UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەڭلىك شاھزادە

مەڭلىك شاھزادە

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، ئوڭ مۈرىسىدە مېڭى بار چىرايلىق بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. پادىشاھ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشاللىقىدا يۇرت ئەھلىگە ئون كېچە - كۈندۈز توي - تاماشا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە ئوغلىغائەسمىتۇللا دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. مەملىكەت بويىچە ئۈچ يىللىق باج كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، شاھزادە ئەسمىتۇللا ئالتە ياشقا قەدەم قويۇپتۇ. شوخ ۋە ساغلام چوڭ بولۇپتۇ. ئەمما پادىشاھ بىر ئوغۇل دەپ بەك ئەركە - نايناق قىلىپ قويۇپتۇ. شاھزادە كىچىك تۇرۇپ بېشى قايغان تەرەپكە كېتىۋېرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شاھزادە بىر كۈنى نەۋكەرلىرى بىلەن ئويناپ يۈرۈپ پادىشاھنىڭ باغ قوشنىسى موزدۇزنىڭ دۇكان ئۆيىگە كىرىپتۇ - دە، ئۇششاق بالىلار ئۈچۈن تىكىپ قويغان خىلمۇ خىل ئاياغلارنى كۆرۈپ، بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى كىيىپ ئويناپتۇ. مۇزدۇزمۇ ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بېرىپ شاھزادىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاپتۇ. شاھزادە ئويۇنغا قىزىقىپ موزدۇزنىڭ ئۆيىگە ھەر كۈنى دېگۈدەك بارىدىغان بوپتۇ. پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، موزدۇزنى چاقىرتىپ كېلىپ ئالاھىدە زىياپەت بېرىپ، موزدۇزغا نۇرغۇن پۇل، ئېسىل تون ئىنئام قىلىپ، بۇندىن كېيىن يەنە ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوغلىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. موزدۇز ناھايىتى قۇۋ ۋە ھىيلىگەر ئادەم بولۇپ، توققۇز تازىم بىلەن خۇشامەت قىلىپ، >جان - دىلىم بىلەن خەۋەر ئالىمەن< دەپ ۋەدە بېرىپ پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ سەپەر قىلماقچى بولۇپ، شاھزادە ئەسمىتۇللاغا يېڭىدىن تون - سەرۇپاي كىيدۈرۈپتۇ. بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلاپ، بېشىغا گۆھەردىن كۆز قويغان تاج كىيدۈرۈپ، موزدۇزنى چاقىرىپ:>مەن سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ قالدىم. مەن سەپەردىن قايتىپ كەلگۈچە ئوغلۇمدىن ياخشىراق خەۋەر ئېلىپ تۇرسىڭىز! مەن سەپەردىن قايتىپ كېلىپ سىزنى چوقۇم يۇقلايمەن< دەپ شاھزادىنى موزدۇزغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى يولغا راۋان بوپتۇ. شاھزادە ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى نۆۋكەرلەر بىلەن پادىشاھنى ئۇزىتىپ قويۇپ، چار بېغىدا قونۇپ قاپتۇ. شاھزادىنىڭ قىممەت باھالىق تون - سەرپايلىرىنى كۆرگەن مۇزدۇزنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە، نۆۋكەرلىرىگە دورا ئىچكۈزۈپ مەست قىلىپ قويۇپ شاھزادە ئەسمىتۇللانى بىر ساندۇققا سېلىپ تۆگىگە يۈكلەپ شام شەھىرىگە ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەتىسى شاھزادە بىلەن موزدۇزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئوردا ئىچىدىكىلەر يىغا - زارە قىلىشپتۇ. ئەمما ئىزلەپ ھېچيەردىن دېرىكىنى ئالالماي، پادىشاھقا ئادەم ماڭغۇزۇپتۇ. پادىشاھ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىپ، يىراق - يېقىن شەھەرلەرگە ئادەم ماڭدۇرۇپ، ھەر قانچە ئىزدىگەن بىلەنمۇ ئوغلىنى تاپالماي ھەسرەتتە قاپتۇ. شاھزادىنىڭ ئانىسى يالغۇز ئوغلىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ ئەما بولۇپ قاپتۇ. موزدۇز شام شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن شاھزادىنىڭ تون - سەرپايلىرىنى سالدۇرۋېلىپ بىر سودىگەرگە سېتىپ، ئۆزى باشقا بىر شەھەرگە كېتىپتۇ. شاھزادە ئون يىل سودىگەرنىڭ مېلىنى بېقىپتۇ. سودىگەر دەريا سەپىرى قىلغانىكەن، كېمىسى دەرياغا غەرق بولۇپ كېتىپ بارلىق پۇل - مالدىن ئاجراپ، قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. شاھزادىنى ساتماقچى بولۇپ قۇل بازىرىغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. باھاسىغا يېتىپ لاىدىغان خېرىدار چىقماپتۇ. سودىگەر پارىس شەھىرىدە قۇلنىڭ باھاسى يۇقىرى ئىمىش دەپ ئاڭلاپ، شاھزادىنى پارس شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ قۇل بازىرىغا ئاپىرىپتۇ. شۇ كۈنى پادىشاھ ئوردىسىغا قۇل سېتىۋالماقچى بولۇپ ۋەزىر كەلگەنىكەن. ئۇ شاملىق سودىگەردىن شاھزادىنى يۈز تىللاغا سېتىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنى تونۇماپتۇ. ئوغلىمۇ دادىسىنى تۇنۇيالماپتۇ. بۇ بالا پادىشاھقا ياراپ قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆز ھوزۇرىغا خىزمەتتە قويۇپتۇ. شاھزادە ھەر كۈنى خەزىنە ئىشىكىگە پادىشاھنىڭ مۆھۆرى بېسىلغان پېچەتنى چاپلاپ پاسىبانلىق قىلىدىكەن. پادىشاھنىڭ قولىدىكى ئۈزۈك پادىشاھلىق ھۆكۈم مۆھۈرى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى خەزىنىدار شاھزادىگە گەپ ئۆگىتىپ: - ئىي ئوغلۇم، پادىشاھ ئۇخلاپ قالغاندا قولىدىكى ئۈزۈكنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ماڭا ئەپچىقىپ بەرگىن، مەن خەزىنىدىن بىر نەچچە يۈز گۆچەر ئېلىۋالاي، سەن ھېچكىمگە دەپ قويما، ئۈزۈكنى مەن سەن ئۈچۈن ساقلايمەن، سەن مۇشۇ گۆھەرگە پادىشاھ بولىسەن، - دەپتۇ. بالا خەزىنىدارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىر كۈنى پادىشاھ ئۇخلاپ قالغاندا قولىدىكى ئۈزۈكنى تارتىپتۇ. پادىشاھ ئويغىنىپ: - ساڭا بۇ ئىشنى كىم ئۆگەتتى؟ - دەپ سورىغانىكەن. بالا زۇۋان سۈرمەي يەرگە قاراپ تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ غەزەپلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، قارنىنى يېرىشنى بۇيرۇپتۇ. جاللات كېلىپ بالىنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇپتۇ. بالىنىڭ ئوڭ مۈرىسىدە بىر قارا مەڭ پارقىراپ تۇرغۇدەك. پادىشاھ مەڭنى كۆرۈپ >ۋاي بالام< دەپ ھۆركىرىگىنىچە ھوشىدىن كېتىپتۇ. شاھزادىنىڭ ئانىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تەمتىلەپ ئوردىغا چىقىپتۇ. ئوغلىنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە ئەما كۆزىنى سۈرتۈپ >ۋاي بالام< دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ ھوشىغا كېلىپ ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ نەچچىنى سۆيۈپتۇ. شاھزادە ئەسمىتۇللامۇ موزدۇز بىلەن بولغان سەرگۈزەشتىسىنى باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھ خەزىنىدارنى دارغا ئېسىپ تېرىپېرەن قىپتۇ. پادىشاھ شاھزادىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەخت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ئوغلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئاتا - ئانىلار ئوغلىنىڭ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىپ كەتمەيدىكەن. بۇلار ئوغلى بىلەن تېپىشىپ بىر نەچچە يىل ياشاپتۇ. پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. شەھەر خەلقى بىردەك ئاۋاز قوشۇپ ئەسمىتۇللانى دادىسى ئولتۇرغان شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشقا سايلاپتۇ. پادىشاھ ئەسمىتۇللا سودىگەرگە سېتىلىپ قۇل بولۇپ ئىشلىگەن كۈنلىرىنى زادى ئۇنۇتماي، دادىسىنىڭ ۋاقتىدىكى نامۇۋاپىق تۈزۈملەرنى بىكار قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلغانىكەن. خەلقلەر بۇ يېڭى پادىشاھتىن رازى بوپتۇ. )>ئاقسۇ ئەدەبىياتى< نىڭ 1985 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى(
← بارلىق تېمىلار چوچاق