UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقخۇدايىم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

خۇدايىم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر شەھەردە بىر كەمبەغەل كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ كۈنى تولىمۇ پېقىرلىقتا ئۆتكەنلىكتىن، دۇنيانىڭ تەڭسىزلىكىدىن شىكايەت قىلىپ يۈرىدىكەن. مانا شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئالدىغا شىكاردىن قايتقان پادىشاھ ئۇچراپتۇ. قارىسا، پادىشاھنىڭ كىيگىنى تەتۇللا تون، ئېتىغا ياپقان يوپۇغى زەرپاپ، ئىگەر - توقۇمى ئالتۇن، ئۇزەڭگىسى ياقۇتتىن ئىكەن. بۇ ئالامەت بىلەن شاھنى كۆرگەن بايقى كەمبەغەل كۆڭلىدە، «ئېھتىمال، خۇدايىم شاھلارنىڭ كۈننى باشقا، گادايلارنىڭ كانىنى باشقا قىلىپ ياراتقان بولسا كېرەك» دېگەننى كەچۇرۇپتۇ، كەمبەغەل باشقا گەپ قىلماي، قايتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنىمۇ يەنە ئوردىغا كىرىپ، كۈننىڭ ئىسمىنى سوراپتۇ. شاھ ئېيتىپ بېرىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى كىرىپ سورىغاندا، شاھ بۇ ئەھۋالدىن ئەجەپلىنىپ، كەمبەغەلگە مۇنداق دەپتۇ: - سەن بۈگۈن تۆت كۈن بولدى، ئۇدا كۈننىڭ ئىسمىنى سورايسەن، ئېيتىپ بەرسەم چىقىپ كېتىسەن. سېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشڭ يوقمۇ؟ - ھازىر مېنىڭ كۈنلەرنىڭ ئىسمىنى ئېتىقلاشتىن زورۇرەك ئىشىم يوق، شاھىم! - دەپتۇ كەمبەغەل. - كۈنلەرنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاش ساڭا نېمىگە زورۇر بولۇپ قالدى؟ - مەن ئۇششاق بالىلىق كىشىمەن، ئىشقا يارىغىدەك بولدى، بالىلىرىم ھەم ئۆزەم كېچە - كۈندۈز دېگەندەك ئىشلەپمۇ قوسغىمىز تويغىدەك غىزا، ئۇچىمىزنى ياپقىدەك كىيىم كورمەيمىز. قايسى كۈنى سىزنى شىكاردىن قايتقىنىڭىزدا كۆرۈپ قالدىم. قارىسام دۇنيادىن بى ھاجەت كۆرۈنىسىز. شۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈمگە: «خۇدايىم پادىشاھقا باشقا كۈن، كەمبەغەلگە باشقا كۈن ياراتقان ئوخشايدۇ» دېگەن ئوي كەلدى، مانا شۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىپ - كېتىپ يۇرۇپتىمەن. پادىشاھ بۇ كىشىنىڭ غەلىتە ئويىغا ھەيران قېلىپ: - قانداق، كۈنمىزدە پەرق بارمىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كەمبەغەل، - ھازىرغىچە ئېنقلىغان توت كۈن ئوخشاش چىقتى، شۇنىڭغا قارىغاندا، ھەپتىنىڭ قالغان كۈنلىرىدە پەرق يوق ئوخشايدۇ. شاھىنىڭ بۇ كىشىگە ئىچى ئاغرىپتۇ - دە، يېنىنى ئاختۇرۇپ، بىر سىقىم تىللا ئېلىپ ھېلىقى كەمبەغەلگە سۇنۇپتۇ. شۇ يەردە شاھنىڭ ئاچكۆز باش ۋەزىرىمۇ قاراپ تۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ تىللارغا قۇرسىقى ئاغرىپ، خۇيى تۇتۇپ قاپتۇ. شاھ ھېلىقى كەمبەغلنى يولغا سالغاندىن كېيىن، ۋەزىرىگە قاراپ: - ساڭا نېمە بولدى؟ رەڭگىڭ بۈلەكچىلىغۇ ؟ - دەپتۇ. - شاھىم، - دەپتۇ ۋەزىر، - سىلىگە بۇ ئالتۇنلارنىڭ قەدرى - قىممىتى يوقتەك كۆرۈنگەن بىلەن، بىز ئۇنى تولىمۇ جاپا بىلەن يىغىمىز، بىر سىقىم ئەمەس، بەزىدە بىر تىللانى ئوردىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، بەگلىرىمىز، چاپارمەنلىرىمىز پۇلنى توشۇگىدىن مىڭ قېتىم ئۆتكىدەك بولۇشىدۇ. سىلى بولسىلا نەدىكى قوسىغىنى تويغۇزالىمىغان گادايغا سىقىملاپ بېرىۋاتىدىلا. - ھېچ ۋەقەسى يوق، شۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا تاتىرىپ كەتكەن بارمۇ. ئالماقنىڭ بەرمىگى بار! - دەپتۇ شاھ ۋەزىرىگە. - مەن بۇ ئىشقا بىپەرۋالىق بىلەن قاراپ تۇرالمايمەن، - دەپتۇ ۋەزىر، - ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىر سىقىم تىللارنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ قايتۇرۇۋېلىش زورۇر ئىدى، شاھىم. - بوپتۇ، پۇلغا بەك ئىچىڭ ئاغرىغان بولسا، ئۇ كىشىنى رەنجىتمەي ۋە مېنىڭ ئالدىمغا يولاتماي قايتۇرۋالالىغىنىڭنى ئال، - دەپتۇ شاھ ۋەزىرنىڭ كوڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن. ۋەزىر دەررۇ ئوردىدىن چىقىپ، قاڭتۇرۇقلۇق تورۇق ئارغىماقنى مىنىپتۇ - دە، كەمبەغەلنىڭ ئارقىسىدىن چېچىپتۇ. كەمبەغەل كىشى بولسا شاھ بەرگەن پۇلنى تېخى ساناشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن ئىكەن. - ھەي گاداي، توختا! - دەپتۇ ۋەزىر ئۇنىڭغا يېتىشىپ، - مېنىڭ ساڭا بېرىدىغان بىر سۇئالىم قاپتۇ، شۇنىڭغا توغرا جاۋاپ بەرسەڭ، تىللا بىلەن ئىشىم يوق، ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلمىسەڭ، تىللانى شاھىمىزنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭ كېرەك. بۇ ئويۇننىڭ ۋەزىرنىڭ ئىچى تارلىقىدىن كېيىن چىققانلىقىنى بىلگەن كەمبەغەل: - قېنى سوئالىڭىزنى سوراڭ، - دەپتۇ تەمكىنلىىك بىلەن. - ھازىر، - دەپتۇ ۋەزىر ھاسىرەپ - ھۆمىدەپ، - خۇدايىم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ - ئەگەر سىزنىڭ راستىنلا بۇ سوئالغا جاۋاب ئالغىڭىز كەلگەن بولسا، ئاتتىن چۈشۈپ، تون - سەرپايىلىرىڭىزنى سېلىڭ. مەن ئاتقا مېنىپ سىزنىڭ تون - سەرپايلىرىڭىزنى كېيىپ تۇراپ جاۋاب بېرەي، سىز سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى مېنىڭ كىيىملىرىمنى كىيىپ تۇرۇپ ئاڭلاڭ. ئەگەر بۇنىڭغا كونمىسىڭىز، ھەر ئىككىمىز پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارىمىز، مەنمۇ جاۋابنى شۇ يەردە بېرەي، سىزمۇ شۇ يەردە ئاڭلاڭ، - دەپتۇ. كەمبەغەل. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارسا ئىشنىڭ ئوڭغا تارتمايدىغانلىقىنى بىلگەن ۋەزىر: - بوپتۇ، خالىغىنىڭنى قىل، ئەمما سەن سوئالىمغا مەن قانئەتلەنگىدەك جاۋاب بەرمىسەڭ، بۇ قىلىغىنىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى بوش قويمايمەن، - دەپتۇ - دە، ئاتتىن چۈشۈپ، كىيىملىرىنى سېلىپ بېرىپ، ئۆزى ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. كەمبەغەل ۋەزىرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئېتىغا مىنىۋالغاندىن كېيىن: - سوئالىڭىزنى ئەمدى سوراڭ! - دەپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئاچچىغى كېلىپ، رەڭگى تاتىرىپ كېتىپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ، تىللانى قايتۇرۋېلىش نىيىتىدىن ياتمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىگە تەسەللى بېرىپتۇ. - سۆزۈمگە قۇلاق سال، - دەپتۇ. ۋەزىر، - ھازىر مۇشۇ سائەتنىڭ ئۆزىدە خۇدايىم نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ - ھازىر مۇشۇ سائەتنىڭ ئۆزىدە، - دەپتۇ كەمبەغەل، - خۇدايىم ئاتلىقنى پىيادە، پىيادىنى ئاتلىق قىلىۋاتىدۇ. قېنى بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇئالىڭىز بارمۇ؟ ۋەزىر قىلىشقا سۆز، قويۇشقا ئەيىب تاپالماي، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قاپتۇ. كەمبەغەل كىشى ئاتنىڭ بېشىنى بۇراپ ئۆيىگە قاراپ كېتىپتۇ. ئاچكۈز ۋەزىر ئومرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي ھەسرەت بىلەن ئۆتۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق