ھىندىستان مەلىكىسى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ شەھىرى ئاۋات، خەلقى باياشات ئىكەن. ھەر يەر - ھەر يەردىن سودىگەرلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر سودىگەر يولدا كېتىۋاتسا يەنە بىر ئادەم بىر بوپىنى كۆتىرىپ >مىڭ تىللاغا ساتىمەن< دەپ تۇرغۇدەك. سودىگەر بوپىنى ئاچاي دىسە، ئۇ كىشى ئۇنىماپتۇ ۋە:
- ھىندىستان پادىشاھى >سەن بۇنى ساتقان چاغدا ھەرگىز ئاغزىنى ئاچما< دېگەن، بۇنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن - دەپتۇ.
سودىگەر >مەيلى، نىمە بولسا ئالاي< دەپ ئويلاپ، بوپىنى مىڭ تىللاغا سېتىۋاپتۇ. ئۇ بوپىنى ئېلىپ بېرىپ ئاچسا، شاھلارغا خاس بىر تون چىقىپتۇ. سودىگەر توننى شۇئان پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ،
- ئەي پادىشاھى ئالەم، مەن بۇ توننى ھىندىستان سودىگىرىدىن ئالغان ئىدىم. قارىسام ناھايىتى ئىسىل ئىكەن. شۇڭا ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلاي دەپ كېلىشىم، - دەپتۇ.
پادىشاھ توننى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇپتۇ. ئۇنى مېھمان قىلىپ، ئازراق ئالتۇن بېرىپ يولغا ساپتۇ. بۇ چاپاننىڭ بىر پېشىگە ھىندىستان پادىشاھىنىڭ مەلىكىسىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن. مەلىكە ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن. پادىشاھنىڭ شاھزادىسى مەلىكىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ئاشىقى بىقارار بوپتۇ. ئۇنىڭ گېلىدىن ھېچقانداق تاماق ئۆتمەس بولۇپ، قاپتۇ. پادىشاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ ئوغلىدىن گەپ ئالغىى بىر ۋەزىرنى قويۇپتۇ. ۋەزىر شاھزادىنىڭ ھىندىستان مەلىكىسىگە غايىۋانە ئاشىق بولۇپ قالغىنىنى بىلىپ پادىشاھقا مەلۇم قىلىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى يىغىپ بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. ئارىدىن بىر ئەقىللىق ۋەزىر چىقىپ:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، ھىندىستان بىلەن بىزنىڭ ئارىلىقىمىز ناھايىتى يىراق. شۇڭا ئوغلىڭىزنى تۆت كىشى بىلەن بىللە ئەۋەتەيلى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھۈنىرى بولسۇن، - دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ. بۇ مەسلىھەتكە پادىشاھ ماقۇل بولۇپ ئوغلىنى يولغا ساپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئاخىرى ھىندىستانغا يېتىپ كەپتۇ. شەھەرلەرنى ئايلىنىپ تاماشا قىلىشىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ پۇلى ئاز قاپتۇ. شاھزادە بىلەن بىللە كەلگەن تۆت يىگىتنىڭ بىرى گۈلچى بولۇپ، ئۇ گۈل ياساپ سېتىشقا باشلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بىر دەستە گۈلنى كۆتىرىپ، بازارغا بېرىپ تۇرۇشىغا نۇرغۇن ھارۋىلار كەپتۇ. بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئالتۇن تاج كىيگەن بىر مەلىكە ئولتۇرغان ئىكەن. مەلىكە گۈلنى كۆرۈپ سېتىۋاپتۇ ۋە:
- مەن ئوردىدا تۇرىمەن. ھەر كۈنى گۈل يەتكۈزۈپ بەرگىن، - دەپ كېتىپ قاپتۇ.
شاھزادە بىلەن بىللە كەلگەن يىگىتلەرنىڭ يەنە بىرى رەسسام ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى تازا كېلىشتۈرۈپ شاھزادىنىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ - دە، گۈلچنىڭ گۈلىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇپتۇ. گۈلچى گۈلنى مەلىكىگە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. مەلىكە رەسىمنى كۆرۈپ ھۇشىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.
شاھزادە بىلەن كەلگەن يىگىتلەرنىڭ يەنە بىرى لەخمىچى ئىكەن. ئۇ مەلىكە تۇرغان جاي بىلەن شاھزادىنىڭ تۇرغان ئۆيىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەپ لەخمە قېزىپ مەلىكىنىڭ كارۋىتىنىڭ ئاستىغا ئۇلاپتۇ. ئۇ بىر كۈنى مەلىكىنى ئېلىپ شاھزادە تۇرغان ئۆيگە ئېلىپ كەپتۇ. مەلىكە بىلەن شاھزادە بىر كېچە مەي - شاراپ ئىچىپ، ئۇسۇل ئوينىشىپ كۆڭۈل ئېچىپتۇ.
پادىشاھ كېچىسى كوچا ئايلىنىپ كەلسە بىر ئۆيدە نەغمە - ناۋا قىزىپ كەتكەن. بېرىپ قارىسا تۆت ئەر كىشى ۋە بىر قىز ئولتۇرغان. قىز ئۆزىنىڭ قىزىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ شۇئان ۋەزىرىدىن سورىسا ۋەزىرى:
- مەلىكە ئاللىقاچان ئۇيقۇغا راۋان بولدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
پادىشاھ تازا ئىشەنمەي ئوردىغا كېلىپ قارىسا قىزى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خاتىرجەم بولۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە مەلىكە لەخمە بىلەن كېلىپ بولغان ئىكەن. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن شاھزادە ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەلچى قىلىپ كىرگۈزۈپتۇ. پادىشاھ بۇ يىگىتلەرنى ماھارەت كۆرسىتىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلار ماھارەت كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ بۇ يىگىتلەرنىڭ ھۈنەر - ماھارىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ، قىزىنى شاھزادىگە بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ. قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزىنى شاھزادىگە بېرىپتۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ ۋاپات بولۇپتۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن پادىشاھ ۋاپات بولۇپتۇ. شاھزادە تەكلىپكە بىنائەن بۇ شەھەرگە شاھ بولۇپ خەلقنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇپ نام - شۆھرەتكە ئېرىشىپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا دادۈيدىن: قۇربان ئابدۇللا