ۋەلى باپكا
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇنقى زاماندا ۋەلى ئىسىملىك بىر باپكا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ناھايىتى چېچەن، تەدبىرلىك ۋە باتۇر كىشى ئىكەن. ئەمما ئۇ، يىل بويى دۇكاندىن چىقماي ماتا توقۇسىمۇ، بازىرى كاسات بولغاچقا، بالىلىرىنى باقالمايدىكەن، چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدىكەن. بىر كۈنى ئالتە دانە ماتانى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ، نېنىنى بەلۋېغىغا تۈگۈپ، بازار ئىزلەپ يولغا چىقىپتۇ. كېتىۋېتىپ ئىككى تۈلكىگە ئۇچراپتۇ.
- ئۇستام، - دەپ سوراپتۇ ئۇلار بىر ياقتىن ھېجىيىپ، بىر ياقتىن قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ، - قاياققا ماڭلىكىن؟
- ۋەلى باپكا جاۋاب بېرىپ، سەپەر مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ. تۈلكىلەرنىڭ دەرھال نىيىتى بۇزۇلۇپ، نەزمە قېتىپتۇ:
بەكمۇ ئاۋات بازار بار،
بىز بىلگەن ياقا يۇرتتا.
شۇ تەرەپكە سەپەر قىل،
ئوبدان بولىدۇ سودا.
ۋەلى باپكا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپتۇ، بازارنىڭ يولىنى يېنىشلاپ - يېنىشلاپ سوراپتۇ، ئەمما تۈلكىلەردىن ھەدېگەندە جاۋاپ چىقماپتۇ. شۇنداق قارىسا، ئۇلار مىشىلداپ يىغلاۋاتقۇدەك. ۋەلى باپكا ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:
- ھەي ياخشى نىيەتلىك تۈلكىلەر، نېمىگە كۆ يشى قىلىسىلەر؟
- بىر ئاز ئەندىشە قىلىپ قالدۇق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تۈلكىلەر ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزھار قىلىپ، مۇنداق نەزمە ئوقۇپتۇ:
ئاۋات بازار خەتەرلىك،
بار قاراقچى پەيلى يات.
يالغۇز سەپەر ئەيلىسەڭ،
قىلار سەنمۇ پەندىيات.
ۋەلى باپكا غەم - غۇسسىغا پېتىپ، تۈلكىلەرگە بىللە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىپتۇ. تۈلكىلەر رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. ئۇلار توپمۇ - توغرا ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ بازارغا يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ خاملىرىنى دېگىنىگە سېتىپ، خوتۇنىغا كەمچەت تۇماق، بالىلىرىغا كىيىم - كېچەك، ئۆيىگە گۆش - پىياز، نان - قاق دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، خۇرجۇنىنى تولدۇرۇپتۇ. تۈلكىلەرنىمۇ مېھمان قىپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. ۋەلى باپكا تۈلكىلەرنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، بازارنىڭ بىر چېتىدىكى سارايغا چۈشۈپ قونۇپ قاپتۇ. ئۇ ئەمدى يىشىنىپ ياتاي دەپ تۇرغان ئىكەن، تۈلكىلەر خورجۇننى ئېلىپ قېچىپتۇ. ۋەلى باپكا شۇئان تۈلكىلەرنىڭ غەرىزىنى چۈشىنىپتۇ - دە، دەرغەزەپ بولۇپ قوغلاپتۇ. قوغلا - قوغلا بىر تاغدىن ئېشىپتۇ. شۇنداق قارىغىدەك بولسا، تاغ باغرىدا بىر توپ ئادەم قاراپ كېلىۋاتقۇدەك. ۋەلى باپكا ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:
- تۈلكىلەرگە ئالداندىم،
ئېلىپ قاچتى خۇرجۇننى.
تۇتۇۋالساق ھە - ھۇ، دەپ،
قىسقارتساڭلار يولۇمنى!
خالايىق قەدەملىرىنى توختىتىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلغان ئىكەن، ۋەلى كەچۈرمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
- بۇرادەر، - دەپتۇ ئۇلاردىن بىرى ئۇلۇق - كىچىك تىنىپ، - سېنىڭ دەردىڭ بىزنىڭ دەردىمىزگە ياماقمۇ بولمايدىكەن. قايتقىن يولۇڭدىن، چىقمىسۇن يەنە بالا بۇلۇڭدىن.
ۋەلى باپكا چۆچۈپ سوراپتۇ:
- نېمە دېگىنىڭلار بۇ؟
- ئاڭلىساڭ بىلىسەن دەرتداش، - دەپتۇ بىرسى ۋە بۇ نەزمىنى ئوقۇپتۇ:
يۇرتىمىزغا ماكانلاپ،
قەسىر سالدى بىر دىۋە.
مەلىلەرنى يوق قىلدى،
چاچقان قانۇ - ئۆت بىرلە.
تىرىك ئىنسان يەم بولدى،
باغۇ - ۋاران چەيلەندى.
قېچىپ چىقتۇق يۇرتىمىز-
خانۇ - ۋەيران ئەيلەندى.
ۋەلى باپكانىڭ غەزىبى مىڭ گەز ئۆرلەپتۇ. ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
قىيما - چىيما قىلىمەن،
كۆرەڭلىگەن دىۋىنى.
كۆرۈپ باقسۇن ۇ ياۋۇز،
ۋەلىكاڭنىڭ بىڭسىنى.
جامائەت بارىكاللا ئېيتىپتۇ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆمرىگە دۇئا قىلىپتۇ. روزانە يىغىش قىلىپ يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
ۋەلى باپكا دىۋە قەسىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ماڭا - ماڭا بىر چۆلسىرىگەن سەھراغا كېلىپ توختاپ، بۇلاق بېشىدا دەم ئالغاچ غىزالىنىپتۇ. غىزالانغاچ دىۋە قەسىرىگە كىرىشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپتۇ. ئۇ شۇ ھالدا ئولتۇرسا، بۇلاقتىن ئادەم يوتىسىدەك چوڭلۇقتا بىر چار يىلان چىقىپ، قاشقا يامىشىپتۇ. ۋەلى باپكا بىر پەس ئويلىنىپ كۆرۈپ، دىۋە بىلەن يىلاننىڭ ئۆچلۈكى توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىگە سېلىپ، يىلاننى ئۆلتۈرۈپتۇ - دە، ئۇنى ئۈچ قاتلاپ، كۈلىدا باغلاپ يۈدۈپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ۋە يول بويى: >مەندۇرمەن، مەندۇرمەن، چار يىلاننى ئۆلتۈرگەن ۋەلى باتۇرمەن< دەپ توۋلاپتۇ. خالايىق قايىل بولۇپ ئۇنى >ۋەلى باتۇر< دەپ چاقىرىدىغان بولۇپتۇ. بۇ خەۋەر قۇلاقتىن - قۇلاققا ئاڭلىنىپ، ئاخىرى دىۋىگە يېتىپتۇ. دىۋە ۋەلى باپكانى بىر كۆرمەك بولۇپ، ئوردىسىغا چاقىرتىپتۇ. ۋەلى باپكا دىۋە قەسىرىگە قاراپ ئالدىراش كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر بوۋاي توساپتۇ.
- باتۇر يىگىت، - دەپتۇ بوۋاي يېلىنىپ، - ئېشىكىم لايغا پېتىپ قالدى، تارتىپ بەرسەڭ، باتۇرلۇقىڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرسەم.
- ماقۇل، ئەمما ئېشىكىڭنىڭ بېشىنى ئۆزۈڭ تۇت، مەن تۇتسام بوينى ئۈزۈلۈپ كېتىپ سالتاڭ قالىسەن، مەن قۇيرۇقىدىن يۆلەي، - دەپتۇ ۋەلى باپكا.
بوۋاي ماقۇل بولۇپتۇ. ۋەلى باپكا ئېشەكنىڭ قۇيرقىدىن تۇتۇپ شۇنداق بىر تارتقان ئىكەن، ئېشەكنىڭ قۇيرۇقى يۇلۇنۇپ قولىغا چىقىپتۇ. ۋەلى باپكا ئۇنى ئەسقېتىپ قالار، دەپ قوينىغا سېلىپ، قولتۇقىغا قىستۇرۇۋاپتۇ. ئېشەك بىرلا ئوخچۇپ ئورنىدىن قوپقان پېتى مېڭىپ كېتىپتۇ. ۋەلى باپكا بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ، دەريا بويىغا كېتىۋاتسا، بىر دۆۋە ئۆدەك تۇخۇمى ئۇچراپتىكەن، ئۇ تۇخۇملاردىن بىرنى ئاپتۇ - دە، سول قوينىغا ساپتۇ. ۋەلى باپكا ماڭا - ماڭا دىۋە قەسىرىگە يېتىپ كەپتۇ.
- كىم سەن؟ - دەپ سوراپتۇ بويى ئاسمانغا تاقاشقىدەك ئېگىز، بېشى گۈمبەزدەك، كۆزى داشقازاندەك يوغان، ئۈستى كالپۇكى بۇلۇتقا، تېگى كالپۇكى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان، يۈزى مورىدەك قاپ - قارا بىر دىۋە، ۋەلى باپكا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ:
- مەندۇرمەن، مەندۇرمەن، ئىككى بالاڭنى چېقىپ ئۆلتۈرگەن چار يىلاننى يوقاتقان ۋەلى باتۇرمەن.
- دەلىل - ئىسپاتىڭ بارمۇ؟ - ياندۇرۇپ سوراپتۇ دىۋە.
- بولمامدىغان، - ۋەلى باپكا يۈدۈۋالغان ئۆلۈك يىلاننى دىۋىنىڭ ئالدىغا پالاققىدە تاشلاپتۇ. دىۋە قورققىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ. يىلان مىدىرلىمىغاندىن كېيىن پۇراق بېقىپتۇ، يىلاننىڭ تىلىدىن تامغان زەھەردىن دىۋە بالىسىنىڭ پۇرىقى كەپتۇ، دىۋە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ۋەلى باپكا ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجىدە قىلاي دەپ ئېگىلىپ بولۇپ توختاپ قاپتۇ.
- ھەي مەخلۇق، - دەپتۇ ئۇ توساتتىنلا تەرىنى تۈرۈپ، - باتۇرلۇقىڭغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، سېھىر قىلدىڭمۇ ياكى ئالدامچىلىق، بىلىپ بولمايدۇ. چىن باتۇر بولساڭ ئىما - ئىشارەتلىرىمگە جاۋاب بەر!
دىۋە شۇنداق دەپلا قولتۇقىدىن قامچىدەك بىر تال تۈكنى يۇلۇپ كۆرسەتكەن ئىكەن، ۋەلى باپكا ئوڭ قوينىغا قولىنى سېلىپ، ھېلىقى ئېشەكنىڭ قۇيرۇقىنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپتۇ؛ دىۋە تامبىلىنىڭ لىپىزىدىن ئۆردەكنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىپ ۋاچچىدە مىجىغان ئىكەن، بارماقلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن تۇخۇم چىپىلداپ ئېقىپتۇ.
- ياپىر! - دەۋېتىپتۇ دىۋە پىشانىسىنى تۇتۇپ، - راستىنلا باتۇر ئىكەنسەن. كەل ئىككى باتۇر دوست بولايلى.
ئۇ ۋەلى باپكانى ئوردىسىغا باشلاپ، نازۇ - نېمەتلەر بىلەن كۈتۈۋاپتۇ، بىر پەتنۇس يامبۇ ئىنئام قىلىپتۇ، قەسىر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇرۇپتۇ. كەچتە ئايرىم ھۇجرا تەييارلاپ قوندۇرۇپ قاپتۇ.
ۋەلى باپكا قاتمۇ - قات كۆرپە - ياستۇق ئۈستىدە بەھۇزۇر يېتىپ، ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ، راسا خورەك تارتىپتۇ. قورسىقىدا بولسا دىۋىنى جەھەننەمگە ئۇزىتىشنىڭ چوتىنى سوقۇپتۇ. دىۋىمۇ ئۇخلاپ ياتماپتۇ. تۈن تەڭدىن ئاشقاندا، ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ.
- ھەي ئەزىز قولداشلىرىم، - دەپتۇ دىۋە پەرىشان ھالدا، - مەن ئۆزۈمنى دۇنيادا بىرلا چاغلايتتىم، مەندىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن باتۇرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، ئۇنى ۋاقتىدا جايلىۋەتمىسەك، بېشىمىزغا بالا، قەسىرىمىزگە قازا يەتكىدەك. كىم ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ قۇتىغا سالالىسا، قەسىر بىساتىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىمەن.
سۆز تۈگىشى بىلەن دىۋىنىڭ بىر سەردارى قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ۋەلى باتۇر ياتقان ھۇجرىغا ئېتىلىپتۇ. يەنە بىر سەردار ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋاپتۇ.
- باشلىقىمىزنىڭ ئېيتقىنى ھەق، - دەپتۇ ئۇ ئەقىل كۆرسىتىپ، - ئەمما، مۇنداق كۈچلۈك باتۇرغا قىلىچ بىلەن تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ، ئۇنى شاراپمۇ يېقىتالمايدۇ، پەم بىلەن تۈگمەن تېشىدا باسۇرۇپ ئۆلتۈرگىنىمىز تۈزۈك.
- ياق، دەپ چالۋاقاپتۇ ئالدىنقى سەردار پەيلىدىن يانماي، تۈگمەن تېشى تەننى بېسىپ، جاننى قاچۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ چاغدا قۇرۇق قۇتىنى سىقىمداپ قالىمىز. تەختى - بەختىمىزمۇ تۈگەيدۇ.
- ئىشىك، تۈڭلۈكنى ئوبدان دۈملىسەك، جان دېگەن نەگە قاچالايدۇ، - دەيسەن؟ - دەپتۇ كېيىنكى سەردار ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ.
دىۋە كېيىنكى سەردارنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىپ، ياردەمچىلىرىنى تۈگمەن تېشى تەييارلاشقا بۇيرۇپتۇ، تاش ئېلىپ كېلىنىپتۇ. ئىككى سەردار تۈگمەن تېشىنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، تۈڭلۈك بېشىغا ئېلىپ كەپتۇ.
ئەسلىدە ۋەلى باپكا ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ ئۆگزىدىكى شەپىنى سېزىپ، يوتقاندىن غىپپىدە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۆزىنى چەتكە ئاپتۇ. سەردارلار ئىككى تاشنى زەنجىر بىلەن چېتىپ تاشلاپتۇ. تۈڭلۈكنى تاختا تۆمۈر بىلەن يېپىپ بېكىتىپتۇ. جان سالغۇچ قۇتىنىڭ بىر بېشىنى بىر سەردار، بىر بېشىنى يەنە بىر سەردار مەھكەم تۇتۇپ، تاختا تۆمۈرنىڭ تۈشۈكىگە ئاغزىنى توغرىلاپ كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. تاڭ ئاتاي دەپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆگزىدىن چۈشمەپتۇ. دىۋىنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ ئۆزى ھۇجرىنى كۆزدىن كەچۈرمەك بولۇپتۇ.
- رەھمەت، دىۋە ھەزرەتلىرى! - دەپتۇ ۋەلى باپكا، - توڭلاپ قالمىسۇن دەپ ئۈستۈمگە مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشى يېپىپ قويۇپسىلەر، ئېغىر ئۇخلاپ ھاردۇقۇم چىقىپ قاپتۇ، ئەمدى مەن كېتەي.
ئەسلىدە تۈڭلۈكتىن تاشلانغان تۈگمەن تېشى ئورۇن - چۈشەكنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىكەن. بۇ ھالنى كۆرگەن دىۋىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپتۇ. ۋەلى باپكا ئۆزىدىن كۈچلۈك ۋە ناھايىتى يوغان كۆرۈنۈپتۇ. ئەمما ئۇ چاندۇرماي، تىزلىنىپ يەتتە تازىم قىلىپ تۇرۇپ:
- ھەي، ئۆمۈرلۈك جان - جىگەر دوستۇم، ھوزۇرۇمدا تۇرۇپ قالساڭ بولاتتى. كەتمەكچى بولساڭ پەقىرنىڭ ئۇزىتىپ قويماقتىن باشقا ئامالى يوق. لېكىن، بىزگە نامەلۇم، باردى - كەلدىمىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئۈچۈن سەردارلىرىمىزدىن بىرسى بىرگە بېرىپ، ئۆيۈڭنى كۆرۈۋالسۇن، - دەپتۇ. ئۇ پەيتنى تېپىپ ۋەلى باتۇرنى ئۆز ئۆيىدە جەددى - جەمەتى بىلەن بىللە جىمىقتۇرۇش غەرىزىدە بوپتۇ.
ۋەلى باپكا ئۆز سىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر دەقىقە تېڭىرقاپ قاپتۇ. لېكىن، شۇ زامات ئۆزىنى تىڭشاپ، بىر ئەقىل ئويلاپ مۇنداق دەپتۇ:
- يول يىراق، يۈكۈم ئېغىر، ھۆرمىتىم ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر سەردارىڭ بىلەن تۆت ياساۋۇل ھەمرا قىلمىساڭ، پەقىرنى ۋاپاسىزلىق قىلدى، دەپ قالما.
دىۋە رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ.
ۋەلى باپكا يۈك - تاقلىرىنى دىۋە سەردارىغا كۆتۈرتكۈزۈپ، دىۋە ياساۋۇللىرىغا نۆۋەتلىشىپ مىنىپ، سازلىق، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، ئىككى كۈنلۈك يولنى ئىككى ھەپتە بېسىپتۇ. ئۇد دېگۈچىلىكى قالمىغان دىۋىلەر ئۆيگە كىرىپلا بورىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى تاشلاپ، قورساقلىرىمىز ئېچىپ كەتتى دېيىشىپتۇ. ۋەلى باپكا خوتۇنىنى بىر چەتكە تارتىپ، قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاپتۇ. خوتۇنى ئېرىنىڭ ئۆگىتىپ قويغانلىرى بويىچە ئىش قىلىپتۇ.
- ۋاي خوتۇن، - دەپتۇ ۋەلى باپكا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مېھمانلارنىڭ قورسىقى ئېچىپتۇ، ئۈچىيى ئۈزۈلگىدەك بولۇپ كەتتى. ئوخشىتىپ بىر تاماق ئەتمەمسىلەر؟
- پولۇ ئېتەيمۇ، چۆچۈرىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ۋەلى باپكانىڭ خوتۇنى ئۆيدە نە گۈرۈچ، نە بۇغداي ئۇنى يوقلۇقىغا قارىماي.
- مېھمانلىرىمىز بەك ئەزىز، ئەتكىن پولۇ، يىسۇن تېز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەلى باپكا. خوتۇن بېشىنى تاتىلاپ، خىجىل بولغان قىياپەتتە مۇنداق دەپتۇ:
- گۈرۈچ دېسە بار، ياغ دېسە بار، سەۋزە، قۇرۇق ئوتۇن دۆۋىسى بىلەن تۇرۇپتۇ. پەقەت گكشلا يوق. بازارغا بېرىپ كەلسەڭلار بولارمىكىن.
- گۆش بولمىسا، ئېغىلدىكى دىۋىدىن بىرنى سويۇڭلار، - دەپ كۆز قىسىپتۇ ۋەلى باپكا.
- قارىسى بوغاز، ئالىسى قېرى، ئېقى ئورۇق، تاغىلى كېسەل. سېرىقىنى سويساقمىكىن، - دەپتۇ خوتۇنى.
بۇ گەپلەرنى ئىشتكەن تۆت دىۋىنىڭ قورققىنىدىن چىرايلىرىدا قان قالماپتۇ. كۆڭلىدە >بىزنىمۇ سويۇۋەتمىگىدى< دېيىشىپ كېتىشنىڭ قازىنىنى ئېسىپتۇ. ۋەلى باپكا سەۋرى قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. خوتۇنىغا قاراپ:
- بۇ گەپلەرنى ئىشتكەن تۆت دىۋىنىڭ قورققىنىدىن چىرايلىرىدا قان قالماپتۇ. كۆڭلىدە >بىزنىمۇ سويۇۋەتمىگىدى< دېيىشىپ كېتىشنىڭ قازىنىنى ئېسىپتۇ. ۋەلى باپكا سەۋرى قىلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. خوتۇنىغا قاراپ:
- بوپتۇ، شۇنى سويۇڭلار، قالغىنىنى باش دىۋە مېھمانغا كەلگەندە ئۆلتۈرەرمىز، - دەپتۇ.
خوتۇنى قىڭراقنى ئېلىپ سىرتقا مېڭىپتۇ. بورا ئۈستىدە لاغىلداپ تىترەپ ئولتۇرغان دىۋىلەر بىردىن - ئىككىدىن تالاغا چىقىپ، ئالدى - ئارقىسىغا قارىماي قېچىپتۇ. ئۇلار قېچىپ كېتىۋېتىپ، ئىككى تۈلكىگە ئۇچراپتۇ.
- ۋاي ھاماقەتلەر، - دەپتۇ تۈلكىلەر دىۋىلەردىن قېچىشنىڭ سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن مەسخىرە قىلىپ - مۇشۇ ئەپتىڭلار بىلەن بىر باپكادىن قورقتۇڭلارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆلتۈرگىدەك دىۋىسى تۈگۈل، توخۇ چاغلىق بىرەر جانۋېرى بولسا كاشكى! - تۈلكىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەلى باپكانى بازاردا قانداق ئەخمەت ئەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئاخىرىدا، - بۇرادەرلەر، ئالدىنىپسىلەر، يۈرۈڭلار ئۇنىڭ سىرىنى ئېچىپ، دىۋە ئىنئام قىلغان يامبۇنى قايتۇرۇپ كېلەيلى، - دەپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان دىۋىلەرگە يېڭىدىن جان كىرىپتۇ. ئالدانغىنى ئۈچۈن بىر - بىرىنى قاتتىق كايىپ، يامبۇ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىپتۇ ۋە ۋەلى باپكانىڭ ئۆيىنى كۆزلەپ ئۇچقاندەك مېڭىپتۇ.
بۇ چاغدا ۋەلى باپكا بىخارامان ئولتۇرۇپ، خوتۇن، بالا - چاقىلىرى بىلەن پاراڭغا چۈشكەن ئىكەن. بىر قاغا ئۇنىڭ ئۆگزىسىنى ئايلىنىپتۇ. ئايلىنىپ - ئايلىنىپ بىر نەچچىنى قاقىلداپ، كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. ۋەلى باپكا ئەنسىزلىنىپ، قاغا كەلگەن تەرەپكە قارىغىدەك بولسا ھېلىقى دىۋىلەر يەرنى تالقان، ئاسماننى كۈممەيكۈم قىلىۋەتكىدەك ئەلپازدا ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقۇدەك. ئۇلارنى باشلاپ كېلىۋاتقىنى ئىككى تۈلكە ئىكەن. ۋەلى باپكا قوللىرىنى يۇلاڭلىتىپ:
- ھەي ھارامزادىلەر، قەرزگە ئۆتكەندە دىۋە تۇتۇپ بېرىمىز دېيىشكەن ئىدىڭ، بۈگۈن ئاران تۆتنى ئېلىپ كېلىشىپسەن، ھەر كۈنى مۇشۇنداق تۆت - بەشتىن ئۆتكۈزۈشسەڭ قەرزنى قىيامەتكىچە ئۆزەلىشەمسەن؟ بوپتۇ، قەرزداردىن پۈتكىنىنى ئال دەپتىكەن. ئەپكىلىشكىنىڭنى ئېلىپ تۇراي، تېزرەك ئەپكېلىش - دەپ توۋلاپتۇ. خوتۇنى بولسا چوڭ بالىسىنى:
- ۋاي بالام، ئاۋۇ قوزۇقتىكى دىۋە باغلايدىغان، زەنجىرنى چاققان ئېلىپ چىق، - دەپ ئالدىرىتىپتۇ.
دىۋىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ قېچىپتۇ، تۈلكىلەرنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ دارقىرىتىپ سۆرىگەن پېتى قەسرىگە ئېلىپ بېرىپ، باش دىۋىگە داتلىشىپتۇ. باش دىۋە >ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ< دەپ تۈلكىلەرنى ئۆلتۈرۈپتۇ. گۆشىنى چەيلەپ، سۆڭىكىنى سەيلەپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپتۇ. ئارقىدىن ئىش ئەپلەشتۈرۈلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، سەردارلىرىنى دارغا ئېسىپتۇ. ئۇ ئاخىر خاتىرجەم بولالماي، ۋەلى باپكادىن جېنىنى ياقىغا ئالماق بولۇپ، كېچىلەپ قەسىرىنى كۆچۈرۈپتۇ. مەشرىقتىن - مەغرىپقا كۆچۈپ بېرىپ، كۆيىقاپقا بېكىنىپتۇ. ئاپەت تۈگەپتۇ. ماكانلىرىدىن تېزىپ كەتكەنلەر قايتىپ كېلىپ ئۆز يۇرتلىرىنى يېڭىباشتىن گۈلگە ئوراپتۇ. ئۇلار ۋەلى باپكاغا ئاپرىن ئەيلەپ، ئۇنى يۇرت بېشى قىلىپ، تەختتە ئولتۇرغۇزۇپتۇ.