UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقپالچى

پالچى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، قاغا قېقىمچى ئىكەن، قۇشقاچ چىقىمچى ئىكەن. ئۆتكەن زاماندا بىر شەھەردە ئېغىناپ ياتىدىكەن. غىزانىمۇ ياتقان يېرىدە خوتۇنى يىگۈزۈپ قويىدىكەن. ئايلار - يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ، ئەمگەك قىلماي بىكار يېتىپ يەۋەرگەچكە، ئاتا - ئانىسىدىن قالغان دۇنيا تۈگەپ، ئاخىرى ئىلكىدە ھېچنەرسە قالماپتۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى كىچىككىنە بىر ھوجرىدا قاپتۇ. بىر كۈنى خوتۇنى: - قەدىمكىلەر>يېتىپ يېسە، تاغمۇ توشىمايدۇ< دەپ راست ئېيتىپتىكەن. خەجلەيدىغانغا پۇل، يەيدىغانغا ئاش قالمىدى، ئەمدى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، بىرەر ھەركەت قىلمىسىلا مېنىڭ ئىلاجىم يوق، - دەپتۇ. ئەمما، ھورۇن ھېچنېمە ئاڭلىمىغاندەك يېتىۋېرىپتۇ. بىر كۈن، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ. خوتۇنى يىگۈدەك بىرەر نەرسە بېرەلمىگەندىن كېيىن، ئاچلىققا چىدىماي ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. لېكىن دەسمايە ئۈچۈن پۇل قەرز ئېلىپ ئوقەت قىلاي دېسە، ئۇنىڭغائىشىنىپ پۇل بېرىپ تۇرىدىغان كىشى چىقماپتۇ. ھېچقانداق ھۈنىرىمۇ بولمىغانلىقتىن نائىلاج قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن خوتۇنى ئۇنىڭ قولىغا بىر پالاز، بىر جەينىماز ۋە بىر قىسىم ئۇششاق تاش سېلىنغان كىچىك بىر خالتىنى تۇتقۇزۇپتۇ - دە: - شەھىرىنىزدىكى چوڭ جامە مۇنارىسىنىڭ تۈۋىگە پالازنى سېلىپ، ئۈستىگە جەينامازنى يېيىپ ، بۇ تاشلارنى جەينىمازنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرسىلا. كىمكى >ماڭا پال ئېچىپ بەر< دەپ كەلسە، پالنى مەن ئۆگەتكەندەك قىلىپ سېلىپ، ئاغزىلىرىغا كەلگەننى دەۋەرسىلە، - دەپتۇ. ھورۇن خوتۇنىنىڭ دېگىنىدەك جامە مۇنارىسىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا بىر ئادەم ناھايىتى ساراسىمىگە چۈشكە ھالدا كېلىپ: - مېنىڭ بىر سېغىن كالام يوقىلىپ كەتتى، پال ئېچىپ باقسىلا، - دەپتۇ. ھورۇن پال سېلىپ: - بىر ئاز سانا ئېلىپ، چاي دەملەپ ئىچىڭ، - دەپتۇ. پال سالدۇرغۇچى كىشى كۆڭلىدە>ئەجەب ئىش، مەن باغدىن گەپ قىلسام، بۇ پالچى تاغدىن گەپ قىلىۋاتىدىغۇ< دەپ، پالچىنىڭ ئالدىغا بىر تەڭگە قويۇپتۇ - دە، سانا سېتىۋېلىپ، ئۆيىگە بېرىپلا چاي دەملەپ ئىچىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي سانا ئۇنىڭ ئىچىنى غۇلدۇرلىتىشقا باشلاپتۇ - دە، تاھارىتى قىستاپ ئارقىدىكى بېغىغا چىقىپ تام تۈۋىگە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ تام ئۆز بېغى بىلەن قوشنىسىنىڭ بېغى ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل تام ئىكەن. ئۇ، تاھارەت قىلىۋېتىپ قوشنىسىنىڭ بېغىدا بىر نەرسىنىڭ پۇشۇلداۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. بۇ كىشى تامدىن ئارتىلىپ قارىغۇدەك بولسا، كالىسى نېرىراقتا ئۆزىگە قاراپ تۇرغىدەك. ئۇ، ئىچ - ئىچىدىن خوشال بولۇپ، پالچىغا غايىبانە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، كالىسى تېپىلغان كىشى پادىشاھنىڭ بىر گۆھىرى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، پادىشاھ نۇرغۇن داڭلىق پالچىلارنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ پال سالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى گۆھەرنى تاپالمىغانلىقى توغرىسىدىكى گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئىنئامى ۋە مەرھەمىتىگە سازاۋەر بولۇش مەقسىتىدە ئوردىغا بېرىپ: - پادىشاھى ئالەم، ئۆزلىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان چوڭ جامەنىڭ مۇنارى تۈۋىدە ئولتۇرىدىغان بىر پالچى بار. گۆھەرنى تېپىشنىڭ ھۆددىسىدىن شۇ كىشى چىقسا ئەجەب ئەمەس، - دەپتۇ. ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پادىشاھ ھورۇننى ئوردىغا چاقىرتىپ كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا گۆھەرنى تېپىپ بېرىشنى، تاپالمىسا كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ھورۇن كۆڭلىدە >مەن بەرىبىر گۆھەرنى تاپالمايمەن، پادىشاھ گۆھەرنى تاپالمىدڭ، دەپ مېنى ئۇ ئالەمگە يولغا سالىدۇ، جاللاتلارنىڭ قولىدا جان ئۈزگەندىن كۆرە، ئۆزەم ئۆلۈۋالاي< دەپ ئويلاپ، پادىشاھقا: - پادىشاھى ئالەم، مېنىڭ گۆھەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىرلا تۈڭلۈكى بار، تۈڭلۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياغاچقا پىشىق ئارغامچا باغلىنىپ ئىچىگە ساڭگىلىتىپ قويۇلغان بىر ئېغىز ئالاھىدە ئۆي كۆرسىتىپ بېرىشلىرىنى ئىلتىجا قىلىمەن. يەنە مۇشۇ ئەستىن نېرى كەتمىگەيكى، مەن ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئىشىڭ سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويۇلسۇن، ئۆينىڭ ئەتراپىدا بولماسلىقى شەرت، - دەپتۇ. پادىشاھ پالچىنىڭ دېگىنىنى تەييارلاپ بېرىپتۇ. ھورۇن ئىشىكنى ئىچىدىن دەم بىلەن مەھكەم تاقاپ، ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئارغامچىنى بوينىغا سېلىپ ئېسىلىپتۇ. بىراق، جېنى چىقاي بەك قىينىلىپ كېتىپتۇ - دە: - جان چىق، جان چىق! - دېگىلى تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ئۆگزىدە تۇيۇقسىز بىر شەپە پەيدا بولۇپ، تۈڭلۈكتىن بىر ئايالنىڭ بېشى كۆرۈنۈپتۇ. ئايال كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۆكۈپ تۇرۇپ: - جېنىم پالچى، جان چىق دېگەن مەن بولىمەن، گۆھەرنى راستىنلا مەن ئوغرىلىغان، مەن پادىشاھنىڭ خانىش كېنىزىكى، ئەگەر پادىشاھ بۇنى بىلىپ قالسا، تېرەمنى تەتۈر سويىدۇ، ماڭا رەھىم قىلسىلا، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەۇ، - دەپ قاتتىق يالۋۇرۇپتۇ. پالچى دەرھال يانچۇقىدىن قەلەمتىراچنى ئېلىپ، ئارغامچىنى كېسىپتۇ - دە، يەرگە چۈشۈپتۇ ۋە جان چىققا قاراپ: - جان چىق، ئۇنداق بولسا، ساڭا بىر يول كۆرسىتەي، مەن دېگەندەك قىلساڭ ئامان قالىسەن، - دەپتۇ. جان چىق: - خوش تەخسىرىم، نېمە قىلشىم كېرەك، تېز ئېيتىپ بەرسىلە، ھايالسىز بىجا قىلىمەن، - دەپتۇ. پالچى: - ئوردىدا ئۆردەك، غاز ياكى توخۇ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئىككى دانە قېرى غاز بار، - دەپتۇ جان چىق. - بەلگىسى قانداق؟ - بىرى ساق، بىرى توكۇر. - ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ پالچى، - گۆھەرنى توكۇر غازغا يۇتقۇزۇۋېتىپ ماڭا خەۋەر قىل. - ئوبدان، ھازىرلا، - دەپتۇ جان چىق ۋە قايتىپ بېرىپ گۆھەرنى خېمىر بىلەن يۆگەپ توكۇر غازغا يۇتقۇزۇۋېتىپ پالچىغا خەۋەر قىپتۇ. پالچى جان چىقنى كەتكۈزۈۋېتىپ، >ئىشىكنى ئېچىڭلار!< دەپ ۋاقىراپتۇ. پالچى پادىشاھقا يەر سۆيۈپ قۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ، ئاندىن: - ئۇلۇغ شاھىم، ئۆمۈرلىرى ئۇزۇن، دۆلەتلىرى زىيادە بولسۇن، دۈشمەنلىرى غالىب قىلىچلىرى ئاستىدا يەر چىشلىسۇن، ھەرەمخانا ئەھلىنىڭ بارچىسى ئۆزلىرىگە سادىق ئىكەن، قولى پاك ئىكەن. گۆھەر مەسلىسىگە كەلسەك، شاھ ئالىيلىرىنىڭ ئوردىسىدا بىرى ساق، بىرى توكۇر بىر جۈپ غاز بار ئىكەن، گۆھەرنى توكۇر غاز يۇتۇۋاپتۇ، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ: - ئەي پالچى، بۇ بىر جۈپ غاز ئاتا - بوۋامدىن تەۋەرۈك قالغان، ھازىر سېنىڭ دېگىنىڭگە بىنائەن توكۇر غازنى سويدۇرىمەن. ئەگەر گۆھەر چىقماي قالسا، ئالدىنقى شەرتىم بويىچە گۆھەرنى تاپالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى، غازنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن ئايالىڭنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيمەن، - دەپتۇ - دە، غازنى سويغۇزۇپتۇ. غازنىڭ قارنىنى يېرىش بىلەن تەڭ >يالت< قىلىپ گۆھەر كۆرۈنۈپتۇ. پادىشاھ پالچىغا ئىنئام بېرىپ،ئۇنى سول قول ۋەزىرلىككە تەيىنلەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بىر زەرگەرگە ئالتۇن ۋە گۆھەر بېرىپ، ئۈزۈك ياساپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. زەرگەر ئۈزۈكنىڭ ھالقىسىنى پۈتكۈزۈپ، گۆھەرنى قويۇۋاتقاندا، گۆھەر چاچراپ كېتىپتۇ - دە، بىر نەرسىگە ئۇرۇلۇپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ. زەرگەر گۆھەرنىڭ بىر پارچىسىنى تېپىپ، يەنە بىر پارچىسىنى تاپالماپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلماپتۇ. زەرگەر يېرىم گۆھەر ئۈچۈن تۆھمەتكە قېلىپ، كاللىسىنىڭ كېتىشىدىن خەۋپسىرەپ، بېشى قېتىپ كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. كالا يوقاتقان كىشى زەرگەرگە سۈت يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرىدىكەن، ئۇ كىشى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، زەرگەرگە: - بۇرادەر، قايغۇرماڭ، پادىشاھنىڭ بىر پالچى ۋەزىرى بار، ئىلاج قىلىپ كۆرۈشۈپ، ھالىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ، بەلكىم تەڭلىكتىن قۇتۇلىشىڭىزغا شۇ زاتى شىرىپنىڭ ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. زەرگەر پالچى ۋەزىر بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭغا ۋەقەنى بايان قىپتۇ. ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ. پالچى ۋەزىر: - كۆجە ئاش ئەتكۈزۈپ، قېتىق ئارىلاشتۇرۇپ، كېكىرتىكىڭىزگە كەلگىچە ئىچىڭ، - دەپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئېيتقىنى قىپتۇ. لېكىن ئۆزىنى تۇتۇپ ئولتۇرالماي، ئوڭدىسىغا يېتىپ كۆزى تورۇسقا قادىلىپ قاپتۇ. قارىسا، تورۇستا بىر نېمە يالتىراپ تۇرغىدەك، زەرگەر دەرھال خوتۇنىنى چاقىرىپ: - خوتۇن، خوتۇن، تورۇسقا قاراڭلار، بىر نېمە يالتىراۋاتىدۇ، - دەپتۇ. خوتۇنى تۇرۇسقا قاراپ: - راستىنلا بىر نېمە پارقىراۋاتىدۇ، - دەپتۇ - دە، زەرگەرنىڭ قىسقۇچ ئەسۋابىنى ئېلىپ، جۇلالىنىپ تۇرغان ھېلىقى نەرسىنى ئاۋايلاپ قىسىپ ئاپتۇ. دەل يۈتۈپ كەتكەن يېرىم پارچە گۆھەر ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن زەرگەر ئىككى دانە ئۈزۈك ياساپ پادىشاھ ھوزۇرىغا بېرىپ، ئۈزۈكنى پادىشاھقا سونۇپتۇ. پادىشاھ: - مەن بىر دانە ئۈزۈك بۇيرۇتقان ئەمەسمىدىم، - دەپتۇ. زەرگەر پادىشاھقا ۋەقەنى بايان قىلىپ يوقالغان يېرىم پارچە گۆھەرنى پالچى ۋەزىرنىڭ كۆزى بىلەن كارامەت تاپقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ خۇش بولۇپ، زەرگەرنى رازى قىپتۇ. پالچىنى بولسا، ئوڭ قول ۋەزىرلىككە كۆتىرىپتۇ. بۇ چاغدا باشقا ۋەزىرلەر ئوتتۇرىسىدا پادىشاھنىڭ پالچى ۋەزىرگە كۆرسىتىۋاتقان مۇنداق ھەددىدىن زىيادە ئىتىپاتىغا قارىتا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپتۇ. بەزىلىرى كۆرەلمەسلىكتىن رەشىك قىلسا، بەزىلىرى ھەقلىق ھالدا نارازى ئىكەن، چۈنكى پالچى ۋەزىرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى جەھەتتە مەيلى ئىلىم - بىلىم بولسۇن، مەيلى ئەقىل - پاراسەت، مەيلى ئىقتىدار - ئىستىداتتا بولسۇن، ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەزىرلەر مەسلىھەتلىشىپ، بىر كۈنى ۋەزىر ئەزەمنى پادىشاھنىڭ خاس ھەرەمخانىسىغا كىرگۈزۈپتۇ. ۋەزىر ئەزەم پادىشاھقا ھۆرمەت سالامنى بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېلىشىدكى سەۋەبنى ئىزھار قىلىپ، مۇنداق دەپتۇ: - ئۇلۇغ، كەرەملىك شاھىم، دۆلەت كەمىرىنى بېلىمىزگە چىڭ باغلىغان بىز ۋەزىرلەر دۆلىتىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى، شان - شەۋكەتلىرىنىڭ پەلەككە يېتىشىنى، سەلتەنەت تەختىلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىزكى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ قارا قورساقلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلۇشىغا ھەرگىزمۇ رازى ئەمەسمىز.... ۋەزىرنىڭ سۆزى شۇ يەرگە يەتكەندە پادىشاھ تاقەتسىزلىك بىلەن: - نېمە دېمەكچىسەن؟ - دەپ ۋاقىراپتۇ. ۋەزىر ئەزەم ئەدەپ - ھۆرمەت بىلەن قول قوشتۇرۇپ تۇتۇپ: - خوش، پادىشاھى ئالەم، ئۆزلىرىگە ئامەت، دۆلىتىمىزگە ئاۋاتلىق، خەلقىمىزگە پاراۋانلىق تىلىمەكچىمەن. ئازراق سەۋرى - تاقەت قىلىپ، سۆزۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزۈشۈمگە ئىجازەت قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، - دەپتۇ. پادىشاھ: - سۆزلە! - دەپتۇ. ۋەزىر ئەزەم: - بىلىمسىز، نادان ئادەم تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپ قىيامەت كۈت، دېگەن گەپ بار. ئەگەر ھاكىمىيەت مۇشۇنداق كىشىلەرگە تۇتقۇزۇلسا، بەخت تاجىلىرىغا قۇزغۇن قونىدۇ، دۆلەت خارابلىشىدۇ، خەلق ئازاب دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ. ئۆزلىرى دائىم ۋەزىر - پادىشاھنىڭ ئەقىلدىشى، ئوردا خىزمىتىنىڭ كېڭەشچىسى، دۆلەت بىناسىنىڭ تۈۋرۈكى، مېنىڭ ھەر بىر ۋەزىرىمدە قابىلىيەت، ئىدراك، بەركامال بولسۇن< دەيتتىلە، ھالبۇكى، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالدى. شاھىمىز ئۈچۈن لاياقەتلىك بولغان پالچى ۋەزىرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزلىرى ئېيتقان لاياقەتتىن ھېچقانداق ئىزنا كۆرۈنمەيدۇ.ئۇ، ئىگەللىگەن مۇنداق كاتتا ئورۇن كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن، ئۆز ساھەسىنىڭ بىلىمىگە كامىل كىشىلەرگىلا مەنسۇب بولۇشى لازىم. مېنىڭ ئەرزىم ئەنە شۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ:>بۇ - رەشىك، ھەسەت ئوتىدا كاۋاب بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ شىكايىتى< دېگەن خۇلاسىغا كەپتۇ - دە: - سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار كىچىك، ئىچىڭلار تار! - دەپلا ۋەزىر ئەزەمنى چىقىرىۋېتىپتۇ. پادىشاھ پالچى ۋەزىرنى قۇدرەت - كامالەتكە چەكسىز ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كارامىتىنى بۇ بەتنىيەت ۋەزىرلىرىنىڭ ئالدىدا بىر نامايىش قىلىپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ھويلىسىدا سەكرەپ كېتىۋاتقان بىر چېكەتكىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ سىقىمدىغىنىچە سارايغا كىرىپتۇ. بارلىق ۋەزىر - ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىدا پالچى ۋەزىرگە قاراپ: - قولۇمدىكى نېمە؟ تېپىڭ! - دەپ ئەمىر قىپتۇ. پالچى ئەمدى ئوردا ئەھلىنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ ئۆلىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئۆز - ئۆزىگە: - ھەي، ھېكەتكە موللا، ئۆيۈڭگە ئولتۇرماي كوچىغا چىقتىڭ، پادىشاھ كۆردى، پادىشاھنىڭ قولىغا چۈشتۈڭ، ئەمدى ئۆلىسەن، - دەپتۇ. پادىشاھ ئالقىنىنى ئاچقان ئىكەن، بىر چېكەتكە سەكرەپ چۈشۈپتۇ. پادىشاھ:>كۆردۈڭلارمۇ، مەن قانداق ئادەمگە ۋەزىرلىكنى بېرىپتىمەن< دېگەندەك قىلىپ، غالىبانە قىياپەتتە باشقا ۋەزىرلىرىگە سوغ نەزەر تاشلاپتۇ. پالچى ۋەزىر ئۆزىنىڭ مۇنداق ئىشلاردا تۇيۇقسىز ئامىتىى كېلىپ قالغان بىلەن مەملىكەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ھېچقانداق بىلىمى يوقلۇقى، پەقەت پۈتۈكچىسىگە تاينىپلا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى پادىشاھدىن سىرتۇتۇپ كەلگەن ئىكەن. شۇڭا ئۇ، باشقا ۋەزىرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە پادىشاھقا پىكىر بېرىشىنى ھەقلىق، دەپ بىلىدىكەن ھەم >>كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ<، دېگەندەك، مەنمۇ بىر كۈنى سۇنىمەن، ئۇ چاغدا پادىشاھمۇ ماڭا قىلچە رەھىم - شەپقەت قىلمايدۇ، شۇڭا مۇنداق كۈنگە قېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئۆيدىن كەتكىنىم ياخشى< دەپ ئويلاپ يۈرىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئۇ ھاممامغا چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنىنى سوپۇنلاۋاتقىنىدا، داستىكى سۇ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ شۇ تۇرقىدىكى كۆرۈنۈشى ئاجايىپ بەتبەشىرە، قورقۇنچلۇق بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ مۇشۇ تۇرقى بىلەن يۈگۈرگىنىچە بېرىپ پادىشاھنى كىكىرتىكىدىن سىقىپ تالاغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتسەم، پادىشاھ بۇ قىلمىشىمدىن غەزەبلىنىپ، مېنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دەپ ھەيدىۋەتسە، يەلكەمدىن بېسىپ تۇرغان خىجىلچىلىق تېغىدىن خالاس بولىمەنغۇ، دەپ ئويلاپ ھاممامدىن يۈگۈرۈپ چىققىنىچە پادىشاھنىڭ ياتاقخانىسىغا بېرىپ، پادىشاھنى كىكىرتىكىدىن سىقىپ تارتقىنىچە تاشقىرىغا سۆرەپ چىقىپتۇ. دەل شۇ چاغدا يەر تەۋرەپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ھودۇقۇپ ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بىر ھازادىن كېيىن، سەل - پەل ھۇشىنى يىغىپ، توپلىنىپ تۇرغان كىشىلەرگە يېنىدىكى قىپ - يالىڭاچ ئاجايىپ مەخلۇقنى كۆرسىتىپ: - بۇ كىم؟ بۇ نېمە ئالامەت؟ - دەپتۇ. يەر تەۋرەش پالچىغا باھانە بوپتۇ - دە، پادىشاھقا تازىم قىلىپ: - كېرەملىك شاھىم، مەن پالچى ۋەزىرلىرى بولىمەن، مەن ھاممامدا يۇيۇنۇۋاتاتتىم، پۈتۈن بەدىنىمنى سوپۇنلاپ بولغان چېغىمدا، ماڭا يەر تەۋرەپ ئۆزلىرنى ئۆي بېسىپ ئالىدىغاندەك بىر خەۋپ سېزىلگەندەك قىلدى - دە، كىيىمىمنى كىيىشكە ئۆلگۈرەلمەي، مۇشۇ پېتى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆزلىرىنى تارتىپ چىقتىم، بۇنداق قىلمىغان بولسام، ئۆزلىرى باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ، ئېلىمىز ماتەم تونىنى كىيگەن بولاتتى، مېنىڭ بۇ ئەدەبسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايلا، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ چەكسىز خوش بولۇپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان پايانسىز بىر ئۆلكىنىڭ سۇلتانىغا تەيىنلەپتۇ. پالچىنىڭ بۇ ئوردىدىن كېتىش ئۈمىدىمۇ شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئېشىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ دەۋرانى ئۇزۇنغا بارماپتۇ. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن قارا تۈرۈك كىشى بولغاچقا ھاكىمىيەتنى قول ئاستىدىكىلەرگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى ئىلگىرىكىدەك ھورۇنلۇق ياستۇقىغا باش قويۇپ، كەيپ - ساپا كۆرپىسىدە يېتىۋاپتۇ. بۇ زېمىندىكى زالىملارنىڭ خەلق بېشىدا ئوينىتىۋاتقان قانلىق قامچىلىرى، ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، بۇزۇقچىلىقلىرى، ئوغرى - قاتىللارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭلىرى ھەددىدىن ئېشىپتۇ. ئاچ - زارلىقتا ياشاۋاتقان نامراتلارنىڭ نالە - زارى بىلەن ئۇنىڭ قىلچىمۇ كارى بولماپتۇ. نەتىجىدە مەزمۇت چىنار دەرىخىدەك ياشناپ كەلگەن بۇ ماكان ھەش - پەش دېگۈچە ۋابا قۇرۇتى چۈشكەن دەرەختەك ئىچ - ئىچىدىن زەخىملىنىپ، چىرىشكە باشلاپتۇ. ۋەيرانچىلىق ۋەزۇلۇم دەستىدىن جاق تويغان خەلق ئاخىرى ئىسيان بايرىقىنى كۆتىرىپ، چىقىپ، ئادالەت تەختىنى تىكلەش غازاتىنى باشلاپ، پالچىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ شۇ ئۇلۇغ يالقۇن ئوت ئىچىدە كۈل قىلىۋېتىپتۇ ۋە بىزگە بۇ بالايى - ئاپەتنى كەلتۈرگەن سەن، دەپ پادىشاھقىمۇ تەھدىت سېلىشىپتۇ. پادىشاھ شۇ چاغدىلا ۋەزىر ئەزەمنىڭ:>دۆلەت مىسلى بىر دۇلدۇل، ئۇنىڭ تىزگىنىنى تۈن قاراڭغۇسىدەك جاھالەت تونىغا ئورالغان كۆڭلى قارىلارنىڭ قولىغا ئەمەس، مەرىپەت نۇرى بىلەن چۈمكەلگەن تەرەققىيپەرۋەرلەرگە تۇتقۇزغاندىلا، ئاندىن بۇ دۇلدۇل پەرۋاز قىلالايدۇ...< دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپتۇ. )بۇ چۆچەكنىڭ >موللا تاپقاق ئاخۇنۇم<، >ئامەتلىك بايۋەچچە< دېگەن ۋارىيانتلىرىمۇ بار(.
← بارلىق تېمىلار چوچاق