چېچەن تاز
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇندىن بۇرۇن، ساقىلى ئوزۇن، ئۆمرىدە ئوغۇل كۆرمىگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس، سۇمبۇل چاچلىق، قارا قاشلىق، قىلىقى تاتلىق، بىر تاللا قىزى بار ئىكەن. پادىشاھ بۇقىزىنى «كىمكى ماڭا گەپ تېپىپ سوئالىمغا جاۋاپ بېرەلىسە، بېرىمەن، بولمىسا كاللىسىنى ئالىمەن» دەپتۇ.
شەھەر - شەھەردىن، يىراق يەرلەردىن نى - نى پادىشاھلارنىڭ شاھزادىلىرى، چېچەنلەرنىڭ چېچەنلىرى كېلىپ پادىشاھنىڭ سوئالىغا جاۋاب تېپىپ بېرەلمەي ئالەمدىن ئادا، جېنىدىن جۇدا بولۇپ كېتىپتۇ. خالايىقنىڭ ھەممىسى «بۇ بىر بالا بولدى»دەپتۇ.
بۇ شەھەردە بىر ناۋاي بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بارئىكەن. بالىلىرىنىڭ ئىككىسى ساق، بىرى تاز ئىكەن.
ساق ئوغۇللىرى بېرىپ پادىشاھقا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي بۇ ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىپ ھەركۈنى ھەسرەت چېكىدىكەن. تاز بۇ ئەھۋالغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي تاز ئوغلىغا غەزىپى كېلىپ كايىپتۇ. تاز ئوغلى يەنە كۈلۈپ:
_ ئاچچىقلانماڭ دادا، مەن پادىشاھنىڭ گېپىگە گەپ، سوئالىغا جاۋاب تېپىپ، قىزىنى سىزگە كېلىن قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ - دە، بوۋاينىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.
پادىشاھ :
_ ھە تاز، سەن نېمىگە كەلدىڭ؟ - دەپتىكەن، تاز:
_ پادىشاھىم، ئالدىلىرىغا مەنمۇ كېلىپ قالدىم، دەريانىڭ ئۇقېتىغا تېرىق تېرىپ بۇ قېتىدا تۇرۇپ ئورۇۋالدىم، - دەپ نەزمە بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ:
_ دەريارىڭ كىچىكتۇ، تاز،
بولمىسا سەن بىر ماز.
دەپتۇ. تاز:
_ دەريا چوڭ دەريائىدى،
ھېچ دەريا يېتەلمەيتتى.
ئاق غاز بىلەن قارا غاز،
ئۈچ قونۇپ ئۆتەلمەيتتى.
دەپتۇ. پادىشاھ:
_ غازلىرىڭ كىچىكتۇ، تاز؟
يا ئورۇق، ۋىجىكتۇ تاز؟
دەپتۇ. تاز:
_ غاز بولغاندا غاز ئىدى،
مىڭ غاز ئۇنداق بولمايتتى.
ئاق ئۆي بىلەن قارا ئۆينى،
قانىتىغا ئىلمايتتى.
دەپتۇ. پادىشاھ:
_ ئۆيۈڭ كىچىك كاتەكتۇ؟
يا بولمىسا چىپلەكتۇ؟
دەپتۇ. تاز :
_ ئۆي بولغاندا ئۆي ئىدى،
ھېچ ئۆي ئاڭا يەتمەيتتى.
پەگادا ئىشەك ھاڭرىسا،
ئۇنى تۆرىگە يەتمەيتتى.
دەپتۇ. پادىشاھ:
_ ئېشىكىڭ ئورۇقتۇ، تاز؟
يا كىچىك، قورۇقتۇ تاز؟
دەپتۇ. تاز :
_ ئېشىكىم ئېشەك ئىدى،
خويما چوڭ ئېشەك ئىدى.
گەر سويسىڭىز تىرىسى،
مىڭ قۇلغا تۈشەك ئىدى.
مىڭ قۇلغا كورمە چىقىپ،
قىشتىن ساق چىقىراتتى.
ئاشقىنى قىزىڭىزغا ،
ئويماقچە بوپ قالاتتى.
دەپتۇ. پادىشاھ ھېچ نەرسە دېيەلمەي، ئاغزى گەپكە كەلمەي«قىزىم بىلەن سۆزلەشكىن» دەپتۇ.
تاز سۆزلەشكىلى قىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.
تازنىڭ كىرىشى بىلەنلا قىز :
_ قىزلار - قىزلار، بۇنى كۆر،
بېشى پاخشەك تازنى كۆر.
قېتىق بېرىپ بىر تازغا،
ئايدىن - ئايغا قوغلاپ سۈر.
دەپتۇ. تاز:
_ قېتىق بەرسەڭ ئىچەرمەن،
ساڭا قېتىپ كېتەرمەن.
دەپتۇ. قىز:
_ قىزلار - قىزلار، بۇنى كۆر،
بېشى پاخشەك تازنى كۆر.
قېمىز بېرىپ بۇ تازغا،
قىردىن - قىرغا قوغلاپ سۈر!
دەپتۇ. تاز:
_ قېمىز بەرسەڭ ئىچەرمەن،
قىردىن ئېشىپ يېتەرمەن.
دەپتۇ.
قىز: «توختاڭلار، بۇ تاز خېلى گەپكە ئۇستىدەك قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەمدى سوئال قويۇپ باقاي» دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ:
_ يېراق يەردە ئۆت كۆيەر ،
ئېيتىپ بەر، تازبۇ قەيەر؟
تاز :
_ يىراق يەردە ئوت كۆيگەن،
بۆرى كۆزى چەكچەيگەن.
دەپتۇ. قىز:
_ سۇدا قوزىلار مەرەر،
ئېتىپ باق، بۇ نېمىلەر؟
دەپتۇ . تاز:
_ قوزا دېگەن پاقىلار،
پاقا سۇدا كۆركىرار.
دەپتۇ. قىز:
_ كۆك ئاسماندا جېق يۇلتۇز،
ھەممىسىدە ئوخشاش رەڭ.
ئەمما ئۇلار چوڭ - كىچىك،
پەقەت ئىككىسىلا تەڭ.
ئېتىپ باق، تاز، بۇ نېمە؟
دەپتۇ. تاز:
_ كۆك ئاسماندا كۆپ يۇلتۇز -
ئادەمزات ئەمەسمۇ؟
پەقەت ئىككىسى تەڭ يۇلتۇز-
بىز ئىككىمىز ئەمەسمۇ؟
دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزمۇ تازنىڭ گەپدانلىقىغا قول قويۇپ تېگىشكە رازى بوپتۇ. لېكىن پادىشاھ قىزىنى تازغا بەرمەسلىكنىڭ كويىغا چۈشۈپ:
_ ئەتە مەن ئورنۇمدىن قوپقۇچە بىر جۈپ يولۋاس، بىر جۈپ ئېيىق، بىرجۈپ بۆرى، بىرجۈپ تۈلكە تۇتۇپ كېلىپ، ئوردامدا ئوينىپ تۇرىسەن، ئاندىن كېيىن قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن ، - دەپتۇ. تاز «ماقۇل» دەپتۇ ۋە ئۆيگىمۇ بارماي تاغقا كېتىپتۇ. تاغدىن بىر جۈپ يولۋاس ،ئېيىق، تۈلكە، بۆرىلەرنى ھەيدەپ كېلىپ ئوردىنى تولدۇرۇۋېتىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ:
جېنىم كۈيئوغلۇم، بۇ نېمىلەرنى ئۆز جايىغا ياندۇرۇۋەتكىن، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ: تاز جانىۋارلارنى بىر بۇيرۇق بىلەن ياندۇرۇۋېتىپ، پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرسە:
_ ئون كۈندىن كېيىن كەلگىن، شۇ چاغدا توي قىلايلى، - دەپتۇ.
تاز دېگەن قەرەلدە كەلسە، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى دۇنيادىن، مال - مۈلكىدىن ھېچ نەرسە قويماي ئىلىپ، شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپتۇ.
تاز «خەپ» دەپ ئات ئېغىلىغا كىرسە، پادىشاھنىڭ بىر قوتۇر ئۆلەرمەن ئېتى تۇرغۇدەك. تاز قوتۇر ئاتنى يېتىلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ھەر كۈنى كۆمەچ نان بېرىپ راسا بېقىپتۇ. ئات سەمىرىپ ئالامەت بىر دۇلدۇل بوپتۇ. تاز دۇلدۇل ئاتنى مېنىپ پادىشاھنى قوغلاپ مېڭىپتۇ. «پادىشاھ كەينىمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىن» دەپ بىر كاتتا پالىۋىننى كالا باقتۇرۇپ بىر يەرگە، يەنە بىر پالۋىنىنى يىلقا باقتۇرۇپ بىر يەرگە تاشلاپ كەتكەنىكەن.
تاز بىر يەرگە كېلىپ قارىسا، يوغان سېرىق ئۇي مىنىۋالغان بىر پالۋان پادا بېقىپ يۈرگۈدەك. تاز پادىچىنىڭ قېشىغا بېرىپ سۆز سوراي دېگۈچە پادىچى تازنىڭ گەدىنىگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. ئەمما تاز گەدىنىنى تاتىلاپ قويۇپ، «ئاچچىقلانما بۇرادەر» دەپ قويۇپ كېتىۋېرىپتۇ. ھېلىقى پادا بېقىۋاتقان پالۋان «ئەجەبا» دەپ ھەيراق قېلىپ، يوغان بىر قورام تاشقا مۇشتۇمى بىلەن بىرنى ئۇرسا، تاش قۇم بولۇپ كېتىپتۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بېرىپ تازنى يەنە ئۇراي دېيىشىگە تاز «پۇھ» دەپتىكەن، پالۋان يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. تاز دۇلدۇلنى يۈگۈرتكىنىچە يىلقىچى باتۇرنىڭ قېشىغا كېلىپ:
_ مېنىڭ ئاتام بار ئىدى،
مىڭ تۆگىسى بار ئىدى.
مىڭ نار تۆگە ئىچىدە،
قارا بۇغرام يوقالدى.
ئۇ بۇغرامنى ئەگىشىپ،
سېرىق ھىنگان يوقالدى.
ئۇ ھىنگاننى ئەگىشىپ،
ناز تايلىقىم يوقالدى.
كۆرگەن بولساڭ يىلقىچى،
ئېيتقىن بېرەي سۆيۈنچە
دەپتۇ. يىلقىچى:
_ ئېتىڭ ئورۇق، ھېرىپتۇ،
تونۇڭ يىرتىق توزۇپتۇ.
بۇرغاڭ، ھىنگاڭ، تايلىقىڭ،
بۇ يەردە نىم قىلىپتۇ؟
خويمۇ كەپسەن ئۈلگۈرۈپ، قېنىڭنى ماڭا بۇيرۇپتۇ
دەپتۇ. تازنىڭ بۇ گەپكە غەزىپى كېلىپ، سەككىز تىللىق تاسما قامچىسى بىلەن يىلقىچىنىڭ كاللىسىغا ئەپلەپ تۇرۇپ بىرنى قويۇپتىكەن، يىلقىچى جەھەننەمگە سەپەر قىپتۇ.
ئاندىن كېيىن تاز دۇلدۇلنى ئوتلىتىۋېلىپ، ئۆزىمۇ بىر ئاز دەم ئېلىپ يەنە مېڭىپتۇ. بىر جايغا كېلىپ قۇل قويچىغا ئۇچراپتۇ، قويچىغا قاراپ:
_ مېنىڭ ئاتام بار ئىدى،
مىڭ تۆگىسى نار ئىدى.
مىڭ نار تۆگە ئىچىدە،
قارا بۇرغام يوقالدى.
ئۇ بۇرغامنى ئەگىشىپ،
سېرىق ھىنگان يوقالدى.
ئۇ ھىنگاننى ئەگىشىپ،
ناز تايلىقىم يوقالدى.
كۆرگەن بولساڭ يىلقىچى،
ئېيتقىن، بىرەي سۆيۈنچە
دەپتۇ. يىلقىچى :
_ ئېتىڭ ئورۇق، ھېرىپتۇ،
تونۇڭ يىرتىق توزۇپتۇ.
بۇرغاڭ، ھىنگاڭ، تايلىقىڭ،
بۇ يەردە نىم قىلىپتۇ؟
خويمۇ كەپسەن ئۈلگۈرۈپ،
قېنىڭنى ماڭا بۇيرۇپتۇ
دەپتۇ. تازنىڭ بۇ گەپكە غەزىپى كېلىپ، سەككىز تىللىق تاسما قامچىسى بىلەن يىلقىچىنىڭ كاللىسىغا ئەپلەپ تۇرۇپ بىرنى قويۇپتىكەن، يىلقىچى جەھەننەمگە سەپەر قىپتۇ. ئاندىن كېيىن تاز دۇلدۇلنى ئوتلىتىۋېلىپ، ئۆزىمۇ بىر ئاز دەم ئېلىپ يەنە مېڭىپتۇ. بىر جايغا كېلىپ قۇل قويچىغا قاراپ:
_ مېنىڭ ئاتام بار ئىدى،
مىڭ تۆگىسى نار ئىدى.
مىڭ نار تۆگە ئىچىدە،
قارا بۇرغام يوقالدى.
ئۇ بۇرغامنى ئەگىشىپ،
سېرىق ھىنگان يوقالدى.
ئۇ ھىنگاننى ئەگىشىپ،
ناز تايلىقىم يوقالدى.
كۆرگەن بولساڭ يىلقىچى،
ئېيتقىن، بىرەي سۆيۈنچە
دەپتۇ. قۇل قويچى:
_ قارا بۇرغام دېگۈچە،
قېيىن ئاتام دېمەمسەن.
سېرىق ھىنگان دېگۈچە،
قېيىن ئانام دېمەمسەن.
نار تايلىقىم دېگۈچە،
ئاشىق، جانان دېمەمسەن؟
دەپتۇ.
تاز دۇلدۇل ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، قۇل قويچىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئىككىسى ئايرىلماس دوستى بوپتۇ.
قۇل قويچى تازغا پادىشاھنىڭ نەگە بارغانلىقىنى، قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى، بىر پادىشاھنىڭ بالىسىغا قىزىنى بەرمەكچى بولۇپ توي باشلىغانلىقىغا ئوتتۇز تۇققۇز كۈن بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. تاز قۇل قويچىنىڭ مەسلىھىتى بىلەن، موزاي باقىدىغان پادىچى تازنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، پادىچى تازغا ئۆزىنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ، دۇلدۇل ئېتىنى قۇيۇۋېتىپ، موزايلارنى ھەيدەپ پادىچى قىياپەتتە پادىشاھ تۇرغان مەھەللىگە كىرىپتۇ. پادىشاھنىڭ قىزى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنەكلەرنى ئۆزى ساغىدىكەن. موزايلار كەلگەندىن كېيىن قىز ئىنەك ساغقىلى ئېغىلغا چىقىپتۇ. بۇرۇنقى پادىچى تاز ئىنەك ساغقىلى تۇرغاند، تىلىدا قىزنىڭ قولىنى يالاپ تۇرىدىكەن. بۇنى ئاڭلىۋالغان چېچەن تاز بىر موزاينىڭ تىلىنى كېسىۋېلىپ قىزغا كۆرسەتمەستىن موزاينىڭ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. قىز ئىنەكنى ساغقىلى تۇرغاندا موزاينىڭ تىلى بىلەن قىزنىڭ قولىنى يالاپتۇ. بۇ چاغدا قىز:
_ ھوي تاز بۈگۈن تىلىڭ نېمانچە يىرىك، - دەپتۇ. تاز:
_ يىرىك ئەمەس ئاپئاق قىز،
دىلىڭىز يىرىك بولغاندۇ؟
قۇلىڭىزنى كۆپ يالاپ،
تىلىم يېرىلىپ قالغاندۇ؟
دەپتۇ. قىز : چېچەن تازنىڭ بۇ قوشىقىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەي:
_ جاۋۇلداق تاز، يالاۋەرگىن، - دەپ ۋارقىراپتۇ. چېچەن تاز ئەپچىللىك بىلەن تۆت - بەش قېتىم قىزنىڭ قولىنى يالاپتۇ. بۇ چاغدا قىز خوشال بولۇپ:
_ ئەمدى تىلىڭ يۇمشاققۇ،
يۈرۈكۈمگە خۇش ياقتى.
شۇنداق بولسا ئوبدانغۇ،
زادى بۇنداق بولمايتتى؟
دەپتۇ. تاز؛
_ يۇمشىغاندۇ دېلىڭىز،
مەندەك غېرىپ بىر تازغا.
ھېلىقى تەڭ جۈپ يۇلتۇز،
كېپقالغاندۇ يادىڭىزغا.
دەپتۇ. قىزنىڭ قولى ئىنەكنىڭ ئەمچىكىگە بارماي توختاپ قاپتۇ. «ئۇھ . . . !» دەپ تازغا قارىسا، كۈندە موزاي تۇتۇپ بېرىدىغان تاز ئەمەس ئىكەن. ھەيراق قېلىپ تازنىڭ ئۈستىۋېشىغا قاراپ:
_ سۆز، چىرايىڭ ئوخشىماس،
موزاي تۇتقۇچى تازغا.
كۆرەك جۇۋا، ياغاق بۆك
ئاشۇ تازنىڭ ئوخشايدۇ،
نېمە بەردىڭ ئۇ تازغا؟ - دەپ تىكىلىپ قاراپ، چېچەن تازنى تۇنۇۋاپتۇ.
ئىككسى مۇڭدىشىپ تەڭلا خۇشال بولۇشۇپتۇ . . . خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىنەكلەر سېغىلماي قاپتۇ. بۇ چاغدا قىزنىڭ ئانىسى «ۋاھ، ئەجەب كېچىكىپ قالدىڭغۇ قىزىم، نېمە بولغاندۇ؟» دەپ چىقسا، قىز تازغا يېقىن ئولتۇرۇپ، پاراڭلىشىۋاتقۇدەك. ئانىسى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆيىگە كېرىپ، پادىشاھقا ۋەقەنى دەپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ بېشىغا غەم چۈشۈپتۇ. ئاخىر بۇ چېچەن تازنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، زىياپەت قىپتۇ. پادىشاھ تازنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تاۋاقتىكى ئاشقا زەھەر سېلىپ قويۇپتۇ. دادىسىنىڭ بۇ ئىشىنى سىزىپ قالغان قىز باشقىلارغا سەزدۈرمەيلا تازنىڭ ئالدىدىكى تاۋاقنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپتۇ. تاز ئاشنى راسا يەپتۇ. باشقىلار«تاز ئەنە ئۆلىدۇ، مانا ئۆلىدۇ» دەپ كۈتۈپتۇ. بۇ چاغدا قىز يالغاندىن ئاش يېگەن بولۇپ:
_ نېمانچە زەھەر - ئاش بۇ؟ - دەپتۇ.
قېشىدىكىلەر «ۋاي ئاللا، تاۋاقلار خاتا قويۇلۇپ قاپتۇ. تاز خاتىرجەم يەۋاتمامدۇ؟ »دەپ بىر - بىرىگە قارىشىپ، غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. قىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ تاۋىقىدىكى ئاشتىن توخۇغا ئۈچ - تال بېرىپتىكەن، تۇخۇ شۇ زامان ئۆلۈپتۇ.
قىز ئەنە شۇنداق قىلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ سىرىنى پاش قىلىۋېتىپتۇ. پادىشاھ ئەلنىڭ ئالدىدا رەسۋاسى چىقىپ، گەپ قىلالماي قاپتۇ. بولۇۋاتقان توينى بۇزۇپ، قىزىنى چېچەن تازغا بېرىپتۇ. چوڭ توڭ - تاماشا بولۇپتۇ.