شەپقەتلىك پادىشاھ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. پادىشاھ تولىمۇ خەلقپەرۋەر، ئادىل بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا «شەپقەتلىك پادىشاھ» دەپ نام بەرگەن ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شەپقەتلىك پادىشاھ تەختتە ئولتۇرۇپ ئەلنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىۋاتقىنىدا، ئوردا ئالدىغا ئۈچ قەلەندەر كەپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، غەزىنىچىگە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر خالتىدىن تىللا بېرىشىنى بۇيرۇپتۇ. لېكىن قەلەندەر تىللانى ئالماپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ يەنە كىيىم _ كېچەك، ئېسىل تائاملارنى چىقارتىپتۇ، لېكىن ئۇلار ھېچقايسىسىغا نەزەر سالماپتۇ. پادىشاھ نېمە كېرەكلىكىنى سوراپتۇ. قەلەندەرلەر:
_ بىزگە ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس، پادىشاھلىقىڭىزنى ئۈچ كۈن بېرىپ تۇرسىڭىزلا بولدى، _ دەپتۇ.
پادىشاھ مەرتلىك بىلەن «بوپتۇ، خۇدانىڭ يولىدا پادىشاھلىقىمنى سىلەرگە ئۈچ كۈنلۈك بەردىم» دەپ تەختتىن چۈشۈپ، ئۇلارنى تەختكە چىقىرىپتۇ. قەلەندەرلەر تەختكە چىقىپلا نىيەتلىرىنى بۇزۇپتۇ. شۇ كېچىسى ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شەپقەتلىك پادىشاھنى تۇتۇپ دارغا ئاسماقچى بولۇشۇپتۇ. بۇ گەپلەرنى پادىشاھغا سادىق بىر ئەمەلدار ئاڭلاپ قېلىپ، پادىشاھنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ ساددىلىق قىلغانلىقىنى، ئەمدى قىلغان ھەرىكىتىنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «خۇدا» دەپتۇ _ دە، قىرىق خېچىرغا مال يۈكلەپ، خوتۇن _ بالىلىرىنى ئېلىپ، شۇ كېچىدىلا ئۆزىنى ياقىغا ئاپتۇ. ئۈچ كېچە _ كۈندۈز يول يۈرۈپ بىر تاغنىڭ قاپتىلىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەردە توختاپ نان _ پان يەپ، ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇرغىنىدا، يىراقتا چاڭ _ توزاڭ كۆتىرىلىپتۇ. توزاڭ _ چاڭ ئارىسىدىن قورال _ ياراق ئاسقان، تەلەتىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرغان بىر توپ ئاتلىقلار چىقىپ كەپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ:«ئۇلار ھېلىقى مەلئۇن قەلەندەرلەر مېنى تۇتۇشقا ئەۋەتكەن سىپاھلار بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ _ دە، خوتۇن _ بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى بىر غارغا يۈشۇرۇپتۇ. ئەسلىدە، كەلگەن ئاتلىقلار قاراقچىلار ئىكەن. قاراقچىلار يېتىپ كېلىپ قارىسا يۈك ئارتىلغان قىرىقتەك خېچىر تۇرغۇدەك. لېكىن ئىگىسى يوقمىش. قاراقچىلار خېچىرلارنىڭ ئىگىسىنى تاپالماپتۇ. ئاخىرى قىرىق خېچىرنى ماللىرى بىلەن ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ ئېلىپ كېتىپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ غاردىن چىقىپ ئۆزىنىڭ كاج كېلىۋاتقان تەلىيىدىن يىغلاپتۇ. خوتۇن _ بالىلىرىنى ئېلىپ ئاچ ۋە پىيادە ھالدا سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. ئۇلار ماڭا _ ماڭا باشقا بىر تاغنىڭ باغرىغا كېلىپ، بىر بۇلاقنىڭ بويىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرسا، توساتتىن بىر ئاتلىق ئەر كىشى پەيدا بولۇپتۇ ۋە پادىشاھقا يېلىنغان ھالدا:
_ ئايالىم ھامىلدار ئىدى. يول ئۈستىدە تولغىقى تۇتۇپ قالدى. نېمە قىلارىنى بىلمەي، ئادەم ئىزلەپ چىققان ئىدىم، سىلەرگە يولۇقتۇم. بېشىم قاتتى. سىلەر ياردەم بەرسەڭلار، _ دەپتۇ.
_ ياق! _ دەپتۇ پادىشاھ، _ مەن ئايالىمنى سىزگە يالغۇز قوشالمايمەن.
_ ئۇنداق بولسا بىر ئوغلىڭىزنى قوشۇڭ، خۇدا ھەققى ياردەم بېرىڭ! _ دەپ يىغلامسىراپ يالۋۇرۇپتۇ ھېلىقى ئادەم.
شەپقەتلىك پادىشاھ «ھەممە ئادەم ئوخشاش بولماس» دەپتۇ _ دە، خوتۇنىنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ بېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم بۇلارنى ئاتقا مىنگەشتۈرۈپ ئۈن يەتكۈدەكل يەرگە بارغاندىن كېيىن بىراقلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ:
_ ھەي نادان ئادەم، مەن قاراقچىمەن، مېنىڭ بۇ چۆلدە نەدىمۇ خوتۇنۇم بولسۇن. سېنى راسا بابلىدىم، _ دەپ ۋاقىراپتۇ _ دە، ئوغلىنى ئاتتىن چۈشۈرۈۋېتىپ، شاھنىڭ ئايالىنى ئېلىپ بەدەر كېتىپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ ئوغلى يىغلا _ يىغلا دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. پادىشاھ ئۆز بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەرگە سەۋرى قىلىپ، ئاتا _ بالا ئىككىسى سەپىرىنى داۋام قىپتۇ. ئۇلار ماڭا _ ماڭا چوڭ بىر دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. دەريانىڭ سۈيى چوڭقۇر ھەم ئىتتىك ئىكەن. قانداق قىلىپ ئۇقاتقا ئۆتۈشنى ئويلىشىۋاتقاندا، بىر ئاتلىق ئادەم پەيدا بوپتۇ ۋە شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ مەن كېچىكچىمەن. دەريادىن ئۆتەلمىگەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويىمەن. سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قوياي، _ دەپتۇ.
ئاقكۆڭۈل پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ماقۇل بوپتۇ. كېچىكچى بىر _ بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ قويىمەن دەپ، ئالدى بىلەن پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلىنى ئاتنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتۈرۈپ دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكۈزۈپتۇ، ۋە پادىشاھقا قاراپ:
_ ھەي ئادەم مەن قاراقچىمەن. ئادەملەرنى ئېلىپ قېچىپ قۇل قىلىپ ساتىمەن. بالاڭدىن ئۈمىد قىلما! خەير _ خوش، _ دەپتۇ _ دە، ئاتقا قامچا ئۇرۇپ كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
شەپقەتلىك پادىشاھ كىچىك ئوغلىنى باغرىغا تېڭىپ بۇ تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمەتلىرىدىن زارلىنىپ ھۆكىرەپ يىغلاپتۇ، قاخشاپتۇ. ئامال بولماپتۇ. ئاخىرى ئوغلىنى ھاپاش قىلىپ دەرياغا تەۋەككۈل قىلىپ كىرىپتۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە سۇ بىر ئۇرغان ئىكەن. ئاتا _ بالا سۇغا چۆمۈپ، بالا شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ قولىدىن ئاجراپ كېتىپتۇ. پادىشاھ مىڭ بىر بالادا قىرغاققا چىقىپتۇ. ئۇ پەلەكنىڭ يۈز ئۆرۈۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇپتۇ. ئەمما، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋاپتۇ _ دە، تەۋەككۈل دەپ ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ.
شەپقەتلىك پادىشاھ ئون يىل شەھەرمۇ _ شەھەر سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپتۇ. ئاخىرى چوڭ بىر شەھەرگە يېقىن بۇلاق بويىغا يېتىپ كەپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ بۇلاق بويىدا ئارام ئالماقچى بولۇپتۇ.
دەل شۇ كۈنلەردە مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىدىغان بالىلىرى ياكى يېقىن ئەۋلادى بولمىغاچقا:«مەن ئۆلسەم، مېنىڭ قۇشۇمنى قويۇپ بېرىڭلار، قۇش كىمىنىڭ بېشىغا قونسا، شۇنى پادىشاھ قىلىڭلار» دەپ نەسىھەت قىلغان ئىكەن، ئوردا ئەھلى مۇشۇ پەيتتە ھېلىقى قۇشنى ئاسمانغا قويۇپ بەرگەن ئىكەن.
خالايىقى ھەممىسى پادىشاھ بولۇش ئارزۇسى بىلەن قوللىرىغا گۆش ئېلىپ «كەھ _ كەھ» لەپتۇ لېكىن قۇش ھېچكىمنىڭ بېشىغا قونماپتۇ. ئاخىر ئۇچۇپ كېلىپ قۇش ھېچكىمنىڭ بېشىغا قونماپتۇ. ئاخىر ئۇچۇپ كېلىپ، بۇلاق بېشىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ بېشىغا قونۇپتۇ، قائىدە بويىچە جىمى ئوردا ئەھلى ۋە جامائەت توپلىشىپ كېلىپ شەپقەتلىك پادىشاھقا تازىم قىلشىپ، ئۇنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى تەبرىكلىشىپتۇ ۋە ئوردىغا تەكلىپ قىپتۇ. دەسلىپىدە بو ئىشقا ھەيران قالغان پادىشاھ، ئىشنىڭ تېگىنى بىلگەندىن كېيىن جامائەتكە ئۆزىنى ئاشكارىلاپتۇ ۋە پادىشاھ بولالمايمەن، دەپ ئېيتىپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ. جامائەت شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئېچىنىپتۇ، ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقى تېخىمۇ ئېشىپتۇ. ئۇنىڭ پادىشاھ بولۇپ بېرىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشىپتۇ. شەپقەتلىك پادىشاھ جامائەتنىڭ گېپىنى يىرالماي ئاخىرى ماقۇل بوپتۇ ۋە شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ يۇرتنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپتۇ.
لېكىن شەپقەتلىك پادىشاھ كۈندۈزلىرى شاھلىقىنى قىلىپ خۇشال _ خورام ئۆتكەندەك قىلسىمۇ، كېچىلىرى خوتۇن _ بالىلىرىنىڭ دەرت _ پىراقىدا ئۇھ تارتىپ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدىكەن، ئاخىرى بۇ ئەھۋال ئوردا ئەھلىگە مەلۇم بولۇپتۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنىڭ قايغۇسىنى بېسىش ئۈچۈن ئۆيلەپ قويماقچى بوپتۇ. لېكىن پادىشاھ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ ئۆيلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
_ ئۇنداق بولسا سىلىگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، كىچىك خىزمەتچى بولىدىن بىرنى ئەپكىلىپ بېرەيلى، _ دەپتۇ ئوردا ئەھلى، پادىشاھ ماقۇل بوپتۇ. ئەمەلدارلار بازارغا قۇل سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقىشىپتۇ.
ئەمدى گەپنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلىدىن ئاڭلايلى.
قاراقچى بالىنى ئاتقا مىگەشتۈرۈپ ئېلىپ قېچىپتۇ _ دە، ئۆزى تۇرىدىغان بىر تاغنىڭ غارىغا ئەپكېلىپ سولاپ بىرەر ئايغىچە بېقىپتۇ. ئاندىن شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، بىر سودىگەرگە سېتىپتۇ. شاھزادە سودىگەرنىڭ قولىدا ئون يىلچە تورغاندىن كېيىن، سودىگەر ئۇنى شەپقەتلىك پادىشاھ شاھلىق قىلىۋاتقان شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ بازار ساتماقچى بوپتۇ. دەل شۇ كۈنى شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى بازارغا قول ئالغىلى چىققان ئىكەن. ئەمەلدارلار بازارنى ئارىلاپ ئاخىرى ھېلىقى بالىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.
بالىنىڭ تەقى - تۇرقى، چىرايى ئۇلارغا يېقىپتۇ ۋە سودىگەر بىلەن كېلىشىپ سېتىۋاپتۇ - دە، پادىشاغا مەخسۇس خىزمەتچى قىلىپ بېرىپتۇ. لېكىن پادىشاھمۇ ۋە ئوغۇلمۇ بىر - بىرىنى زادى تونىماپتۇ. ھەر ئىككىيلەن كۈندۈزى ئۆز ئىشلىرىنى ئورۇنلاپ، كېچىلىرى ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن جۇدالىق ھەسرىتىدە ئاھ چېكىپ، ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتقۇزىدىكەن.
پادىشاھ ئۆز سىرىنى پىنھان تۇتىدىكەن، لېكىن،كېچىلىرى ھىلىقى غۇلامنىڭ چەككەن ئاھلىرىنى ئاڭلىغاچقا ئەمەلدارلىرىغا:
- بۇ غۇلام بالا خىزمەتنى ئوبدان قىلدى، لېكىن زېرىكىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر غۇلام ئالساڭلار، - دەپتۇ. ئوردا ئەمەلدارلىرى ماقۇل بولۇپ، بازارغا چىقىپتۇ ۋە بىر غۇلام سېتىۋاپتۇ.
ئەسلىدە بۇ غۇلام شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئىكەن. ئۇ دەريادا پادىشاھنىڭ قولىدىن ئاجراپ سۇنىڭ ئېقىمى بىلەن ئاياققا ئېقىپ بارغاندا بىر بېلىقچى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىكەن. بېلىقچى ئۇنى بىرقانچە يىل بېقىپتۇ. ئاخىر ياشىنىپ قېلىپ بېلىق تۇتۇتالماي تىرىكچىلىك قىلىش قىيىن بولۇپ قاپتۇ. شۇ كۈنى بالىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن سېتىش ئۈچۈن بازارغا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. پادىشاھ بۇ بالىسىنىمۇ تونىماپتۇ. بۇ بالىمۇ دادىسىنى ۋە ئاكىسىنى تونىماپتۇ. ھەر ئۈچەيلەن ئوخشاشلا كۈندۈزى ئۆز ئىشلىرىنى قىلىپ كېچىسى ئۆز غېمى بىلەن ئاھ چېكىپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇدىكەن.
ئەمدى گەپنى شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ ئايلىدىن ئاڭلايلى.
قاراقچى ئايالىنى شۇ ئېلىپ قاچقىنىچە باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەپتۇ - دە، ئۆيىدە ساقلاپتۇ ئۇنىڭ غەرىزى مەلىكىنى ئەمرىگە ئېلىش ئىكەن.
- ئەي گۈزەل مەلىكەم، - دەپتۇ قاراقچى بىر كۈنى مەلىكىگە، - مەن سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، شۇڭا ساڭا ئۆيلىنىشنى خالايمەن.
مەلىكە قاراقچىنىڭ قارا نىيىتىنى چۈشىنىپ ناھايىتى غەزىۋى كەپتۇ. لېكىن ئىلاجىسىز بولغاچقا سەۋرى قىلىپ ئۆزىنى باسقان ھالدا، پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇ مۇلايىملىق بىلەن:
- بولىدۇ. لېكىن بىرئاز سەۋرى قىلىڭ. مەن تېخى ئۆز ئېرىم ۋە بالىلىرىمنىڭ پىراقىدىن ئادا - جۇدا بولغىنىم يوق. سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، سەۋرى قىلىڭ، - دەپتۇ.
قاراقچى ماقۇل بولۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى قاراقچى سىرتقا ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ كەتكەندىن كېيىن مەلىكە ئاستاغىنە ئۆگزىگە چىقىپتۇ. ئۇياق - بۇياققا قاراپتۇ تام ئارقىسىدىكى يولدا بىر سۇچى بوۋاينىڭ ئەپكەش سوغىلىرىنى كۆتىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. مەلىكە بوۋايغا سالام بېرىپتۇ. بوۋايمۇ سالام بېرىپتۇ، مەلىكە بوۋايغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلەرنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىپتۇ.
- ئەي مەلىكە، مەن چامامنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلاي، شەھىرىمىزنىڭ ھاكىمى تولىمۇ ئادىل كىشى. سەرگۈزەشتىلىرىڭنى يېزىپ ماڭا بەرسەڭ، مەن ھاكىمغا يەتكۈزەي، شۇ يول بىلەنلا بۇ قىسمەتتىن قۇتۇلۇپ، پادىشاھ ئالىلىرى بىلەن، پەرزەتلىرىڭ بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ قالساڭ ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ بوۋاي.
مەلىكە بۇ ئاقكۆڭۈل بوۋاينىڭ ياخشى كۆڭلىگە رەھمەتلەر ئوقۇپتۇ. ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن پۈتۈن سەرگۈزەشتىلىرىنى قەغەزگە يېزىپ بوۋايغا بېرىپتۇ. بوۋاي مەلىكىنىڭ خېتىنى ئېلىپ، شەھەر ھاكىمىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ (ئەسلىدە بۇ ھاكىملىق شەپقەتلىك پادىشاھ پادىشاھ بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەلگە قارايدىكەن) ھاكىم خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن دەرغەزەپ بولۇپ، دەرھال لەشكەر ئەۋەتىپ قاراقچىنى تۇتۇپ كەلتۈرۈپتۇ. مەلىكىمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ھاكىم قاراقچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ.
ھاكىم مەلىكىنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى ياخشى كۈتۈپتۇ ۋە ئوبدان كىيىندۈرۈپ، ناھايىتى كۆركەم، تۆت ئات قوشۇلغان گۈللۈك مەپىگە ئولتۇرغۇزۇپ، لەشكەرلەرنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن شەپقەتلىك پادىشاھنىڭ ھوزۇرىغا ماڭدۇرۇپتۇ.
ئەمدى گەپنى شەپقەتلىك پادىشاھدىن ئاڭلايلى.
پادىشاھ ۋە ئىككى ئوغۇل ئۆمۈرلىرىنى غەم - غۇسسە بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئودا ئالدىغا ياساۋوللارنىڭ ھەمرالىغىدا ھېلىقى مەلىكىنىڭ مەپىسى كېلىپ توختاپتۇ. مەلىكىگە ھەمراھ بولۇپ بىللە كەلگەن ھاكىم ئاتتىن چۈشۈپ ئوردىغا كىرىپ، پۈتۈن ئەھۋال يېزىلغان مەكتۇپنى شەپقەتلىك پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پادىشاھ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ «ئاھ!» دەپتۇ - دە، ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ئوردا ئەھلى پادىشاھنى يۆلەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ھۇشىغا كەپتۇ. ئاڭغىچە مەلىكىمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئازاپ - ئوقۇبەتلىك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى دىدارلىشىشقا مۇيەسسەر بولغان بۇ ئەر - خوتۇن يىغلىشىپتۇ. ئاندىن ئاخىرقى تەقدىردىن خوشال بولۇپ، خۇداغا شۈكرىلەر كەلتۈرۈپتۇ. كەچتە ئۇلار ئوغۇللىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرغاندا، غۇلاملارچە ياسانغان ئاكا - ئۇكا قوللىرىدا چاي تىزىلغان پەتنۇسلارنى كۆتىرىشىپ پادىشاھ بىلەن مەلىكىنىڭ ئالدىغا كىرىپ كەپتۇ.
شۇ چاغدا مەلىكىنىڭ ئانىلىق يۈرىگى جىغىلداپتۇ - دە، ئۆز بالىلىرىنى تونۇپتۇ.
- ئاھ پەرزەتلىرىم! - دەپتۇ مەلىكە ۋە بالىلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ نەچچە ئايدىن بۇيان يېنىدا يۈرگەن بالىلىرىنى تونۇيالمىغانلىقىغا ئۆكۈنگەن ھالدا بالىلىرىنى قۇچاقلاپتۇ، كۆزىگە ياش كەپتۇ.
پادىشاھ بۇ خۇشاللىق كۈننى خاتىلەپ، پۈتۈن ئەلنى يىغىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز كاتتا توي - مەرىكە قىلىپ بېرىپتۇ.
شاھ شۇندىن كېيىن خەلققە تېخىمۇ مېھرى - شەپقەت قىلىپ، يۇرتىنى تېخىمۇ ئەدلى - ئادالەت بىلەن سوراپ شاھلىق قىلىپ ئۆتۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: زۆرىخان.