ئەپچىلەم
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر كىشىنىڭ ئوغلى بولغانىكەن. بۇ بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى قازا قىلىپ، ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قاپتۇ. ئىددەت مۇددىتى توشا - توشماي ئۆگەي ئانىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، بىر قارا كۆڭۈل ئادەم بىلەن ئېلىپ - تېگىشمەكچى بولۇشۇپتۇ.
بىر كۈنى كەچتە ھېلىقى ئادەم بۇلارنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. بالا يېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلار ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەسلىھەتكە چۈشۈپتۇ.
_ بۇ ئۆگەي بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ، ئېرىڭدىن قالغان بايلىق بىزگە ئوڭچە قالسا! - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم.
شۇنىڭ بىلەن بۇلار «مازارغوجام» غا چىقىپ قاغاپ ئۆلتۈرۈشكە كېلىشىپتۇ. ئاندىن خوتۇن:
_ ئەمىسە، ئەتە قاغاپ، قاغىش تۇتقاندىن كېيىن خەۋەت بېرەي، - دەپتۇ.
ئۇخلىغان بولۇپ ياتقان بالا بۇ گەپلەرنى ئۈجۈر - بۈجۈرىگىچە ئاڭلىۋاپتۇ.
ئەتىسى ئۆگەي ئانا «مازاغوجام»غا چىقماقچى بولۇپتۇ - دە:
_ بالام، مەن تۇغقانلارنىڭكىگە بېرىپ كېلەي، سىز ئۆيدىن باشقا يەرگە چىقماڭ، - دەپ جېكىلەپتۇ.
_ ماقۇل ئانا، - دەپتۇ بالا چاندۇرماي ۋە ئۆگەي ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇدۇللاپ «مازارغۇجام»غا بىر شام گۆرگە كىرىپ يېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆگەي ئانا چىقىپ:
_ مازارغوجام! مازارغوجام! بىرشۇم پېشانە بالام بار، ئۆلتۈرۈپ بەرسىلە! - دەپ بالىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەشكە باشلاپتۇ. شام گۆردە بۇنى ئاڭلاپ تۇرغان بالا ئاۋازىنى يوغان چىقىرىپ:
_ ھوي قېرى، - دەپ ۋارقىرىغانىكەن.
_ خوش مازارغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا تىترەپ تۇرۇپ.
_ ئاق قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ بالا.
_ بار، مازاغوجا، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا جاۋاب بېرىپ. بالا:
_ ئاق قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ. كۆزى ئاقىرىدۇ.
بوز قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ.
_ بار مازارغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا قولىقىنى دىڭ تۇتۇپ.
_ بوز قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ، كۆزى بوزىرىدۇ. قارا قويۇڭ بارمۇ قېرى؟ - دەپتۇ بالا يەنە.
_ بار، بازارغوجام، - دەپتۇ ئۆگەي ئانا خوشال بولۇپ.
_ قارا قويۇڭنى ئۆلتۈرۈپ بەرسەڭ، كۆزى قارىغۇ بولىدۇ، قارىغۇ بولغاندىن كېيىن ئۆلگىنى شۇ،- دەپتۇ بالا گەپنى تۈگىتىپ. ئۆگەي ئانىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ:
_ ئوبدان، مازاغوجام، ئوبدان! - دەپ قايتا - قايتا دۇئا قىلىپ، ئاندىن يېنىپ كېتىپتۇ.
بالا ئۆگەي ئانىسى كېلىپ بولغۇچە ئۆيگە كېلىۋېلىپ بەخىرامان ئولتۇرۇپتۇ. ئۆگەي ئانىسى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يالغان مىھرىبانلىق كۆرسىتىپ:
_ بالىكام، چۆلسىرەپ قالغانسىز، ئاق قوينى ئۆلتۈرۈپ بىرەي، - دەپتۇ.
_ ماقۇل ئانا، - دەپتۇ بالا چاندۇرماي.
ئۆگەي ئانا ئاق قوينى ئۆلتۈرۈپ ھەركۈنى قازانغا گۆش سېلىپ ئۆزى يېمەي بالىغا يېگۈزگىلى تۇرۇپتۇ. گۆش تۈگەي دېگەندەبالا:
_ ئالەم ئاپئاق كۆرىنىدىغۇ ئانا؟ - دېگەنىكەن، ئۆگەي ئانا خۇشال بولۇپ:
_ سىزگە گۆش يېقىپتۇ، ئەمدى بوز قوينى ئۆلتۈرۈپ بېرەيمۇ بالام؟ - دەپتۇ.
_ ماقۇل ئانا، - دەپتۇبالا يەنە.
ئۆگەي ئانا ئەمدى بوز قويىنى ئۆلتۈرۈپ بالىغا يېگۈگىلى تۇرۇپتۇ. بوز قوينىڭ گۆشىمۇ تۈگەي دېگەندە بالا:
- ھە ئانا، ئالەم بوزاڭ تۇرىدىغۇ؟ - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ئۆگەي ئانا «ھە، راستىن قارىغۇ بولىدىغان بولدى» دەپ بەك خۇشال بولۇپتۇ ۋە ئالدىراپ:
_ ھەيتاڭ بالام، ماڭىغۇ ھېچقانداق كۆرۈنمەيدۇ. ئەمدى قارا قوينى ئۆلتۈرۈپ بېرەيمىكىن؟ سوغىڭىز ئېشىپ كەتكەن بولسا ئوڭلىنارسىز غوجام، - دەپتۇ. بالا رازىلىق بەرگەندىن كېيىن ئۆگەي ئانا قارا قوينى ئۆلتۈرۈپ«ھە بالام يەڭ» دەپ تازا يىگۈزۈپتۇ. ئاخىر گۆشمۇ تۈگەپتۇ. بالا ئەمدى ئۇيان - بۇيان قارىغان بولۇپ:
_ ئانا، ئالەم قاپقاراڭغۇ بولۇپ كەتتىغۇ؟ - دەپ كۆزىنى ئۇۋۇلاپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. بۇچاغدا ئۆگەي ئانا«ھە، مانا قارىغۇ بولدى» دەپ ئويلاپتۇ - دە، بالىغا:
_ مەن تۇققانلارنىڭكىگە بېرىپ سىزگە شىپاھلىق ئېلىپ كېلەي. سىز دەرۋازىنى مەھكەم ئېتىپ، ئۆينى ساقلاپ ئولتۇرۇڭ غوجام - دەپتۇ ۋە ھېلىقى پۈتۈشۈپ قويغان ئادەمنىڭكىگە خەۋەر قىلغىلى مېڭىپتۇ.
بالا ئۆگەي ئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپ، ھويلىنى كولاپ، ئۆيدىكى ئالتۇن - كۈمۈش، يوتقان - كۆرپە، ساندۇق - پاندۇق، چىنە - قاچىلارنى يىغىشتۇرۇپ كۆمۈپ، ئۈستىگە ئوت - چۆپلەرنى يېپىپ، قوتاندىكى ئون - يىگىرمە كالا، قوينى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئۆگەي ئانا ھېلىقى ئادەمنى باشلاپ كەپتۇ -دە، ھويلىنى كۆرۈپ ۋارقىراپ بوغۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا بالا:
_ ئانا، ئاۋۋال ئۆيگە قارىڭا! نەرسە - كېرەكلەر جايىدا تۇرۇپتىمۇ؟ باياتىن بىر قانچە ئادەم ئۆيگە بېسىپ كىرىپ نەرسە - كېرەكلەرنى بۇلاشتى. ھويلىدا كالىلار مۆرىشىپ، قويلار مەرىشىپ كېتىشتى. كوچىدىكى بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغرىلار كالا، قويلارنى ھويلىغا قويۇۋېتىپتۇ. مەن بالىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ماللارغا ئوت سالغۇزۇپ بەردىم - دەپ يىغلىغان بولۇپتۇ. ئۆگەي ئانىسىنىڭ جان - جەھلى چىقىپ، چالۋاقاپ بالىنى: «ئاقچى قارىغۇ، كۆكچى قارىغۇ» دەپ تازا تىللىغاندىن كېيىن:
_ ئۆيدىكى بار - يوقنى ئوغرىغا بەرگەندىن كېيىن، سەنمۇ قۇرۇق ئۆيدە جېنىڭنى جان ئەت ! مەنمۇ كالا، قويلارنى ئېلىپ بىر يەرگە بېرىپ جان ئېتىمەن، - دەپ ماللارنى ھەيدەپ ماڭماقچى بولۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا يالۋۇرغان بولۇپ، ئۆمىلەپ بېرىپ ئۆگەي ئانىسىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ:
_ ھەممىنى ئېلىپ كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ئانا؟ ئۆيدە ھېچ نەرسە بولمىسا، مېنى كىم باقىدۇ؟ ياق، مىنى تاشلاپ كەتمەڭ! - دەپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە ماللارنى ھەيداۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى نىشانلاپ گويا كالىنى ئۇرغاندەك «ھوش »دېگىنىچە، قولىدىكى تاياقنى بىر ئاتقانىكەن، تاياق ئۇنىڭ چېكىسىگە قاتتىق تېگىپ موللاق ئېتىپ چۈشۈپتۇ، ئۇ ئادەم پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ تېڭىنى بولسىمۇ بېرىپ قۇتۇلايلى بۇ قارىغۇدىن، - دەپ خوتۇنىغا پىچىرلاپتۇ. ئۆگەي ئانا ئىلاجسىز:
_ ئەمىسە، يېرىمى ساڭا قالسۇن، يېرىمىنى مەن ئېلىپ كېتەي، - دەپتۇ. بالا يەنە يىغلىغان بولۇپ:
_ ماقۇل ئانا، كەتكىڭىز بولسا مەندە نېمە چارە؟ بىرقوينى بەرسەم، بىرەر ياخشى كىشى باقار . بىر كالىنى بەرسەم بىر مەزگىل باقار،جان ئېتەرمەن. بىر خالىس ئادەمنى چاقىرىپ ئايرىۋېلىڭ، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆگەي ئانا ئونبېشى - يۈز بېشىلەرنى داخىل قىلىپ: «مانا دادىسىدىن قالغان ئۆي - ۋاقى، بارى يوقنى ئۆزى ئوغرىغا بەردى، مانا ئالىدىغان قوي، كالسى. مەن بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن. . . . . » دەپ ماللارنىڭ يېرىمىنى بىرىپ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ ۋە «بۇ قارىغۇ يەنە بېرىۋالمىسۇن» دەپ ھېلىقى ئادەم بىلەن باشقا يورتقا كېتىپتۇ:
شۇنىڭدىن كېيىن بالا كۆمۈپ قويغان مال - دۇنيالىرىنى ئېچىپ، ئۆيلىرىنى جابدۇپ، ئۆز يېزىسىدىكى بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇنغا بالا بولۇپ، خاتېرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
بۇ ئەپچىل چارىنى ئاڭلىغان ئەلە - مەلە بالىنىڭ ئەقلىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا «ئەپچىلەم» دەپ نام قويۇشۇپتۇ.