UyghurWiki
UyghurWikiچوچاققوچقار، تەخەي ۋە بۆرە

قوچقار، تەخەي ۋە بۆرە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن زاماندا بىر ھايۋانلار دۆلىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرەر باشلىق ياكى پادىشاھى يوق ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋانلار ھوقۇق تالىشىپ بىر - بىرسىگە قەست قىلىشىدىكەن. بولۇپمۇ بۆرە ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، قالغان پۇقرالارنى يەپ، پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بەكمۇ تەشنالىق بىلەن كۈتىدىكەن. لېكىن ئۇ ئۆز سىرلىرىنى تەخەي ئەمگەكچى بىلەن قوشقار دەرمەكچىنىڭ خەلق ئالەمگە يېيىۋېتىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن. ئەمما، بۆرە >ئۇلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ. ئاۋال شۇلارنى يەپ تۈگىتىش كېرەك. شۇندىلا باشقىلاردىن، ھوقۇقنىڭ قولغا تەگمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھىچبىر ھاجىتى قالمايدۇ< دەپ ئويلايدىكەن. بىر كۈنى ئۇ تەخەي ئەمگەكچى بىلەن قوشقار دەرمەكچىنى يىۋىتىش مەقسىدىدە ئۇلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپتۇ. خەتكە: >ئەي قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان گالۋاڭ، ئۇزۇن قۇلاق ۋە تەرى سېسىق ھورۇن دۆتلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىش، مەن پۈتۈن جاڭگالغا پادىشاھ بولماقچىمەن. بىرىنچىدىن، ئايىقىم يېنىك، يىراققا بارالايمەن. ئىككىنچىدىن، بىڭسىم قالتىس، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايمەن. ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمۈم ئۆتكۈر، دۈشمەننى جازالىيالايمەن. تۆتىنچىدىن، ئاچچىقىم يامان، سۆزۈمگە كىرمىگەننى ئەدەپلىيەلەيمەن. بەشىنچىدىن خەنجىرىم ئۆتكۈر، جاھىللارنى، ئۆلتۈرەلەيمەن. دىمەك، شاھلىق ماڭىلا خاس. ئەگەر مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمغا قوشۇلۇشساڭ، سەنلەرگىمۇ ھوقۇق بېرىمەن. ئەگەر قوشۇلۇشمايدىكەنسەن، جاھىللارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن. جاھاننىڭ تۈۋرۈكى ئەقىللىق بۆرىدۇر< دەپ يېزىلغان ئىكەن. تەخەي بىلەن قوچقار بۆرىنىڭ بۇ تەھدىتلىك گېپىدىن ئۇنىڭ يامان غەرىزىنى چۈشىنىپتۇ - دە، قاتتىق غەزەبلىنىپتۇ. بۆرىگە چوقۇم تاقابىل تۇرۇشتىكى ئامال - چارىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىپ، بۆرىگە ئەقىللىق كىشى بىلەن گالۋاڭنى ئايرىش تەكلىپىنى يېزىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بۆرە بەكمۇ خۇشال بولۇپتۇ - دە، دەرھال رەقىپلىرىنىڭ يېنىغا چېپىپتۇ. جامائەت بۇنىڭدىن بىر شۇملۇقنى سېزىپ قوشقار بىلەن تەخەيگە ئېچىنىپتۇ - دە، نەسىھەت قىلىشىپتۇ. لېكىن قوچقار بىلەن تەخەي ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ: - كەمسىتىش، ئېزىلىش، خورلىنىشقا قارشى تۇرمىساق، ئاخىرى پاجىئەلىك تۈردە ئۆلىمىز. يېڭىش - يېڭىلىش ئەمىلىيەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئۆلسەك ئۈلپەتلىرىمىز ئاتلىنىدۇ. يېڭەلىسەك پۈتۈن جانىۋارلار شاتلىنىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۆرە ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق دەپتۇ: - ئاۋال قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئوڭ بىلەن تەتۈرنى پەرق ئېتەلمىگەن بۇ ئىككى قاقباش مەيدانغا چىقسۇن. ئۇلارنىڭ گۇمپىسىنى كۆرسىتىشكە يول بېرىمەن. ئاندىن ئۇلارنى بىراقلا يوقىتىپ، تەخەينىڭ يۈرىكىنى، قوشقارنىڭ ئۆپكىسىنى يەيمەن. گۆشىنى كېيىن يەيمەن. سەنلەر بۇلارنىڭ جېنىنى تىلەپ تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن بىردىن بالىلىرىڭنى ماڭا بېرىشىسەن. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان تەخەي بىلەن قوچقارنىڭ غەزىۋى تېخىمۇ ئۆرلەپتۇ. كۆپچىلىكمۇ بىردىن بالىسىنى بەرگەندىن كۆرە بۆرە بىلەن كۈرەش قىلىش، تەخەي، قوچقارغا ياردەم بېرىش قارارىغا كەپتۇ. ئۇلار مەيدانغا بېرىشىپتۇ. بۆرە ياۋۇزلۇق بىلەن: - ھۈنىرىڭ، ئىسمى - زاتىڭ نىمە؟ - دەپ سوراپتۇ تەخەيدىن. - ھۈنىرىم ئۈسسۈيمەن. قوشنىلار مېنى >ئۈسسىگەك تەخەي< دەپ ئاتىشىدۇ، - دەپتۇ تەخەي ياندۇرۇپلا، - سېنىڭ ئىسمىڭ، ھۈنىرىڭ نىمە؟ - مېنىڭ ئىسمىم شىپالىق بۆرە. ھۈنىرىم تېپىش. مېنى خەقلەر >تەپكەك بۆرە< دىيىشىدۇ، - دەپتۇ بۆرە. - مېنىڭ ئىسمىم قوچقار، - دەپتۇ قوچقار، - ھۈنىرىم چىشلەيمەن. شۇڭا مېنى ئاغىنىلىرىم >چىشلىگەك قوچقار< دەپ ئاتىشىدۇ. بۆرە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ: - ئەي قاقباشلار، قولۇڭدىن كېلىشسە ئاۋال گۇمپاڭنى كۆرسىتىش. كېيىن مېنىڭدىن يامانلاشما! - دەپتۇ. تەخەي بىلەن قوچقار بۆرىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، قوچقار بۆرىنىڭ ئالدىغا، تەخەي يېنىغا ئۆتۈپتۇ. - گۇمپاڭنى كۆرسىتىش! ۋاقىتنى ئالما! - دەپتۇ بۆرە. قوچقار ئىككى قەدەم كەينىگە يېنىپ توختاپتۇ. - نىمە تۇرىسەن؟ - دەپتۇ بۆرە. - كۆزۈڭ بەك قورقۇنچلۇقكەن، يۇمۇۋالغىن، ئاندىن ھۈنىرىمنى كۆرسىتىمەن، - دەپتۇ قوچقار. >مەن بۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى يىگەن ئىدىم. قوچقارنىڭ ئۈستۈنكى چىشى بولمايدۇ. قېنى كۆزۈمنى مەھكەم يۇمۇپ تۇراي، ئۇ قانداق قىلالايدىكىن< دەپ ئويلىغان بۆرە كۆزىنى مەھكەم يۇمۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا قوچقار ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ شۇنداق ئۈسسۈپتۇكى، بۆرە بەش غۇلاچ يىراققا ھالقىپ چۈشۈپتۇ. بۆرە ئورنىدىن تۇرماقچى بولغاندا تەخەي بۆرىنىڭ قوللىرىدىن چىشلەپ سۆرەپتۇ. قوچقار يەنە بىر نەچچىنى ئۈسسۈپتۇ. تەخەي بۆرىنىڭ قورسىقىغا قاتتىق بىر دەسسەپتىكەن بۆرىنىڭ يۈرىكى مىجىلىپ، ئىڭراشقا باشلاپتۇ. بۆرىنىڭ بېشى قېيىپ، پۇتلىرى تىترەپ، قورسىقىغا قان تولۇپتۇ - دە، ئۆلۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق جانىۋارلار خەتەردىن قورقماي بىرلىشىپ جەڭ قىلغاندىلا كۈچلۈك دۈشمەننى يەڭگىلى، بەختلىك تۇرمۇشقا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې قاراڭغۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئەمەر ئابدۇل.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
قوچقار، تەخەي ۋە بۆرە | UyghurWiki | UyghurWiki