UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچوڭ خوتۇننىڭ كارامتى

چوڭ خوتۇننىڭ كارامتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىرىق ئايالى بار ئىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ مالۇ - دۇنياسى كۆپ، قۇلى ئۇزۇن ئىكەن. ئەمما بىرمۇ بالىسى يوق ئىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ ئوۋغا چىقىپ سىرتتا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قاپتۇ. قىرىق ئايالى بىردىن قىرىق ئوغۇل تۇغۇپتۇ. پادىشاھ خوشال بولۇپتۇ. بىراق كۆڭلىگە شەك چۈشۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغرىپ قاپتۇ. پادىشاھنىڭ ئوتتۇز توققۇز ئايالى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئەرگە تېگىۋاپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ ئايالى ناھايىتى سادىق ئىكەن. ئۇ پادىشاھنى ۋە قىرىق ئوغۇلنى بېقىپ ھىچيەرگە بارماپتۇ. بىر كۈنى ئۇ شاھقا: - ئەي پادىشاھى ئالەم، روزىغا بىر يەرگە بېرىپ قالدى. تاپاۋەتمۇ يوق. بۇنىڭ ئامالىنى قانداق قىلىمىز؟ - دەپتۇ پادىشاھ: - مېنىڭ شەھەردە نۇرغۇن ئاغىنىلىرىم بار. مەندىن كېيىن قالساڭلار شۇلار سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ، - دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. خانىش چوڭ ئوغلى ھەسەنگە ئۇكىلىرىنى بېقىپ تۇرۇشنى تاپىلاپ، ئۆزى ئازراق بىر نەردە تېپىپ كېلىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ئاغىنىلىرنىڭكىگە بېرىپتۇ. دەسلەپ ناۋاينىڭ دۇكىنىغا بېرىپتۇ. ناۋاي >كەللىمۇ؟< دەپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋېرىپتۇ. خانىش >كېتەي< دەپ تۇرماقچى بولغاندا، ناۋاي تونۇردىن بىر كۆمۈچنى ئېلىپ خانىشنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. خانىش كۆمەچنى ئېلىپ قاسساپنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. قاسساپمۇ ناۋايغا ئوخشاش >كەلدىلىمۇ؟< دەپ قويۇپلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپتۇ. خانىش >مەن كىتەي< دەپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇ بىر ياغلىققا تۇخۇمدەك گۆشنى تۈگۈن خانىشقا بېرىپتۇ. خانىش يىغلىغۇدەك بولۇپ، ئۆز - ئۆزىگە >پادىشاھ بار چاغدا بۇلار ئۆيگە بارسا قوي - كالا ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلغان ئىدۇق. ئەمدى كۆرمەيدىغانمۇ بۇ ئىشنى< دەپتۇ ۋە ئەڭ ئاخىرى مۆھۈردارنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. مۆھۈردار بىر مۇنچە پۇلنى ساناۋاتقان ئىكەن. خانىشنى كۆرۈپ >كەلدىلىمۇ؟< دەپ قويۇپ، يەنە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋېرىپتۇ. خانىش پادىشاھنىڭ ئاغىنىلىرىدىن رەنجىگەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ ئوغلىغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە باشقىچە بىر ئىش تۇتماقچى بولۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خانىش يۈزلىرىگە ئۇپا - ئەڭلىك سۈرتۈپ، ناۋاينىڭ دۇكىنىغا بېرىپتۇ. ناۋاي خانىشنى تونۇماي، ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ - دە: - كەچتە ئۆيلىرىگە بارغىلى بولامدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. - بولىدۇ. بارغىلى بولمامدىغان! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ خانىش. ناۋاي بۇ گۈزەلنىڭ ئۆيىنى سورىغان ئىكەن. خانىش ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئىلگىرى كۆيۈك نان بەرگەن ناۋاي ئەمدىلىكتە ناندىن بىر نەچچىنى ۋە نۇرغۇن پۇل بېرىپ يولغا ساپتۇ. خانىش پىشۇرۇلغان گۆش نان ۋە كۆپرەك پۇل ئېلىپ بېرىشنى جېكىلەپ قويۇپ، توپ - توغرا قاسساپنىڭ دۇكىنىغا بېرىپتۇ. قاسساپمۇ خانىشنى راسا مېھمان قىپتۇ. نۇرغۇن پۇل بېرىپ يولغا ساپتۇ. قاسساپمۇ >ئۆيلىرىگە بېرىشقا بۇلامدىكىن؟< دەپ سورىغان ئىكەن. خانىش بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ ۋە كۆپرەك گۆش، پۇل ئالغاچ بېرىشنى جېكىلەپتۇ. خانىش ئاخىرىدا مۆھۈردارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغىمۇ چاقچاق قىلىپ قويغان ئىكەن، مۆھۈردار خوشال بولۇپ، نۇرغۇن پۇل بېرىپ: - ئۆيلىرىگە بارغىلى بولامدىكىن؟ - دەپ سوراپتۇ. خانىش ئۇنىڭغىمۇ >ۋاي بولىدۇ< دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كەچ كىرگەندە ھەممىدىن بۇرۇن قاسساپ خانىشنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ئۇ نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش ە گۆش ئالغاچ كەلگەن ئىكەن. خانىش قاسساپنى ئۆيگە كىرگۈزۈپ، قاسساپنىڭ ئېتىنى ۋە مال - مۈلىكىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئوغلىغا تاپشۇرۇپ كىرسە، قاسساپ يېتىشقا تەييار بولۇپ تۇرغان ئىكەن، خانىش: - سىلە ياتسىلا، مەن بۇ قۇلۇمدىكى ياغلىقنى توقۇپ بولۇپ ئاندىن ياتاي، ئاز قالدى، بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرسىلا، - دەپتۇ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى دەرۋازىنى جالاقشىتىپ ۋارقىراپتۇ. خانىش قاسساپقا: - ئىش بولمىدى، ئېرىم كېلىپ قالدى. تېزدىن قاچسىلا، - دىگەن ئىكەن، يالىڭاچ ياتقان قاسساپ ھاپىلا - شاپىلا تامبالنى كېيىپلا باغنىڭ ئىشىكى ئارقىلىق قېچىپ، ئەسكى ئۆيگە بېرىۋاپتۇ. يېرىم كېچە بولغاندا ناۋاي كەپتۇ. ئۇمۇ نۇرغۇن مال - مۈلۈك ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. خانىش ناۋاينىمۇ قاسساپنى جايلىغاندەك جايلاپتۇ. تاڭ ئاتاي دىگەندە مۆھۈردار كەپتۇ. خانىش ئۇنىمۇ قاسساپ - ناۋاينى جايلىغاندەك جايلاپتۇ. ناۋايمۇ، مۆھۈردارمۇ ھېلىقى ئەسكى ئۆيگە بېرىپتۇ. ئۈچەيلەن بىر - بىرىدىن قورقۇپ ئۇزاق ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئاخىرى تونۇشۇپ، ئەھۋاللىشىپ ئايالدىن ئۆچ ئېلىش قارارىغا كەپتۇ. ناۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ كىيىم - كېچەك كىيىشىپ، خانىشنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئۇلار تامنى تېشىپتۇ. تېشىلگەن تۆشۈكتىن ئالدى بىلەن ناۋاي كىرىپتۇ، تەييار بولۇپ تۇرغان خانىش ئۇنىڭ قۇلىقىنى كېسىۋاپتۇ. ناۋاي چاندۇرماي چىقىپ قاسساپنى كىرگۈزۈپتۇ. خانىش ئۇنىڭ بارمىقىنى كېسىۋاپتۇ. قاسساپمۇ چاندۇرماي قايتىپ چىقىپ، مۆھۈردارنى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كىرىشتىن قورقۇپ كەينى بىلەن كىرمەكچى بولۇپ، كامارغا كاسسىسىنى تىققان ئىكەن. خانىش ئۇنىڭ كاسسىسىغا تازا قىزىغان تۆمۈرنى يېقىپتۇ. مۆھۈردار ۋايجانلاپ كېتىپتۇ. قاسساپ، ناۋاي، مۆھۈردار بۇ شەھەردە ياشاشتىن نومۇس قىلىپ باشقا شەھەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. خانىش ئوغلى بىلەن بىللە ئۇلارنى شەھەرمۇ - شەھەر ئىزلەپتۇ، مەلۇم بىر شەھەرگە كېلىپ ئۇلارنىڭ دېرىگىنى ئاڭلاپتۇ. بىر دەڭگە چۈشۈپ دەڭجا ئايالغا: - بىزنىڭ ئۈچ قۇلىمىز بار ئىدى. بالامنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قېچىپ كەتتى. بىز شۇلارنىڭ ئىز - دېرىگىنى قىلىپ كەلگەن ئىدۇق، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دەڭجا ئايال: - ئۇلارنىڭ بىرەر بەلگىسى بارمىدى، - دەپ سوراپتۇ. - ئۇلارنىڭ بەلگىسى بار. بىرىنىڭ بىر قۇلىقى يوق. بىرىنىڭ بىر بارمىقى يوق. بىرىنىڭ كاسسىسىغا تامغا بېسىلغان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. خانىش، دەڭجا ئايال خانىشقا ياردەملىشىپتۇ. ئۇلار ئاخىر قاسساپ، ناۋاي، مۆھۈردارنى تېپىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۈچى خانىشنىڭ قۇللىرى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپتۇ. خانىش ئۇلارنى شۇ شەھەرنىڭ قازىخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ قازىغا: - بۇ ئۈچى مېنىڭ قۇللىرىم ئىدى. قېچىپ مۇشۇ شەھەرگە كېلىۋالغان ئىكەن. ئىزلەپ كېلىپ تاپقان ئىدىم. ئەمما بۇلار تېنىۋېلىپ كەتكىلى ئۇنۇمايۋاتىدۇ، - دەپتۇ ۋە قازىغا ئۇلارنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرسىتىپتۇ. بەلگىلەرنى كۆرگەن قازى >سىلەر چوقۇم بۇ ئايالنىڭ قۇللىرى ئىكەنسىلەر< دەپ ئۇ ئۈچىنى خانىشقا قوشۇپ قويۇپتۇ. خانىش ۋە ئوغلى ئۇلارنى باغلاپ ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كەپتۇ. خەلقى ئالەم ئىچىدە سازايى قىلدۇرۇپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. ھەسەن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇپتۇ. ئاتىسىدىن يۈز ئۆرۈپ قېچىپ كەتكەن ئاياللارنى تاپتۇرۇپ كېلىپ قاتتىق جازالاپتۇ. خەلقنى بولسا ئادىللىق بىلەن سوراپ ئاتىسىنىڭ روھىنى خوش قىلىپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا گۇڭشې سېغىن سۆگەتتىكى نىياز ئەرشى
← بارلىق تېمىلار چوچاق