ئېيتىپ بەردى، - دەپتۇ ۋەزىر.
پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ، دەرھال قىزىنى چاقىرتىپ:
_ قارلىغاچ نېمە دېدى؟ - دەپتۇ.
_ قارلىغاچنىڭ ۋىچىر - ۋىچىر ۋىچ، دېگىنى، ئەر كىشىنى باي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغىنىمۇ خوتۇن دېگىنى، - دەپتۇ مەلىكە.
پادىشاھ قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غەزىپىنى باسالماي، خىزمەتكارنى چاقىرتىپ:
_ ھازىر كوچىدىن بىر گاداينى تېپىپ كەل. ئەگەر ئەر كىشىنى باي قىلىدىغانمۇ خوتۇن، گاداي قىلىدىغانمۇ خوتۇن بولسا، شۇ گاداينى باي قىلىپ باقسۇن، - دەپ ئەمىر قىپتۇ.
خىزمەتكار كوچىدىن بىر كەمبەغەلنى تېپىپ كەپتۇ. پادىشاھ قىزىنى كەمبەغەلگە قوشۇپ قويۇپ، «مۇشۇ كەمبەغەلنى باي قىل» دەپ ھەيدەپ چىقىرىپتۇ.
قىز كەمبەغەل بىلەن چىقىپ كېتىپتۇ. كەمبەغەلنى مۇنچىدا پاكىز يۇيۇندۇرۇپ، كىيىم - كېچەك ئېلىپ كىيدۈرۈپتۇ. كەمبەغەلنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن قالغان بىر كونا تاملىق ئەسكى ئۆيىگە كېتىپ، كەمبەغەل بىلەن ئۆي تۇتۇپتۇ. قىز قولىدىكى قىممەت باھالىق بىر گۆھەر مونچىقىنى كەمبەغەلگە بىرىپ:
_ سەن بۇ مونچاقنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، يىمەك - ئىچمەك ۋە ئون خىل رەڭدار يىپ، رەخت سېتىۋېلىپ كەل، - دەپتۇ.
كەمبەغەل مونچاقنى ئېلىپ بىر رەستە كوچىغا كەپتۇ. مونچاقنى بىر دۇكانغا سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يىمەك - ئىچمەك ۋە ئاق شايى، يەنە ئون خىل رەڭدار يىپ سېتىۋاپتۇ، يەنە قولىدا نۇرغۇن پۇل ئېشىپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ قىزنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەپتۇ. قىز يىپ - رەختلەردىن ھەرخىل سۈرەتلەر چېكىلگەن چىرايلىق كەشتلىك ياغلىق تىڭىپتۇ. كەمبەغەلنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
_ بۇ ياغلىققا قانچە بىرىمەن دېسە، بازارنىڭ باھاسىغا قاراپ ئۆزلىرى بىلىپ بەرسىلە دېگىن. قانچە پۇل بەرسە شۇنى ئال. ھوشيار بولۇپ، ئالدى - ئارقاڭغا قاراپ ماڭغىن. بىرەرسى ئارقاڭغا ئادەم سېلىپ قويۇپ بىزگە قەست قىلمىسۇن، - دەپ تاپىلاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز كېچىلەپ، كۈندۈزلەپ ھەرخىل چىرايلىق كەشتىلەرنى تىكىپتۇ. ھەر قېتىم بازارغا ئېلىپ كىرسە بۇنى كۆرگەن خېرىدارلار تالىشىپ سېتىۋاپتۇ. كۈن ئۆتۈپتۇ، ئاي ئۆتۈپتۇ، نۇرغۇن پۇل جۇغلىنىپتۇ. قىز بۇ پۇللارغا ناھايىتى چىرايلىق ئازادە ئىمارەت ياسىتىپتۇ. بۇ جاي كۈندىن - كۈنگە ئاۋات بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ تەرەپ - تەرەپتىن ئادەملەر كېلىپ ئولتۇراقلىشىپتۇ. يىلدىن - يىل ئۆتۈپ بۇ جاي ئاۋات، گۈزەل بىر شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. بۇ شەھەردە سودا - سېتىق قىززىپ كېتىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ شىكارغا چىقىپ، ئوۋ ئوۋلاپ بۇ يەرگە كېلىپ قاپتۇ. بۇ شەھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. «مەن بۇرۇن بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىمدا بۇنداق ئالى ئىمارەتلەر، باغلار، ئۆي - قورالار يوق ئىدى. نېمىدىگەن سىر - ھېكمەت بۇ - »دەپتۇ. شەھەرگە كىرىپتۇ. بۇ ئالى ئىمارەتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بۇ ئىمارەت خۇددى ئۆز ئوردىسىنىڭ تەقلىتىدە قىلىپ ياسالغان. ئىمارەت ئىچىدە بىر مۇنچە خىزمەتكارلاركىرىپ - چىقىپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ ئىمارەتكە قاراپ ھەيران بولۇپ تۇرۇشىغا، ئۆيدىن ھېلىقى كەمبەغەل چىقىپ پادىشاھنى ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. پادىشاھ ئۆيىگە كىرىپ قارىسا، ئۆي ئىچىنىڭ تۈزۈلىشىمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ قىزى تۇرىدىغان ئۆيگە ئوخشاپتۇ. ئايال ئۆتمەي پادىشاھنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىنىپ نازۇ - نېمەتلەر قويۇلۇپتۇ. ئاندىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈلدىكى تامىقى نارىن چۆپ كەلتۈرۈپتۇ. چۆپنى يەپ كۆرسە چۆپنىڭ تەمى بەئەتنى ئۆز ئۆيىدە قىلغان چۆپكە ئوخشاپتۇ. پادىشاھ «ئەجەپمۇ كۆڭلۈمدىكى ياخشى كۆرىدىغان چۆپنى قىپتۇ» دەپ، قىزىنى ئەسلەپ كۆڭلى پەرىشان بوپتۇ. قىز ئۆزىنى دادىسىغا ئاشكارە قىلماپتۇ. پادىشاھ بۇ كۈن شۇ يەردە قۇنۇپ قاپتۇ. ئەتىسى يەنە شۇنداق نارىن چۆپ ئېلىپ كىرىپتۇ. بۇنىمۇ يەپ، پادىشاھ «ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى تاماقنى ئېتىپ ئەكىرىپتۇ. بۇنىڭدا بىر - سىر ئەسنا بارمۇ نېمە؟» دەپ بىر ئاز گۇمانغا چۈشۈپتۇ. قىزىنىڭ ئېرىدىن سۆز ئارىلاپ گەپ ئېلىپ بېقىپتۇ. ئېرى قىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ. پادىشاھ ئۆيلەرنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپتۇ. ئۆيلەرنىڭ ياسىلىشى خۇددى ئۆزىنىڭ ئوردىسىدەك، ئۆي ئىچىنىڭ تۈزۈلىشمۇ خۇددى پادىشاھنىڭ ئۆز ئۆيىدەكمىش. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆز قىزىنىڭ مۇشۇ يەردە بارلىقىنى پەملەپتۇ، بۇ ھال پادىشاھقا قىزىنى تېخىمۇ ئەسلىتىپتۇ. ئەمما قىزى توغرىلىق ئاشكارە گەپ - سۆز قىلىشقا پېتىنالماپتۇ. پادىشاھ پەرىشان ھالدا ئۆز ئۆيىگە قايتىپتۇ. دائىم قىزىنى ئەسلەپ، «قانداق قىلسام قىزىم بىلەن كۆرۈشەرمەن» دېگەن ئوي -غەمدەبوپتۇ.
پادىشاھنىڭ بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى پەرىشان ھالدا تۇرغانلىقىنى بايقىغان ۋەزىرلىرى:
_ يېقىندىن بېرى كۆڭۈللىرى پەرىشان بولۇپ قالدى. ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق پەرىشان ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ پەرىشانلىقتا قالدى، ئەھۋالنى بىزگە ئېيتىپ باقسىلا، ئەگەر قولىمىزدىن كەلسە، بۇنىڭ ئىلاجىسىز قىلىپ كۆرسەك، - دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ پادىشاھقا.
_ ئۆتكەم قېتىم شىكارغا چىققان ۋاقتىمدا ئۇچراتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىۋېتىپ، قىزىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەي، يىگىنىم ئاش، ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولماي قالدى. بۇ ئەھۋاللارنى باشقىلارغا ئېيتىشقا پېتىنالمىدىم، - دەپتۇ پادىشاھ.
_ ئۇنداق بولسا، بۇ ئىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ كۆرەيلى. ھېلىقى يېڭى شەھەرنىڭ بايۋەچچىسىنى مەلىكىسى بىلەن مېھمانغا چاقىرايلى، بەلكىم شۇ مەلىكە ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرى بولۇشى مۇمكىن، - دەپ تەكلىپ بىرىپتۇ ۋەزىرلەر.
پادىشاھ بۇ پىكىرلەرنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتكارلار بىلەن ۋەزىرنى ئەۋەتىپتۇ. بايۋەچچە بۇلارنى ناھايىتى ئوبدان مېھمان قىپتۇ، بارغانلار پادىشاھنىڭ تەكلىۋىنى يەتكۈزۈپتۇ. بايۋەچچە مەلىكە ۋە پۈتۈن خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىپتۇ. مەلىكە بايۋەچچە پادىشاھنىڭ تەكلىۋىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ، بۇلار بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنىڭ خانىسىغا مېھمان بولۇپ كەپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ ياخشى مېھمان قىپتۇ. پادىشاھ، قىز، بايۋەچچە، ۋەزىرلەر بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ مېھمان بولۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ كۆزى قىزنىڭ قولىدىكى ئۈزۈككە چۈشۈپتۇ. ئۈزۈكنى پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن قىزىنىڭ قولىغا سېلىپ قويغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ئۆز قىزى شۇ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپتۇ:
_ قىزىم! ئۆزۈكنى ئەمدى ئاشكارا قىلغىن. سېنىڭ ئالدىڭدا كۆپ خىجىلمەن. ئەپۇ قىلغىن. مەن سېنىڭ ئۆز ۋاقىتىدا قىلغان سۆزلىرىڭگە قايىل بولدۇم، - دەپتۇ پادىشاھ.
قىز يۈزىدىكى نىقاۋىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاپتۇ ۋە:
_ دادا، بۇ سىزنىڭ كەمبەغەل كۈيئوغلىڭىز بولىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھقا.
پادىشاھ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىپتۇ. قىزدىن ئەپۇ سوراپتۇ.
دادا، بالا، كۈيئوغۇل باشقىدىن قۇچاقلىشىپ يىغا - زارە قىلىپ كۆرۈشۈپتۇ. بۇلارنى بىر قانچە كۈن مېھمان قىپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپتۇ. قىزى بىلەن كۈيئوغلى ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئىلتىجا قىپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى ئۆز يېنىدا قېلىشنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار «ئۆز يۇرتىمىزغا قايتساق، بۇ يەرگىمۇ كىلىپ - بېرىپ تۇرساق» دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئاخىرى پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. بۇلار پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، ئاۋات - مەمۇرچىلىق، تىنچ - خاتىرجەملىك بىلەن دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.