سودىگەرنىڭ ئوغلى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر سودىگەرنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا بالىسى بولۇپ، سودىگەرنىڭ ئايالى بۇ بالىغا ئۆگەي ئىكەن. ئۆگەي ئانا سودىگەرنىڭ ئالدىدا بالىسىنىڭ باش - كۆزلىرىنى مېھرىۋانلىق بىلەن سىلايدىكەن، سودىگەر سىرتقا چىقىپ كەتسىلا سىلاپ - سىپىغان يەرلىرىگە غەزەپ بىلەن ئۇرىدىكەن. بالا بولسا ئۆگەي ئانىسىنىڭ قىلمىشلىرىنى دادىسىغا ئېيتمايدىكەن. پەقەت دادىسى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان ئاق قاشقىلىق قارا تاينىڭ بوينىغا ئېسىلىپ دەردىگە يىغلايدىكەن.
شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. تا چوڭىيىپ ئات بوپتۇ. بالا چوڭ بولۇپ يىگىت بوپتۇ. ئۆگەي ئانا بالا بىلەن تاينىڭ شۇنچە ئىجىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ دەرغەزەپ بوپتۇ. چىراقچى موماي بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ، تاينى يوقىتىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. سودىگەر ھىندىستان سەپىرىدىن يانارغا يېقىن ئايالى سۈرگە ئېچىپ كېسەل بولۇپ يېتىۋاپتۇ. سودىگەر ئايىلىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، چىراقچى موماينى چاقىرىپتۇ، چىراقچى موماي پال ئېچىپ:
- خېنىم خاپىغان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. مۇشۇ ئۆيدە بىر قارا تاي بار ئىكەن، شۇنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يەپ، تېرىسىگە يۆگەنسە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ.
سودىگەر قارا تاينى ئۆلتۈرۈشكە نىيەت قىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوغلى دادىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى تاشلاپ، تاينى ئۆلتۈرمەسلىكنى سوراپ زار يىغلاپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئانا بولسا ئالەمنى - مالەم قىپتۇ. سودىگەر تەڭلىكتە قاپتۇ.
سودىگەر بالىسغا:
- ساڭا دۇلدۇل بولسىمۇ ئېلىپ بېرەي بالام، بۇ تاينى ئۆلتۈرەيلى، - دەپتۇ.
- ھېلىغۇ دۇلدۇلكەن دادا، - دەپتۇ ئوغلى، - پۈتۈن بىساتىڭىزنى خەت مۆھۈر قىلىپ بەرسىڭىزمۇ مەن بۇ تايدىن كېچەلمەيمەن!
شۇنداق قىلىپ سودىگەر ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا قاپتۇ. دەرت - ھەسرەتتىن ئەقىل ھوشى جايىدا بولماپتۇ. كېچە تەڭ بولۇپ ئەل ئايىقى بېسىققاندا، بالا دادىسىنىڭ ئۆتكۈر قىلىچىنى ئېلىپ، قارا تاينى مىنىپ قېچىپتۇ، يۇرت - مەھەللىلەرنى ئارىلاپ نۇرغۇن يول يۈرۈپتۇ. بىر ئېقىن سودىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر قاغىنىڭ قىرغاققا چىقىپ قالغان بىر يىلان بالىسىغا خىرس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، دەرھال قاغىنى ئۈركۈتىۋېتىپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپ، ھالسىزلىنىپ قالغان يىلان بالىسىنى ئاستاغىنا سۇغا قويۇپ بېرىپتۇ.
- ھەي ئادىمىزات، - دەپتۇ يىلان زۇۋانغا كېلىپ، - سەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ، نېمە تىلىكىڭ بار، ئېيت! ئەجرىڭنى قايتۇراي؟
بالا يىلاننىڭ سۆزلەۋاتقىنىدىن ھەيران بولۇپ:
- ھېچقانداق تىلىكىم يوق، - دەپتۇ.
- ھېچبولمىسا سەن مېنىڭ ماياقلىرىمدىن بىر نەچچە تال ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا كۆيدۈرسەڭ ئەسقىتىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ يىلان.
بالا يىلان ماياقلىرىدىن ئېلىپ ئېتىغا مىنىپ، ئۆز يولىغا چۈشۈپتۇ. پايانسىز بۇ قۇملۇققا چىقىپتۇ. كېتىۋاتسا ئالدىدا بىر نەرسىنىڭ ۋىچىلىدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. قارىسا يوغان بىر ئاغمىخان بىر يەردىن قوزغىلالماي تۇرغىدەك. بالا دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ يېقىن بېرىپ قارىسا ئاغمىخاننىڭ ئالدى قولى ئىششىپ كەتكەن ئىكەن. بالا ئۇ جاراھەتنى ئېغىز ئالدۇرۇپ ئۇ يەردىكى تىكەننى ئېلىۋېتىپ، تېڭىپ قويۇپتۇ.
ئاغمىخان تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپ:
- ھەي ئادىمىزات، نېمە تىلىكىڭ بار، ئېيت؟ - دەپتۇ.
بالا تېخىمۇ ھەيران بولۇپ:
- مېنىڭ سەندىن سورايدىغان تىلىكىم يوق. تېزرەك ئۆيۈڭگە بار، - دەپتۇ.
- ئۇنداقتا سەن مېنىڭ تۈكلىرىمدىن بىرنەچچە تا ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا، كۆيدۈرسەك ئەسقېتىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ ئاغمىخان.
بالا ئاغمىخاننىڭ تۈكلىرىدىن بىر نەچچە تال ئېلىپ، يولغا چۈشۈپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. پايانسىز بىر جاڭگالغا كىرىپ قاپتۇ. كېتىۋاتسا قانداقتۇر بىر قۇشنىڭ ئېچىنىشلىق >چىر - چىر< قىلغان نالە - زارى ئاڭلىنىپتۇ. بالا ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېرىپ قارىسا، ئاسمان پەلەك بىر توغراقنىڭ تۈۋىدە، سۇمرۇغنىڭ بىر بالىسى تۈكى چىقمىغان قاناتلىرىنى سوزۇپ نالە قىلىۋاتقىدەك، بىر تۈلكە بولسا ئۇنىڭغا تۇمشۇقىنى سوزۇۋاتقىدەك. بالا بىر ۋارقىراپ تۈلكىنى قاچۇرۇۋېتىپتۇ. ئاتتىن چۈشۈپ سۇمرۇغ بالىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇۋىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ - دە، ھېلىقى ئاسمان پەلەك توغراقنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، مىڭ بىر تەسلىكتە بۇنى ئۇۋىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ. بالا ئەمدىلا توغراقتىن چۈشەي دېگەندە:
- ھەي ئادىمىزات، - دەپتۇ سۇمرۇغ بالىسى، - بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ. توختاپ تۇر. ئاتا - ئانىمىز ھازىر كېلىدۇ. سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا بىر ياخشىلىق قىلايلى!
بالا تېخىمۇ ھەيران بولۇپ تۇرىشىغا ئاسمانۇ - پەلەكتىن ئالامەت يوغان بىر قۇش ئۇچۇپ كەپتۇ.
سۇمرۇغ بالىسى دەرھال.
- ھەي يىگىت، دەرھال ئۇۋىنىڭ ئاستىن تەرىپىگە يوشۇرۇنۇپ دەرەخقە چىڭ چاپلىشىۋال، - دەپتۇ.
بالا سۇمرۇغ بالىسىنىڭ دېگىنىنى قىلىشقا ئاران ئۈلگۈرۈپتۇ. قۇش توغراققا قونۇپتۇ. سۇمرۇغ بالىسى:
- ئاتا - ئانا سەندىن بىر نەرسىنى تىلەيمەن، - دەپتۇ.
- نېمىنى تىلەيسەن؟- دەپتۇ ئاناقۇش. سۇمرۇغ بالىسى ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ.
- ھەي ئادىمىزات - دەپتۇ سومرۇغ ئىنتايىن خۇرسەندە بولۇپ، - سەن بىزگە ئىنتايىن چوڭ ياخشىلىق قىلىپسەن، ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش بىزنىڭ ئېيتقادىمىز، قېنى ئېيت، نېمە تىلىكىڭ بار؟
بالا ئالامەت كۆركەم قۇشقا زوقلىنىپ قاراپ تۇرۇپ:
- مېنىڭ تىلىكىم يوق، - دەپتۇ. سۇمرۇغ ھەيران بولۇپ:
- ئۇنداقتا سەن مېنىڭ پەيلىرىمدىن بىر نەچچە تال ئېلىۋال، ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا، كۆيدۈرسەڭ، ئەسقېتىپ قالارمەن، - دەپتۇ.
بالا سۇمرۇغنىڭ پەيلىرىدىن ئېلىپ دەرەختىن چۈشمەكچى بوپتۇ. شۇ چاغدا قۇش ئۇنىڭدىن:
- مۇشۇ مېڭىشىڭدا نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا:
- بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان يەرگىچە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. قۇش قەتئىي قىلىپ:
- كەينىڭگە يان. ئالدىڭدا پايانسىز قۇملۇقلار بار، ئۇ يەرگە ھەتتا ئۇچار قۇشلار كىرىپ قالسىمۇ كاۋاپ بولۇپ كېتىدۇ، - دەپتۇ. ئەمما بالا >قېنى كۆرۈپ باقمايمەنمۇ؟<دەپتۇ - دە، سۇمرۇغ بىلەن خوشلىشىپ، دەرەختىن چۈشۈپ، يولىنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن مېڭىپ پادىشاھ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. بالا شەھەرگە كىرىشىگە بىر توپ جاكارچىلار:
- ئەي ھانناس! ئىشتىڭلار ئامۇ - خاس! پادىشاھىمىزنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز قىزىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. شۇڭا پادىشاھىمىزنىڭ دەردى پەلەكتىن ئاشتى. كىمدىكىم ئول مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى يىلاننى چۈشۈرۈپ، مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ قالسا، پادىشاھ ھەزرەتلىرى، ئول كىشى ئايال بولسا دۇنيادىن بىنەزەر قىلىدۇ. ئەر بولسا ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىۋالىدۇ، - دەۋاتقۇدەك.
بالا جاكارچىلارغا ئەگىشىپ خېلى يۈرۈپتۇ. بالا شەھەر خەلقىدىن مەلىكىنىڭ ئەخلاقىي دىيانەتلىرىنى، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوقلۇقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ نېمە بولاركىن دەپ جاكارچىلارغا كۈن بويى ئەگىشىپ يۈرسىمۇ ھېكىم ئوتتۇرىغا چىقالماپتۇ. بالا مەلىكىنىڭ تارتىۋالغان ئازابلىرىغا، ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىپتۇ. مەلىكىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قېلىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلسىمۇ بىر ئامال تاپالماپتۇ. يىگىت قايغۇرغان ھالدا ئېتىنى سۇغارغىلى ئۆستەڭ بويىغا ئېلىپ بارغاندا:
- ھەي مېھرىبان يىگىت، - دەپتۇ ئات زۇۋانغا كىرىپ، - سەن ماڭا چەكسىز ياخشىلىق قىلدىڭ. مەن ئۈچۈن كۆپ رىيازەتر چەكتىڭ، ھەزرىتى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىغا قەسەم ئىچىمەنكى، سېنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭغا ئۆمۈر بويى قەرزدارمەن، ھازىر مەلىكىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئامال تاپالماي قايغۇرۇۋاتىسەن. ھەي يۇمشاق كۆڭۈل يىگىت، دەرھال يىلان ماياقلىرىدىن بىرنى كۆيدۈرسەڭ غەم - غۇسسىلىرىڭ شاتلىققا ئايلانغۇسى.
يىگىت ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم چەكسىز خۇشال بولۇپ دەرھال يىلان ماياقلىرىدىن بىرنى كۆيدۈرۈپتۇ. شۇئان ئىككى چوڭ يىلان ۋە بىر كىچىك يىلان بالىنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ:
- ھەي مېھرىبان ئاق كۆڭۈل يىگىت، - دەپتۇ چوڭ يىلانلار، - سەن بىزنىڭ كۆز نۇرىمىزنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قاپسەن. قېنى ئېيت. بىزگە نېمە ھاجىتىڭ چۈشتى، بىز قولىمىزدىن كېلىدىغىنىنى قىلىپ، ياخشىلىقىڭغا جاۋاب قايتۇرايلى؟
بالا ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ.
- مەلىكە كىچىك چېغىدا، ئوردىنىڭ ھەرەم بېغىدىكى ئېرىقتىن سۇ ئىچكەندە يىلان بالىسىنى بىللە يۇتۇۋەتكەن. ھازىر شۇ يىلان مەلىكىنىڭ ھاياتىغا قەست قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا، - دەپتۇ يىلان بىر يۇمۇلاپلا تېرىسىنى تاشلاپ، - سەن قىرىق يىللىق ئۈرۈك ئوتۇنى تېپىپ گۈلخان سال، ئاندىن بۇ تېرەمنى قىرىق يىللىق سىركىگە چىلاپ سىركىدىن ئال - دە، يېنىۋاتقان گۈلخانغا تاشلا، ئېسىڭدىن چىقمىسۇنكى، بۇ چاغدا پادىشاھنىڭ مەلىكىسى گۈلخاننىڭ يېنىدا ياتقۇزۇلغان بولسۇن. شۇنداق قىلساڭ كۆيدۈرۈلگەن تېرەمنىڭ دۇتى مەلىكىنىڭ قورسىقىدىكى يىلانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ ھامان يىلان سىرتقا چىقىپ مەلىكە شىپا تاپىدۇ.
بالا رەھمەت ئېيتىپ، ئوردىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ مەلىكىنى داۋالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ كۆپ خۇرسەن بوپتۇ. يىگىت مەلىكىنىڭ گۈزەللىكىگە ھاڭ - تاڭ بوپتۇ ۋە دەرھال ئىشىغا كىرىشىپ، يىلاننىڭ ئېيتقىنى بويىچە مەلىكىنى داۋالاپتۇ. يىلان چۈشۈپتۇ. مەلىكە بولسا قوتقۇزۇپ قېلىنىپتۇ، بۇنىڭغا يىگىت ھەم پادىشاھ ئېيتقۇسىز خۇشال بوپتۇ. پادىشاھ يىگىتتىن:
- ھەي بەختلىك يىگىت، سېنى بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە قىلغان ئاتاڭ كىم؟ ئاناڭ كىم؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەدەب بىلەن:
- ھەي شەۋكەتلىك پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئوردا شەھىرىنىڭ غەرىبىدىكى قەبىلىدىن. ئانام يوق، ئاتام بولسا سەپەردە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- ۋەدەمدە تۇرىمەن، - دەپتۇ شاھ ئوردا ئەھلىگە قاراپ. شۇ چاغدا ئوڭ قول ۋەزىرى:
- ۋەدىگە ۋاپا قىلىش شاھلارنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتى، لېكىن، مېنىڭچە مەلىكىمىزنىڭ سالامەتلىكى تازا ئەسلىگە كەلسە ئاندىن توينى ئۆتكۈزسەك، - دەپتۇ. پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ سۆزىنى ماقۇل تېپىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئايرىم جايدا ۋەزىردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكىلەپ سورىماي تۇرالماپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىرى:
- پەقىرنىڭ نەزەردە تۇتقىنى ھەرگىزمۇ ۋەدىگە كېيىنچە ۋاپاسىزلىق قىلىش ئەمەس، مەلىكەمنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشمۇ ئەلۋەتتە بىر سەۋەب. لېكىن پەقىرنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى - ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق. ياشلىرىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بۇ يىگىت ياخشى كۈننىڭ يامىنى كېلىپ قالسا يۇرتقا باش بولالامدۇ - يوق، بۇ تەرەپنىمۇ ئويلاپ ئىش قىلغىنىمىز تۈزۈك، - دپتۇ.
- ئەگەر يىگىت كۆڭلىمىزدىكىدەك چىقماي قالسا، ۋەدىمىزنى بۇزامدۇق؟ - دەپتۇ پادىشاھ.
- ياق، - دەپتۇ ۋەزىر، - ئۇ ھالدا، بىز ئۇنى رازى قىلساقلا بولدى. بىز مۇنداق جىددى ئىشتا يۇرتنى ئويلىشىمىز كېرەك! كونىلار >بېشى يوقنىڭ ئىشى يوق< دەيدۇ. ئەگەر يۇرت كۈنلەرنىڭ بىرىدە نائىنساپ ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ئەل يەيدىغان نېنىنى تاپالماي قالىدۇ، بىزنىڭ مۇبارەك يۇرتىمىزنىڭ نامى ئالەمدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ.
پادىشاھ دانىشمەن ۋەزىرنىڭ سۆزىگە قايىل بوپتۇ. پادىشاھ يىگىتكە ئوردا شەھىرىدىن ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ھەشەمەتلىك بىر قورۇنى باغلىرى، خىزمەتكارلىرى بىلەن سوۋغا قىلىپتۇ ھەمدە نۇرغۇن مىقداردا ئالتۇن - كۈمۈشمۇ ئىنئام قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يىگىت مەلىكىنى كېچە - كۈندۈز ئويلاپتۇ. باغرى كاۋاپ بوپتۇ. ئاغزىدىن چىققىنى نەپەس ئەمەس، بەلكى كۆيۈۋاتقان يۈرىكىدىن چىققان ئىس بوپتۇ. مەلىكىمۇ يىگىتنى بىر كۆرۈپ كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقتىن، كۈنۇ - تۈن يىگىتنى ئويلايدىكەن، كۈندۈزى كۈنگە قاراپ ئويلايدىكەن. كېچىلىرى ئايغا قاراپ تەلمۈرۈپ ئويلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. مەلىكىنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارا - بارا ئەسلىگە كېلىپ، قىزىلى - قىزىل، ئېقى - ئاق، بويلىرى ئەۋرىشىم، مېڭىشلىرى خىيالچان بوپتۇ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئوردا ئەھلىنى ئېلىپ شىكارغا ئاتلىنىپتۇ. يىگىتنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىپتۇ: ئۇلار شۇ كۈنى كەچتە، چەت بىر كىچىك قورغان شەھىرىدە دەم ئېلىپتۇ. شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ. كېچىسى پادىشاھ بىر چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە قاپ - قارا بىر نەرسە >گۈپ< قىلىپ پادىشاھنى بېسىۋاپتۇ. ئارقىدىن يەر يېرىلىپتۇ. ھېلىقى قارا نەرسە شۇ كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر يار ئىچىگە ئىتتىرىۋاتقىدەك. پادىشاھ قاتتىق قورقۇپ، ۋارقىراپ ئويغىنىپتۇ. پادىشاھ تاڭ سەھەردە ئوردا ئەھلىنى چاقىرىپ ھېلىقى چۈشىگە تەبىر سوراپتۇ. ھېكىم زۇۋان سۈرەلمەپتۇ.
- ئى نائىنساپ نان قېپىلار! - دەپتۇ پادىشاھ، - سىلەر بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدىڭلار، ئەتىدىن باشلاپ ھەممىڭلارنى ساپانغا قاتتۇرۇپ يەر ئاغدۇرىمەن! - شاھنىڭ غەزىپىدىن ھەممىنى سۈر بېسىپتۇ. ھېكىمنىڭ گېلىدىن بىر نەرسە ئۆتمەپتۇ. يىگىت پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىنى ئويلاپ، ئېتىنى يوقلىغىلى چىقسا ئېتى ئوقۇردىكى بوغۇزنىمۇ يېمەي تۇرغۇدەك. يىگىت ئېتىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپتۇ.
- ھەي يىگىت، دەپتۇ ئات زۇۋانغا كىرىپ، - پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىرنى ھېلىقى ئاغمىخاندىن سورا، دانىشمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋال.
يىگىت تۈكنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئاغمىخان شۇ زامان پەيدا بوپتۇ:
ھەي مېھرىبان يىگىت! ئېيت، ماڭا قانداق ھاجىتىڭ چۈشتى؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىت ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ. ئاغىمخان:
- ھە يىگىت! پادىشاھنىڭ چۈشىنىڭ تەبىرى شۇكى، ھېلىقى قاپ - قارا نەرسە بۇ كېچە ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەھشەتلىك قارا بوراننىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر. يەرنىڭ يېرىلىشى بولسا، ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە شەھەردە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر دەرھال بۇ يەدىن قوزغىلىپ كەتمىسە قۇم بېسىۋالىدۇ، دېگەننىڭ ئالامىتىدۇر، - دەپتۇ.
يىگىت رەھمەت ئېيتىپ، پادىشاھ ھوزۇرىغا كىرىپ چۈشىنىڭ تەبىرىنى بەرمەكچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ دەرھال قوبۇل قىپتۇ. پادىشاھ، يىگىت بەرگەن تەبىرلەرگە ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قاپتۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ پۈتۈن شەھەردىكى كىشىلەرگە دەرھال كۆچۈشكە پەرمان بېرىپتۇ. راست دېگەندەك كېچە قاتتىق، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك بوران چىقىپتۇ. ئەتىسى بوران پەسەيگەندە، ئەۋەتكەن ئادەملەر ھېلىقى شەھەرنىڭ ئورنىدا ئىنتايىن زور، ئاسمان - پەلەك قۇم دۆۋىلىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى، ئەتراپىدا نە دەرەخ، نە ئۆستەڭ، نە ئۆيدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ كەپتۇ.
پادىشاھ چەكسىز ھەيران قېلىپ ھەم خۇشال بولۇپ، دەرھال ئوردا ئەھلىنى چاقىرتىپتۇ. يىگىتنىڭ دانىشمەنلىكىنى ماختاپتۇ. ئۆز قولى بىلەن ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن ھەشەمەتلىك تون يېپىپتۇ ھەمدە ئون مىڭ تىللا ئىنئام قىپتۇ. ئوردا ئەھلىمۇ يىگىتكە چىن يۈرىكىدىن ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مەلىكە يىگىتكە بىر ئالتۇن كەمەر سوۋغا قىلىپ ئەۋەتىپتۇ. يىگىتنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.
بۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ يۇرتنىڭ بېشىغا يەنە بىر پالاكەت چۈشۈپتۇ: ئوردا شەھىرىنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ سۈيى تۇيۇقسىز تارتىلىپ كېتىپتۇ، دالا ئوت - چۆپسىز، دەرەخلەر يوپۇرماقسىز، قۇشلار دانسىز، كىشىلەر نانسىز قېلىشقا باشلاپتۇ. قىلمىغان ئامال قالماپتۇ. لېكىن دەھشەتلىك قۇرغاقچىلىق تۈگۈمەپتۇ. پادىشاھ توپ - توپ يىگىتلەرنى دەريانىڭ بېشىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قايتماپتۇ. قۇرغاقچىلىق بولسا، ئەل - يۇرتنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتۇشقا باشلاپتۇ. يىگىت بىر كۈنى يۇرتنىڭ قايغۇسىدا ئېتىنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئات:
- بىز دەريا بېشىغا بېرىپ قاراپ باقايلى، - دەپتۇ.
يىگىت شاھتىن ئىجازەت سوراپ، ئېتىنى مىنىپ دەريا بويلاپ مېڭىپتۇ. دەريانىڭ بېشىغا يېقىنلاشقانسېرى جاپا - مۇشەققەتمۇ شۇنچە كۆپ بوپتۇ. يىگىت بېرىپ قارىسا سۇنىڭ يولىنى يوغان بىر ئەجدىھا توساپ يېتىپتۇ. يىگىت ئېتىنى قويۇپ، قېلىچىنى يالىڭاچلاپ بىر نەرە تارتقان ئىكەن، ئەجدىھا ئويغىنىپ:
- ھەي ئادىمىزات! سەن ماڭا ئەلچى بولۇپ كەلدىڭمۇ؟ - دەپتۇ. يىگىت:
- مەن سەن ئۈچۈن نېمىگە ئەلچى بولىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سەن، - دەپتۇ ئەجدىھا، - پادىشاھىڭغا بىر ئېيت، ھەر يىلى دەل مۇشۇ چاغدا ماڭا ئوتتۇز تۆگە، ئوتتۇز قوتاز، ئوتتۇز ئات، ئوتتۇز كالا، ئوتتۇز قوي، ئوتتۇز ئۆچكە، ئوتتۇز قىز ئەكىلىپ بەرسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا كۆنمىسە گۈزەل يۇرتۇڭنى سۇسىز قويۇپ، قۇرۇتۇۋېتىمەن!
يىگىت ناھايىتى قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ.
- ھەي ئەجدىھا! مۇبادا سەن مېنىڭ خىزمەتكارىڭ بولسام يۇرتۇمنىڭ دەريالىرى ماڭا سۈيىنى ئىچكۈزمەيدۇ، مېۋىلىرى ئۆزىنى يىگۈزمەيدۇ. قۇشلىرى ماڭا سايراپ بەرمەيدۇ. تۇپراقلىرى ئۆلگىنىدە ماڭاقوينىنى ئاچمايدۇ. ئەۋلاتلىرىم تاكى زامان ئاخىر بولغىچە ماڭا لەنەت ئوقۇيدۇ! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- مانا ئەمسە كۆر، - دەپتۇ ئەجدىھا قاتتىق غەزەپكە كېلىپ ۋە يىگىتنى شوراپتۇ. يىگىت ئۆتكۈر ئىككى شەمشەرنى توغرا تۇتقان پېتىچە ئەجدىھانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. بىر سائەتتىن كېيىن يىگىت ئەجدىھانىڭ ئاخىرىسىدىن چىقىپتۇ. ئەجدىھا ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. يىگىت ئەجدىھا بېشىنى كېسىپ، ئېتىغا مىنىپ سۇ بىلەن تەڭ ئوردا شەھىرىگە كىرىپ كەپتۇ... ئەجدىھا بېشىنى قاشتېشى، ئالتۇندىن ياسالغان ھەشەمەتلىك تەختتە ئولتۇرغان شاھنىڭ ئاياغ تەرىپىگە ئىززەت - ئېكرام بىلەن قويۇپتۇ. شاھ تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. يىگىتنىڭ پىشانىسىگە ئاتلىق مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويۇپتۇ ھەمدە يىگىتنى ئۆزىگە سول قول ۋەزىر قىلغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ئوردا ئەھلىدىن تاكى ئاددىي پۇقراغىچە يىگىتنى قىزغىن تەبرىكلەپتۇ. پادىشاھ داغدۇغىلىق زىياپەتتىن كېيىن ئوڭ قول ۋەزىرىگە:
- ئەمدى توينى قىلىۋەتسەك قانداق؟ - دەپتۇ.
ئوڭ قول ۋەزىر:
- ئى پادىشاھىم، ئالدى بىلەن يىگىتنى چاقىرساق، سورايدىغان بىر گېپىم چىقىپ قالدى. شۇنى سورىۋېلىپ ئاندىن گېپىڭىزگە ئۇچۇر قىلسام، - دەپتۇ. شاھ يىگىتنى چاقىرىپتۇ. يىگىت ئىززەت - ئېكرام بىلەن ئولتۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا ۋەزىر:
- ھەي يىگىت! سىز ئەجدىھانىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقمىدىڭىزمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن كىچىك چېغىمدا >يۇرت قوغدىمىغان ئۆلەر< دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆتكەندە ئۆزلىرىنىڭ >يۇرتى يوقنىڭ جېنى يوق< دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم. شۇڭا ئەل - يۇرتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش يولىدا ئۆلۈمدىن قورقۇش كەمىنىلىرىگە يات! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ يىگىت.
- يارايسەن ئوغلۇم! - دەپتۇ ۋەزىر يىگىتنىڭ سۆزىدىن ھاياجانلىنىپ، يىگىتكە ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن، ئوڭ قول ۋەزىر:
- ئى ئولۇغ شاھىم، بىزنىڭ مۇبارەك يۇرتىمىز يەنە بىر ئۆچمەس چىراغقا ئىگە بولدى. توينى ئەمدى قىلايلى، - دەپتۇ.
توينىڭ تەييارلىقى جىددىي باشلىنىپ كېتىپتۇ. يىگىتكە يېپ - يېڭى ھەيۋەتلىك ساراي سېلىنىشقا باشلاپتۇ. دەل مۇشۇ كۈنلەردە شەھەرگە يېغىلىق كەپتۇ. ئوردىدا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپتۇ. مەنسەپتىن قالدۇرۇلغان سابىق سول قول ۋەزىر تەرەپتىكىلەر سۈلھى قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر تەرەپتىكىلەر دۈشمەنگە قەتئىي قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپتۇ. پادىشاھنىڭ بولسا بېشى قېتىپتۇ.
يىگىت، يوشۇرۇنچە شەھەر سىرتىغا چىقىپ سۇمرۇغنىڭ تۈكچىلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، قۇش دەرھال يېتىپ كېلىپ:
- ھەي مېھرىباب يىگىت! ئېيت، قېنى، سېنىڭ بېشىڭغا قانداق كۈن چۈشتى؟ - دەپتۇ. يىگىت ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ ۋە دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۆرۈپ كېلىش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. سۇمرۇغ:
- قېنى ئونداق بولسا، ئۈستۈمگە مىن، - دەپتۇ، يىگىت سۇمرۇغنىڭ ئۈستىگە مىنىپ غەرپ تەرەپكە ئۇچۇپتۇ. كەنتلەردىن، دەريا - سۇلاردىن، شەھەرلەردىن ئۆتۈپ پايانسىز چۆلگە چىقىپتۇ. سۇمرۇغ:
- ھەي يىگىت، دۈشمەنلەر مۇشۇ چۆلنىڭ ئىچىدە، ئەمدى پەسرەك ئۇچىمەن، سەگەك بول! - دەتپۇ. يىگىت قارىسا دۈشمەن ئەسكەرلىرى پۈتۈن چۆلنى چۈمۈلىدەك قاپلىغان ئىكەن. بارگاھلار بولسا سانجاق - سانجاق تۇرغىدەك. يىگىت دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىرىنچىدىن سانى كۆپلۈكىنى، ئىككىنچىدىن ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ خىللىقىنى، ئۈچىنچىدىن ئوق - يالىرىنىڭ ئالامەت يوغان، ئوقلىرىنىڭ ئۇزۇنغا بارىدىغان ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. يىگىت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى، دۈشمەن ئەھۋالىنى پادىشاھقا ۋە ئوردا ئەھلىگە بايان قىپتۇ. تالاش - تارتىشلار بوپتۇ. سۈلھى تەرەپدارلىرى:
- بۇنداق دۈشمەننى قىلىچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سوۋغان ھەم ئىززەت - ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىپ، يۇرتىمىزنى تاپشۇرۇپ، بېشىمىزنى تۆۋەن سالغىنىمىز تۈزۈك، - دېيىشىپتۇ.
- بولمايدۇ! - دەپتۇ يىگىت قەتئىي قىلىپ، بۇ دۈشمەنلەر بىزنىڭ سوۋغات، ئىززەت - ئېكراملىرىمىزغا قانائەت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلار يۇرتىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇڭا دۈشمەن ئۈستىگە ئاتلانماق كېرەك.
پادىشاھ يىگىتكە ئەسكەر تارتىشقا پەرمان بېرىپتۇ. يىگىت ئاتلىنىپتۇ ۋە دۈشمەن بارگاھىنىڭ ئۇدۇلىغا بارگاھ تىكىپتۇ. ئەل ئايىقى بېسىققاندا يىگىت ئاغمىخان تۈكلىرىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن، ئاغمىخان دەرھال پەيدا بوپتۇ.
- ھەي يىگىت، - دەپتۇ ئاغمىخان، - بىزگە يەنە قانداق ھاجىتىڭ چۈشتى؟
يىگىت ئەھۋالنى بايان قىپتۇ. ئاغمىخان:
- بىز ھازىردىن باشلاپ دۈشمەنلەرنىڭ چىشلەپ، قىرىپ ئۈزۈۋېتىدىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كاردىن چىقىرىمىز. بىزمۇ سېنىڭ يۇرتۇڭدىكى ئاغمىخانلارمىز، سېنىڭ دۈشمىنىڭ بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز، سېنىڭ قايغۇڭ بىزنىڭمۇ قايغۇمىز، مەن سېنىڭ ئىشىڭغا ئاز بولسىمۇ ياردەم بېرىمەن، سەن ئەتە سۈزۈلۈشى بىلەنلا غالىبىيەت بايرىقىڭنى كۆتەر - دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
يىگىت ئەسكەرلىرىن پۇختىلىق بىلەن جەڭگە تەييارلاپتۇ. تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەن يىگىت ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە ئاتلىنىپتۇ. دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنىڭ تاسما، بەلۋاغلىرى، ئوقيالىرىنىڭ يىپلىرى تامام غاجىلىنىپ، ئۈزۈلۈپ، تۈگىشىپ كەتكەنلىكتىن، جەڭگە دەرھال تەييارلىنالماي، پاتپاراق بولۇپ كېتىپتۇ. يىگىت ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە بوراندەك يېتىپ بېرىپ، دۈشمەنلەرنى تېرى - پېرەك قىلىۋېتىپتۇ. پۈتۈن چۆل دۈشمەن ئۆلۈكلىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندا يىگىت ئۇرۇش مەيدانىنى يىغىشتۇرۇشقا پەرمان بېرىپتۇ. ھەددى ھېساپسىز مال - دۇنيا، قورال - ياراق، ئېسىل ئاتلارنى غەنىمەت ئالغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپتۇ. ئەسىرلەرنى ھەيدەپ كەلگەن ئەزىمەتلەردىن بىرسى ئەسىرلەرنى قاتار تۇرغۇزۇپ قويۇپ:
- ئەي باسقۇنچىلار! غالىپ قوشۇنىمىزنىڭ سەركەردىسىگە باش ئېگىش! - دەپتۇ. يىگىت شۇنداق قارىغىدەك بولسا، بۇ ئەزىمەت دەل يىگىتنىڭ بولغۇسى خوتۇنى - شاھنىڭ ئارزۇلۇق مەلىكىسى ئىكەن.
- سىز قاچاندىن تارتىپ بىز بىلەن بىللە؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت.
- تۈنۈگۈن كەچتىن تارتىپ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مەلىكە.
- ئاتىڭىز رۇخسەت قىلدىمۇ؟ - دەپتۇ يىگىت.
- يۇرت قوغداشقا رۇخسەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپتۇ مەلىكە. يىگىت مەلىكىنىڭ جاۋابىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپتۇ ھەمدە ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ئوردا شەھىرىگە راۋان بوپتۇ.
پادىشاھ ۋە ئوردا شەھىرىدىكى كىشىلەر يىگىتنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەنتەنە بىلەن قارشى ئاپتۇ. راۋاق ئالدىغا بارغاندا پادىشاھ ئىشارەت قىپتۇ. پۈتۈن ئوردا ئەھلى ھەم كىشىلەر يىگىتنىڭ ئالدىدا يۇرتنىڭ مۇبارەك توپىسىنى سۆيۈپتۇ.
يىگىت دۈشمەن بايراقلىرىنى، ئەسىر ئېلىنغان دۈشمەن باشلىقلىرىنى راۋاق تېگىگە تاشلاپتۇ. شاھ دۈشمەن بايراقلىرىنى دەسسەپ يىگىتنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. قىزى بىلەن بىرلىكتە راۋاق ئۈستىگە چىقىپ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى يىگىتكە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، شۇ مەيداندىلا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپتۇ.
يىگىت پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، چاچ - ساقاللىرى ئاقىرىشقا باشلىغان بىر سودىگەر كىرىپ:
- دات! ئەي شەۋكەتلىك شاھ! - دەپ تىز پۈكۈپتۇ. يىگىت قارىغىدەك بولسا ئۆزىنىڭ ئەزىز دادىسى ئىكەن. ئەمما يىگىت تونۇشلۇق بەرمەي تۇرۇپ:
- قېنى سودىگەر، دەردىڭىزنى بايان قىلىڭ! - دەپتۇ.
- مەن سادىق پۇقرالىرى بولىمەن، مەن ھىندى - ئاۋغان تەرەپكە مال ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدىم، - دەپتۇ سودىگەر، - سەپەردە بەختسىزلىك يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇمنى ئىزلەپ ھايال بوپقالدىم. ئارقىسىدىن ئۇزاققىچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم. ئايالىم بىر يىل بۇرۇن مېنى ئۆلدىگە چىقىرىپ، ماتەم تۇتۇپ، باشقا ئەرگە تېگىۋاپتۇ. مېنىڭ سارايلىرىم، ئۆمۈر بويى يىغقان مال - دۇنيالىرىمغا بىر نائىنساپ ئىگىدارچىلىق قىلىپتۇ.
- تەلىپىڭىز نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ يىگىت دادىسىنىڭ غەزەپتىن گەپ قىلالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ:
- ئاجىز قۇللىرىنىڭ تەلىپى، - دەپتۇ سودىگەر، - مېنىڭ بىردىن - بىر كۆز نۇرۇم ئوغلۇم شۇ جادۇگەر خوتۇننىڭ كاساپىتىدىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇنى ئىزلەپ بارمىغان يەرلىرىم قالمىدى. شۇ ئوغلۇمنىڭ ئىز - دېرىكىنى بىر ئۇقۇش مۇمكىن بولسا ھەمدە بارلىق مال - مۈلۈكلىرىم قولۇمغا ئېلىپ بېرىلسىكەن.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا! - دەپتۇ يىگىت تەختتىن چۈشۈپ، - مەن سىزنىڭ ئوغلىڭىزمەن!
سودىگەر ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاپتۇ. يىگىت دادىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ شاھانە تەخت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپتۇ. سودىگەر بولسا شاتلىق ياشلىرى بىلەن ساقاللىرىنى يۇيۇپتۇ. يىگىت ئانىسىنى ۋە ئۇنىڭ تېگىۋالغان ئېرىنىمۇ قوشۇپ ئوردىغا ئەكەلدۈرۈپتۇ ۋە دادىسىغا:
- قېنى دادا، بۇنىڭغا ئۆزىڭىز بىر نېمە دەڭ! - دەپتۇ. دادىسى:
- ئى ئوغلۇم، مەن گەرچە داداڭ بولساممۇ، سەن بىر شاھسەن. يۇرتنىڭ ئاتىسى سەن. مېنى بۇنچىلىك ئىززەت قىلغىنىڭغا خۇدا رەھمەت قىلسۇن! بۇلارغا يۇرت قانۇنى بويىچە ھۆكۈم قىلغايسەن! - دەپتۇ يىگىت:
- بۇ ئىككىسى سارايلارنى، ئالتۇنلارنى، رەھمەتلىك ئانام ۋە بوۋامنىڭ خاتىرە بۇيۇم - يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرسۇن، قالغانلىرى بولسا ئۆزلىرىدە قالسۇن. ئۇلارغا ھېچكىم دەخلى - تەرۇز يەتكۈزمىسۇن! - دەپ ئەمىر قىپتۇ. يىگىتنىڭ بۇ ئادىل ھۆكىمىگە ھەممە قايىل بوپتۇ. ئارقىدىنلا غەلبە شاتلىقى بىلەن توي باشلىۋېتىپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز شۇنداق توي بولۇپتۇكى، تارىختا ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداق توي بولۇپ باقمىغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاتا - بالا جەم بوپتۇ. يىگىت يۇرتنى ئادىل سوراپتۇ. خەلق - ئەل مۇرات - مەقسىدىگە يېتىپتۇ.