پادىشاھنىڭ كۈننى ئۇزارتىشى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمقى زاماندا بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ تولىمۇ بېخىل بولۇپ، تاپقان - تەرگىنىنى ئەر - خوتۇن ئىككىسى چىمقتۇرىكەن. ئۇنىڭدىن كىشلەر پايدا ئەمەس، خورلۇقلار كۆرىدىكەن. بۇ باي بىر يىلى نۇرغۇن يەرگە بۇغداي تېرىپتۇ. ياز ئۆتۈپ، كۈزمۇ كەپتۇ. باي بۇغدايلىرىنى يىغىلىۋالماقچى بولۇپ، ئون ئومىچى ياللىۋاپتۇ. كېيىن باي بۇلارغا كېتىدىغان پۇلنىڭ جىقلىغىنى ئويلاپ، ئۇنى قىسقارتماقچى بولۇپ، مۇنداق بىر پىكىرگە كەپتۇ. - دە، خوتۇنىغا مەسلىھەت ساپتۇ:
ھەي خوتۇن، - دەپتۇ باي، - مۇشۇ ئون ئومىچى پۈتۈن بۇغدايلىرىمىزنى ئورۇپ بولغىچىلىك كۈننى ئوزارتقىلى بولارمۇ؟ - بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قولىدىن كېلىدۇ، سىلى بېرىپ پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرسىلە، - دەپتۇ. پىخسىق باينىڭ خوتۇنى. باي خوتۇنىنىڭ مەسلىھىتىنى ماقۇل كۆرۈپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ.
- ئەي ئۇلۇغ پادىشاھىم! سىلىگە بىر ئەرزىم بار ئىدى، - دەپتۇ باي.
پادىشاھمۇ بۇ باينى ناھايىتى ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭا ئاۋال ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوۋغا - سالاملىرىنى قولىغا ئېلىپ:
- ھە، ئەمدى ئەرزىڭنى ئاڭلاي، ئېيىت! - دەپتۇ.
- مەن نۇرغۇن يەرگە بۇغداي تېرىغان ئىدىم، - دەپتۇ باي، - بۇغدايلىرىم پىشىپ قاپتۇ. ئۇنى ئورۇش ئۈچۈن ئون ئومىچى ياللىۋالدىم. شۇلارغا كۈننى ئۇزارتىپ بەرسىڭىز. ئاندىن بولمىغاندا، بىر كۈنلۈك ئىشقا ئىككى كۈن كېتىپ، ئۇلار مەندىن ھەقنى كۆپ ئېلىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان پادىشاھ مۇنداق دەپتۇ:
- سەن ئومىچىلارنىڭ قوسىغىنى تويغۇزىسەن. ئۇلارنى ئېتىز بېشىغا ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزەڭ چاپاندىن بىرنى كېيىپ، بېلىڭنى مەھكەم باغلاپ، تۇماقنى چۆكۇرۇپ كىيىپ ئولتۇرساڭ، كۈن ئۇزىرىۋېرىدۇ. ئەگەر بۇ دېگەنلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭ، كۈن قىسقىراپ كېتىدۇ، بەلىكى شۇ ھامان ئوتۇرۇپمۇ كېتىدۇ.
باي بۇ شەرتكە كۈنۈپ ئۆيگە بېرىپتۇ - دە، ئومىچىلارغا ئاش يىگۈزۈپ، ئۆزىمۇ پادىشاھ دېگەندەك كېيىنىپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپتۇ، ئومىچىلارغا ئىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆزى قىر بېشىغا چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ، كۈن چۈش بولغىچە باي چىلىق - چىلىق تەرگە چومۇلۇپ، ئۇسساپ چىدىغۇچىلىگى قالماپتۇ. ئاخىرى ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
- ۋاي پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ باي، - سىلى بۈگۈن كۈننى بەكمۇ ئۇزارتىۋېتىپلا. ئەمدى قىسقارتىپ بەرسىلە، مېنىڭ چىدىغۇچىلىك ھالىم قالمىدى.
- ئانداق بولسا، - دەپتۇ پادىشاھ، - ئۆيۈڭگە بېرىپ بىردەم ئارام ئال.
باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆيگە بېرىپ بىردەم ئارام ئاپتۇ. ئاندىن ئېتىزغا ئېتىز بېشىغا بارسا، ئومىچىلار تېخىچە ئوما ئورۇۋاتقۇدەك. ئېتىز بېشىدا تۇرسا، بېشىغا يەنە كۈن چۈشۈپتۇ. بىلگەن باي ئومىچىلارنى ئېلىپ يانماقچى بولۇپ:
- ھاي ئومىچىلار، ئەمدى بولدى، قايتىڭلار! - دەپتۇ.
- باي ئاكا، سىلىگە نېمە بولدى، - دەپ ھەيران قاپتۇ. ئومىچىلار، - بىز قايتىدىغان ۋاقىت بولمىدى، بىر كۈنلۈك ئىشنىز تۈگىمىدىغۇ؟
- قايتىڭلار دېگەندىن كېيىن قايتىڭلار، بۈگۈنكى كۈننىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇ، ماڭىلا مەلۇم، شۇنىڭ ئۈچۈن قايتىڭلار دەۋاتىمەن، - دەپتۇ. باي ئۇسساۋاتقانلىقىنى سېزىپ.
ئومىچىلارمۇ قايتىشقا رازى بوپتۇ. ھەر كۈنى مۇشۇنداق بولۇۋەرگەچكە، 15 كۈنلۈك ئوما بىر ئايغا سوزۇلۇپ، پىخسىق باي لىۋىنى چىشلەپ قاپتۇ.