خەلپەتلەر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر دېھقان ئىككى ئىشەككە ئوتۇن ئارتىپ شەھەرگە مېڭىپتۇ. شەھەرنىڭ يېنىغىراق بارغاندا، چوڭ ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكىدە ئولتۇرغان ئۈچ خەلپەتنى كۆرۈپ قاپتۇ.
دېھقان بۇلارغا سالام قىلىشنى لايىق كۆرۈپ، ئۇدۇلىغا كەلگەندە:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، - دەپ بېشىنى ئېگىپ ئۆتۈپتۇ. لېكىن خەلپەتلەر دېھقاننى كۆزگە ئلماي ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. دېھقان خەلپەتلەردىن ئۇزۇن، شەھەرگە كىرەي دەپ قالغاندا، بۇ ئۈچ خەلپەت قىزىق تالاشقا چۈشۈپتۇ.
- سالامنى ماڭا بەردى، - دەپتۇ بىرىنچى خەلپەت سۆزىنى دەلىللەپ.
- ياق، ئۇ دېھقان سالامنى ماڭا قاراپ بەردى، - دەپتۇ. ئىككىنچى خەلپەت.
- ئۇ سالام بەگەندە ماڭا ئېگىلىپ تۇرۇپ بەردى. بۇ سالامدا سىلەرنىڭ ھەققىڭلار يوق، - دەپتۇ. ئۈچىنچى خەلپەت.
خەلپەتلەر راسا تالىشىپتۇ. ئاخىرى پىچاق كۆتىرىشىپتۇ. خۇداغا شۈكرى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەقىللىقراقى بار ئىكەن، ئۇ:
- كىمگە سالام بەرگەنلىكىنى دېھقاننىڭ ئۆزىدىن سورايلى، - دەپتۇ. بۇ گەپكە قالغانلىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. بۇلار چۈشۈپ قالغان كەشلىرىگە قارىماي، دېھقاننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپتۇ. دېھقان خەلپەتلەرنىڭ ۋارقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ:
- ئالىلا، بۇ خەلپەتلەرگە نېمە بولغاندۇ؟ مەندىن بىرەر خاتالىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ، - دەپ قاپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كەلگەن خەلپەتلەر دېھقاندىن:
- ھەي ئاكا، بايىقى سالامنى كىمگە بەردىڭ؟ -دەپ سوراپتۇ.
- ئۈچىڭلارغا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دېھقان.
- ئۈچىمىزنىڭ قايسىغا سالام بەگەنلىكىڭنى ئېيىتىپ بەرمىسەڭ، - دەپتۇ خەلپەتلەر، - بىز قانغا بويىلىمىز.
ۋەقەنىڭ تېگى - تەكتىنى پەملىگەن دېھقان:
- قايسىڭلار ئەخمەق بولساڭلار، شۇنىڭغا بەردىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.