باي بېلەن مەسۇم تاز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇننىڭ بورۇنىسىدا، يا بېشى يوق، يا ئايىغى يوق بىر دەريانىڭ بويىدا چوڭ بىر يېزا بولغانىكەن. ئۇ يېزىدا ناھايىتى بېخىل ۋە ناھايىتى زالىم بىر باي ياشايدىكەن. ئۇنىڭ بىر خوتۇنى، بويىغا يەتكەن بىر قىزى ۋە ئىككى - ئۈچ ياشلاردا بىر ئوغلى بار ئىكەن.
ئۇ باي ھەريىلى چاكار ئىشلىتىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا ھەق تۆلەشتىن قېچىپ، يىل توشاي دېگەن ۋاقىتتا كېچىسى ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاستاغىنا تۇرىدىكەن - دە، ئۇخلاۋاتقان چاكارنى كۆتۈرۈپ دەرياغا تاشلاپ ئاققۇزىۋېتىدىكەن.
باينىڭ بۇ ئىشىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. بەزى كىشىلەر باينىڭ چاكىرىنى تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىشىگە ھەيران بولۇشسىمۇ، ئۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيدىكەن. پەقەت بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ مەسۇم دېگەن بىر تاز بالىسى باينىڭ ئىشىدىن خەۋەردار بولۇپ قاپتۇ ۋە ئۆز كۆڭلىدە: «شۇ دەرياغا تاشلىنىپ غەرق قىلىنغان گۇناھسىز كەمبەغەللەرنىڭ ئەنتىنى سەن بايدىن بىر ئالمىسام، توختا» دەپ ئويلاپتۇ.
كۈنلەردىن بىركۈنى باي يەنە چاكار ئىزلىگەن ۋاقىتتا، ھېلىقى مەسۇم تاز كېلىپ چاكار بوپتۇ. ئۇنىڭ چاكار بولۇپ يۈرگىنىگە ھەپتە، ئايلار ئۆتۈپ يىل تۇشۇشقا يېقىنلىشىپ قالغاندا، باينىڭ ھېلىقى ئۈچ ياشلىق بالىسى ئۆلۈپ قاپتۇ. باي چاكىرىنى چاقىرىپ:
_ ھەي،مەسۇم، سەن بېرىپ ئەنە ئاۋۇ كۆرۈنگەن قىرنىڭ قاپتىلىدىن گۆر كولىغىن، گۆرنىڭ چوڭقۇرلۇقى قۇلىقىڭ بىلەن باراۋەر بولسۇن، - دەپ ئەۋەتىپتۇ.
مەسۇم كەتمەننى كۆتۈرۈپ باي كۆرسەتكەن قىرغا بېرىپتۇ ۋە ياخشىراق بىر جاينى تاللاپ ئاپتۇ - دە، كەتمەن بىلەن بىر چېپىپتۇ ۋە قولىقىنى قويۇپ ئۆلچەپ كۆرگەنىكەن، بىر قۇلاق بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئون قۇلاق باراۋەرلىكىدە چوڭقۇرمىش. ئۇ: «بولدىلا، ئەمدى ئارتۇقچە ئاۋارا بولماستىن دەم ئېلىپ ياتساممۇ بولىدىكەن» دەپ دەرەخنىڭ كۆلەڭگىسىدە سوزۇلۇپ يېتىپتۇ.
مەسچىت قوۋمى باينىڭ بالىسىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بايىقى قىرنىڭ قاپتىلىدا كولاشقا بۇيرۇلغان گۆرگە ئېلىپ بېرىشىپتۇ، قارىسا گۆر تەييار ئەمەس، مەسۇم بولسا، دەرەخنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ياتقۇدەك. بۇنى كۆرگەن باينىڭ ناھايىتىمۇ ئاچچىقى كېلىپ:
_ ھەي، پاخشەكتاز، ئەتىگەندىن بېرى نېمە قىلىدىڭ؟ قېنى كولىغان گۆرۈڭ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ ۋە ئۇنىڭ كاچىتىغا بىر - ئىككىنى ساپتۇ.
_ جېنىم باي دادا، قۇلىقىڭ بىلەن باراۋەر كولىغىن دەپ ئۆزلىرى ئېيتتىلىغۇ، ئەنە قارىسىلا، بىر قۇلاق بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئون قۇلاق باراۋەرلىكىدە كولاپ قويدۇم، - دەپتۇ ھېلىقى كەتمەننىڭ ئىزىنى كۆرسىتىپتۇ مەسۇم.
باينىڭ ھەرقانچە ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ھازا ئۈستىدە ئۆزىنى بېسىپ:
- بار جۇگۇ، ئۆيدىكى بارلىق كەتمەن - گۈرجەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەلگىن، كۆپچىلىك ئولاش - چولاش بولۇپ چاپسانراق كولىۋېتىڭلار! - دەپ بۇيرۇپتۇ.
مەسۇم ئۆيىگە بېرىپتۇ - دە، باينىڭ خوتۇنىغا:
_ ئاغىچا خېنىم، باي دادام مۆھۇرىنى بەرگەي دەيدۇ، - دەپتۇ.
باينىڭ خوتۇنى مەسۇمنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەستىن:
_ ھەي، پاخشەكتاز، باي داداڭغا گۆرئۈسىتىدە مۆھۈر نېمىگە كېرەك بولۇپ قاپتۇ؟ سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن، - دەپ بەرمەپتۇ.
نېمىگە كېرەك بولۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، لېكىن سورىغىنى خۇدا ھەققى راست، ئەگەر ئىشەنمىسىلە، يۈرسىلە ئۆگىزىگە چىقىپ سورايلى، ئەنە ئاۋۇ يەردىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، - دەپتۇ مەسۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن باينىڭ خوتۇنى بىلەن مەسۇم ئىككىسى ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مەسۇم قىردىكى بايغا قاراپ:
_ ھا - ا - ا - ي باي دادا! ئاغىچام بەرمەيۋاتىدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان باي كەتمەن گۈرجەكلەرنى بەرمەيۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ - دە، خوتۇنىغا ئاچچىقى كېلىپ:
_ ھا - ا - ا - ي ئەخمەق خوتۇن، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەستىن چاپسانراق بېرىۋەتسەڭچۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ.
شۇنىڭىدىن كېيىن باينىڭ خوتۇنى ساندۇقتىن مۆھۈرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. مەسۇم مۆھۈرنى ئېلىپ، كەتمەن - گۈرجەكلەرنىمۇ يىغىشتۇرۇپ قىرغا كەپتۇ. ئۇيەردە ئولاش - چولاش بولۇپ بىردەمنىڭ ئىچىدە گۆرنى كولاپ، بالىنى دەپنە قىلىشىپتۇ. مۆھۈردىن ھېچكىمىنىڭ خەۋىرى بولماپتۇ.
ئاخشىمى باي بىلەن خوتۇنى مەسلىھەتلىشىپ:
_ بۇ تازنىڭ ئىشلەپ يۈرگىنىگە بىريىل توشۇپ قالدى. بۈگۈن ئەتە ھەق تەلەپ قىلىپ قالغۇچە بۇنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەيلى. تۈن يېرىمدىن ئۆتكەندە چىقىپ مېنى ئويغات، بولمىسا، قاتتىق ئۇخلاپ قېلىشىم مۇمكىن، چۈنكى بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىم، - دەپتۇباي. ئۇ باي يازلىقى باغدا گۈللەرنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان بۈكلۈكتە ياتىدىكەن، چاكىرى بولسا، ئۇنى قورقمىسۇن دەپ نېرىراق بىر يەردە سۇپىدا ياتىدىكەن.
مەسۇم تاز بولارنىڭ مەسلىھىتىنى ئاڭلاپ قاپتۇ ۋە كېچىسى ئۇخلماستىن يېتىپتۇ، بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن، تۈن يېرىملاشقاندا باي خورەك تارتىپ راسا قاتتىق ئۇخلاپ قاپتۇ.
مەسۇم تاز ئاستاغىنا ئورنىدىن تۇرۇپ باينىڭ يېنىغا بېرىپ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ئۆزىنىڭ ئورنىغا ياتقۇزۇپتۇ - دە، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىغا يېتىۋاپتۇ.
بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن - تۈن يېرىمدىن ئۆتكەن چاغدا باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ:
_ ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئاۋۇ تاز توڭگۇزدەك خورۇلداپ راسا قاتتىق ئوخلاۋېتىپتۇ، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسان ئۇجۇقتۇرىۋېتەيلى، - دەپ نۇقۇپتۇقاراڭغۇدا ئۇنىڭ مەسۇم ئىكەنلىكىنى تونۇماستىن.
مەسۇم تاز ئۈن چىقماستىن باينىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە سۇپىغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۇخلاۋاتقان باينى كۆتۈرۈپ بېرىپ دەرياغا تاشلىۋېىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى ئۆيىگە كىرىپ ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن، مەسۇم تاز ئاشخانىغا كىرىپ چىراغنى ياندۇرۇپتۇ - دە:
«مۇشۇ كۈنگە كەلگۈچە خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز كۆپ كىشىلەرنى دەرياغا تاشلاپ، خۇدانىڭ ئالدىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھلارنى قىلدۇق. بۈگۈن ئاخشام چاكىرىمىز مەسۇمنىمۇ تاشلىغانىدۇق، لېكىن ئۇ، خۇدانىڭ ئەزىز بەندىسى بولغالىقتىن سۇغا غەرق بولماستىن قايتىپ چىقىتى. ئەمدى مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە شۇ كۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا قىلغان گۇناھلىرىمنى يۇيۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى دەرياغا تاشلىدىم. بارلىق مال - مۈلكۈم، ئۆي - جايىم ۋە قىزىمنى ئۆزۈمنىڭ بالىسى ئورنىدا مەسۇمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردۇم» دەپ يېزىپتۇ - دە، باينىڭ قولىنى قويدۇرۇپ، يېنىدىكى مۆھۈرىنى ئېلىپ بېسىپتۇ.
ئەتىسى تاڭ ئېتىش بىلەنلا ھويلىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ: «ۋاي باي دادام! ۋاي باي دادام !»دەپ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان باينىڭ خوتۇنى ۋە قىزى قورققىنىدىن ئۆڭلىرى ئۆچۈپ يۈگۈرۈپ چىقسا، كېچىسى دەرياغا تاشلىۋېتىلگەن مەسۇم تاز «ۋاي باي دادام» دەپ يىغلاپ يۈرگۈدەك. ھېلىقى خوتۇن ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ دەپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ تاشتەك قېتىپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆزىگە كېلىپ:
_ ھەي تاز، نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
_ ۋاي ئاغىچە خېنىمەي، باي دادام ئۆلگۈچە مەن ئۆلسەم بولمايتتىمۇ، بۇ خۇدانىڭ قانداق تەقدىرىدۇر؟! - دەپ تېخىمۇ بەكرەك يىغلاپ ھېلىقى خەتنى بېرىپتۇ. باينىڭ خوتۇنى بىلەن قىزى خەتنى ئوقۇپ يىغلىشىپتۇ، قاقشىشىپتۇ بىراق ئورنىغا كەلمەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ يىغا - زارە بېسىلغاندىن كېيىن، تەقدىرگە تەن بېرىپ ھېلىقى«ۋەسىيەت خەت» كە بىنائەت قىزنى مەسۇم تازغا نىكاھ قىلىپ بېرىپتۇ. مەسۇم تاز پۈتۈن مال - مۈلۈككە ئىگە بولۇپتۇ. ئۇ: «بۇ ماللارغا مۇشۇ يېزا كەمبەغەللىرىنىڭ پېشانە تەرى سىڭگەن»دەپ ماللارنىڭ ھەممىسىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىۋېتىپتۇ - دە، ئۆزى شۇ كۈندىن باشلاپ بەخىتلىك كۈن كەچۈرۈشكە باشلىغانىكەن.