بىرىنچى بولۇپ
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەنۇ، توق ئىكەن. قەدىمكى زامانلارنىڭ بىرىدە بىر كەمبەغەل كىشى بوپتىكەن. ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ كۈنىنى ئۈتكۈزۈش ئۈچۈن بىر باي ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدە ئىشلەشكە ياللىنىپتۇ. ئۇنى ياللاپ ئالغۇچى بىر كۈنى ئۇنى ئالدىغا چاقىرىپ:
- ھاي مالاي، بۈگۈن مەن دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى كەنتكە تويغا بارىمەن، سەن چىقىپ ئاتنى توقۇپ كەل، سەنمۇ ئېتىمنى يېتىلەپ مېنىڭ بىلەن بىللە تويغا بارىسەن. لېكىن ئالدىمدا ماڭماي، ئەدەب يۈزىسىدىن ئارقامدا ماڭىسەن. پەقەت ئاتنىڭ مېنى ئېلىپ قاچماسلىقى ئۈچۈن، چۇلۋۇرىنى ئۇزۇن قويۇپ بېرىپ، ئۇچىنى مەھكەم تۇتۇپ ماڭساڭ بولىدۇ. تويغىمۇ مەن ئادەت بويىچە بۇرۇن كىرىمەن، سەن ئېتىمنى يېتىلەپ سوۋۇتۇپ باغلاپ قويۇپ، ئاش تارتىلغان ۋاقتىدىلا كىرسەڭمۇ ئۈلگۈرىسەن. بۇ ئىش بۈگۈنلا ئەمەس، ھەر قاچان، ھەر ۋاقىتتا مەن بىلەن بىر يەرگە بارساڭ شۇنداق قىلىسەن. سەندىن بۇرۇنقىلارمۇ شۇنداق قىلغان. بۇ گەپنى ئوبدان ئېسىڭدە ساقلا، بولمىسا بۇ ئەدەبسىزلىكىڭ ئۈچۈن كۆرىدىغان كۆرگۈلۈكۈڭ بار، - دەپ تاپىلاپتۇ.
كەمبەغەل كىشى چىقىپ، باي ئاخۇنۇمنىڭ ئېتىنى ئىگەرلەپتۇ. باي ئاخۇنۇم ئېتىغا مېىنىپ مېڭىپتۇ. ئۆيىدىن سەھەردە چىققانلىقى ئۈچۈن، دەرياغا تېخى سۇ كىرمىگەن چاغدا ئۇ تەرەپكە ئۆتۈشۈپتۇ. توي بولغان ئۆيگىمۇ يېتىپ بېرىپتۇ. ئاخۇنۇم ئۆزى دېگەندەك قىلىپ، ئېتىنى كەمبەغەلگە يېتىلەشكە تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى كۈتۈپ تۇرغان جامائەتنى باشلاپ ئالدىدا مېڭىپ سورۇنغا كىرىپ كېتىپتۇ. كۈن يانغاندا توي تۈگەپتۇ. ئاخۇنۇم ئالدىدا چىقىپ ئېتىغا مىنىپتۇ، مالاي ئاتنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. دەريا بويىغا كەلسە، كۈن ئىسسىق بولغانلىقتىن، دەرياغا سۇ كېلىپ كەتكەن. قايتىپ كېتىشكە موللامنىڭ كۆڭلى ئۇنىماپتۇ، ئۆتۈپ كېتىشكە كۆزى يەتمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بېشى قېتىپ مالايغا قاراپتۇ ۋە:
- ھاي مالاي، بۇ نۆۋەت سەن مېنىڭ ئالدىمغا چۈشۈپ، تېيىز يەردىن ئېتىمنى يېتىلەپ ماڭ! - مېنىڭ دەريادىن ئۆتۈۋېلىشىمغا ياردەم قىلىپ يول ئاچ! - دپتۇ.
- تەقسىر، تېخى ئەتىگەنلا سىلى >ھەر قاچان، ھەر ۋاقىتتا سەن مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتمەيسەن، بولمىسا، بۇ ئەدەبسىزلىكىڭ ئۈچۈن كۆرىدىغان كۆرگۈلۈكۈڭ بار!< دېگەندىلە، ئەمدى تەقسىر، ئۆزلىرى ئېيتىپ باقسىلا، مەن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا سۇغا كىرسەم، ئەدەبسىزلىك بولمامدۇ؟ بۇ يەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئالدىدا يول باشلاپ كىرىپ بەرسىلە. مەن ئارقىلىرىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ ماڭاي، - دەپتۇ.
- ياق! مەن سېنى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغقا بارغاندا، سورۇنغا مېنىڭ ئالدىمدا كىرمە دېگەن. سۇغا ئالدىدا كىرمە دېگىنىم يوق! - دەپتۇ باي ئاخۇنۇم ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپتۇ، - سۇغا، بولۇپمۇ بۇنداق كەلكۈن سۇغا سەن ئالدىمدا يول باشلاپ كىرىپ، كېچىك تېپىپ ماڭمىساڭ بولمايدۇ!
- ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ مالاي، - ئاتتىن چۈشسىلە، مەن ئاتنى مىنىپ كىرەي. بۇنداق كىرسەم، سۇغا چۆكۈپ كېتىپ قېلىپ، سىلىگە كۆرۈنمەي قالىمەن! سىلى قورقسىلا ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا ئېسىلىۋالسىلا! بولمىسا، مەن قايتىپ چىققىچە تۇرۇپ تۇرسىلا!
باينى ئېغىر خىجىلچىلىق بېسىپتۇ. >مالاينى ئاتلىق ئالدىمغا سالسام، مالاي سۇدىن ئۆتۈپ كېتىپ قالسا، ئاتتىنمۇ، جاندىنمۇ ئايرىلىمەن. ئەڭ ياخشىسى، ئۆزۈم ئاتلىق سۇغا چۈشسەم، ئات ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا مەن زىيان تارتمايمەن< دەپ ئويلاپ ئاخىرى:
- ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قويۇپ بەر. ئۇنى تۇتۇۋالساڭ ئات ماڭالمايدۇ، - دەپ، ئېتىنى سۇغا ساپتۇ، مالاي سۇ بويىدا، ئاخۇنۇمنىڭ سۇدىن ئۆتۈشىنى كۆزىتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئاخۇنۇم سۇنىڭ ئوتتۇرسىغا بارغاندا ئېتى سۇغا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. ئاخۇنۇم ئارقىسىغا قايرىلىپ قاراپ:
- ھاي مالاي، كەل! ئات چۆكۈپ كەتتى، مېنى قۇتقۇزۇۋال! بۇندىن كېيىن، مەن ھەر جاي، ھەر ماكاندا سېىڭ ئالدىڭدا ماڭماسلىققا قەسەم قىلاي، - دەپ يېلىنىپتۇ.
- ھاي تەقسىر، بۇرۇنمۇ بۇ دۇنيادا سىلى ھېچكىمنى ئالدىلىرىغا ئۆتكۈزمىگەن، ئەمدى ئۇ دۇنياغا بارىدىغان چاغدا مېنى ئالدىلىرىغا سېلىۋالسىلا ياخشى بولمايدۇ. ئۆزلىرى دەپ كېلىۋاتقان پىلسىرات كۆۋرۈكىدىنمۇ ئامان - ئېسەن ئۆتەلمەيلا، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېلىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىراق ئۇ دۇنياغا بېرىپ تۇرغانلىرى تۈزۈك. چۈنكى ئۇ يەردىكىلەرمۇ سىلىنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرماقتا! - دەپتۇ.
باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ جاۋاب قايتۇرغىچە بىر دولقۇن كېلىپ يۇتۇپ كېتىپتۇ.