UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقئىشتەي دورىسى

ئىشتەي دورىسى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇن بىر پادىشاھنىڭ ئارزۇلۇق ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. پادىشاھ ئوغۇللىرىنى ھەر كۈنى تۈرۈلۈك نازۇ - نېمەتلەر بىلەن بېقىپ، ھېچقانداق ئىشقا يېقىن يولاتمايدىكەن. كۈن ئۆتۈپ، ئاي ئۆتۈپ، ئاخىرى بۇلارنىڭ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ، بىر چىنە چاينىمۇ تۈگىتىپ ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بالىلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىۋايقانلىقىدىن پادىشاھ ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز شەھىرىدىكى ھەممە تىۋىپلارغا كۆسىتىپتۇ. لېكىن تىۋىپلار شاھزادىلەرنىڭ ئىشتىيىنى زادىلا ئاچالماپتۇ. ئۆز كېسىلىدىن قورۇققا شاھزادىلەر ئاتىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ئىشتەي دورىسى ئىزلەپ باشقا شەھەرلەرگە مېڭىپتۇ. بۇلار شەھەردىن خېلى يىراق چىقىپ، ئۆستەڭ چېپىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ قېشىغا كەپتۇ. - بوۋاي شاھزادىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ: - بۇ دورىنى تېپىش ئاسان، بىراق مېنىڭ ئىشىم تولا، كەچ كىرگىچە ئۆستەڭنىڭ مۇشۇ بىر بۆلىكىنى چېپىپ بولۇشۇم كېرەك، سىلەر ماڭا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بەرسەڭلار، مەن سىلەر ئىزلەپ يۈرگەن دورىنى تېپىپ بېرەتتىم، - دەپتۇ. شاھزادىلەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماقۇل بولغاندىن كېيىن، بوۋاي كەتمىنىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى دورا ئىزلىگەن بولۇپ كېتىپتۇ. شاھزادىلەر بەك خۇرسەن بولۇپ، تەرلەپ - پىشىپ، ئۆستەڭنى راسا چېپىتۇ. بوۋاي ئۆيىگە كېلىپ خوتۇنىغا بولسا سەۋزىدە، بولمىسا چامغۇردا توغراپ پولو تەييارلاشنى بۇيرۇپتۇ. تۇزىنى كەم قىلىشنى جىكىلەپتۇ. پولو تەييار بولغىچە كۈن ئولتۇرۇپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. شاھزادىلەر ئەمدىلا ئۆستەڭنى چېپىپ بولۇشىغا، بوۋاي ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. - دە، ئۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا يوغان بىر لىگەن تۈزسىز پولونى قويۇپۇت. شاھزادىلەر پولونى تۈگىتىپ، لىگەننىمۇ پاكىز يالىۋېتىپتۇ. بىراق يېرىم قوساق بولۇپ قاپتۇ، بوۋايدىن «يەنە پولو بارمۇ؟» دەپ سورالماي: - بوۋا بۇ پولو بەك ئوخشاپتۇ. بۇنىڭغا پولونى ئوخشىتىدىغان بىرەر دورا قوشتۇڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. - پولوغا دورا سالمىدىم، سىلەرنى ئىشقا سالدىم، سىلەر چاپقان بايقى كەتمەن تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىشتەينىڭ دورىسى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بوۋاي.
← بارلىق تېمىلار چوچاق
ئىشتەي دورىسى | UyghurWiki | UyghurWiki