ئىت بىلەن ھەييار تۈلكە
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بىر ئىت بۇرۇنقى زاماندا توخو، غاز، ئۆدەكلەر تۇرىدىغان بىر ھويلىنى باقىدىكەن. بىر كۈنى ھەييار تۈلكە ھېلىقى ھويلىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، توخولارنىڭ قاقاقلغان، غازلارنىڭ غاقلىدىغان، ئۆدەكلەرنىڭ ۋەكىلدىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، ئېغىزىدىن شولگەي ئېقىتىپ، بىر ئامال قىلىپ ھويلىغا چۈشمەكچى بوپتۇ. ئۇ ھويلا ئەتراپىنى نەچچە ئايلىنىپتۇ. ئاخىر تامدىن سەكرەپ چۈشمەكچى بوپتۇ، ئەمما تام ئېگىز بولۇپ سەكرەشكە چامى كەلمەپتۇ.
ھەييار تۈلكە ئۇزۇن ئويلاپ «ئاۋال ھويلىغا قارايدىغان ئىتنى قولغا كەلتۈرەي» دېگەن يەرگە كەپتۇ. ئۇ ئۆز ماكانىغا قايتىپ بېرىپ بىر قاپقا پاخال سېلىپ دۇمبىسىگە ئارتىپتۇ. بىر سېۋەتكە تاشپاقىنىڭ تۇخۇمىنى سېلىپ قولىدا تۇتۇپتۇ. ئاندىن ھېلىقى ھويلىغا يەنە كېلىپ، ئىشىگىنىڭ زەنجىرىنى شاراقلىتىپتۇ. ئىت ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا، دۇمبىسىدە قاپ، سېۋەت كۆتەرگەن تۈلكە قۇيرۇقىنى لىكىلدىتىپ تۇرغىدەك.
- خوش، ساڭا نېمە كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ ئىت ھومىيىپ. ھەييار تۈلكە ئاللىقانداق قىلىقلارنى چىقىرىپ ھىجىيىپ:
- ئىشىگىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىدىم، سەن بىلەن تونۇشۇپ ھال - ئەھۋال سورىغۇم كېلىپ بۇ تەرەپكە بۇرالدىم، - دەپتۇ.
- قەيەردىن كېلىسەن، - دەپ سوراپتۇ ئىت.
- شەھەردىن توخۇلارغا دان ئەكىلىشكە بارغاندىم، تۇخۇممۇ تاپقاچ كەلدىم، ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ناھايىتى ئىسىل، ئەگەر بۇنى توخۇغا باستۇرساڭ شۇنداق چوجە چىقىدۇكى، ئۇ تۇخۇ بولۇپ قالسا، تاكى قېرىغىچە ھەر كۈنى ئىككىدىن تۇخۇم تۇغىدۇ.
تۈلكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىپتۇ.
«بىزنىڭ توخۇغىمۇ شۇنداق تۇخۇم باستۇرسام... ھەممە ماڭا رەھمەت ئوقارئىدى» دەپ ئويلاپتۇ. ئىت ئۆزىچە. كېيىن تۈلكىدىن:
- ماڭا مۇشۇ تۇخۇملىرىڭدىن ئون نەچچىنى بەرگىن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بېرەي، خالىغىنىڭچە ئال، مەن ساڭا ئوخشاش قەدىردان دوستۇمدىن ھېچنەرسىنى ئايىمايمەن، - دەپتۇ تۈلكە.
ئىت تۈلكىنى ھويلغا باشلاپ كىرىپتۇ. ئۇلار كۇرۇك توخۇغا تۇخۇم باستۇرۇش ئۈچۈن ئۇۋا ياساپ، توخۇنى ياتقۇزۇپتۇ. ھەييار تۈلكىنىڭ «خالىس» خىزمىتىنى كۆرگەن ئىت تۈلكىگە راسا ئىشىنىپتۇ. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تۈلكە قايىتماقچى بولۇپ، قاپنى دۈمبىسىگە ئارتىپتۇ - دە، شۇ ھامان «ئاللا - توۋا» دەپ ۋايساشقا باشلاپتۇ. ئاندىن ئىتقا قاراپ:
- ۋاي دوستۇم، ماغدۇرۇم كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ، ھەممە ئەزايىم سىقىراپ ئاغرىۋاتىدۇ، بۇ ھالىم بىلەن مەن ئۆيگە يېتەلمەيدىغاندەكمەن، قونۇپ ئەتە كەتسەم قانداق؟ - دەپتۇ.
- قونۇپ قالساڭ مەيلى، قاچان قايتىساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىشى - دەپ ئىتمۇ ئۆز جايىغا بېرىپ يېتىپتۇ. ئەل ئايىغى تىنجىغاندىن كېيىن، ھەييار تۈلكە كاپ قىلىپلا ئۈچ توخۇنى تۇتۇپتۇ - دە، قېپغا تىقىپتۇ. توخولا قورقۇپ كەتكەتكەنلىگىدىن «قاق» دەپ ئاۋاز چىقىرالماپتۇ. قاپنىڭ ئىچىدە جىم يېتىشىپتۇ. ھەييار تۈلكە:
- مەن قالتىس - تە، ئىتنى راست باپلىدىم. ئەتىگەنلىككە شۇنداق ھىلە ئىشلىتەيكى، قاپنى ئىتنىڭ ئۆزى كوتىرىپ ئىشىكتىن ئەپىچىقىپ بەرسۇن، بەرىبىر كۈرۈك توخۇ تۇخۇمدىن چوجە چىقارغىچە قاپتىكى توخۇلار قوسغىمغا كىرىپ بولىدۇ، - دەپ ئۆزىچە خۇشال بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.
كۇرۇك توخۇ كېچىچە تۇخۇمنى بېسىپ تاڭ ئاتاي دېگەندە تېگىدە نېمىدۇر بىر نەرسىلەرنىڭ قىمىرلاۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ.
- ۋېيەي، چوجە چىقارغانغا ئوخشايمەن، - دەپ توخۇ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، تېگىدىن ئاجايىپ بىر نىمىلەر ئومىلەپ چىقىۋاتقۇدەك. كۇرۇك توخۇنىڭ جان - پېنى چىقىپلا كېتىپتۇ. قورققىندىن قاقاقلاپ ھويلىنىڭ ئىچىنى بېشىغا كېيىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان غازلار، ئۆدەكلەر، توخۇلار پالاقلىشىپ كاتەكنىڭ چورىسىگە يىغىلىپتۇ. ئىتمۇ يۈگۈرۈپ كەپتۇ. قارىغىدەك بولۇشسا، تۆت پۇتلۇق، بېشى يىلاننىڭ بېشىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئومىلەپ چىقىپ كېلىۋاتقۇدەك.
- بۇ نېمە ئالامەتتۇ؟ - دەپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. غازلار.
- ھەي بىچارە، تۇخۇمنى بىكار باسقان ئىكەنسەن، - دەپتۇ ئۆدەكلەر. توخۇلار بولسا قورققىنىدىن:
- قا... قا... قاق.. بۇ قانداق مەخلۇقتۇ. مۇشۇ كەمگىچە ئارىمىزدا كۆرۈنىمىگەن، - دىيىشىپتۇ. كۈرۈك توخۇ بولسا، قاناتلىرىنى قېقىپ، كۆزىدىن ياش توكۇپ، ئۆزىنىڭ ئەجرىسىگە يىغلاپتۇ. ئىت دەسلەپ ھېچنەرسىگە چۇشىنەلمەپتۇ. كېيىن بىلىپتۇ - دە، ئاچچىغىدىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:
- تۈلكىنىڭ ئەكەلگەنلىرى تاشپاقىنىڭ تۇخۇمى ئىكەن، ھارامزادە مېنى ئالداپتۇ. مانا ئەمدى مەن ساڭا ئالداشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن! - دەپتۇ.
بۇنى سەزگەن تۈلكە ئورنىدىن تۇرۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ.
- ئېھ، شورۇم قۇرسۇن، كۇرۇك توخۇ تاشپاقا تۇخۇمىدىن جۈجە چىقىرىپ قويۇپتۇ. جۈجە چىقىشقا يىقىنلا قالغان تۇخۇمنى ئالغان ئىكەنمەن - دە، ئەمدى قانداق قىلارمەن، - دەپ پايپېتەك بوپتۇ. ھەييار تۈلكە چاققانلىق بىلەن قاپنى دۇمبىسىگە ئېلىپ ھويلىغا چىققان ئىكەن، دەرۋازىدىكى يوغان قۇلۇپنى كۆرۈپتۇ. تۈلكە نېمە قىلارىنى بىلمەي، قاپنى تامدىن ئارتلدۇرۇپ ئاتقان ئىكەن، قاپ تامغا ئارتىلىپ قېلىپ، ئىچىدىكى توخۇلار چىقىپ كېتىپ:
- قا.. قا... قاق.. ئوغرىنى تۇتۇڭلار چاققانراق ! دەپ بولۇشىغا ۋارقىرىشىپتۇ. تۈلكە ئەمدىلا تامغا سەكرىگەن ئىكەن، ئىت، توخۇ، غاز، ئۆدەكلەر يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ قۇيرۇقىدىن تارتىپ چۈشۈرۇۋاپتۇ ۋە ھەممىسى بىر بولۇپ ھەييار تۈلكىنىڭ ئەدىبىنى بېرىپتۇ.