UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقھاكىم ۋە ئوغرى

ھاكىم ۋە ئوغرى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا خوتەن شەھىرىنىڭ بىر ھاكىمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ غەزىنىسى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن تولغان ئىكەن. بۇ غەزىنىنى ساقلاشقا يۈزلەپ ياساۋۇل قويغان ئىكەن. شەھەردە نۇرغۇن ئوغرىلا ھاكىمنىڭ غەزىنىسىنى پايلاپ يۈرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە غەزىنىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان قەشقەرلىق ئوغرى مامۇت خوتەن شەھىرىگە يول ساپتۇ. خوتەنگە كېلىپ ئۆزىگە شېرىك تېپىپتۇ. ئۇ شېرىكىنىڭ ئۆيىدىن تېشىپ، غەزىنىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىدىن چىقماقچى بوپتۇ ۋە شۇنداق قىپتۇ. لېكىن ئۇ غەزىنىدىكى بايلىقنى بىراقلا ئالماي، بىر چەتتىن ئېلىپ خەجلەشكە باشلاپتۇ. ئۇ، غەزىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەشكە تۆشۈكنى ئاز ئېچىپ قويسا، ئالتۇن چۈشۈۋېرىدىغان ئامال تاپقان ئىكەن. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، غەزىنىچىلەر قۇلۇپلار ئېچىلماستىنلا، غەزىنىنىڭ يېرىملاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ، ئەھۋالنى دەررۇ ھاكىمغا خەۋەر قىپتۇ. ھاكىم ئۆزى كېلىپ غەزىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، غەزنە ئەتراپىغا ياساۋۇللارنى قويۇپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئوغرىنى تۇتالماپتۇ. تۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇنلار تۈگەپ، تۆشۈكتىن چۈشمەس بولغاندا، مامۇت ئوغرى شېرىكىنى غەزنە ئىچىگە كىرگۈزۈپتۇ. ھاكىم غەزنە ساقلانغان ئۆيگە يار يىلىم تۆكۈپ قويغان ئىكەن. مامۇتنىڭ شېرىكى يار يىلىمغا چاپلىشىپ قاپتۇ. مامۇت ئوغرى>ئەنە چىقار، مانا چىقار< دەپ، ئۇزۇن ساقلاپ ،زېرىكىپ غەزىنىگە ئۆزى چۈشۈپتۇ. قارىسا شېرىكى پۇتىنى يۆتكىيەلمەي تۇرغىدەك، مامۇت ئوغرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىلاجىسىنى قىلالماي، شېرىكىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېرى ئانىسىنى ئۆزى باقماق بولۇپ، شېرىكىنىڭ بېشىنى كېسىپ، غەزىنىدىكى ئالتۇنلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھاكىم ئوغرىنى تېپىش مەقسىتىدە ئۆگىتىلگەن بىر قارا باشلىق تۆگىنى قويۇپ بېرىپتۇ. بۇ تۆگە ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، ئاخىرى يېرىم كېچىدە مامۇتنىڭ ھويلىسىغا چۆكۈپتۇ. تۆگىنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەنلەر تولا مېڭىپ چارچىغانلىقتىن ھېرىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. مامۇت دەررۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى كۆمۈپ، گۆشىنى يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ھاكىم تۆگىنى تېپىش ئۈچۈن بىر جادۇگەر موماينى ئەۋەتىپتۇ. موماي بولسا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ:>بىر بالام ئاغرىق ئىدى، ئۇنىڭغا تۆگە گۆشى دورا بولۇپ قالغان، سىلەردە بولسا، ئازراق بەرسەڭلار ساۋاب بولىدۇ< دەپ، كۆرگەنلىكى كىشىگە يالۋۇرۇپتۇ. ئۇ، مامۇتنىڭ قوراسىغا كىرىپ، ئانىسىغا يالۋۇرغانىكەن، موماي >ساۋاب< دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، >بىزدە بار< دەپ تۆگە گۆشىدىن يېرىم جىڭچە بېرىپتۇ. جادۇگەر موماي گۆشنى ئېلىپ>ئوغرىنى تاپتىم< دەپ، ھاكىمنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتقاندا، ئالدىدىن مامۇت چىقىپ قاپتۇ. ئۇ، موماينىڭ قولىدىكى تۆگە گۆشىنى كۆرۈپ: - سىز نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - بالامغا داۋا بولار دەپ، تۆگە گۆشىنى ئېلىپ كېتىۋاتىمەن، - دەپتۇ جادۇگەر موماي. - بالىڭىز ئاغرىق بولسا، بۇنچىلىك گۆش نېمە بولىدۇ، مەن سىزگە كاللا - پاقالچىقىنى بېرەي، ئۇنى يېسە بالىڭىز چاپسان ساقىيىدۇ، - دەپ جادۇگەر موماينى قايتۇرۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ مامۇت. كاللا - پاقالچەكلەر بار ئۆيگە ئەكىرىپ موماينى ئۆلتۈرۈپتۇ - دە، بىر قولىنى كېسىۋېلىپ، ئۆزىنى كۆمۈپ قويۇپتۇ. ھاكىم تۆگىدىنمۇ، مومايدىنمۇ ئايرىلغاندىن كېيىن، غەزىنىسىنىڭ يوقالغانلىقىغا چىدىماي ئوغرىنى تۇتۇشتا ئۆزىنىڭ قىزىدىن پايدىلانماقچى بوپتۇ. ئۇ ئوردىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ بىر باققا چېدىر تىكىپ، قىزنى چېدىر ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرپ ئەتراپتا يوشۇرۇن قاراۋۇللارنى قويۇپ: - كىم مېنىڭ قىزىمنىڭ يېنىغا كىرەلىسە شۇنىڭغا قىرىق كۈن توي قىلىپ قىزىمنى بېرىمەن. بىراق شەرتىم شۇ: قاراۋۇللارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي كىرسۇن، - دەپ شەرت قويۇپتۇ. ھاكىم پەقەت غەزىنىنى ئوغرىلىغان ئوغرىلا كىرەلەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن. بۇ ئىشقا مامۇت تەۋەككۈل قىلىپتۇ. ئۇ يوغان بىر سېرىق ئىتنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېرىسىگە ئۇرىنىپتۇ - دە، موماينىڭ قولىنى قوينىغا سېلىپ، ئاندىن باققا، باغدىن قىزنىڭ چېدىرىغا كىرىپتۇ. چىدىرغا كىرىپ ئۇنىڭغا>ۋاقىرىساڭ بېشىڭنى كېسىمەن< دەپتۇ ۋە دەرھال چىراقنى ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ. تاڭ ئاتارغا يېقىن قىزنىڭ قولىغا موماينىڭ قولىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى يەنە ئىت سۈرىتىدە باغدىن چىقىپ كېتىپتۇ. قىز ئەتىسى ھاكىمغا :>دادا، ئاخشام چېدىرغا ئوغرى كىرىپ چىقىپ كەتتى، ئەمدى مېنى ئۇنىڭغا بەرمىسىڭىز بولمايدۇ< دەپتۇ. ھاكىم ئوغرىنىڭ ئۇستىلىقىغا قايىل بولۇپ، كىمدە - كىم مېنىڭ غەزىنەمنى ئوغرىلاپ تۈگەتكەن، موماينى ئۆلتۈرۈپ، قولىنى چىدىرغا قويۇپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۆزىنى مەلۇم قىلسۇن، ئۇنىڭ ئۇستىلىقى ۋە تاغ يۈرەكلىكى ئۈچۈن قىزىمنى ئۇنىڭغا بېرىمەن< دەپ پەرمان چىقىرىپتۇ. جارچىلار كوچا - كوچىلاردا جار ساپتۇ. مامۇت ئوغرى ئۆزىنى مەلۇم قىلدىمۇ، قىلمىدىمۇ، ئۇنى بىلگىچە مەن ئويغىنىپ كەتتىم.
← بارلىق تېمىلار چوچاق