ئىلمۇلىپ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەن، يوق ئىكەن. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ پادىشاھنىڭ سەككىز ئوغلى بولۇپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئېتى ئىلمۇلىپ ئىكەن. ئۇ زىرەك، چىرايلىق ۋە دانىشمەن بولۇپ، ئۇستا قۇرئەنداز ئىكەن. ئۇ مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى ۋە مىڭ يىلدىن كېيىنكى ئىشلارنى تولۇق بىلىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ پادىشاھقا تەۋە بىر شەھەردە ئادەم يەيدىغان بىر ئادەمخور پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ شۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى يەپ تۈگىتىشكە ئازلا قاپتۇ. ئۇ ئاخىرى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:
- ماڭا يەيدىغانغا ئادەم بەر! - دەپ بېسىم ئىشلىتىپتۇ. بۇ ئادەمخور بىر ۋاقلىق ئوزۇقى ئۈچۈن قىرىق ئادەمنى يەيدىكەن. پادىشاھ ئامالسىز قېلىپ قىرىق ئادەمنى تېپىپ بېرىپتۇ. لېكىن ئادەمخور پادىشاھ تېپىپ بەرگەن قىرىق ئادەمنى زادىلا ئالغىلى ئۇنىماپتۇ. ئەجەپلەنگەن پادىشاھ:
- ئەي ئادەمخور، بۇ ئادەملەرنى نىچۇك ئالمايسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ئالمايمەن. ھازىر پەقەت سېنىڭ ئوغلۇڭ ئىلمولىپنى بەرسەڭ ئالىمەن. بولمىسا شەھىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنىڭ ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىمەن! - دەپ جار ساپتۇ ئادەمخور.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ پادىشاھنىڭ بېشى قېتىپتۇ. بېرەي دىسە، ئوغلىغا چىدىمايدىكەن. بەرمەي دىسە پۇقرالىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆزى قىيمايدىكەن. پادىشاھ كۆپ ئويلاپ قايغۇغا چۆكۈپتۇ.
دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تاپقان ئىلمۇلىپ:
- دادا، نىچۈك بۇنچە قايغۇرىسىز؟ سىزگە نىمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. شاھ بولغان ئەۋالنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئەھۋالنى ئۇققان ئىلمۇلىپ:
- ئىھ كېرەملىك شاھ ئاتا، مەندىن رىزا بولۇڭ! مۇبادا پىشانەم ئوڭ بولسا يەتتە ئاكامنىڭ ئىنتىقامىنى شۇل ئادەمخور ئىبلىستىن ئالغايمەن. ئەگەر ئەجەل يېتىپ، ئۆلۈپ كەتسەم قىيامەت كۈنى مەشەرگاھتا كۆرۈشەرمىز! - دەپتۇ. پادىشاھ رازىلىق بىلدۈرۈپتۇ. ئىلمۇلىپ:
- ئاتا، ماڭا بىر ئوق - يا بېرىڭ. بارغۇچە زېرىككەن چاغلىرىمدائوق - يا ئېتىپ ئويناپ باراي، - دەپ تەلەپ قىلىپتۇ. پادىشاھ ئوغلىغا بىر ئوق - يا بېرىپ يولغا ساپتۇ.
ئىلمۇلىپ يول بويى ئوقيا ئېتىپ مېڭىپتۇ. ئۇ ئادەمخور بار شەھەرگە يېقىن بارغاندا، ئوق - يارىنى ئاتقان ئىكەن. يانىڭ ئوقى ئىگىز تاغ باغرىغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئىلمۇلىپ ئوقنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بېرىپ قارىسا، ھېلىقى ئوق بىر قۇرۇق كاللىغا قادىلىپ قالغان ئىكەن. ئۇ ئوقنى ئالماقچى بولۇپ، ئەمدىلا قولىنى ئۇزىتىشىغا، قۇرۇق كاللىدىن زۇۋان كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- جان - جىگىرىم ئۇكام ئىلمۇلىپ. مەن سېنىڭ يەتتىنچى ئاكاڭ بولىمەن. ئۇكام. مېنىڭ سۆزۈمنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇت. سەن ئادەمخورنىڭ شەھىرىگە يەتتە دارۋازا ئارقىلىق كىرىسەن. ھەر بىر دەرۋازىدا قوش مۇشتەك قۇلۇپ بولۇپ، ئۇ قۇلۇپلار زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان. ئادەمخور >دەرۋازىنى ئاچ< دەپ سېنى بۇيرۇيدۇ. شۇ چاغدا سەن ئۇنىڭغا >مەن قۇلۇپ ئېچىشنى بىلمەيمەن. سىز ماڭا ئۆگىتىڭ< دەپ تۇرۇۋالغىن. ئۇ سېنى تىللايدۇ. قارغايدۇ. لېكىن سەن ھەرگىز قۇلۇپنى ئاچما. ئۇ ئاخىرى ئۆزى ئېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئالدىڭغا داستىخان سېلىپ ئىككى پەتنۇستا نان كەلتۈرىدۇ. ئىككى چەينەكتە چاي قۇيىدۇ. چەينەكنىڭ بىرسى كۆك، بىرى ئاق. سېنىڭ ئالدىڭغا ئاق چەينەكتە قۇيىدۇ. بۇنىڭدا زەھەر بار. سەن ئادەمخورنى گەپكە مەلىكە قىلىپ تۇرۇپ ، كۆك چەينەكنى ئالدىڭغا قويۇۋالغىن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەمخور سازچىلارنى ئېلىپ كىرىپ ساز چالدۇرىدۇ ۋە سېنى ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلايدۇ. سەن ھەرگىز ئوينىما. >مەن ئۇسۇل ئويناپ باقمىغان، بىلمەيمەن. سىز ماڭا ئۈگىتىپ قويۇڭ< دەپ تۇرۇۋال. بۇ ئادەمخورنىڭ قولتۇقىدا بىر ئالتۇن قەپەز بار. شۇ ئالتۇن قەپەزدە بىر كۆك كەپتەر بار. ئادەمخورنىڭ جېنى ئەنە شۇ كۆك كەپتەردە. سەن ئالتۇن قەپەزدىن كۆك كەپتەرنى بىر ئامال قىلىپ ئېلىپ، بوينىنى ئۈزۈپ تاشلا. ئادەمخور سېنى >ئوچاققا ئوت قالا< دەپ بۇيرۇيدۇ. سەن >ئوت قالاشنى سىز ئۈگىتىپ قويۇڭ. مەن شاھزادە بولغاچقا ئوت قالاپ باقمىغان< دىگىن. ئۇ ئوتنى ئۆزى قالاپ. ساڭا >قازانغا ياغ قۇي< دەيدۇ. سەن يەنىلا ئۇنىما. ئۇ قازان قىزىغاندا ياغ قۇيىدۇ. ياغ قىزىغاندا ئوچاق بېشىدىكى ئىككى زىخنى ئېلىپ، ئادەمخورنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كۈچەپ تىق. ئاندىن ياققا تاشلا. شۇنداق قىلساڭ ئادەمخور ئۆلىدۇ. شۇ چاغدا ئوغلاقتەك بىر قارا مۈشۈك ئىشىكتىن مىياڭلاپ كىرىدۇ. بۇ مۈشۈكنىڭ وينىدا قىرىق بىر تال ئاچقۇچ بار. سەن مۈشۈكنى ئۆلتۈر. ئۇنىڭ بوينىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئۆيلەرنى ئېچىپ، سولانغان ئادەملەرنى ئاات قىل. خەير ئۇكام قىيامەت كۈنى كۆرۈشەرمىز...
ئىلمۇلىپ كاللىدىن ئوقنى يۇلۇپ ئېلىۋېلىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ. كۆپ يول يۈرۈپ، ئاخىرى ئادەمخورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ھەممە ئىشنى ئاكىسى دىگەندەك ئورۇنلاپتۇ. ھەممە ئۆيدىكى ئادەملەرنى ئازات قىلىپتۇ. بۇلار بىر نەچچە مىڭ ئادەم ئىكەن. ئۇ قىرىق بىرىنچى ئۆينى ئاچقان ئىكەن. بىر چار باغ كۆرۈنۈپتۇ. باغقا كىرىپ قارىسا، ھەر خىل مىۋىلەر راسا پىشىپ مەي باغلاپ كەتكەن. ئەتراپتا رەڭمۇ - رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن. بۇلبۇللار چاڭىلداپ سايراۋاتقان، ئېرىقلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان ئىكەن. باغ ئىچىدە ئىككى بۇلاق بولۇپ، بىرى ئالتۇن بۇلاق، بىرى كۈمۈش بۇلاق ئىكەن. ئىلمۇلىپ ئالتۇن بۇلاقتا بېشىنى يۇغان ئىكەن، بېشىدىكى چاچلىرى ئالتۇن بولۇپ قاپتۇ. ئۇ باغدىن چىقىپ ھېلىقى ئادەملەرنى باغقا تەكلىپ قىلىپتۇ. ئۇلار باغقا كىرىپ، خوشال - خورام ئويناشقا باشلاپتۇ. ئىلمۇلىپ ئۇنى دەرھال كۈمۈش بۇلاققا ئاپىرىپ يۇيۇنۇپتۇ. ھېلىقى تازچاق كۈمۈش باشلىق بىر ئادەم بولۇپ قاپتۇ. ئىلمۇلىپ بۇ شەھەرگە پادىشاھ بولۇپتۇ. ھېلىقى تازچاق ئۇنىڭ ۋەزىرى بولۇپتۇ.
ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ. ئىلمۇلىپ قۇرئى سېلىپ كۆرسە، مۇشۇ شەھەردىن ئۈچ ئايلىق يىراق جايدا بىر شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردىكى پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى بولۇپ، بالاغەتكە يېتىپ قالغان ئىكەن. كىچىك قىزى ئىلمۇلىپقا ئاشىق ئىكەن. ئىلمۇلىپ كۆڭلىدە >مېنىڭمۇ مەشۇغۇم بار ئىكەن. بىر دىدار كۆرۈشەي< دەپ ئويلاپ، تازچاقنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق پادىشاھ قىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، بۇرۇنقى جۇل - جۇل كىيىملىرىنى كىيىپ، قىزنىڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. يولدا قوغۇن بېقىپ ئولتۇرغان بوۋايغا ئۇچراپتۇ. ئۇ ساتمىغا بېرىپ بوۋايغا تازىم قىلىپتۇ. بوۋاي سالامنى قايتۇرغاندىن كېيىن:
- ئوغلۇم نەدىن كەلدىڭ؟ نەگە بارىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مېنىڭ ئاتا - ئانام يوق. تېنەپ - تەمتىرەپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالدىم، - دەپتۇ ئىلمۇلىپ.
- مېنىڭ بالام يوق. ماڭا بالا بولغىن. بۇ - پادىشاھنىڭ قوغۇنلۇقى. خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز باقىمىز. پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى ھەر كۈنى بىر قېتىم كېلىپ بۇ يەردە ئويناپ كېتىدۇ، - دەپتۇ بوۋاي. ئىلمۇلىپ بوۋايغا بالا بولۇپ قېلىشقا رازى بولۇپتۇ. ئەتىسى پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزى ساتمىغا كەلسە، ساتمىدا بىر جۇل - جۇل كىپەن تۇرغۇدەك.
- چوڭ دادا، بۇ قەلەندەرنى نەدىن تېپىۋالدىڭىز؟ - دەپ چوڭ قىز بىلەن ئوتتۇرانچى قىز ئىلمۇلىپنى مەسخىرە قىلىشىپتۇ. كىچىك قىز بولسا گويا ھىچنىمە كۆرمىگەندەك، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئىلمۇلىپ بوۋايدىن:
- دادا، بۇ يەردە سۇ بارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. بوۋاي:
- بالام ئاۋۇ كۆرۈنگەن تاغ ئۈستىدىكى راۋاقنى كۆردۈڭمۇ؟ ئەنە شۇ راۋاقنىڭ يېنىدا بىر بۇلاق بار، - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئىلمۇلىپ بوۋاينىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، ھېلىقى راۋاق يېنىدىكى بۇلاقتا يۇيۇنۇش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. ئۇ بۇلاق بېشىغا كېلىپ، كىيىملىرىنى سېلىپ بېشىدىكى تۇماقنى ئېلىۋېتىپتۇ. مانا شۇ پەيتتە پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى يىراقتىن ئۇنى كۈزىتىپ تۇرغان ئىكەن. يىگىتنىڭ جامالىنى كۆرگەن قىز ھۇشىدىن كېتىپتۇ. ھۇشىغا كېلىپ قارىسا، ئىلمۇلىپ ئاللىقاچان كېتىپ قالغان. ئەتىسى قىزلار قوغۇنلۇققا كېلىشىپتۇ. ئۇلار ھەر قېتىم كەلگەندە بوۋاي ئۇلارغا قوغۇن ئۈزۈپ بېرىدىكەن. بىر كۈنى كىچىك قىز بوۋايغا:
- بوۋا كەچۈرۈڭ! سىز بىزگە قوغۇننىڭ ناھايىتى تاتلىق پىشقانلىرىنى بېرەتتىڭىز. بىراق يېقىندىن بېرى بۇ قوغۇنلار ئاغزىمغا تېتىماس بولۇپ قالدى. شۇڭا ماڭا ئوغلىڭىز قوغۇن ئۈزۈپ بەرسۇن! - دەپتۇ. بوۋاي ماقۇل بوپتۇ. ئىلمۇلىپ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىز بىلەن دىيىشىدىغان گەپلىرىنى دىيىشىۋاپتۇ. لېكىن، كىچىك قىزنى ئاچىلىرى مازاق قىلىپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزلارنىڭ ئانىسى قىزلىرىغا لايىق تاللاش توغرىلىق مەسلىھەت بېرىپتۇ. قىزلار رىسىدە بولۇپ قالغاچقا بۇ ئىش ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە مايدەك يېقىپتۇ. قىزلار >بىز ئۆزىمىز خالىغان يىگىتكە ئالما تاشلايلى. جىمىكى ئەرلەر ئوردا ئالدىدىن ئۆتسۇن< دىيىشىپتۇ. پادىشاھ قىزلىرىنىڭ دىگىنى بويىچە ئەمىر قىلىپتۇ. جارچىلار بۇ ئىشنى پۈتۈن شەھەردىكى خالايىققا جاكارلاپتۇ. بەلگىلەنگەن كۈنى ھەممە ئەركەك ئۆزلىرىنىڭ يارىشىملىق، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردا ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. قىزلار قوللىرىغا ئالما ئېلىپ راۋاقتا ئولتۇرۇشۇپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ قىزى ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا، ئوتتۇرانچى قىزى سول قول ۋەزىرىنىڭ ئوغلىغا ئالما تاشلاپتۇ. كىچىك قىز ئالمىنى تۇتقان پېتى ئۆتۈۋاتقان توپ ئارىسىغا قاراپ تۇرۇۋېرىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئالمىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتقان ئىكەن، ئالما ئىلمۇلىپنىڭ قوينىغا چۈشۈپتۇ. ئاچىلىرى ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپتۇ. پادىشاھمۇ غەزەپكە كېلىپ ھومىيىپتۇ. لېكىن كىچىك قىز مەنىلىك كۈلۈمسىرەپتۇ. پادىشاھ ۋەدىسىنى بۇزالماي، نائىلاج قىرىق كېچە كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. تويدىن كېيىن چوڭ قىزى بىلەن ئوتتۇرانچى قىزىغا تەختىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىن، كىچىك قىزىغا بولسا، ئاتخانىدىن ئۆي تۇتۇپ بېرىپتۇ. ئىلمۇلىپ بىلەن قىز شۇنداق ئىناق ئۆتۈپتۇكى، بىر - بىرىنى كۆرمىسە، زادىلا چىدىشالمايدىكەن. بۇ قىزنى ئاچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەرلىرى قاتتىق مەسخىرە قىلىدىكەن. ئارىدىن بىر قانچە يىللار شۇ تەرىزدە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئوۋغا چىقماقچى بولۇپ، كۈيوغۇللىرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇلار بىر جاڭگالغا كەلگەندە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوۋ ئوۋلىماقچى بولۇپ، ھەر تەرەپكە بۆلۈنۈپ مېڭىپتۇ. ئىلمۇلىپ ئىككى كىيىكنى ئوۋلاپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، گۆشلىرىنى پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. كەچ بولغاندا پادىشاھ بىلەن ئىككى كۈيئوغۇل قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. چوڭ قىزىنىڭ ئېرى ئىلمۇلىپتىن ئوۋلىغان نەرسىدىن بىر ئاز بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئىلمۇلىپ:
- ئۇنداق بولسا مەن تاماكا چېكىپ، تاماكا ئوتىدا بىر يېرىڭگە بەلگە سالىمەن. مۇشۇ شەرتكە كۆنسەڭ، ئاندىن گۆش بېرىمەن، - دەپتۇ ئۇ ماقۇل بولۇپتۇ. ئىلمۇلىپ تاماكا ئوتىنى ئۇنىڭ ساغرىسىغا يېقىپتۇ. ئىلمۇلىپ زاسۈينى قازانغا سېلىپ ئايالى بىلەن ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسا، پادىشاھ بىلەن ۋەزىرلەر مېھمان بولۇپ يۈرگۈدەك. ئىلمۇلىپ بۇلارغا قوشۇلۇپ، چوڭ قىزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ئۇلار پىشۇرۇلغان گۆشنى يىمەكچى بولۇپ ئاغزىغا سالغان ئىكەن، گۆش زەھەردەك ئاچچىق ئىكەن. پادىشاھ گۆشىنى يىيەلمەي ئورنىدىن قوزغىلىپتۇ. ئىلمۇلىپ بۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپتۇ. پادىشاھ نائىلاج ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ. ئىلمۇلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا زاسۈينى ئەكەپتۇ. زاسۈينى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ راسا ئاچچىقى كەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئازراق يەپ باقماقچى بولۇپ، ئاغزىغا بىر پارچە سالغان ئىكەن، زاسۈي شۇنداق مەزىلىك، تەملىك تېتىپ كېتىپتۇ. شاھ بىلەن ۋەزىرلەر بىر - بىرىدىن قىزغىنىشىپ، ھەش - پەش دىگۈچە بىر لىگەن زاسۈينى يەپ تۈگىتىپتۇ.
ئۇلار ئەتىسى يەنە ئوۋغا چىقىپتۇ. ئىلمۇلىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپتۇ. ئۇ بىر خورازنى قۇش ئورنىدا قولىغا قوندۇرۇۋالغان ئىكەن. جاڭگالغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئايرىم - ئايرىم يولغا مېڭىپتۇ. ئىلمۇلىپ بىر ئورمانلىققا كىرىپ ئىككى كىيىكنى ئوۋلاپ قايتىپتۇ. ئۇ خېلى كۆپ يول ماڭغاندىن كېيىن كىيىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى بىر يانغا، سۆڭىكىنى بىر يانغا دۆۋىلەپ تۇرۇشىغا، ئوتتۇرانچى قىزنىڭ ئېرى كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر نەرسە ئوۋلىيالمىغانلىقىدىن زارلىنىپ، ئىلمۇلىپنىڭ يېنىدا دۆۋىلەگلىك تۇرغان گۆشكە تەلمۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئاز بېرىشنى سوراپتۇ. ئىلمۇلىپ چوڭ كۈيئوغۇلغا قويغاندەك شەرت قويۇپتۇ. ئۇ ماقۇل بولۇپتۇ. ئىلمۇلىپ تاماكا ئوتىنى ئۇنىڭ ساغرىسىغا بېسىپ تازا كۆيدۈرۈپ بەلگە سالغاندىن كېيىن:
- قايسىنى ئالىسەن؟ - دەپ گۆش بىلەن زاسۈينى كۆرسىتىپتۇ. ئۇ زاسۈينى ئاپتۇ. ئىلمۇلىپ ئىچىدە >ئالغان نەرسەڭنىڭ تېشى ھەسەل، ئىچى زەھەر بولسۇن!< دەپ دۇئا قىلىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئوتتۇرانچى كۈيئوغۇل پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەرنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپتۇ. ئىلمۇلىپمۇ بۇلار ئارىسىدا بار ئىكەن، زەھەردەك ئاچچىق تېتىپ يىيەلمەي ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئىلمۇلىپ ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ، ئالدىغا گۆش قويۇپ بەرگەن ئىكەن، گۆش شۇنداق تاتلىق ئىكەن، مەزىلىك پىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەيران بولۇشۇپ، زور ئىشتىھا بىلەن يەپتۇ.
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلمۇىلىپ ئايالىغا:
- سىز شاھ ئاتىڭىزغا بىزنىڭ شەھەرگە بىر بېرىپ كەلسەڭ، - دەپتۇ.
مەلىكە دادىسىغا ئېيتىپتۇ. شاھ قوشۇلۇپتۇ. ئىلمۇلىپ مەلىكە بىلەن ئۆز شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن، مەلىكە بىلەن يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار يول يۈرۈپتۇ. يولنى مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى ئۆز شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن خوشال - خورام كۆرۈشۈپتۇ. بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئاتا - ئانىسىغا بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. دادىسى ئۇنىڭدىن تولىمۇ خوشال ۋە رازى بولۇپتۇ. پادىشاھ ئوغلى بىلەن كېلىنىنىڭ تويىنى ئۆز قولى بىلەن قايتا بىر قېتىم ئۆتكۈزمەكچى بولۇپتۇ. ئىلمۇلىپ تويىنى ھېلىقى ئادەمخورنىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ. شاھ ماقۇل بولۇپتۇ. ئىلمۇلىپ مەلىكىنىڭ ئاتىسىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنى توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە خەتكە >مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بىلەن ئىككى دىدىگىمنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىڭلار!< دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. مەلىكىنىڭ دادىسى ھەيران بولۇپتۇ. ئاخىرى ئۇ يولغا راۋان بولۇپتۇ. ئۇلار ئىلمۇلىپ تۇرغان شەھەرگە كەلگەندە، ھەيۋەتلىك توي مۇراسىمى باشلىنىپتۇ. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىلمۇلىپ:
- ئىككى قۇلۇم بىلەن دىدىگىمنى بۇ يەردە ئېلىپ قالىمەن، - دەپ، پادىشاھنىڭ ئىككى قىزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى ئېلىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ:
- بۇلارقانداقچە سىزنىڭ قۇلىڭىز بولسۇن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىلمۇلىپ ئۇلارنىڭ ساغرىسىدىكى تامغا ئىزىنى كۆرسىتىپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ لام - جىم دىمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە ئىككى قىزى بىلەن كۈيئوغۇللىرىنى قالدۇرۇپ ئۆز شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
شۇندىن كېيىن، ئىلمۇلىپ ئىككى كۈيئوغلىنى ھەر كۈنى ئوتۇن يارغۇزۇپ، ئېغىر پاسكىنا ئىشلارغا ساپتۇ. ئىككى قىزنى بولسا ئۆي خىزمەتچىسى قىلىپ بەلگىلەپتۇ. ئەلنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇپ، خەلقنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: ماخمۇت قارى