خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا قىش بولماس بىر شەھەر بولغان ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ باغلىرىدا يىل بويى مېۋىلەر مەي بولۇپ، تاغلىرىدا مايلار مايغا تولۇپ تۇرىدىكەن. ئوزۇق - تۈلۈك مول ئىكەن. خەلقى باياشات ئىكەن.
بىراق، مويسىپىتلرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەر بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا قىشمۇ - ياز قارغا كۈمۈلۈپ تۇرىدىغان، كۈندۈزنىڭ تايىنى يوق، كېچىسى ئۇزۇن بولىدىغان، جۇدۇن - چاپقۇنلۇق شەھەر ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىش ئىنتايىن قىيىنكەن. كىشىلەر دائىم سوشۇق ۋە ئاچچىق ئازابىدىن ئۆلۈپمۇ قالىدىكەن. شۇڭا ئۇلار خۇداغا نالە قىلىپ، بۇ ئازاب ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبدەت قىلىپ تۇرىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، خۇداغا يالۋۇرۇپ كۆز يېشى قىلىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت ئەتراپ سۈبھى كۆتۈرۈلگەندەك يورۇپ، كۈن چىقىش تەرەپتە ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ يوغان گەۋدىسى پەيدا بولۇپتۇ. بۇ خېزىر ئىكەن. ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
- بەس، ئەمدى يېتەر، ھەقىقەتەن ياخشى كۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلساڭلار، ئەنگۈشتەرنى قۇلۇڭلارغا ئېلىڭلار، ئۇ ئۋۇ تاغدا.
خېزىر قولى بىلەن يان تەرەپتنى ئىشارە قىپتۇ.
چوققىلىرى بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرغان بۇ تاغنىڭ ئارىسىدا قانداقتۇر بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇرغۇدەك. كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ، خېزىرغا:
- ئانا، ئۇنى قانداق ئالىدۇ؟ يولىنى كۆرسىتىپ قويسىلا، - دېيىشىپتۇ. خېزىر:
- قورقۇمسىز، چىداملىق، باتۇردىن ئىككىنى تاللاپ يولغا سېلىڭلار، مەن ئۇلارغا يار، - دەپتۇ - دە، غايىپ بوپتۇ. كىشىلەر ئىنتايىن خۇش بولۇپ، ئىككى باتۇرنى تاللاپ دەرھال يولغا ساپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ كېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشكە باشلاپتۇ.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ كېلىشكە كەتكەن ئىككى باتۇر قايتىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئەنگۈشتەرنىڭ نۇر چېچىشىغا ئەگىشىپ ئىللىق باھار قۇياشىمۇ كۆتۈرۈلۈپتۇ.
ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان بۇ شەھەر قىش بولمايدىغان شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. بۇ ئەنە شۇ ئەنگۈشتەرنىڭ خاسىيىتىدىن ئىكەن. شۇڭا خەلق بۇ ئەنگۈشتەرنى كۆز قارچۇغىدەك ئەتىۋارلاپ نۆۋەت بىلەن قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ ساقلايدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ شەھەرنى بىردىنلا قاراڭغۇچىلىق بېسىپ كېتىپتۇ. ھاۋامۇ سوۋۇپ، گۈل - چېچەكلەر ئۈستىنى قىرو قاپلاپتۇ، ئاندىن بىرقانچە گەز قېلىنلىقتا قار يېغىپ، پۈتۈن ئەتراپ قار - مۇز ئاستىدا قېتىپ قاپتۇ، مال - ۋارانلار ئۆلۈشكە، ئادەملەرگە ئاچارچىلىق ۋەھىمە سېلىشقا باشلاپتۇ. كىشىلەر بۇ ئىشقا دەسلەپ قاتتىق ھەيران قاپتۇ. كېيىن ئېسىنى يىغىپ ئەنگۈشتەرنى ساقلاۋاتقان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىپتۇ - دە، ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇلۇمسىز خۇتۇنىنىڭ ئەنگۈشتەرنى قالايمىقان تاشلاپ قويۇپ، سۈپۈرەندىگە ئارىلاشتۇرۇپ سۈپۈرۈۋەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگۈستەرنىڭ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىشىپتۇ. كىشىلەر يەنە خۇداغا نالە قىلىپ ئەنگۈشتەرنى كەلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. خېزىرغىمۇ يالۋۇرۇپتۇ، نە خۇدا، نە خېزىردىن سادا كەلمەپتۇ. ئۇلار ئاخىرى كېلىشىپ، ئەنگۈشتەرنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان تاغقا ئىككى باتۇرنى ماڭدۇرماق بوپتۇ. ئۇلار كىمنىڭ بېرىشى كېرەكلىكىنى غۇ - غۇلا قىلىپ تۇرغاندا توپ ئىچىدىن پەرمانقۇل ئىسىملىك - داۋاملىق كىشىلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا ئىش قىلىپ كېلىۋاتقان 18 ياشلاردىكى قامەتلىك باتۇر يىگىت «مەن بارىمەن» دەپ مەيدانغا چىقىپتۇ. كىشىلەر ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا خۇشال بولۇشۇپ بىر ئېغىزدىن ماختىشىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئارىسىدىن «بىرىگە مەن باراي» دېگەن ئىككىنچى كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. كىشىلەر ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قاراپ تاڭ قېلىشىپ تۇرۇشۇپلا قاپتۇ چۈنكى مەيدانغا چىققان بۇ ئىككىنچى كىشى دائىملا كىشىلەرنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىپ كەلگەن مىرزا گالۋاڭ ئىسىملىك ھورۇن يىگىت ئىكەن.
كىشىلەر مىرزا گالۋاڭغا بىر ھازا ھەيران بولۇپ قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن:
- بوپتۇ، كىشىلەرنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، پايدىلىق ئىشقا بەل باغلىغىنىغا رەھمەت، بوپتۇ، بىز ئۇلارغا ئاق يول تىلەپ دۇئا بىرەيلى، دېيىشىپتۇ.
كىشىلەر ئىككىسىگە دۇئا بېرىپتۇ، پەرمانقۇل بىلەن مىرزا گالۋاڭ كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
مىرزا گالۋاڭ سەپەرنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى خېلى دىدىل بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بوشىشىپ ئۆز گالۋاڭلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. سەپەر ئاۋۇيدىغان چاغلاردا دەم ئالىمەن، دەپ يېتىۋېلىپ، دەم ئالىدىغان چاغلاردا توشقان قوغلاپ كېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىمۇ، پەرمانقۇلنىمۇ دەم ئالغۇزماپتۇ. ئېتىنىمۇ قاتتىق چارچىتىپتۇ. نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ئۆزى بىلگەننى قىلىۋېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەرمانقۇل ئېلىۋالغان ئۇزۇق تۈلۈكمۇ تۈگەپتۇ. مىرزا گالۋاڭنىڭ دەم ئالدۇرماي قالايمىقان چېپىپ كاردىن چىقارغان ئېتىمۇ ئۆلۈپتۇ. مىرزا گالۋاڭ كەلتۈرۈۋاتقان پېشكەللىكلەردىن تىت - تىت بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدە غەزەپلەنسىمۇ، ئۇنى يولدا تاشلاپ كېتىشنى نامەرتلىك، دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى ئېتىغا مىنگەشتۈرۈپتۇ - دە، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.
ئۇلار ئەنە شۇ ھالدا قورسىقى ئاچسا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئوۋلاپ يەپ، كېچە - كۈندۈزلەپ يول يۈرۈپتۇ، ئات كەينىگە مىنگىشىۋالغان مىرزا گالۋاڭ چۇلۋۇرنىڭ ئۆزقولىدا بولماي خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمىغانلىقىغا ئىچى پۇشۇپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي ئىگەرنىڭ قۇشقۇن ۋە ئۇلاڭلىرىنى كېسىپ تاشلاپتۇ. بۇنى پەرمانقۇل سەزمەي قاپتۇ. بىر دوقمۇشتىن ئايلىنىشىغا چىغ تۈۋىدىن بىر توشقان سەكرەپ سەكرەپ چىقىپتۇ. بۇنىڭدىن ئۈركىگەن ئات ئۆزىنى بىر يانغا تاشلىغان ئىكەن. پەرمانقۇل بىلەن مىرزا گالۋاڭ ئىگەر بىلەن بىللە يەرگە سىرىلىپ چۈشۈپتۇ، ئات شۇ ئۈركۈگىنىچە ئورمانلىق ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بوپتۇ. مىرزا گالۋاڭ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرماي يېتىۋاپتۇ. پەرمانقۇل ئېتىنى ئىزلەش ئۈچۈن ئورمانلىققا كىرگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي پەيدا بوپتۇ. پەرمانقۇل ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن سالام بېرىپتۇ، بوۋاي ئۇنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ:
- مەن ھەممە ئىشىڭدىن خەۋەردار ئوغلۇم سەن ئۆز يۇرتۇڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايۇ - ئاپەتنى بالدۇرراق سۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن كېتىۋاتىسەن، مۇشۇنداق ئارمان، ئىرادە بىلەن مەيدانغا چىققان كىشى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ئالدىدا تەۋرەنمەي داۋاملىق ئىلگرىلىسىلا مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ، - دەپتۇ.
پەرمانقۇل بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى كىشى بولماي، بەلكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە يار - يۆلەك بولۇپ تۇرىدىغان خېزىر ئىكەنلىكىنى پەملەپتۇ - دە، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ:
- ئاتا، ماڭا يول كۆرسەتسىلە، - دەپتۇ. خېزىر:
- نىشانەڭگە يېتىشكە ئاز قالدىڭ ئوغلۇم، بۇ ئورمانلىقتىن ئۆتسەڭ مېۋىزارلىق بىر جىلغىغا يېتىسەن، بۇ يەردە ھەرخىل مېۋىلەر پىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ پەقەت مايمۇنلارنىڭ نىسىۋېسى، ئۇنى يىگەن كىشى مايمۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنى يېگۈچى بولما، ئۇنىڭدىن ئۆتسەڭ غار ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئاجايىپ سۈزۈك بۇلاق سۈيىگە دۇچ كېلىسەن، بۇ سۇنىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگىدىكى تاشلار قاش تېشىدەك يالتىراپ كۆرۈنىدۇ، ئۈستىدە بولسا، قۇياش نۇرى رەڭلىنىپ، خۇددى ئەتلەستەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ تەشنالىقى كۈچىيىپ، ئۇنىڭدىن قانغۇدەك ئىچىۋالغۇسى كېلىدۇ، لېكىن ئۇنى ئىچكەن كىشى تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىنى سەن ئېلىپ كەلمەكچى بولغان ئەنگۈشتەردىن باشقا ھېچ نەرسە ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ سۇنىمۇ ئىچىشتىن ساقلان. ئۇ غاردىن ئۆتسەڭ تىك چوققىغا يامىشىسەن، ئەنە شۇ چوققىنىڭ قاق بېلىدە يەنە بىر غار بار. بۇ ئەنە شۇ ئەنگۈشتەرنىڭ ماكانىغا كىرىدىغان يول، بۇ يەرنى خىرىس قىلىپ تۇرغان ئىككى يولۋاس ساقلايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغاندا قورقما، چىرايىڭنىمۇ ئۆزگەرتمەي، سالماق قەدەم بىلەن غارغا قاراپ مېڭىۋەرسەڭ يولۋاسلار بىردىن يوۋاشلىشىپ ساڭا يول ئېچىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆتسەڭ بىر بىرى بىلەن تىنىمسىز قايچىلىشىپ تۇرىدىغان قىلىچقا يولۇقىسەن، بۇنىڭدىن قورقماي يۇقىرىقىدەك مېڭىۋەرسەڭ، ئۇمۇ ساڭا يول ئېچىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئەنگۈشتەر ماكانىغا كىرىسەن، بۇ چوڭ شەھەر، قالغان ئىشلار ئەنە شۇ شەھەرگە كىرگىنىڭدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن بېجىرىلىدۇ - دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ. پەرمانقۇل خۇشاللىقىدىن ئېتىنىمۇ ئىزلەپ ئولتۇرماي، مىرزا گالۋاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ يولىنى داۋام قىپتۇ.
ئۇلار ماڭە - ماڭە خېزىر ئېيتقان مېۋىزارلىق جىلغىغا يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ يەردە ھەرخىل مېۋىلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەن ئىكەن. مىرزا گالۋاڭ مېۋىلەرنى كۆرۈشى بىلەن ئۆزىنى تۇتالماي شاخلارغا ئېسىلىپتۇ، پەرمانقۇل:
- بۇنى يېمە، مايمۇنغا ئايلىنىپ قالىسەن، - دەپ مىرزا گالۋاڭغا ئېسىلىۋاپتۇ، مىرزا گالۋاڭ ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىسىمۇ، قاتتىق تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈنلا يېمەسلىككە ماقۇل بوپتۇ، ئۇ پەرمانقۇلنى غالەت قىلىپ، بىر تال مېۋىنى يەۋالغان ئىكەن، شۇئانلا مايمۇنغا ئايلىنىپ قاپتۇ. پەرمانقۇل ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ نەپسىنى باسالمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، كەينىدىن ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار غار ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇلاق سۈيىگە يېقىنلاشقاندا مايمۇنغا ئايلانغان مىرزا گالۋاڭ يەنە ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ. ئۇ پەرمانقۇلنىڭ «ئىچمە، تاشقا ئايلىنىپ قالىسەن دېگىنىگىمۇ بويسۇنماي بىر ئوچۇم ئىچىۋاپتۇ - دە، دەرھال تاشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. پەرمانقۇل ئۇنى بىر ئاز جىمىلەپ، ئەنگۈشتەرنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆز سەپىرىدە خۇددى خېزىرنىڭ ئېيتقىنىدەك ھەل قىلىپ، غارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىكەن، ناھايىتى چوڭ ھەيۋەتلىك شەھەرگە چىقىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرى قاپلىغان، ئۇلار ئۇچرىغانلىكى كىشىنى بىر رەت قىلىپ تىزىلدۇرۇپ ئېلىپ كېتىۋاتقۇدەك. پەرمانقۇل بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىدا بىر ياساۋۇل كېلىپ ئۇنىمۇ رەتتىكى كىشىلەرگە قوشۇپ ھەيدەپ مېڭىپتۇ. رەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چىرايلىق كىيىنگەن بولۇپ، ھەممىسى «كىمگە تاشلايدىكىن؟» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا تەكرارلايدىكەن. پەرمانقۇل بۇنىمۇ چۈشىنەلمەي، ھەيران بولغىنىچە قاتاردىكى كىشىلەرگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شاھ ئوردىسى ئالدىدىكى ھەيۋەتلىك بىر راۋاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. راۋاق ئۈستىدە ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، ئاجايىپ كېلىشكەن بىر قىز قولىدا بىر تال ئالمىنى تۇتقانچە ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە تەكشى سەپسېلىپ تۇرغان ئىكەن. پەرمانقۇل «بۇ نېمە ئىشتۇ» دېگىنىچە راۋاققا يېقىنلىشىپ كېلىشى بىلەن قىز ئۇنىڭغا چولپان كۆزلىرىنى تىكىپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ، قولىدىكى ئالمىنى ئېتىپتۇ. پەرمانقۇل ئەس - ھۇشىنى يىغىپ ئالغىچە ياساۋۇللار يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ پۇت - قولىنى يەرگە تەككۈزمەي ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىپتۇ. پەرمانقۇل بۇ ئۇشتۇمتۇت ۋەقەدىن ھودۇقۇپ. «بەلكى ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۆزگە شەھەردىن كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ قېلىپ، جازالاش نىيىتىدە شۇنداق قىلىۋاتسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ يۇرت ئەھلىگە قىلغان ۋەدىسىنى ئادا قىلالماي بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپتۇ.
ياساۋۇللار پەرمانقۇلنى شۇ كۆتۈرگىنىچە توپ - توغرا ھاممامغا ئېلىپ كىرىپ يۇيۇندۇرۇپتۇ. ئاندىن شاھزادىلەرچە كىيىندۈرۈپتۇ.
- بۇ نۋمە قىلغىنىڭلار؟ - دەپتۇ پەرمانقۇل بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئەقلى يەتمەي.
- چاقچاقچى يىگىت ئىكەن بۇ، - دېيىشىپتۇ ياساۋۇللار پەرمانقۇلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈشكىنىچە، بەختلىك كىشىلەر خۇشچاقچاق كېلىدۇ.
پەرمانقۇل يەنىلا چۈشىنىشلىك جاۋاب ئالالماپتۇ، ياساۋۇللار ئۇنى كىيندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پايانداز سېلىنغان ھەيۋەتلىك يوللارنى ئايلاندۇرۇپ، كېلىشكەن بىر سارايغا ئېلىپ كىرىپتۇ - دە، ئالتۇن تەختتە ئولتۇرغان قىزغا تازىم قىلىپ، پەرمانقۇلنى قالدۇرۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. پەرمانقۇل قىزغا قراپ ئۇنىڭ بايا ئۆزىگە ئالما ئاتقان قىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەدەب بىلەن تازىم قىپتۇ. قىز تەبەسسۇم بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، پەرمانقۇلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، ئۇنى تەخت يېنىغا ئېلىپ كەپتۇ. پەرمانقۇل قىزنىڭ ئۆزىگە تەختتىن ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، ھېچ نەرسىگە چۈشىنەلمەي قالغانلىقىنى بايان قىپتۇ. قىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ.
بۇ قىز ئەنگۈشتەر ماكانى شەھىرىنىڭ پادىشاھىنىڭ يالغۇز قىزى ئىكەن، پادىشاھ ئۇنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىكەن، ئۇ ئۆسۈپ بويىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ گۈزەللىكى يەتتە ئىقلىمدىكى پۈتۈن پادىشاھلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ، ھەممىسى ئۇنى ئۆز شاھزادىلىرىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەينى - كەينىدىن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ، پادىشاھ قايسىسى بىلەن قۇدىلىشىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرالماي، تاللاش ئىختىيارىنى قىزىغا بېرىپتۇ، قىز ئەنە شۇ كۈنلەردە ئۇشتۇمتۇت چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئاپپاق ساقاللىق بىر كىشى ئايان بولۇپ، قىزغا «ئالدىراپ كەتمە، سېنىڭ نىگارىڭ يىراق شەھەردە، ئۇ پات يېقىندا يېنىڭدا بولىدۇ» دەپتۇ. قىز ئويغىنىپ خىيالغا چۆكۈپتۇ، كېيىن يەنە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ، چۈشىدە پەرمانقۇلنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز بۇ غايىبانە يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ، ئۇنى قانداق تېپىش خىيالى بىلەن قىينىلىپ يۈرگىنىدە ئاتىسى بىرەر كىشىنى تاللىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، قىز ئۇيان ئويلىنىپ، بۇيان ئويلىنىپ ئاخىرى كۆڭلىدىكى يىگىتنى تېپىش ئۈچۈن پۈتۈن كىشىلەرنى ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى قويغان ئىكەن. بۈگۈنكى ئەھۋال ۋە پەرمانقۇلنىڭ قىزنىڭ ئالدىغا كىرىپ قېلىشىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىن ئىكەن.
- مەن ئاخىرى سىزنى تاپتىم، - دەپتۇ قىز يۇقىرىقى ئەھۋالنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، - بىزنى خېزىر قوشتى.
ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ، شاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ، شاھ قىزىنىڭ خاتا تاللىمىغانلىقىغا قايىل بولۇپ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ ئىككىسىنى مۇراد - مەقسىدىگە يەتكۈزۈپتۇ.
پەرمانقۇل ئۆز يۇرتىغا كەلگەن بالايۇ - ئاپەتنى ئەسلىگەندە يۈرىكى قوقاستا كۆيگەندەك، قاتتىق بىئارام بولىدىكەن. بۇنى كۆرگەن ئايالى تاقەتسىزلىنىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئۆزىگە نامەلۇم بولغان سىرنى سوراشتۇرۇشقا باشلاپتۇ. پەرمانقۇل ئەھۋالنى بايان قىلىپ، بۇ يەردىن كېتىشكە ئالدىراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ ئۆز ئېلىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:
- ئاتامنىڭ ئالتە ئايلىق يولنى بىر كۈندە باسىدىغان بىر بوز دۇلدۇلى بار، بىز سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا بېرىپ دەرھال قايتىپ كېلىشنى باھانە قىلىپ شۇنى سورايلى، - دەپتۇ.
پەرمانقۇل ئايالىنىڭ مەسلىھەتىدىن رازى بولۇپ، ئىككىسى گەپنى ئوبدان پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ. شاھ بالىلىرىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلاپ، خوش بولۇپ، پەرمانقۇلغا: يارايسەن بالام، ئۆز يۇرتىنىڭ قايغۇسىنى قايغۇرۇپ، ئۆز يۇرتى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىنمۇ ئىسىل ئىش يوق. دۇلدۇل سەندىن ئايلانسۇن، بىراق مەلىكە تۇرۇپ تۇرسۇن، - دەپتۇ.
- ياق ئاتا، - دەپتۇ مەلىكە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، - بىزنىڭ بېرىپ - كېلىشىمىزگە بىر كۈنلا كېتىدۇ. بارىمىز - يانىمىز، شۇ باھانىدا مەنمۇ پەرمانقۇلنىڭ ئاتا - ئانىسىغا سالام بېرىپ، ئۆز قەرزىمنى ئادا قىلىمەن، - دەپتۇ.
شاھ قىزىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماپتۇ. پەرمانقۇلنىڭ قولىغا ئەنگۈشتەرنى تۇتقۇزۇپتۇ - دە، بىر تال ئاق موينى كۆيدۈرۈپتۇ، شۇئان ئىگەرلەنگەن بوز دۇلدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. شاھ پەرمانقۇل بىلەن مەلىكىنى ئۇنىڭغا مىندۈرۈپ، ئاق يول تىلەپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
دۇلدۇل قانات چىقىرىپ كۆككە بىر پەرۋاز قىپتۇ - دە، ھەش - پەش دېگۈچە تاغدىن ئۆتۈپتۇ، دۇلدۇل تاغدىن ئۆتۈشى بىلەن پەرمانقۇلنىڭ يادىغا مىرزا گالۋاڭ كېلىپ قاپتۇ - دە، دۇلدۇلنى پەسلىتىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، ھېلىقى غاردىن ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇلاق بويىغا كېلىپ، تاشقا ئايلانغان مايمۇن قىياپىتىدىكى مىرزا گالۋاڭنى ئىزلەپ تېپىپتۇ، ئۇ ئەنگۈشتەرنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە بىر سۈرگەن ئىكەن، مىرزا گالۋاڭ بىر سىلكىنىپ، تىرىك مايمۇنغا ئايلىنىپتۇ، ئىككىنچى قېتىم سۈرگەن ئىكەن، ئادەم قىياپىتىگە كېلىپ، خۇشاللىقىدىن پەرمانقۇلغا ئېسىلىپتۇ. مەلىكە ئۇلارنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ، ھەر خىل مەزەلەرنى كەلتۈرۈپتۇ، مىرزا گالۋاڭ ئاچكۆزلۈك بىلەن يېيىشكە باشلاپتۇكى، مەلىكە ھەيران قاپتۇ.
مىرزا گالۋاڭ پەرمانقۇلنىڭ «مەلىكىنىمۇ، ئەنگۈشتەرنىمۇ، ھەتتا دۇدۇلنىمۇ» قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ پەرمانقۇل ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەمنىڭ قىلىش ئامالىنى تېپىشىم كېرەك دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئىنتايىن رەزىل ئۇسۇلنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ئۇ پەرمانقۇلنى ئارام ئالدۇرۇۋاتقان مەلىكىنىڭمۇ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يوغان بىر تاشنى قولىغا ئېلىپ، پەرمانقۇلنىڭ قورسىقىغا كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. پەرمانقۇل بىرلا سىلكىنىپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ، چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرگەن مەلىكە ئەھۋالنى دەرھال چۈشىنىپ يۈگۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ - دە،
- ۋۇي ئىپلاس نىجىس، - دېگىنىچە مىرزا گالۋاڭغا ئېتىلىپتۇ، مىرزا گالۋاڭ مەلىكىنىڭ قولىنى قايرىپ تۇتۇۋاپتۇ - دە، ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ:
- پىيلىڭدىن يان بولمىسا، سېنىڭ تەقدىرىڭمۇ پەرمانقۇلنىڭكىدەك بولىدۇ، ياخشىسى ماڭا تېگىشكە رازىلىق بەر، مەن سېنى يۇرتقا ئېلىپ كېتىمەن، - دەپتۇ.
مىرزا گالۋاڭ ئۇنى يۇمشىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆزى يېتىپ، ئۇنى بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ، يەرگە تاشلاپتۇ - دە، پەرمانقۇليەرگە قاتتىقبوز دۇلدۇلنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپتۇ، دۇلدۇل ئۇنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىپتۇ، مىرزا گالۋاڭ ئاتنىڭ ئالدىغا يىقىلىپتۇ، ئات ئۇنى ھەم چىشلەپ، ھەم تېپىپ، ھەش - پەش دېگۈچە بۇردا - بۇردا گۆشكە ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ.
ھوشىدىن كەتكەن مەلىكە ئاستا - ئاستا ھۇشىغا كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. مىرزا گالۋاڭنىڭ يېنىدا تۇرغان ئەنگۈشتەرنى قولىغا ئېلىپ پاكىز سۈرتۈپ ، پەرمانقۇلنىڭ زەخمىلەنگەن جايىغا تەككۈزگەن ئىكەن، پەرمانقۇل دەرھال ھۇشىغا كەپتۇ - دە، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ قايتا دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ مۇنۇ نەزمىنى ئوقۇپتۇ:
ئاتلىنىپ قىلساڭ سەپەر،
قىلغىنكى نامەرتتىن ھەزەر.
ئۆلتۇرۇر نامەرت سېنى،
بولساڭ غەلەت - غاپىل ئەگەر.
پەرمانقۇل ئايالى بىلەن نەزمىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئەنگۈشتەرنى باغرىغا باسقىنىچە، دۇلدۇلغا مىنىپ ئۆز يۇرتىنى بالايۇ - ئاپەتتىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆككە پەرۋاز قىپتۇ.
ئۇلار يېتىپ بېرىشى بىلەن ئۇلار ئېلىپ بارغان خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن مۇز قاپلاپ تۇرغان دالالار يەنە گۈل - چېچەككە پۈركىنىپتۇ، زىمىستان قىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان خەلق يەنە مەمۇرىچىلىق ھاياتىنى باشلاپتۇ.