UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھەسەلخور بالا

ھەسەلخور بالا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، مەن ئەمەس، ئاتام تۇغۇلمىغان زاماندا بىر دېھقان بار ئىكەن. ئۇنىڭ ھەر يىلى تاپقان - تەرگەنلىرى ئۆزىگە يېتىپ ئېشىپ قالىدىكەن، دېھقاننىڭ كىشلەرگە ھاجىتى چۈشمەيدىكەن. ئەمما ئۇ دېھقان بىر بالا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرىدىكەن. بەختكە يارىشا، دېھقاننىڭ ئايالى ئېغىر بوي بولۇپ، توققۇز ئاي توققۇز كۈندىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. كۆيۈمچان ئاتا - ئانىسى بالىسى نېمە دېسە، شۇنى قىلىپ بېرىدىكەن، بالىمۇ دېگىنىنى قىلىدۇرماي قالمايدىكەن، بۇ ئادەت بالىغا چوڭ بولغانسېرى ئۆزلىشىپ كېتىپتۇ. دېگىنىنى ئورۇنلىمىسا، تاماقمۇ يىمەي تۇرۇۋلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بالا ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ھەسەل يىيىشكە ئۆگىنىپتۇ. ئۇ بۈگۈنى بىرنەچچە قوشۇق ھەسەل يىسە، ئەتىسى ئون نەچچە قوشۇق يەيدىغان بوپتۇ. ئوغلىغا ھەسەل ئېلىپ بېرىپ يۈرۈپ دېھقاننىڭ ۋەسلى ئازلاپ كېتىپتۇ، ئاخىرى پۇلى تۈگەپتۇ. بىراق ئوغلى ھەسەلخور بولۇپ، ھەسەل يىمىسە كۈن ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. دېھقاننىڭ قولىدا سۇنۇق يامىقى قالمىغان بىر كۈنى ئوغلى بازاردا ھەسەلنى كۆرۈپ قېلىپ: - دادا، ھەسەل ئېلىپ بەر، - دەپتۇ. دېھقان پۇلىنىڭ يوقلۇقىنى دېيىشنىڭ ئورنىغا بالىغا چۈشەندۈرۈپتۇ: - بالام چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ھەر كۈنى ھەسەل يەۋەرسەڭ، بىزنى قۇرۇتىسەن، ھېلىمۇ ئۆيدە پۇلغا ئالغىچىلىك نەرسە قالمىدى، تىرىكچىلىگىمىز راۋاج تاپمىدى، ئەمدى ھەسەل دەپ مېنى قىستىما، - دەپتۇ. لېكىن بالا ئۇنىماي دادىسىنىڭ پېشىدىن تارتىپ تۇرۇۋاپتۇ. دېھقان «ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دېگەننى ئېيتىپ بىر مەزگىل يۇرۇپتۇ. ئەمما بالا بەك قىيناپتۇ. دېھقان بالىسىنى ھەسەلگە ئۆگىتىپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ، بىر دانانىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىسىغا ھەسەل يىمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىپتۇ. - سىزمۇ ھەسەل يەمسىز؟ - دەپتۇ ھېلىقى دانا. - ئازراق يەيتتىم. - ئانىسچۇ؟ - ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، - دەپتۇ. دېھقان. دانا ئۇزاق ئويلىنىپ: - مەن ئون كۈندىن كېيىن باراي، مېنى كۈتسىلە، - دەپتۇ. دېھقان بۈگۈن بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرۇپتۇ. دانا: - بۈگۈن بارسام پايدىسىز، تەخىر قىلىڭ، - دەپ دېھقاننىڭ كۆڭلىنى ياساپ يولغا ساپتۇ. - دېھقان ئۆيگە كەپتۇ. ئون كۈن ئىچىدە دېھقاننىڭ ئۆيىدە تۆت تامدىن باشقا نەرسە قالماپتۇ. دېھقان بۇ ئون كۈن ئون يىلدەك ئۇزۇن بىلىنىپ كېتىپتۇ. دېگەن قەرەلدە دانا كەپتۇ. ئۇ، دېھقاننىڭ ئۆيىگە قاراپ قاتتىق ئېچىنىپتۇ. دېھقان بىلەن مۇڭدىشىپتۇ. قايتار چېغىدا: - قېنى ئوغلۇم بېرى كەل، - دەپ ھەسەلخور بالىنى چاقىرىپ نەسىھەت قىپتۇ: - ئۆيىڭدە نېمە بار؟ - تۆت تام بار!... - تۇغرا ئېيتىڭ، - دەپتۇ دانا بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ ، - ئەمدى ھەسەلخور بولما، دەپ جىكىلەپ قايتىپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دانا بازارغا كېتىۋېتىپ، دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. دانا دېھقاندىن: ئوغلىڭىز ھەسەل يەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. دېھقان خوشال ھالدا: - ياق دەپ داناغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. دانا قايتماقچى بولغاندا، دېھقان يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تەڭلەپتۇ، دانا ئالماپتۇ. دېھقاندىن: - سىز ئۆتكەندە نېمىشقا ئون كۈندىن كېيىن بارىمەن دېدىڭىز،- دەپ سوراپتۇ. دانا كۈلۈپ: - مەنمۇ ھەسەل يەيتتىم، ئون كۈن ئىچىدە ھەسەل يىيشنى تاشلىدىم. شۇندىن كېيىن ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ، ئۆيلىرىگە باردىم، ئوغلىڭىزغا نەسىھەت قىلدىم، گەپنى ئاڭلىدى، ئۆزەم تاشلىماي، باشقىلارنى دەۋەت قىلسام، گەپ سىڭمەيدۇ، - دەپتۇ. شۇندىن كېيىن ھەسەلخور بالا ھەسەل يىيىشنى تاشلاپتۇ، دېھقان باشقا بالىلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بەرمەپتۇ. دېھقاننىڭ تاپقىنى بىردىن ئىككى بولۇپ، ئىككىدىن تۆت بولۇپ، ئوقىتى ئىلگىرى بېسىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق