UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكەنجى باتۇر

كەنجى باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر ئەر _ خوتۇن ئوتكەن ئىكەن. بۇلار نامرات بولسىمۇ، خوشال _ خورام ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئكەن. بالىلارنىڭ كىچىكى ئورۇق، ئاجىز ئىكەن. دادىسى بۇ ئاۋاق بالىسىنىڭ ئېتىنى كەنجى قويغان ئىكەن. بۇ ئائىلىنىڭ بىر خاسيەتلك بايتىلى بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بايتال ئالتۇن تاي تۇغۇپتۇ. بۇ ئالتۇن تاينى كۆرۈپ ھەممەيلەن خوشال بولۇپتۇ. خوشنىلار كۆرگىلى كېلىشىپتۇ ۋە تەبرىكلىشىپتۇ. يېڭى چىققان ئايغا ھەممە ئادەمنىڭ زوقى كەلگەندەك، بۇ تايغىمۇ ھەممىنىڭ ئامراقلىقى كەپتۇ. بىر كۈنى بالىلار تاينى باققىلى ئېلىپ چىقىپتۇ. تاينى چۆپلۈككە قويۇپ بېرىپ، ئۆزلىرى دەريا بويىدا ئويناپتۇ. تۇيۇقسىزلا بىر قويۇنتاز پىرقىراپ ئۆتۈپتۇ _ دە، ئارقىدىنلا قاتتىق بوران چىقىتپۇ. شۇ قارا بوراندا، چۆل تەرەپتىن بىر يوغان ئاق دىۋە چىقىپ كەپتۇ. دىۋە ئۈچ بالىنى دەرياغا دومىلىتىۋېتىپ، ئالتۇن تاينى ئېلىپ قېچىپتۇ. دىۋە كەتكەندىن كېين دەھشەتلىك بورانمۇ توختاپتۇ. جاھان تىم _ تاس بولۇپ قاپتۇ. بالىلار سۇدىن چىقىپ، ئۆيگە يۈگۈرۈپتۇ. ھويلىغا كىرە _ كىرمەيلا دادىسىغا: _ ئالتۇن تاينى ئېلىپ قاچتى، _ دەپتۇ. دادىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ. بالىلىرىغا قاراپ: _ دىۋە بىزنى قاتتىق بوزەك قىلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى بوران چىقىرىپ ئوي _ ماكانىمىزنى ۋەيران قىلىۋەتتى. بۇ يىل سۇنى توسۇپ يېتىۋېلىپ ئاشلىقىمىزنى قۇرۇتۇۋەتتى. ئەمدى ئالتۇن تاينى ئېلىپ قېچىپتۇ. بەس، سەۋرىمىز پۈتتى. سىلەر بېرىپ دىۋىنى ئولتۇرۇپ، ئەل ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئالتۇن تاينى تېپىپ كېلىڭلار! _ دەپ ئىككى قىلچنى ئىككى ئوغلىغا تۇتقۇزۇرپتۇ. كەنجى ئوغلىنى «سەن كچىك» دەپ بارغۇزماپتۇ. ئىككى يىگىت چوڭ قوينىغا قاراپ ئىچكرىلەپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئالاھەزەل بىر ئايچە ماڭغاندىن كېيىن بىر بۇلاققا دۇچ كەپتۇ. يەيدىغان ئوزۇقى تۈگەپ ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپ مىڭ تەسلىكتە كۈن كەچۈرۈپتۇ. ئاكىلىرى كەلمىگەندىن كېيىن كەنجىنىڭ قاتتىق ئىچى پۇشۇپتۇ. ئالتۇن تېيىنى ئەسلەپ ئىچى تىت - تىت بولۇپ تۇرالماي قاپتۇ. دادىسىدىن رۇخسەت سوراپ بارماقچى بوپتىكەن، دادىسى ئۇنىڭغا: - تەپسە تاغنى ئۆرۈيدىغان ئىككى ئاكاڭ تېپىپ كېلەلمەيۋاتىدۇ - يۇ، سەن قانداق تېپىپ كېلەلەيسەن؟ - دەپتۇ. - رۇخسەت قىلىڭ دادا. ئاكىلىرىمنىڭ خەۋىرىنى بولسىمۇ ئەكىلەي، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ كەنجى. ئۇ ھەر كۈنى دەۋېرىپ، ئاخىرىدا دادىسىنى ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. سەپەرگىمۇ ئاتلىنىپتۇ. قۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ، توغراق ئورمانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ مېڭىۋېرىپتۇ. بىپايان بىر جەزىرىدە چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېتىۋاتسا، يۇلغۇن ئارىسىدىكى يولدىن ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي چىقىپ كەپتۇ. - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بوۋا! - دەپ، سالام بېرىپتۇ كەنجى. - ۋائەلەيكۇم ئەسسالام بالام. سەپىرىڭ قاياققا؟ - دەپتۇ بوۋاي. - دىۋە تاز باياباننىڭ يۇرتىغا. - ھە؟ نېمە ئىش بىلەن؟ - ئۇ بىزگە ئاپەت ياغدۇردى، مېنىڭ ئالتۇن تېيىمنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. - يامان خەتەرلىك جايغا مېڭىپسەن بالام. ئۇ يەردە ئۈچ چوڭ دىۋە بار. بىرىنىڭ رەڭگى ئاق، بىرىنىڭ رەڭگى قارا، يەنە بىرىنىڭ رەڭگى كۆك. بۇ ئۈچ چوڭ دىۋە ئىنسان ئۈچۈن ئاپەت، بالايى - قازانىڭ مەنبەسى. بۇ مەخلۇقلارغا قانداق تەڭ كېلەرسەن، كۈچۈڭ يېتەرمۇ؟ - «ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل، يىقىلساڭ ناردىن يىقىل» دەپتىكەن بوۋا، سىز ماڭا يول تىلەپ دۇئا بېرىڭ، بېشىمغا كەلگەننى كۆردۈم. بوۋاي قوينىدىن بىر دانە قول ياغلىقنى چىقىرىپ كەنجىگە بېرىپتۇ - دە: - دىۋىلەر ماكانىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، ئالدىڭدىن چاققان ھەرىلەر ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بىر چوڭ ئۆتكەل، نى _ نى يىگتلەر ئاشۇ ھەرىلەرنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قاچقان. مۇشۇ ياغلىقنى ھەرە كېلىشى بىلەن بېشىڭغا ئارتىۋالساڭ چاقالمايدۇ. ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا ئالتۇن ئاياقتا ئاش يەيسەن. خەيرلىك بول. ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، _ دەپ غايىپ بولۇپ كېتىپتۇ. كەنجى يەنە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈنلەر توختىماي مېڭىپتۇ. كۆپ _ كۆك چىملىق يەردىكى بۇلاق بويىغا كېلىپ ئىككى ئاكىسى بىلەن ئۇچرىشىپتۇ. كەنجى خورجۇندىكى نان ۋە تالقانلىرىدىن بېرىپ، ئۇلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ، ئاندىن ئىككى ئاكىسىنى ئېلىپ يەنە مېڭىپتۇ. دىۋە تاز باياباننىڭ يۇرتىغا كەلگەندە، ئالدى تەرەپتن بىر توپ ھەرىلەر ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ئىككى ئاكىسى ھەرىلەرنىڭ چېقىشىغا چىدىيالماي ئارقىسىغا قاراپ بەدەر قېچىپتۇ. كەنجى خىزىر بوۋاي بەرگەن قول ياغلىقنىڭ پاناسىدا ، ئۆزى يالغۇز مېڭىپ دىۋىلەرنىڭ ماكانىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ جىلغا ئىچىدىكى كونا دەريا ئېقىنى بىلەن ئۆرلەپ مېڭىۋېرىپتۇ. خېلى بىر يەرگە بارغاندا يول ياقىسىدىكى ئۆڭكۈرنىڭ ئىشىكىگە تارتىلغان مىلەڭزە كۆرۈنۈپتۇ. كەنجى «بۇ يەردە ئادەم ياشايدىغان ئوخشىمامدۇ» كۆرۈنۈپتۇ. دەپ بۇرۇلۇپ، شۇ ياققا كېتىۋاتسا، مىلەڭزە ئېچىلىپ، ئىچىدىن چىرايلىق بىر مەلىكە چىقىپتۇ. يىگىتكە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ قاش تاشلاپتۇ: _ پەيزى بار يىگىت، ئۆيىمىزگە مەرھەمەت! _ دەپ تەكلىپ قىلىپتۇ. كەنجى ئۆڭكۈرگە كىرىپتۇ. مەلىكە ئۇنى تۆرگە ئولتۇرغۇزۇپ، بر چىنە سوغ چاي سۇنۇپتۇ ۋە: _ قاياققا قېتىپ بارىسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ. _ مېنىڭ بىر ئالتۇن تېيىم بار ئىدى. ئاق دىۋە ئەپقېچىپ كەتتى، شۇنى تارتىپ ئەكەلگىلى كېتىپ بارىمەن، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كەنجى. _ ھەي، _ دەپتۇ مەلىكە ئەپسۇسلىنىپ، _ بىزمۇ بۇ يەرگە مۇساپىر. دىۋىلەر ئاتا _ ئانىمىزدىن ئايرىپ ئەپچېقىپ كەلگەن. ئۇنى يەڭمەك ئاسان ئەمەس. بۇ يەردە ئۈچ دۋە بار: بىرى ئاق، بىرى قارا، يەنە بىرى كۆك. ھەر بىر دىۋىنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى ئۈچۈن قازانغا يەتتە مىڭ جىڭ گۈرۈچ سالىمىز. بۇغا، بۇقا، ئات، تۆگىلەرنى چاناپ قىيما قىلىپ، شورپا _ شەلەڭ قىلىپ بېرىمىز. بىرلا سۈمۈرۈپ تۈگىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى يېڭىشكە كۈچىڭىز يەتمەيدۇ. _ ئەمىسە قانداق ئامال بار، سىز ئېيتىپ بېرىڭا؟ _ دەپ سوراپتۇ كەنجى. _ ھەر بىر ئىشنىڭ يولى بار، ئەكسى تامنىڭ ھۇلى بار، ئۆتۈككىمۇ چەم كېرەك، ھەممە ئىشقا پەم كېرەك. ئۇنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە سەۋەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، _ دەپتۇ مەلىكە ۋە ئىچكىرىگە كىرىپ، تۇخۇمغا ئوخشايدىغان بىر دورىنى ئېلىپ چىقىپتۇ. بۇ ئاق دىۋىنىڭ كۈچىدىن ياسالغان كۇمۇلاچ دورا ئىكەن . ئۇنى ئېزىپ قاچىغا سۇ قويۇپ چايقاپ ئەكىلىپ كەنجىگە ئىچىرىۋېتىپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۆيگە يەنە بر بىرىدىن گۈزەل ئىككى مەلىكە كىرىپ كەپتۇ. ئۇلار ۋەقەنى ئاڭلاپ، كەنجىگە ھېسداشلىق قىلىپتۇ. يۈگۈرۈپ چىقىپ قارا دىۋە بىلەن كۆك دىۋىنىڭ كۈچىدىن ياسالغان كومۇلاچتىن ئېلىپ كېرىپ، چايقاپ ئىچىرىپتۇ. ئاندىن كەنجىنى ئۆڭكۈردىن ئۇزىتىپ چىقىپ: _ مۇشۇ جىلغىنىڭ ئۈستىگە چىقسىڭىز ئۆركەشلەپ تۇرغان بىر ئەزىم دەريا بار، دەريانىڭ بىر بۇرجىكىدە كۆۋرۈك بار، شۇ كۆۋرۈكنڭ تېگىگە كىرىپ ساقلاپ ئولتۇرسىڭىز، بىر بوران چىقىپ ئاندىن دىۋىلەر كېلىدۇ. كۆۋرۈكنڭ ئۈستىگە دەسسىشى بىلەن سەكرەپ چىقىپ تۇتۇشسىڭىز بولىدۇ، خەير، سەپىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن، _ دىيىشىپتۇ. كەنجى مەلىكىلەر كۆرسەتكەن يول بىلەن مېڭىپ جىلغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپتۇ. قۇلاقنى يارغىدەك شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ كۆۋرۈكى تېگىگە كىرىپ ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. كۆپ ئۆتمەي شىددەتلىك گۈركىرىگەن ئاۋاز كەپتۇ. بوران چىقىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدىن ئاق دىۋە ئالتۇن تاينى ئوينىتىپ چىقىپ كەپتۇ. ئۇ كۆۋرۈككە چىقىشى بىلەن، كەنجى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئىرغىپ چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئىككىسى شۇ تۇتۇشقان پېتى كېچە _ كۈندۈز ئېلشىپتۇ. بىرسى بىرسىنى يېڭەلمەپتۇ. ئاق دىۋىنڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ، جېنى ئاز قالغاندا، «مەن بىردەم ئارام ئېلىۋالاي» دەپتۇ. كەنجى مەرتلك قىلىپ يول قويۇپتۇ. دىۋە دەريا قىرىغا كېلىپ، بىر كالپۇكىنى قىزغا قويۇپ، يەنە بىرىنى ئېچىپ تۇرۇپ، ئىچىگە بىردەم تارتىپتىكەن، دەريانىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ كېلىپ، كەنجى تەييارلىقسىز تۇرغاندا بىرنى قويۇپتىكەن، كەنجى قۇمنىڭ ئىچىگە مۇرىسىگىچىلىك كىرىپ كېتىپتۇ. دىۋە ئۆز غەلبىسىدىن خوشاللىنىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. كەنجى غەزەپكە كېلىپ، بىرلا سىلكىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ _ دە، پەملەپ تۇرۇپ، زۇلپىقار بىلەن بىرنى ساپتىكەن، دىۋىنىڭ قورسىقى ۋاققىدە يېرىلىپتۇ، ئىچكەن سۈيىنىڭ ھەممىسى يېنىپ چىقىپتۇ. دەريا ئۆز قىنغا چۈشۈپ ئېقىپتۇ. كەنجى ئالتۇن تاينى قولىغا ئاپتۇ. دىۋىنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئالتۇن تايغا غانجۇغلاۋاتسا كۆك دىۋە يېتىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر قەپەز قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئاخىر ئۇنىڭمۇ كاللىسىنى ئاپتۇ. قارا يېڭىپتۇ. ئۈچ دىۋىنڭ كاللىسىنى ئاتقا غانجۇغلاپ قەلئەنىڭ ئىچىگە يېنىپ چۈشۈپتۇ. قەلئەنىڭ ئىچىدىمۇ چوڭ _ كىچىك دىۋىلەردىن بىر نەچچە يۈزى بار ئىكەن. ئۈچ كېچە _ كۈندۈزدە دىۋىلەردىن بىر نەچچە يۈزى بار ئىكەن. ئۈچ كېچە _ كۈندۈزدە ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاپتۇ. تاغ ئىچىدىكى خىلۋەت قەلئەنى دىۋە تاز باياۋاندىن ئازات قىلىپتۇ. دىۋىلەرنىڭ توپلاپ ئالغان مال _ مۈلكىنى شۇ يەردىكى مۇساپىرلارغا مۇسادىرە قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ. جىلغا _ جىلغىلارغا قامىۋەتكەن مال _ ۋارانلارمۇ تولا ئىكەن. ئۆزى بىر نەچچە قوتان چارۋىنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ مېڭىپتۇ. ھېلىقى جىلغىغا كەلگەندە ئۈچ مەلىكە ئۇنىڭغا قېتىلىپ بىللە مېڭىپتۇ. ئۇلار مال _ ۋارانلارنى ھەيدەپ بۇلاق بېشىغا يېتىپ كەلسە، كەنجىنىڭ ئىككى ئاكىسى تېخىچە شۇ يەردە يۈرگەن ئىكەن. ئۇلار ساق _ سالامەت ئۇچرىشىپتۇ. بىر نەچچە يەرگە گۈلخان يېقىپ، قوي سويۇپ كاۋاپ قىلىشىپ يەپتۇ. قورساقلىرىنى راسا بىر تويغۇزۇپ ئارام ئېلىشىپتۇ. كەنجىنىڭ ئىككى ئاكىسى ئىنىسىغا كەلگەن بۇ ئامەتلەرنى كۆرۈپ، نىيتىنى بۇزۇپتۇ. كېچىدە يېتىپ ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپتۇ: «بىز ئۇنىڭ ئاكىسى تۇرۇپ دىۋىلەرنى ئۆلتۈرەلمىدۇق، ئالتۇن تاينى تارتىۋالالمىدۇق، دادىمىزنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزىمىزنى كۆتىرىپ بارىىمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە كەنجىنى مۇشۇ يەردە جايلىغىنىمىز تۈزۈك» دىگەن يەرگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ قەستىگە چۈشۈپتۇ. ئۈچىنچى پەرى ئۇلارنىڭ سىرلىق سۆھبىتىنى چالا _ پۇچۇق ئاڭلاپ قاپتۇ. ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ كۆزىتىپتۇ. بايقاپ تۇرسا ئۇلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپتۇ. كەنجى ياتقان يەرگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۈچىنچى پەرى چۆپلۈكنىڭ ئىچى بىلەن ئۆمىلەپ بېرىپ كەنجىنى ئويغىتىپتۇ. لېكىن كەنجى مەلىكىنڭ سۆزىگە ئىشەنمەپتۇ. دەر گۇمان بولۇپ ئولتۇرغاندا «شارت» قىلىپ چۈشكەن قىلىچ، ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى چورتلا كېسىپ تاشلاپتۇ. ھېلىقى مەلىكە قورقۇپ كېتىپ قولىنى قاتتىق بىر چىشلەپتۇ _ دە، ئۆزىنى پىچانلىقنىڭ ئىچىگە ئېتىپتۇ. شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. بىر قورساقتىن چىققان ئاكىلار مال _ دۇنيانى كۆزلەپ، ئابرۇي _ ئىناۋىتىنى دەپ ئۆز قېرىندىشىغا قەست قىلىپتۇ. كەنجى ئاكىلىرىنىڭ بۇ شۇمپەنلىكىنى كۆرۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئىككى ئاكىسى بولسا شۇ كېچىدە مال _ ۋارانلارنى ھەيدەپ ھېلىقى ئىككى مەلىكىنى بىردىن ئېلىپ خوتۇن قىلىپ، يولىغا راۋان بوپتۇ. تاڭ ئېتىپتۇ، جىمى ئالەمگە لالىرەڭ نۇر سېپىپ قۇياش چىقىپتۇ. ھېلىقى ئۈچىنچى مەلىكە پىچانلىقتىن بېشىنى چىقرىپ ئۇيان _ بۇيان قاراپتۇ. ھېچكىم كۆرۈنمەپتۇ. ئۇ كەنجى ياتقان يەرگە كەلسە، كەنجى قانسىراپ ھالسىزلىنىپ قىينىلىپ يېتىپتۇ. مەلىكە ئىچىدە: «مۇشۇ باتۇر يىگىت دىۋىلەرنى ئۆلتۈرۈپ بىزنى ئازابتىن قۇتۇلدۇردى، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇ ۋاپادارنى مەن سۆيۈشۈم كېرەك، ئۇنىڭ ھاياتىغا كۆيۈنۈشۈم كېرەك» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئەپلىكرەك جايغا يۆتكەپ ئەكېتىپتۇ. موزايبېشى تۇتۇپ ئەكىلىپ كەنجىنىڭ جاراھەتلەنگەن يېرىگە سۈركەپتۇ. ئەتىسى يەنە موزايبېشى تۇتۇپ كېلىمەن دەپ يىراقلاپ كېتىپ قاپتۇ. ئۇ كەلگىچە قالاپ قويغان ئوتى ئوچۇپ قالغاچقا، كەنجىگە ئىسسىق چايمۇ دەملەپ بېرەلمەي قاپتۇ. نېرىدىكى دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپلارغا سەپسېلىپ قاراپتۇ. تاغ تەرەپتە تولغىنىپ ئۆرلەۋاتقان ئاپپاق ئىس كۆرۈنۈپتۇ. كېلىپ كەنجىگە ئېيتىپتىكەن، كەنجى: - ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت قاۋشىغان يەرگە بار دەپتىكەن، بارمىسڭىز بولارمىكىن، - دەپتۇ. بىراق مەلىكە «بەلكىم بىرەر چوپان ئوت قالاپ قويۇپ ئولتۇرغاندۇ» دەپ، ئوت ئەپكەلگىلى مېڭىپتۇ. ئەتىگەندە يولغا چىقىپ كەچتە ئاران يېتىپ بېرىپتۇ. قارىسا بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز چاق ئىگىرىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەلىكە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئەسسالام ئانا، - دەپ تازىم قىپتۇ. - سالىمىڭ بولمىغان بولسا يەتتە يالماپ بىر يۇتاتتىم. خويما ئوبدان كەپسەن، كەچقۇرۇنلۇقۇمغا يېڭى گۆش يېگىم كېلىپ تۇراتتى، - دەپتۇ يالماۋۇز. مەلىكە بۇ گەپتىن چۆچۈپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قاپتۇ. ئاندىن يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ: _ ئانا، مەن سىزدىن خوش بولاي، مېنى ھازىر يېمەڭ. ئۆيدە ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن ئېرىم قالغان. ئوتىمىز ئۆچۈپ قېلىپ سىزگە ئوتقا كېلىۋېدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، ئوتنى يېقىپ بېرىپ كېلەي، ئىجازەت بەرسىڭىز. يالماۋۇز خوتۇن تەرىنى پۈرلەشتۈرگەن ھالدا، سىنچى كۆزلىرى بىلەن بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇپ كېتىۋېتىپتۇ. ئاندىن ئورنىدىن قوپۇپ ئوتنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ ۋە ئېتىكىگە كۈل قاچىلاپ بېرىپ: _ بۇ كۈلنى مۇشۇ يەردىن ئۆيۈڭگىچە تۆكۈپ مېڭىپ بەلگە قالدۇرىسەن، - دەپتۇ. مەلىكە يالماۋۇزنىڭ دېگىنى بويىچە كۈلنى يولغا شۇقۇرتۇپ تۆكۈپ مېڭىپتۇ. كەنجىنىڭ قېشىغا بېرىۋالغاندىن كېيىن يېنىپ كەلمەپتۇ. توپ - توغرا ئۈچ كۈن بولغاندا، يالماۋۇز يېتىپ كەپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ تۇرۇپ: _ ھە، مېنى كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ نېمە دەپ ۋەدەڭگە ۋاپا قىلمايسەن؟ - دەپتۇ. ئۇنىڭ يوغان ھەم ياۋۇز كۆزلىرى لاپلا قىلىپ كەنجىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ياتقان بەدىنىگە چۈشۈپتۇ. ھاپلا قىلىپ بىر سۈمۈرۈپتىكەن، ئىككى پارچە بەدەن يالماۋۇزنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ كەينىدىن پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، سەللىمازا ساقىيىپ چىقىپتۇ. يالماۋۇز بۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسىگە كۈدە - كۆپىسىنى كۆتەرتىپ، ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ مېڭىپتۇ. يالماۋۇز ياشايدىغان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدى تام سېلىپ توسالغان چوڭ ھويلا ئىكەن. نەچچە يەرگە گۈلخان يېقىلغان بولۇپ، كېچە - كۈندۈز ئوت كۆيۈپلا تۇرىدىكەن. يالماۋۇز شۇ ئىسسىق تەپتىدە راھەت ياشايدىكەن. ھويلىدا ناھايىتى كۆپ ئوتۇنلار بار ئىكەن. يالماۋۇز كەنجىنى ئوتۇن يېرىشقا، مەلىكىنى باش بېقىپ، چاچ تارىغىلى ساپتۇ. كەچ كىرگەندە يالماۋۇز ئىككى زىقنى ئەكىلىدىكەن. كەنجىنى بىر زىققا، مەلىكىنى بىر زىققا ئۆتكۈزۈپ، قېچىپ كەتمىسۇن دەپ ئىككى قۇلىقىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇۋېلىپ ئۇخلايدىكەن، ئەر - خوتۇن ئىككىسى تاڭ ئاتقىچە «ۋايەي، ۋايجان» دەپ ۋايساپ - قاخشاپ چىقىدىكەن. ئەمدى گەپنى كەنجىنىڭ ئىككى ئاكىسىدىن ئاڭلايمىز. ئۇلار كۆپ يوللارنى يۈرۈپتۇ. تازا ھۇزۇر سۈرۈپتۇ. كالىلارنى مۆرىتىپ، قويلىرىنى مەرىتىپ، ئاتلىرىنى كىشنىتىپ، غەلىبە تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆز يۇرتىغا كىرىپ بېرىپتۇ. ئاتا _ ئانىسىغا كەچمىش - كەچۈرمىشى، تارتقان جاپالىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. دادىسى كەنجىنى سۈرۈشتە قىپتۇ. ئۇلار ئالدىنئالا كېلىشىۋالغان مەسلىھەتى بويىچە : _ بىز كەنجىنى كۆرمىدۇق. ئىككىمىز نەچچە مىڭ دىۋىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئالتۇن تاينى تارتىۋالدۇق، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، ماكانىنى ۋەيران قىلىپ، بۇ مال - دۇنيانى ئېلىپ قايتتىق، - دەپتۇ. ئاتا - ئانا ئوغۇللىرىدىن رازى بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ كەنجى ئوغلىنى ئالاھىدە ئەسلەپتۇ. بوۋاي ھەر قېتىم ئاتلارغا يەم بەرسە - ئالتۇن تاي بوغۇز يىمەي، تالا تەرەپكە قاراپ كىشنەپلا تۇرىدىكەن. بىر نەچچە كۈن شۇنداق قىلىۋەرگەندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئالتۇن تايغا ئىچى ئاغرىپتۇ. « بۇنىڭدا بىر گەپ بارمۇ نېمە» دەپ ئويلاپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئالتۇن تايغا ئىگەر توقۇپتۇ، كەنجى تۇتقان زۇلپىقارنى ئىگەرگە چىڭ باغلاپتۇ، تالاغا ئەپچىقىپ قويۇپ بېرىپتىكەن، ئالتۇن تاي دالا تەرەپكە ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ. ئالتە ئايلىق يولنى ئىككى كۈندە بېسىپ، يېرىم كېچىلەر بىلەن يالماۋۇزنىڭ ھويلىسى ئالدىغا كەپتۇ، بۇ يەرنى پۇتى بىلەن تاتىلاپ، كىشنەپ تۇرۇپتۇ. كەنجى يالماۋۇزنىڭ قۇلىقىدىكى زىقتا تۇرۇپ ئايالىغا: _ سەن ئىككى خىل ئاۋازدا ۋايەيشىپ تۇرغىن، ئالتۇن ئېتىمنىڭ كىشنىگەن ئاۋازى كېلىۋاتىدۇ، مەن ئاستا چىقىپ تالاغا قاراپ باقاي، - دەپ پەسكە چۈشۈپتۇ. تالاغا چىقىپ قارىسا، ئالتۇن تېيى قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنى كۈتۈپ تۇغان. كەنجى يۈگۈرۈپ كېلىپ تاينى قۇچاقلاپ، باش - كۆزلىرىنى سىلاپ كېتىپتۇ. زۇلپىقارىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. مەلىكىنى زىقتىن چىقىرىپ تالاغا يولغا ساپتۇ، ئۆزى يالماۋۇزنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئويغىتىپتۇ ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ بىرلا چاناپ كاللىسىنى يەرگە چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇزنىڭ تېنىدە قالغان بېشى يەنە: _ ئى ئادىمىزات، ئاتاڭنىڭ جېنى، ئاناڭنىڭ ئەرۋايى ھەققىگە يەنە بىرنى چاپقىن، - دەپتۇ. كەنجى: - ئۇستام ماڭا: يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى بىرلا چاپ، ھەرگىز ئىككى چاپما، دەپ ئۆگەتكەن، _ دەپ ئۆڭكۈردىن يېنىپ چىقىپتۇ. ئالتۇن تايغا مىنىپ، ئايالىنى ئالدىغا ئاپتۇ - دە، ئۆز يۇرتىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. قۇم دېڭىزلىرى، قارىغايلىق تاغلار ۋە دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ. ئاتا - ئانىسىغا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى بىرمۇ - بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. دادىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، قاتتىق غەزەپكە كەپتۇ. ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، قىلىچىنى قولىغا ئاپتۇ - دە: - بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن. سەنلەردەك بېلىنى باغلاپ چىقىپ، تەييارغا ھەييار بولىدىغان مەككارلارغا بۇ يۇرتتا ئورۇن يوق! _ دەپ ئىككى چوڭ ئوغلىنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. كەنجى ئوغلىنىڭ شان - شەرىپى ئۈچۈن، پۈتۈن يۇرت ئالدىدا چوڭ تويىنى باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق