UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقچاشقاننىڭ ئاقىۋىتى

چاشقاننىڭ ئاقىۋىتى

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر ئورمانلىقتا بىر دانىشمەن بوۋاي ياشايدىكەن. ئۇنىڭ بىر خاسىيەتلىك ھاسسىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى بوۋاي ناشتا قىلىپ ئولتۇرسا، >ۋاي قۇتۇلدۇرۇڭلار!، ۋاي، ئادەم بارمۇ!< دېگەن ئىنچىكە بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بوۋاي ئالدىراپ تالاغا چىقسا، بىر تۈلكە كىچىك بىر چاشقاننى چىشلىگەن پېتى يۈگۈرۈپ كېتىپ بارغۇدەك. چاشقان بولسا ھەدەپ يىغلاپ، ۋارقىراپ جارقىراپ تىپىرلاۋاتقۇدەك. بوۋاي يەردىن بىر تاشنى ئېلىپ تۈلكىگە ئاتقانىكەن. تۈلكە شۇ جايدىلا تىن تارتماي ئۆلۈپتۇ. تۈلكىنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلغان ھېلىقى چاشقان خۇشاللىقىدا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ بوۋاينىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، تىزلىنىپ تازىم قىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ: - سىزگە كۆپ رەھمەت بوۋا، سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن تۈلكىنىڭ قولىدا تۈگەشكەن بولاتتىم، سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، - دەپتۇ. بوۋاي چاشقانغا قاراپ: - سەن بەك كىچىك ئىكەنسەن. ھەممىسىلا سېنى بوزەك قىلىدىكەن. مەن سېنى چوڭراق بىر جانۋارغا ئايلاندۇرۇپ قوياي، - دەپتۇ ۋە ھاسسىسىنى چاشقاننىڭ ئۈستىدە ئۈچ نۆۋەت ئايلاندۇرغانىكەن، چاشقان بۇرۇتلىرى دىڭگايغان، يوغان بىر ئالا مۈشۈككە ئايلىنىپ قاپتۇ. مۈشۈك بوۋايغا تازىم قىپتۇ - دە، ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى مۈشۈك يەم ئىزدەپ يۈرگەن بىر ئاچ بۆرىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. مۈشۈك ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي قېچىپ ئېگىز بىر قارىغاينىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ. بۆرە قارىغاينىڭ ئاستىدا ساقلا - ساقلا ئاخىرى كېتىپ قاپتۇ. مۈشۈك دەرەختىن ئالدىراپ - تېنەپ چۈشۈپ ئۇدۇل بوۋاينىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپتۇ. - ۋاي، جېنىم بوۋا، - دەپتۇ ئۇ بوۋايغا يالۋۇرۇپ، - باشقىلار ماڭا ئارامچىلىق بەرمەيۋاتىدۇ. مېنى ئەڭ چوڭ، ئەڭ باتۇر ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىز، ياخشلىقىڭىزنى ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايتتىم. بوۋاي ئۇنىڭغا قاراپ: ماقۇل، مەن سېنى ھاۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى، ئەڭ نوچىسى بولغان يولۋاس قىلىپ قوياي. لېكىن شەرتىم شۇكى، يولۋاس بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتىسەن، كىچىك ھايۋانلارنى بوزەك قىلمايسەن، بارلىق ھايۋانلار بىلەن ئىجىل - ئىناق ئۆتىسەن، - دەپتۇ. - چوقۇم ئېيتقىنىڭىز بويىچە ئىش كۆرىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ بوۋا، - دەپتۇ مۈشۈك خۇشاللىقىدا. بوۋاي ھاسسىسىنى ئۈچ نۆۋەت ئايلاندۇرغانىكەن، مۈشۈك بىردىنلا سۈرلۈك يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ بوۋايغا تازىم قىپتۇ - دە، ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپتۇ. يولۋاس دەسلىپىدە بىر نەچچە كۈن يۇۋاش، ئەدەبلىك يۈرۈپتۇ. بارا - بارا ھەددىدىن ئېشىپ باشقا ھايۋانلارنى بوزەك قىلىپ، ھەر تەرەپكە قوغلاپ - سۈرۈپ ئارام بەرمەپتۇ. بىر كۈنى پۈتۈن ھايۋانلار يىغىلىپ بوۋايغا ئەرز قىپتۇ. بوۋاي يولۋاسقا نەسىھەت قىلماقچى بولۇپ، يولۋاسنى ئىزدەپ، ئۇنى مىڭ تەستە ئېگىز قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئاپتاپقا قاقلىنىپ، گۆش يەپ ياتقان يېرىدىن تېپىپتۇ. ھايۋانلارمۇ بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بېرىپتۇ. يولۋاس بوۋاينىڭ كەلگىنىگە پىسەنت قىلماپتۇ. بوۋاي نەسىھەتنى باشلىغانىكەن، يولۋاس كۆرەڭلىك بىلەن ھۆركىرەپ كېتىپتۇ: - ھەي ئالجىغان قېرى، كىمنىڭ ئالدىدا تۇرۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ غۇجاكاڭ پۈتۈن تاغنىڭ پادىشاھى، ھايۋانلارنىڭ سەركەردىسى، مېنىڭ ئارام ئېلىشىمغا دەخلى قىلماي يوقال كۆزۈمدىن! بوۋاي ئالدىرىماي سۆزلەپتۇ: سېنىڭ كىملىكىڭنى ئوبدان بىلىمەن، سەن قۇشقاچتىنمۇ كىچىك بىر مەخلۇق ئىدىڭ. ساڭا ئىچىم ئاغرىپ سېنى مۇشۇنداق يولۋاس قىلىپ قويغانىدىم. يولۋاس بولۇشنىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق ۋەدىلىرىڭ قېنى؟ بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان پېتى غەزەپ بىلەن بوۋايغا ئېتىلىپتۇ. بوۋاي خاسىيەتلىك ھاسسىنى بىر ئايلاندۇرغانىكەن ھېلىقى يولۋاس بىردىنلا كىچىككىنە، ئۆلەرمەن، رەزگى چاشقانغا ئايلىنىپ قاپتۇ. بوۋاي چاشقانغا قاراپ: - سەن ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تۇزكور نېمىكەنسەن ئاخىرى چاشقانلىقىڭنى قىلدىڭ، بار، چاشقان پېتىڭچە يۈرۈۋەر! - دەپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان بارلىق جانىۋارلار خۇشاللىقىدا ناخشا ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ كېتىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ھەممىلا جان - جانۋارلار چاشقاننى نەدىلا كۆرسە شۇ يەردە لەنەت ياغدرۇرىدىغان بوپتۇ. چاشقانمۇ كۈندۈزى تۆشۈكتىن چىقىشتىن قورقۇپ، پەقەت ئاخشىمى ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندىلا ئوغرىلىقچە سىرتقا چىقىدىغان بوپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە توساللا يېزىسىدىن ئىمىن مەتتوختى.
← بارلىق تېمىلار چوچاق