UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئانار

ئانار

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا بىر پادىشاھ ئوۋغا چىقىپتۇ. كۈن ئىسسىق بولغانلىقتىن ئوسساپ كېتىپ سۇ ئىزلەپ ماڭغانىكەن، يولى بىر خارابە باغقا توغرا كەپتۇ. پادىشاھ ئۇسسۇزلۇق تېپىشقا ئالدىراپ، باغ ئىگىسىنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ ئاتتىن چۈشمەي: _ ئۆيدە كىم بار؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ. _ مەن بار، - بوۋاي ئىشىكىنى ئېچىپ چىقىپ قارىسا، بىر ئاتلىق ھەيۋەتلىك ئادەم تۇرغۇدەك. بوۋاي سالام قىپتۇ. ئاتلىق سالامغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا: _ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇدەك نەرسەڭ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ بار تەقسىر، - دەپ ئىككى تا ئانارنى ئاچىقىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئانارنى يەپ بولغاندىن كېيى: «مەن بۇ يۇرتنىڭ پادىشاھى تۇرسام، بۇنداق تاتلىق ئانار مېنىڭ بېغىمدا بولماي بىر گاداينىڭ بېغىدا بولۇشى مەن ئۈچۈن نومۇسقۇ؟ توختا، بۇ ئانارنى بېغىمغا ئېلىپ كەتسەم نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن ئويغا كەپتۇ. ئاڭغىچە يەنە ئۇسساپتۇ. يەنە ئانار تەلەپ قىپتۇ. باغۋەن ئىلگىرىكى ئانىرىدىن ئىككىنى ئېلىپ چىققانىكەن، يېسە ئىككىسىلا ئاچچىق، ئاغزىغا ئالغۇسىز بىر نەرسە بولۇپ چىقىپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: _ نېمىشقا ھېلىقى ئاناردىن ئېلىپ چىقمىدىڭ؟ - دېگەنىكەن. _ يوقسۇ تەقسىر، ھازىر ئۆزلىرى يېگەن ئاناردىن ئېلىپ چىقتىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دېھقان. _ ئۇنداق بولسا، ئاۋۋالقى ئانارىڭ نېمىشقا تاتلىق، بۇ نېمە ئۈچۈن ئاچچىق ؟ _ مېنىڭدە پەقەتلا بىر تۈپ ئانار بار، ھەرئىككى قېتىم ئېلىپ كەلگىنىم شۇ ئاناردىن. يالغان ئېيتمىساڭچۇ؟ - دەپتۇ پادىشاھ غەزەپىگە چىدىيالماي. _ ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ دېھقان، - ئەيىب بىزدەئەمەس، پادىشاھمىزدا، پادىشاھنىڭ نىيىتى بۇزۇلغان. _ سەن نەدىن بىلىسەن؟ _ پادىشاھنىڭ نىيىتى بۇزۇلسا، ھەرقانداق تاتلىق نېمە، كىشىلەرگە ئاچچىق تۇيۇلىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دېھقان. پادىشاھ دېھقاننىڭ دېھقاننىڭ دانىشمەنلىكىگە ھەيراق قېلىپ، ئۆزىنىڭ نىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئانار | UyghurWiki | UyghurWiki