UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقگىلەمچى يىگىت

گىلەمچى يىگىت

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئاتام زامانىسىدا بىر باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرلا قىزى بولغاچقا، كۆزىگە قاراپ، بېشىنى كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاراپ، يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ چوڭ قىلىپتۇ. قىز رىسىدە بولۇپتۇ. باي دەسلەپ >ئۆزۈمگە ئوخشاش تولغان بايغا ياتلىق قىلىمەن< دەپ قىز كۆرگىلى كەلگەنلەرنى دەرۋازا سىرتىدىن قايتۇرۇپتۇ، كېيىن دەرۋازىنى ئاچماي بولماپتۇ. - ھەي خوتۇن، - دەپتۇ باي بىر كۈنى قىزنىڭ ئانىسىغا ئاچچىقلاپ، - قىز تاپقانغا تويغۇزۇشىدىغان ئوخشىمامسەن مېنى؟ يىغقان بايلىقىم كۈيئوغۇل بولغۇچىلارغا داستىخان سېلىپ تۈگەۋاتسا، مۆرىمەي ئولتۇرۇشسەنغۇ؟! قىزىڭغا ئېيت! مېنى بالدۇرراق بىكار قىلسۇن! ئانا باينىڭ گېپىنى قىزغا يەتكۈزۈپتۇ ۋە: - قىزىم، ھەممىسى ئالدىڭدىن ئۆتتى. ئاتاڭنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باي يوقكەن. نېمە ئىلاج، باي ئوغلىدىن بىرنى تاللىساڭ، بېشىڭنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ قويساق، - دەپتۇ. - باي دادامدەك پىخسىق بولىدىغان بولسا، بايغا تەگمەيمەن، - دەپتۇ قىز. - ئۇنداق بولسا، سودىگەرگە تەككىن. - جېنىم ئانا، سودىگەرنىڭ ئىشى ھىيلىگەرنىڭ ئىشى، تۆمۈردۇر ئۇنىڭ چىشى، ئۇنداقلارنىمۇ كۆزۈم كۆرمىسۇن، - دەپتۇ قىز. ئانا چالۋاقاپ سوراپتۇ: - بايغىمۇ تەگمىسەڭ، سودىگەرگىمۇ تەگمىسەڭ، شەھەر ئامبىلىنىڭ بەگزادسىغا تېگەمسەن ئەمسە؟ - ئامبال دەمسنا؟ - ياندۇرۇپ سوراپتۇ قىز، - بىلسەڭ تاتلىق ئانا، سېنىڭ ئۇ بەگزادەڭ ئۆتۈپ كەتكەن قاقباش كاداڭ، نەپسى يوغان باداڭ. ئۇنىڭغىمۇ تەگمەيمەن. مېنىڭ كۆڭلۈم ھۈنەرۋەننى تارتىدۇ. - ھۈنەرۋەن!؟ كۆڭلۈڭ ئاشۇ كوچىدىكى سولتەكلەرنى تارتامدۇ؟ خەپ، داداڭغا ئېيت، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزمىسام، - ئانا قىزىنى دۈشكەللەپ باينىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كىرىپ داتخورلۇق ئېيتىپتۇ. باي قىزىنى ھارغىچە سوتلاپتۇ. قىز بولسا، ئۆز گېپىدىن يانماپتۇ. - نېمە قىلساڭ قىل، لېكىن، مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ سەن مېنىڭ پۇشتۇم ئەمەس، مەن سېنىڭ داداڭ ئەمەس. كۆزۈمدىن يوقال! - دەپتۇ باي قىزىغا كايىپ. ئانا باينى گەپكە كۆندۈرەلمەپتۇ. قىز نائىلاج بوقچىىسنى قولتۇقىغا قىسىپ يولغا چىقىپتۇ. ئانا كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ: - ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ بالام، بىزگىمۇ قىلدىڭ بالام، خەير، يولۇڭ بولسۇن، - دەپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. قىز مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، ئاخىرى ئاۋات بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ، بوينىنى قىسىپ كوچا ئارىلاپتۇ. ئۇ تۇماقچى، بوياقچى، ئۆتۈكچى، ماتارچى، ئاشپەز - ناۋاي... لارغا سەپسېلىپ كېتىۋېتىپتىكەن، كوچا مەركىزىدە بىر توپ ئادەم دۆۋىلىشىپ تۇرغىدەك. قىز توپقا قېتىلىپ، سىغداپ ئالدىغا ئۆتۈپتۇ. قارىسا، قەلەم قاشلىق، قوي كۆزلۈك، مەڭزى توغاچتەك، يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان قاۋۇل بىر يىگىت كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بىر پارچە گىلەمنى يېيىپ قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. كىشىلەر تالىشىپ سودا قىلىۋېتىپتۇ. قىز پەرەنجىسىنى ئاستا قايرىپ، گىلەمنى سىيلاپ تۇرۇپ يىگىتتىن سوراپتۇ: - ئۆزلىرى توقۇغانمۇ؟ - ھەئە، ئۆزۈم توقۇغان، - دەپتۇ يىگىت جاۋابەن، - شۇغۇنىسىغا قولۇمغا قۇل، پۇتۇمغا پۇت بولغىدەك يا بىرەر شاگىرتىم، يا يىپ ئىگىرىپ بەرگىدەك جورا - ھەراھىم يوق، دۇكاندا مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىمەن، دېسىلە خېنىم. - يىپلىرىنى مەن ئىگىرىپ بەرسەم قوبۇل كۆرەرلىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ قىز. يىگىت تازىم قىلىپ: - مىڭ مەرتىۋە، تۈمەن مىڭ مەرتىۋە قوبۇل قىلمامدىغان! - دەپتۇ ۋە گىلەمنى ئېلىشىغا سېتىپ، قىزنى ئۆيىگە باشلاپ مېڭىپتۇ. گىلەمچى يىگىتنىڭ ئىسمى لوقمان، قىزنىڭ ئىسمى بۇۋھەجەر ئىكەن. ئۇلار يول بويى ھال - مىڭ ئېيتىشىپ، بىر - بىرىگە ئاشىق - بىقارار بولۇشۇپ قاپتۇ. لوقمان بىر قازان پولۇ ئېتىپ، مەھەللە - كويلىرىنى چاقىرىپ، پەتىسىنى قىلدۇرۇپ بۇۋھەجەرنى ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن بۇۋھەجەر يىپ ئىگىرىپ بۇياپ ھارماپتۇ، بازار سودىسىغىمۇ پىشىپتۇ. لوقمان دۇكاندىن چىقماي گىلەم توقۇپتۇ. بىر يىل توقۇپتۇ، ئىككى يىل توقۇپتۇ، ئون يىل توقۇپتۇ، گىلەنىڭ بازىرى سۈرۈپ، لوقمان بېيىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بۇۋھەجەرگە: - ھۈنەرمۇ قىلىپتۇق، پۇلمۇ تېپىپتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ مىغىزىنى چاقساق، شەھەردە دۇكان ئېچىپ بەرسەم، سىلە ئولتۇرۇپ گىلەم - يىپ ساتساڭلا، گىلەمنى نىمكارلىرىم توقىسا، مەن شەھەر كۆرگەچ ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلسەم، - دەپتۇ. بۇۋھەجەر قوشۇلۇپتۇ. لوقمان پۇختا تەييارلىنىپ، خېچىرلارغا مال ئارتىپ، ئۆزى ئارغىماققا مىنىپ مەشرىققا قاراپ يول ئاپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپتۇ. يەتتىنچى كۈنى بىر ئۆتەڭگە كېلىپ، يۈك - تاقلىرىنى ئەمدى چۈشۈرۈپ تۇرۇشىغا قىرىق قاراقچى باستۇرۇپ كەپتۇ - دە، مال - مۈلۈك، پۇل - پۇچەك، ئات - خېچىرلارنىڭ بىرىنى قويماي بۇلاپتۇ. نۆۋەت لوقمانغا كەپتۇ. - ھەي سودىگەر يىگىت، - دەپتۇ قاراقچىلارنىڭ باشلىقى قىلىچىنى پارقىرىتىپ، - بۈگۈن ئەجىلىڭ توشتى! چاناپ ئۆلتۈرەيمۇ ياكى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرەيمۇ؟ جاۋابىڭغا خۇشتارمەن. - بوينۇم قىلدا باغلاقلىق، لېكىن، بىر شەرتىم بار: خوتۇنۇمنى كۆرۈۋالاي، ۋەسىيەتلىرىم بار دەۋالاي، ئاندىن قانداق ئۆلتۈرۈشنى خالىساڭلار شۇنداق ئۆلتۈرۈڭلار، - دەپتۇ يىگىت بېشىنى ئىگىپ. قاراقچى باشلىقى: - قولۇمغا چۈشكەنلەرنى تىرىك قويۇۋەتكەن ئەمەسمەن. بوپتۇ، ئۆلۈكۈڭ بولسىمۇ خوتۇنۇڭ بىلەن دىدارلىشىۋالسۇن، - دەپتۇ ۋە شىرىكلىرىگە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ، - بۇنى ئۆز ئېتىنىڭ قۇيرۇقىغا سۆرىتىپ ئۇزىتىپ قويۇڭلار. - خوپ تەقسىر! - قاراقچىلار قىلىچلىرىنى قىنىغا سېلىپ، لوقماننى چىرقىرىتىپ، باغلاپ، دارقىرىتىپ سۆرەپ ئاتنىڭ قېشىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. شۇ ئەسنادا، قاراقچى باشىقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئەقىل كۆرسىتىپ دەپتۇ: - بۇ يىگىت سودىگەر ئەمەس، ھۈنەرۋەندەك قىلىدۇ. ئېلىپ كېتىپ ھۈنەر قىلدۇرساق، بىزمۇ ئاچ - توق قالماس ئىدۇق. قاراقچى باشلىقى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىپتۇ. لوقماننى بوشىتىپ سوراپتۇ: - نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن؟ - ھۈنەرۋەنمەن، تەقسىر! - نېمە ھۈنىرىڭ بار؟ - گىلەم توقۇيالايمەن، يىپ ئىگىرىپ بويىيالايمەن. قاراقچىلار لوقماننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ خۇش بولۇپ، بىللە ئېلىپ كېتىپتۇ. تۇرۇشلۇق ئۆڭكۈرىگە بېرىپ، ئولجىغا چۈشكەن يېمەكلەرنى بۇلاپ - تالاپ يېيىشىپ، قورسىقىنى راسا تويغۇزۇشۇپتۇ، ئارغىماقنى ئۆلتۈرۈپ داشقا تاشلاپتۇ. قاراقچىنىڭ باشلىقى ئۈچنى كىكىرىپ، بۇرۇتىنى تولغاپ قۇلىقىغا ئالماپ تۇرۇپ دەپتۇ: - ھەي يىگىت، ھۈنىرىڭنى كۆرسەت، مەن كۆرەي. لوقمان گىلەمنى ھەر - خىل يىپ، دۇكان، ئەسۋاب بولمىسا توقۇغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قاراقچى باشلىقىنىڭ زەنى ئۆرلەپ كايىپتۇ، قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ شىلتىماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ھېلىقى مەسلىھەتچى توساپ: - تەقسىر، ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا، يىپ، ئەسۋاب تېپىپ بېرەيلى، - دەپتىكەن، قاراقچى باشلىقى ماقۇلغا كەپتۇ ۋە سوراپتۇ: - ھەي گالۋاڭ يىگىت، سەن ئېيتقان نەرسىلەر نەدە بار؟ تېز ئېيت! - مەغرىپتىكى شەھەردە، بىر ئايال ساتىدۇ، يىپلىرى خىل، ئەسۋاپ - جابدۇقلىرى تەق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ لوقمان. قاراقچى باشلىقى تۆت قاراقچىنى بايۋەچچىدەك كىيىندۈرۈپتۇ. لوقمان قاراقچىلار بۇلىۋالغان گىلەم - خۇرجۇننى ئالدۇرۇپ چىقىپ، رەڭدار ئارقاق يىپىدىن بىر تالدىن سۇغۇرۇپ، ئورۇش يىپىدىن ھەم ئالدۇرۇپ قاراقچىلارغا تۇتقۇزۇپتۇ، ئەسۋاب نۇسخىسىنىمۇ بېرىپتۇ. تۆت قاراقچى مەغرىپتىكى شەھەرگە قاراي يۈرۈپ كېتىپتۇ. شەھەردە بۇۋھەجەرنىڭ دۇكىنىدىن باشقا گىلەم - يىپ ساتىدىغان دۇكان يوق ئىكەن. بۇۋھەجەر قاراقچىلار ئېلىپ كەلگەن يىپ - ئەسۋاب نۇسخىنى كۆرۈپ، >ئېرىم گىلەمچىلىك دۇكىنى قۇرماقچى ئوخشايدۇ، بۇلار ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا كېرەك< دەپ ئويلاپ، ئەڭ ئېسىل، رەڭدار يىپ خىللىرىدىن ئىككى قاپ بېرىپتۇ. ئەسۋاب - جابدۇقنىمۇ كېچىكتۈرمەپتۇ. قاراقچىلارنى مېھمان قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. قاراقچى باشلىقى لوقماننى ئۆڭكۈردىكى ئەڭ ئىچكىرى >كىرىشى بار، چىقىشى يوق< بىر ئۆيدە گىلەم توقۇشقا بۇيرۇپتۇ. لوقمان كېلىشتۈرۈپ بىر پارچە گىلەم توقۇپتۇ. گىلەمگە ئۆزىنىڭ قەيەردە، قانداقچىسىغا قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، گىلەم ساتقىلى بارغانلارنىڭ قاراقچى ئىكەنلىكىنى خەت بىلەن ئىزھار قىلىپتۇ، قاراقچىلار تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئۆزى قامالغان ئۆينىڭ، يولىنىڭ خەرىتىلىرىنى چۈشۈرۈپتۇ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. گىلەمگە سۇ پۈركۈپ ئېغىرلاشتۇرۇپتۇ. قاراقچى باشلىقى ئىككى قاراقچىنى گىلەمنى سېتىپ كېلىشكە تەيىنلەپتۇ. ئىككىسى كۆتۈرەلمەپتۇ، تۆتى كۆتۈرەلمەپتۇ، ئالتىسى كۆتۈرەلمەپتۇ، سەككىزى كۆتۈرۈپ شەھەرگە ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۇۋھەجەرنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇۋھەجەر گىلەمدىكى خەتلەرنى ئوقۇپ، خەرىتىلەرنى كۆرۈپ ئەھۋالنى چۈشىنىپتۇ. گىلەم ساتقىلى كەلگەن سەككىز قاراقچىنى مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ. ئاندىن لوقماننىڭ ۋاپادار دوست - يارەنلىرىدىن ئاتمىشنى تاللاپ ئارغىماقلارغا مىندۈرۈپ، ئۆزى سەردار بولۇپ قاراقچىلار ماكانىغا قاراپ ئات ساپتۇ. قاراقچىلار گىلەم ساتقىلى كەتكەن ھەمراھلىرىنىڭ يوللىرىغا قاراپ، ئاچلىقتىن لەۋلىرىنى شوراپ، گەمىلىرىدىن چىقىپ ئۆتەڭدە كارۋان ساقلاپ تۇرۇشقىنىدا بۇۋھەجەرلەر دەشتىنى چاڭ كەلتۈرۈپ، قىلىچلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇچقاندەك يېتىپ كەپتۇ. - سىلەر قايسى پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى؟ نەگە بارىسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ قاراقچى باشلىقى بۇۋھەجەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ. بۇۋھەجەر: - پەقىر سېنىڭ قولۇڭدىكى گىلەمچى يىگىتنىڭ خوتۇنى، بۇلار ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، - دەپتۇ - دە، قىلىچىنى بىر شىلتاپ، قاراقچى باشلىقىنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. قالغان قاراقچىلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ بۇۋھەجەرگە ئېتىلىپتۇ. لوقماننىڭ دوستلىرى ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ قىلىچ - نەيزىلىرىنى ئوينىتىپ، قاراقچىلار سېپىگە بۆسۈپ كىرىپتۇ. جەڭ باشلىنىپ كېتىپتۇ. قىلىچ - نەيزىۋازلىق ئۈچ كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىپتۇ. بۇۋھەجەرلەر قاراقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆتەڭنى تىنچلاندۇرۇپتۇ؛ قاراقچىلارنىڭ ئۆڭكۈر - لەخمىلىرىنى تىنىتىپ، لوقماننى قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ. لوقمان بىلەن بۇۋھەجەرنىڭ شەھەردىكى گىلەمچىلىك ھۈنىرى يېڭىباشتىن گۈللىنىپ كېتىپتۇ. بالىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ نىمكارلىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۇۋھەجەرنىڭ ئاتا - ئانىسى قىلغان - ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان ئەيلەپ، >ھۈنەرۋەنىڭ قولى گۈل، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن< دېيىشىپتۇ ۋە سۇنغان ھالىنى ئوڭشىمان بولۇپ، لوقماندىن ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۆتۈنمەك بولۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق