UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقمەستانە كەمپىر

مەستانە كەمپىر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۈچ خوتۇنىنىڭ ھېچقايسىسى تۇغماس ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پادىشاھ بالىغا زارىكەن. ئۇ ھەر جۈمە كۈنىدە ۋەزىرلىرى بىلەن ئوۋغا چىقىپ كۆڭلىنى ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. لېكىن، ئۇۋغا چىقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك كۆڭۈللۈك بولسا، ئوۋدىن قايتىش شۇنچە كۆڭۈلسىز بولىدىكەن. چۈنكى، ھەر قاچان ئوۋغا چىققاندا تاغ -تاشلار، يەلپۈنۈپ تۇرغان گىياھلار، شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان تاغ سۇلىرى ۋە سايراپ تۇرغان تۈرلۈك قۇشلار ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچسا، ئوۋدىن قايتقان ۋاقىتتا ۋەزىرلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتىلىرىنى «دادا، دادا!» دەپ چاقىرىشلىرى، پادىشاھنىڭ ئالدىغا «دادا!» دەپ چىققۇدەك بالىسىنىڭ بولمىغانلىقى ئۇنىڭ يۈرەك باغىرىنى ئېزىدىكەن. شۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆيىگە كىرىدىكەن - دە، تاماقمۇ يىمەي، تالا - تۈزگىمۇ چىقماي يېتىۋالىدىكەن. كۈنلەردىن بىركۈنى پادىشاھ يەنە شۇنداق ئوۋدىن قايتقاندا، ۋەزىرىنىڭ ئالدىغا «دادا، دادا» دەپ يۈگۈرۈشۈپ چىققان بالىلارنى كۆرۈپ، يۈرەك باغىرى كاۋاپ بولۇپ ئۆيىگە كىرىپتۇ - دە، بىر ھەپتىگىچە ھېچ يەرگە چىقماي يېتىۋاپتۇ. بىر ھەپتىدىن بۇيان پادىشاھنى كۆرمىگەن دوست - يارەنلىرى: «پادىشاھى ئالەم بىر نەچچە كۈندىن بېرى كۆرۈنمەي قالدى، ئاغىرىپ - تارتىپ قالدىمىكىن، ئۇنى يوقلاپ كېلىلى» دەپ پادىشاھنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. قارىسا، پادىشاھ بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان. دوست - يارەنلىرىنى كۆرگەن پادىشاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ: _ كېلىڭلار دوستىلىرىم، كېلىڭلار! - دەپ تۆرىگە تەكلىپ قىلىپتۇ. دوستلار ئولتۇرۇپ تىنچ - ئامانلىق ، ھال - ئەھۋال سورىشىپتۇ. پادىشاھنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر ھەسرەت ئوتىنى كۆرگەن دوستلىرىدىن بىرى: _ پادىشاھى ئالەم، كەم دىدا ر بولۇپ قالىدىلا،چىرايلىرىمۇ ھەسرەتلىك كۆرىنىدۇ ياكى تاۋىلىرى قېچىپ قالدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. پادىشاھ بىر ئۇھ تارتىپتۇ - دە، ئۆزىنى قايغۇ ھەسرەتكە سالغان دەردىنى ئېيتىشقا باشلاپتۇ: _ ئىھ دوستلىرىم، ئۆزۈم پادىشاھمەن، تالاي - تالاي ئەل - يۇرت قول ئاسىتىمدا، دۆلىتىم - بايلىقىم ھەددى - ھېسابسىز، ھەر نېمە قىلسام ئەركىم ئۆزۈمدە، بۇ تەرەپتىن ئارمىنىم يوق. لېكىن، پەرزەنتسىزلىك مېنى ھەسرەتكە سالدى، يۈرەك - باغىرىمنى كاۋاپ قىلدى، - دەپتۇ. _ توغرا ئېيتتىلا، پادىشاھى ئالەم، پەرزەنت دېگەن ئاتا - ئانىنىڭ تۈگىمەس - پۈتمەس بەخت - دۆلىتى. پەرزەنتسىز ھاياتنىڭ لەززىتىمۇ، ھۇزۇرىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەل - يۇرتنى سوراپ تۇرغان، خۇسۇسەن، سىلىدەك بىر پادىشاھنىڭ پەرزەنت كۆرۈشى شەرت ، - دەپتۇ دوستىلىرىدىن يەنە بىرى. _ مەنمۇ ئەنە شۇ توغىرىدا ئويلايمەنۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۈۋىگە يېتەلمەيۋاتىمەن. بۇ توغرىدا دوست - يارەنلىرىم قانداق مەسلىھەت بېرىدىكىن؟ - دەپتۇ پادىشاھ دوستلىرىغا مۇراجەت قىلىپ. _ ئۇنداق بولسا، پادىشاھى ئالەم، بىزنىڭ سىلىگە بېرىدىغان مەسلىھەتىمىز شۇكى، سىلى يەنە خۇتۇن ئېلىشلىرى كېرەك. ئەنە شۇنىڭدىن ئارزۇ ئارمانلىرى ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، - دەپتۇ ئۈچىنچىسى. پادىشاھنىڭ دوستىلىرى بۇ مەسلىھەتنى ماقۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭ مەخسىتىگە يېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قايتىشىپتۇ. پادىشاھ شۇ كۈندىن باشلاپ شەھەر قىزلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىگە لايىق تاللاشقا باشلاپتۇ. بۇ شەھەردە كۆپ بالىلىق بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ ئايجامال دېگەن چىرايلىق بىر قىزى بار ئىكەن، پادىشاھ ئەنە شۇ قىزنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. پادىشاھ لەشكەر باشلىقلىرىدىن بىرىنى چاقىرىتىپ، شۇ قىزنى ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ. لېكىن، يېنىدا تۇرغان دوستلىرى: _ ھەي پادىشاھى ئالەم، قول ئاستىلىرىدىكى پۇقرالار ئىچىدىن كۆڭۈللىرىگە ياققان ھەرقانداق قىزنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆز ھۇزۇرىغا ئالالايدىلا. ئەمما، كۆڭۈللىرىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى پەرمان بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلىقنىڭ رەسىمىي يوسۇنى بويىچە ئەلچى ئارقىلىق قىلسىلا ئوبدان بولارمىكىن، - دېگەن مەسلىھەتنى بىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ماقۇل قىپتۇ، توي كۈنىنى بەلگىلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ئۆزلىرىىگە قاراشلىق بارلىق يۇرتنى چاقىرىپ، يەتتە كېچە - كۈندۈز چوڭ توي - مەرىكە قىلىپ، ئايجامالىنى ئاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلارئۆتۈپتۇ، ئايجامال ئېغىر ئاياغ بوپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ «مانا ئەمدى مەنمۇ پەرزەنتلىك بولىدىغان بولدۇم» دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئايجامالنى باشقا خوتۇنلىرىدىن ياخشى كۆرۈشكە، كۆپرەك ھۆرمەت قىلىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ خۇتۇنلىرىنىڭ تارلىقى بونىڭغا تارلىقى كېلىپ«خەپ توختا، سەن توقالىنىڭ بىر ئەدىپىنى بەرمىسەك» دەپ كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرۈپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن يەنە ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ. ئايجامالنىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سەزگەن پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى مەرەزلىك قىلىپ«ئەگەر بۇ تۇقال ئامان - ئېسەن تۇغۇپ قالسا، پادىشاھ پۈتۈنلەي ئۇنى ياخشى كۆرۈپ، بىزدىن كۆڭلى سۇۋۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تۇققان بالىسىنى پادىشاھنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ يوقىتىۋېتىش كېرەك» دېگەن پىكىرگە كىلىشىپتۇۋە بۇ قارا نىيەتلىرىنى ئورۇندا ئۈچۈن شۇ شەھەردىكى جادىگەر مەستان كەمپىرنى ياردىمگە چاقىرىپ: _ ۋاي موما، جان موما، كىشىنى ھاجىتىدىن چىقارسا ساۋاب بولىدۇ، دەيدىغان. شۇ تاپتا بىزنىڭ سىلىگە ناھايتى چوڭ بىر ئىشتىن ھاجىتىمىز چۈشتى، ئۇنى پەقەت ئۆزلىرىلا ئۇرۇنلىيالايدىلا. ھازىر توقالنىڭ تولغىقى تۇتۇپ ياتىدۇ، ئۇ تۇغقان چاغدا بىر ئامال قىلىپ بالىسىنى يوقىتىشنىڭ يولىنى قىلسىلا، بىز سېلىگە نېمىنى دىسىلە شۇنى بېرەيلى، - دەپ ئۆز نېيەتلىرىنى ئېيتىپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان جادىگەر مەستان كەمپىر بۇ ئىشنى ئۇرۇنلاپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، كۆپ ئالتۇن ئاپتۇ ۋە ئايجامالنىڭ تۇغۇشىغا ياردەم بېرىدىغان كىندىك ئانا سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ. ئايجامالنىڭ ۋاقتى - سائىتى يېتىپ، ئىككى كېزەك - بىر ئوغۇل، بىر قىز تۇغۇپتۇ. لېكىن ، بىرىنچى تۇغۇتتىلا ئىككى كېزەك تۇغقان ياش ئايجامال ئەس - ھوشىدىن كېتىپ ھېچ نەرسىنى بىلمەي يېتىپ قاپتۇ. بۇ، مەستان كەمپىرگە راسا ئوڭ كەپتۇ . ئۇ دەررۇ يىڭى تۇغۇلغان ئىككى كۈچۈك تېپىپ كەپتۇ - دە، ئايجامالنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ تۇغقان بالىلىرىنى دەرياغا تاشلىۋېش ئۈچۈن لاتىغا ئوراپ ئېلىپ كېتىپتۇ. دەرياغا يەتمەستىنلا مەستان كەمپىر ھېرىپ قاپتۇۋە «ئوۋۋاي، دەرياغا قاچان يېتىپ باراي، ئاۋارە بولۇپ يۈرگۈچە مۇشۇ يەرگە تاشلىۋەتمەيمەنمۇ» دەپ بىر قىرنىڭ كەينىگە تاشلاپ قويۇپ قايتىپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى قارا نىيەتلىرى ئورۇندالغىنىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، دەررۇ بىر خىزمەتكارىنى چاقىرىپ، ئۇنى: _ پادىشاھنىڭ زاتى پەس، گاداي توقىلى كۈچۈك تۇغدى، دەررۇ پادىشاھنىڭ ئوۋ قىلغان يۈرگەن يېرىگە ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ خەۋەر قىل، - دەپ بۇيرۇپتۇ. ھېلىقى خىزمەتكار «كۈچۈك تۇغدى» دېگەن سۆزگە ئىشەنگۈسىول كەلمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ خوتۇنى قىلغان ئەمىر بولغانلىقى ئۈچۈن، دەررۇ ئاتنى ئىگەرلەپ مىنىپتۇ - دە، چاپتۇرغانچە تاغقا قاراپ كېتىپتۇ. ئۇ، تاغمۇ تاغلارنى ئارىلاپ يۈرۈپ پادىشاھنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: _ ۋاي پادىشاھى ئالەم، مەن سىز گە چوڭ خۇتۇنلىرىڭىزنىڭ ئەمىرى بىلەم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، لېكىن ئېيتىشقا قورقىمەن، - دەپتۇ. _ قانداق خەۋەر، سۆزلە تېز! - دەپتۇ پادىشاھ. _ ئەگەر بىر قۇشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز ئېيتاي، پادىشاھى ئالەم، - دەپتۇ خىزمەتكار. پادىشاھ ئاڭلاشقا تاقەتسىزلىنىپ: _ خوپ، كەپتىم، ئېيتقىن، - دەپتۇ. _ ۋاي پادىشاھى ئالەم، كىچىك خوتۇنىڭىزنىڭ كۆزى يورۇپتۇ، تۇغقىنى ئادەم ئەمەس ئىككى كۈچۈك ئىكەن، بۇنى تېخى ھېچ كىمگە بىلدۈرمەپتۇ. چوڭ خوتۇنلىرىڭىز مېنى دەررۇ سىزگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى، - دەپتۇ خىزمەتكار. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ: «ئاھ، بۇ نېمە دېگەن رەسۋاچىلىق» دەپ پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ - دە، خىزمەتكارغا: _ ئاتنى قانداق چاپتۇرۇپ كەلگەن بولساڭ، شۇنداق چاپتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارغا ئېيت: توقالنىڭ چاچلىرىنى قىرقىپ، ئۇنى ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كاتەك ياساپ شۇنىڭغا سولاپ قويسۇن، كۈچۈكلىرى ئالدىدا تۇرسۇن، لېكىن بۇ ئىشلارنى باشقا ھېچكىم بىلمىسۇن، - دەپتۇ. ھېلىقى خىزمەتكار يەنە ئېتىنى قارا تەرگە چۈشكۈچە چاپتۇرۇپ قايتىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى ئىزھار قىلىپتۇ. پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى «مانا ئەمدى بىز مەخسىتىمىزگە يەتتۇق،پادىشاھ يەنىلا بىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولدى» دەپ، ئېغىلنىڭ بىر بۇلۇڭىغا بىر كاتەك ياسىتىپتۇ، ئايجامالنى چاچلىرىنى قىرقىپ، ئۇنىڭغا سولاپتۇ، ئالدىغا ھېلىقى كۈچۈكلەرنى تاشلاپتۇ. يېنىغا يۇندا تولدۇرۇلغان بىر يالاقنى قويۇپ قويۇپتۇ. ئايجامال ھوشىغا كىلىپ قارىسا، ئۆزى ئېغىلدىكى كاتەك ئىچىدە ياتقۇدەك، چاچلىرى قىرقىلغان، ئالدىدا ئىككى كۈچۈك، بىر يالاقتا يۇندا تۇرغان، ئۇ ۋەقەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ھاڭ - تاڭ بولۇپ، يىغلاپتۇ، قاقشاپتۇ، لېكىن ئىلاج قىلالماپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئايجامالنىڭ ماكانى كاتەك، غىزارى قالغان - قاتقان يۇندى بولۇپ قاپتۇ. مەستان كەمپىر تاشلىۋېتىپ كەلگەن بالىلارنى دەريادىن سۇ ئىچىپ كېلىۋاتقان بىر ئانا كېيىك كۆرۈپ قىلپ تاغقا ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە بىر غار تاشنىڭ ئۆڭكۈرىگە جايلاشتۇرۇپ ئۆز سۈتىنى ئەمگۈزۈپ بېقىشقا باشلاپتۇ. ئاي، كۈن ھەتتا يىللارمۇ ئۆتۈپتۇ. ئاكا - سىڭىل بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولۇپتۇ ۋە ئۆڭكۈردىن چىقىپ ئەتراپتا كۆڭۈل ئېچىپ ئويناشقا باشلاپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ شۇ تاغقا ئوۋ ئوۋلاپ بېرىپ قاپتۇ. پادىشاھ ھېچقانداق ئوۋ ھايۋاننى ئۇچرىتالماي ھېرىپ - ئېچىپ يۈرگەندە ئالدى تەرەپتىكى بىر قىزنىڭ كەينىدىن بىركىيىك چىقىپتۇ - دە، جىم قاراپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ«ھە، مانا، ئەمدى خۇدايىم بەردى»دەپ ئوقياسىنى تەڭلىشىگە ھېلىقى كىيىك لىپ ئېتىپ قېچىپتۇ. نېرىراق بېرىپ يەنە قاراپ تۇرۇپتۇ. پادىشاھ پايپاسلاپ يېقىنراق بارسا، يەنە نېرىراق قېچىپ بېرىپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ئەنە ئاتىمەن، مانا ئاتىمەن دەپ كىيىكنى ئەگىشىپ خېلى يەرگە كېتىپ قاپتۇ. كىيىك پادىشاھنى مېلىكە قىلىپ ھېلىقى ئويناپ يۈرگەن ئىككى بالىنىڭ يېنىغا ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ - دە، ئۆزى بىرقىردىن ئېشىپ غايىپ بوپتۇ. بۇ ئەنە شۇ بالىلارنى بېقىپ يۈرگەن كىيىك ئىكەن. بالىلار پادىشاھنى كۆرۈش بىلەنلا قېچىپتۇ. پادىشاھ بولسا«ئاھ، خۇدايىم، شۇ تاغۇ - چۆللەرگە بەرگەن بالىنى ماڭا نېمىشقا بەرمەيسەن؟» دەپ يەنە دەردكە تۇلۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئۆيىگە كەلگەندە غىزامۇ يېمەستىن، خوتۇنلىرى بىلەن گەپلەشمەستىن، خاپا بىر ھالدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئەتىسىمۇ پادىشاھنىڭ شۇنداق خاپا بىر ھالدا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن خوتۇنلىرى: _ ئىككى كۈندىن بويان باش كۆتۈرمەي خىيالغا چۆكۈپ كەتتىلىغۇ ياكى بىرەر نەرسىدىن خاپا بولدىلىمۇ؟ - سورىشىپتۇ. _ ھەي خوتۇنلار، چۆل - باياۋانلارغا بەرگەن بالىنى ماڭا بەرسە بولماسمىدى . خۇدايىم! - دەپ ئۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ئوۋغا چىققاندا كۆرگەن بالىلار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان خوتۇنلىرى ئىچىدە«ئاھ، ھېلىقى بالىلارمىكىن، قانداق تەقدىر بىلەن ئۆلمەي ھايات قالدىكىن؟ ئەمدى سىرىمىز ئېچىلىپ قالمىسا بولاتتىغۇ» دەپ ئويلاپتۇ. شۇچاغدا چوڭ خوتۇنى: _ قويسىلا ، يوقلا نەرسىگە كۆڭۈللىرىنى بۇزۇپ، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا. خۇدايىمنىڭ ۋاقتى - كۈنى كۆپ، سىلىمۇ پەرزەنتلىك بولۇپ قالالا، - دەپ پادىشاھنىڭ كۆڭلىنى ياساپتۇ. بۇ خوتۇنلارپادىشاھتىن خالىي بىر يەرگە توپلىنىپ ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپتۇ بۇلارنىڭ بىرى: _ پادىشاھنىڭ كۆرۈپ كەلگىنى تەقىق شۇ بالىلار بولسا كېرەك، ئۇلار بولمىسا، چۆل - باياۋاندا نېمە قىلىپ يۈرگەن بالىلار ئۇ، - دەپتۇ. ئىككىنچىسى: _ ئەگەر شۇلار بولسا بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سىرىمىز ئېچىلىپ قالىدۇ، چۈنكى پادىشاھ ئوۋغا چىققاندا ئۇلارنى يەنە كۆرۈشى مۇمكىن - دەپتۇ. ئۈچىنچىسى بولسا: _ ھەر ئېھتىمالغا قارشى، سىرىمىز ئېچىلىپ قالغۇچە ئۇلارنى يوقىتىش كېرەك،شۇڭا يەنە مەستان كەمپىرنى شۇ تاغقا ئەۋەتىپ شۇ بالىلارنى ئۆلتۈرگۈزۈۋىتەيلى، - دەپتۇ. بۇلار شۇ مەسلىھەت بىلەن مەستان كەمپىرنى چاقىرىپ كېلىپ: _ سادىغىڭىز بولايلى موما، بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز چالا قالغانىكەن، سىلى تاشلاپ كەلگەن بالىلار نېمە سەۋەپتىندۇر ئۆلمەستىن، تاغدا ئويناپ يۈرۈپتۇدەك. پادىشاھ ئوۋغا بېرىپ كۆرۈپتۇدەك. ئىككى كۈندىن بېرى خاپا، شۇلارنى خىيال قىلىپ، باش كۆتۈرمەي ئولتۇرىدۇ. يەنە ئوۋغا چىققاندا ئۇ بالىلارنى يەنەكۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەردە سىرىمىز ئېچىلىپ قالسا، بىزنىڭمۇ، سىلىنىڭمۇ جېنىمىز تىنىمىزدىن جۇدا بولىدۇ. شۇڭا ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىر ئىلاجىنى قىلايلى. سىلى تاغقا چىقىپ شۇ بالىلارنى تېپىپ، ئۇجۇقتۇرۇپ كەلسىلە، ئېتەكلىرىنى توستۇرۇپ ئالتۇن، يامبۇ بېرىمىز، - دەپتۇ. مەستان كەمپىر «خوپ» دەپ ئېتىكىنى توشتۇرۇپ ئالتۇن - يامبۇلارنى ئاپتۇ - دە، ئۆيىگە بېرىپ بىر بۇلۇڭغا كۆمۈپتۇ، كېيىن تاغقا راۋان بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمىگەن مەستان كەمپىر تاغمۇ - تاغلارنى ئېشىپ، قىرمۇ - قىرلاردىن ئۆتۈپ، سايمۇ - سايلارنى كېزىپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى تىكەنلەر گە ئېلىنىپ، تەنلىرى تىلىنىپ كېتىپتۇ. ئاياغ كىيىملىرى يىرتىلىپ پۇتلىرىغا تىكەن كىرىپ، تاپانلىرى تېشىلىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئېگىز ھاڭ تاشلارنى ئارىلاپ كېتىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئويناپ يۈرگەن بىر قىزنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، «ھە، مانا تاپتىم» قىزغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. لېكىن قىزمۇ بۇ موماينى كۆرۈپ، ئۆڭكۈرگە قېچىپ كىرىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئېتىۋاپتۇ. قىزنى قوغلاپ ئۆڭكۈرگە كىرەلمىگەن موماي ئۇنىڭ ئاغىزىن ئېچىشقا قانچە ئورۇنۇپ كۆرۈپتۇ، زادىلا ئاچالمىغاندىن كېيىن: _ ھاي قىزىم، ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى ئاچ، بۇياققا چىققىن، مەن ساڭا تاتلىق ئېلىپ كەلدىم، مە، ئال، - دەپ ئالداپ بېقىپتۇ. لېكىن، قىز ئاكىسىنىڭ ئوۋغا چىقىپ كىتىش ئالدىدا: «بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ ئۆڭكۈرگە قېچىپ كىرىپ، ئاغزىنى ئېتىۋال، ئالدىسا ئىشەنمە، ئۆڭكۈرنى زادى ئاچما» دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ، مەستان كەمپىرگە ئالدانماپتۇ ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: _ نەدىن كەلگەن بولسىلا شۇياققا كەتسىلە، موما. ھازىر ئاكام ئوۋدىن قايتىپ كەلسە سېلىنى تىرىك قويمايدۇ، - دەپتۇ. مەستان كەمپىر ئۆزىچە،«راست بونىڭ ئاكىسى چوڭ بولۇپ قالغاندۇ، مەن بولسام قېرىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ ھالۇ - دەرمانىمدىن كەتتىم، يەنە ئۆلۈكۈم مۇشۇ چۆل باياۋانلاردا قېلىپ قالمىسۇن» دەپ ئويلاپتۇ - دە، بۇلارنى باشقا يول بىلەن - دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. _ قىزىم، بولمىسا سەن ماڭا قۇلاق سال! مۇشۇ تاغنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە ئۈچ كۈنلۈك يولدا ، بىر بۇلاقنىڭ بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بار. ئاكاڭ ئەنە شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكسە كارامەت يەل - يېمىشلىك بىر باغ بولىدۇ. ئاكاڭ كەلگەندە ئەنە شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىشنى ئېيتىقىن، ئۇنىمىسا يىغلاپ تۇرۇۋالغىن. ئەگەر ئاكاڭ كىمىدىن ئاڭلىدىڭ دېسە، چۈشۈمدە كۆردۈم دېگىن ، - دەپتۇ - دە، ئۆزى قايتىپ كېتىپتۇ. خېلىدىن كېيىن قىزنىڭ ئاكىسى قايتىپتۇ. ئاخشىمى ئاكا - سىڭىل ئىككىسى گەپلىشىپ ئولتۇرغاندا سىڭلىسى: _ ئاكا، مۇشۇ تاغنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە ئۈچ كۈنلۈك يولدا بىر بۇلاق بارىكەن، ئۇ بۇلاقنىڭ بويىدا بىر تۈپ دەرەخ بارىكەن. ئەگەر شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكسە، دۇنيادىكى تۈرلۈك - تۈمەن يەل - يېمىشلەرنىڭ ھەممىسى بار بىر باغ بولغۇدەك. جىنىم ئاكا، ئەنە شۇنىڭ شېخىدىن ئېلىپ كىلىپ تىكىپ بەرسىڭىزچۇ، - دەپتۇ. سىڭلىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئاكىسى: _ قوي، بۇنداق بولمىغۇر گەپنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟ - دەپتۇ. سىڭلىسى بولسا: _ چۈشۈمدە كۆردۈم، جېنىم ئاكا، مېنى سىڭلىم دېسىڭىز، ياق دېمەيسىز، - دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋاپتۇ. سىڭلىسىنىڭ تەلىپىنى قىيالماستىن، ئاكىسى «خوپ» دەپتۇ ۋە ئەتىسى يولغا راۋان بوپتۇ. ئارىدىن بىر يېرىم كۈن ئۆتۈپ يولنىڭ تەڭ يېرىمىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئالدىدىن ئاپئاقساقاللىق ۋە ئۇزۇن ھاسا تايانغان بىر بوۋاي چىقىپ قاپتۇ. بالا سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا، بوۋاي بالىنى توختىتىپ: _ يول بولسۇن بالام، نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا شۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى بۇلاق بويىدىن دەرەخ شېخى ئېلىپ كېلىشكە كېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. _ ھەي، بالام، خەتەرلىك سەپەرگە چىقىپسەن. خەير، مەيلى، «يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن قايتماس» دېگەندەك، شۇنچە يول بېسىپ كەپسەن، ئەمدى بارىۋەرگىن. لېكىن، بالام، قۇلىقىڭدا تۇتقىنكى: سەن دېگەن ئۇ دەرەخ دېۋىلەرنىڭ ماكانىدا. ئۇ يەر دىۋىلەردىن كىچە - كۈندۈز خالىي بولمايدۇ. ئۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئالماقچى بولۇپ بارغان قانچە - قانچە ئادەملەر دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن. سەن يەنە بىر يېرىم كۈندىن كېيىن يېتىپ بارىسەن، يېتىپ بارغاندىن كېيىن يىراق بىر يەردە مۆكۈپ تۇرغىن. كۈن چۈش بۇلۇپ تازا قىزىغان چاغدا دىۋىلەرنىڭ ھەممىسى چۈشلۈك غىزاغا كېرىپ كىتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا شاختىن سۇندۇرۇپ قاچ. ئەگەر دىۋىلەرتۇيۇپ قېلىپ قوغلاپ چىققۇدەك بولسا، كەينىڭگە قارىماستىن قاچىۋەرگىن. ئالتۇن بېرىمەن دېسىمۇ، يامبۇ بېرىمەن دېسىمۇ، يالۋۇرسىمۇ، دوق قىلسىمۇ كەينىڭگە قارىماي قاچ. كەينىڭگە قارىساڭ تۇتۇلىسەن، قارىمىساڭ قۇتۇلىسەن. ئاق يول بولسۇن، ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، مەقسىتىڭگە يەت بالام. ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ بوۋاي ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ساقلىنى سىلاپتۇ - دە، كېتىپتۇ. بالا: _ ئېيتقانلىرىڭ كەلسۇن، ئاتا! - دەپ ئۆز يولىغا قاراپ كېتىپتۇ. ئارىدىن بىر يېرىم كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كەڭ بىر سايغا يېتىپ كەپتۇ. قارىسا ساينىڭ ئىچى ئاپئاق ئۇستىخانلارغا تۇلۇپ كېتىپتۇ. بۇلار شۇ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئېلىشقا كىلىپ دىۋىلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ ئۇسىتىخانلىرى ئىكەن. ساينىڭ ئۇ قاپتىلىدا پارقىراپ ئېقىپ تۇرغان بىر بۇلاق، ئۇنىڭ بويىدا يوغان،بۈك، ياپيېشىل بىر تۈپ دەرەخ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈرگەن نۇرغۇن دىۋىلەر كۆرۈنۈپتۇ. بالا: «مەن ئىزلەپ كەلگەن دەرەخ شۇ بولسا كېرەك» دەپ، ھېلىقى بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپتۇ - دە، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۇشۇنۇپ يېتىپتۇ. كۈن چۈش بولغاندا تاغ - تاشلارنى تىترىتىپ قاتتىق جاراڭلىغان بىر ئاۋاز چىقىپتۇ - دە، ئۇياق - بۇياقتىن دىۋىلەر كىلىپ بىر تۈشۈككە كىرىپ كېتىپتۇ. تاشقىرىدا ھېچكىم قالماي جىمجىتلىق باسقاندا - بالا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ - دە، بىر تال شېخىنى سۇندۇرۇپ قېچىپتۇ، لېكىن سەزگۈر دېۋىلەر شاخنىڭ «چارس» قىلىپ سۇنغانلىقىنى ئاڭلاپ چىقىپ بالىنى قوغلاپتۇ. _ ھاي، ئادەمزات، توختا! مە ساڭا ئالتۇن، مە ساڭا يامبۇ، توختا! ھېچبولمىسا كەينىڭگە بىر قارا، - دەپ دىۋىلەر قوغلاپ مېڭىپتۇ، ئالداپ بېقىپتۇ، دوق قىلىپ بېقىپتۇ، لېكىن بالا توختىماي ۋە كەينىگىمۇ قارىماي قېچىپ قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. بالا ئۇياققا ئۈچ كۈن، بۇياققا ئۈچ كۈن - ئالتە كۈن يول مېڭىپ، يەتتىنچى كۈنى ئۆز ئۆڭكۈرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئاخشىمى ئاكا - سىڭىل ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، شاخنى بىر تۈزلەڭلىككە تىكىپتۇ. ئەتىسى ئۆڭكۈردىن چىقىپ قارىسا، شاخ تىكىلگەن تۈزلەڭدە شۇنداق بىر باغۇ - بوستان پەيدا بولۇپتۇكى، خىلمۇ - خىل يەليېمىشلەر پىشىپ تۇرغان، رەڭمۇ رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆلدە بېلىقلار ئۈزۈشۈپ ئويناپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن ئاكا - سىڭىل ئىككىسى باغدا خۇشال سەيلە قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ يەنە شۇ تاغقا ئوۋغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا يەنە ھېلىقى كىيىك پەيدا بوپتۇ - دە، بۇرۇنقىدەك قاراپ تۇرۇپتۇ، يەنە ئاتاي دېسە، يەنە نېرىراق قېچىپ بېرىپ پادىشاھنى ھېلىقى باغقا ئەگەشتۈرۈپ بېرىپتۇ - دە، ئۆزى غايىب بوپتۇ. ئاكىسى ئوۋغا كېتىپ، سىڭلىسى باغدا ئويناپ يۈرگەنىكەن. قىز پادىشاھنى كۆرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ يەنە خاپا بولۇپ قايتتىپتۇ. پادىشاھنىڭ خاپا بولۇپ قايتقانلىقنى كۆرگەن يەنە ھال سوراپتۇ. ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بالىلارنىڭ تېخىچىلا بارئىكەنلىكىنى بىلگەن پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى دەررۇ مەستان كەمپىرگە نۇرغۇن ئالتۇنلارنى بېرىپ، ئۇنى يەنە ئەۋەتىپتۇ. بالىلارنىڭ تېخىچىلا بار ئىكەنلىكىنى بىلگەن پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرى دەررۇ مەستان كەمپىرگە نۇرغۇن ئالتۇنلارنى بېرىپ، ئۇنى يەنە ئەۋەتىپتۇ. مەستان كەمپىر بۇ قېتىم ئۆزى كۆرگەن يول بىلەن توپ - توغرا ھېلىقى ئۆڭكۈرگە كەپتۇ. لېكىن ئۆڭكۈرگە كىرىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، ئاكىسىنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر يەردە ماراپ يېتىپتۇ. قىزنىڭ ئاكىسى خۇددى شۇ كۈنى ئوۋغا كېتىپ، سىڭلىسى يالغۇز قالغانىكەن. قىز مەستان كەمپىرنى كۆرۈپ قېلىپ ئۆڭكۈرگە كىرىپ كېتىپتۇ - دە، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋاپتۇ. بۇنىڭدىن ئاكىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۆڭكۈرگە كېلىپ، ئۇنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈپتۇ، لېكىن ئاغزىغا تۇسالغان ئېغىر تاشلارنى كۆتۈرۈشكە كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن: _ قىزىم، ئۆڭكۈرنى ئاچ، مانا ساڭا ياخشى كىيىملەر ۋە ئالتۇن ئۆزۈكلەرنى ئېلىپ كەلدىم ، - دەپ قىزنى ئالداپ كۆرۈپتۇ. قىز ئۇنىڭ ئالدىغىنىغا كۆنمەپتۇ ۋە ئۆڭكۈرنى ئاچماپتۇ. _ ماڭا سىلىنىڭ ھېچنېمىلىرى كېرەك ئەمەس، قاياقتىن كەلگەن بولسىلا شۇياققا كەتسىلە. بولمىسا ھازىر ئاكامنىڭ كىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۇكېلىپ قالسا، سېلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ، - دەپ ۋارقىراپتۇ. ھەرقانداق ئالداشلار بېلەن قىزنى ئۆڭكۈردىن چىقرالمىغان ۋە چىقىرىشقا كۆزى يەتمىگەن مەستان كەمپىر ئىلاجسىز ،ئۇلارنى باشقا يول بىلەن ئۆلتۈرۈش پىكرىگە كەپتۇ - دە: _ قىزىم، مېنىڭ ئېيتقان سۆزۈم راستمىكەن؟ مەن دېگەن دەرەخنىڭ شېخنى ئەكىلىپ تىكىپسىلەركەن، ياخشى باغۇ - بوستانلىق بولۇپ قاپسىلەر. ئەمدى بىر مەسلىھەت بېرەي، ئاڭلىغىن: مۇشۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە، ئۈچ كۈنلۈك يولدا بىر ئۆڭكۈر بار. ئەنە شۇ ئۆڭكۈردە ھۈرلىقاخان دېگەن بىر قىز ياشايدۇ. ئاكاڭ كەلگەندە، ئەنە شۇ قىزنى ئەكىلىپ بېرىڭ ، دەپ سورىغىن، دەپ سورىغىن ، ئۇنىمىسا، يىغلاپ تۇرىۋال. ئەگەر كىمدىن ئاڭلىدىڭ دېسە، چۈشۈمدە كۆردۈم دېگىن. ئەگەرئۇ قىزنى ئېلىپ كەلسەڭلار، ساڭا ھەدە بولىدۇ، ئاڭاڭ بىر ياقلارغا كەتكەندە، سەن زېرىكىپ قالمايسەن. ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا ئىككى تال كەمپۈت قويۇپ كېتىمەن: ئاڭاڭ كەلگەندە ئىككىڭلار يەڭلار، - دەپ ئوغا سېپىلگەن ئىككى تال كەمپۈتنى ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۆزى قايتىپ كېتىپتۇ. شۇ ئارىدا بۇ بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھېلىقى كىيىك يۈگۈرۈپ كەپتۇ - دە، كەمپۈتلەرنى ئېلىپ، ئۇزاق بىر دەرياغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىپتۇ. بىر ۋاقتىلاردىن كېيىن قىزنىڭ ئاكىسى كەپتۇ. ئاكا - سىڭىل ئاخشىمى گەپىلىشىپ ئولتۇرغاندا، سىڭلىسى: _ ئاكا، مۇشۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە بىر ئۆڭكۈر بار ئىكەن، شۇ ئۆڭكۈردە ھۆرلىقاخان دېگەن بىر قىز ياشايدىكەن. ئەنە شۇ قىزنى ئەكەلسىڭىز. ماڭا ھەدە بولاتتى، سىز ئوۋغا كەتكەن چاغلاردا مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ - كۈلۈپ، زېرىكمەي يۈرەتتىم، بولمىسا ناھايىتى زىرىكىپ كېتىدىكەنمەن، - دەپتۇ. _ بۇنى كىمدىن ئاڭلىدىڭ ؟ بولمىغان گەپلەرنى قويساڭچۇ، سىڭلىم، - دەپتۇئاكىسى. _ چۈشۈمدە كۆردۈم، ئاكا، - دەپتۇ سىڭلىسى. _ ئۇنداق نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلما، سىڭلىم، - دەپتۇ ئاكىسى. _ ئەنىغۇ، دەرەخنىڭ شېخېنى ئەكىلىپ تىكىۋىدۇق قانداق ياخشى باغۇ - بوستانلىق بولۇپ قالدۇق. ئەمدى ھەدىلىك بولۇپ قالساق، نېمە بولاتتى ؟ - دەپتۇ سىڭلىسى. _ ھەي، سىڭلىم، ئۇ دەرەخنىڭ شېخىنى ئېلىپ كەلگۈچە ئېغىر خەتەرلەرگە يولۇقتۇم، ئۇنى سەن بىلمەيسەن، ئۆلۈكۈم دىۋىلەرنىڭ قولىدا قېلىشقا ئاز قالدى. قوي، سىڭلىم، بۇ ئارزۇيوڭنى تاشلا! دەپتۇ ئاكىسى. _ ئەگەر مېنى سىڭلىم دېسىڭىز، شۇ قىزنى ئەكىلىپ بېرىڭ، - دەپ يىغلاپ تۇرۇۋاپتۇ سىڭلىسى. ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قىيالماستىن، يەنە « خوپ » دەپتۇ ۋە ئەتىسى يولغا چىقىپتۇ. ئۇماڭا - ماڭا بىر يېرىم كۈن ئۆتكەندە، يەنە ئۇنىڭغا ئۇزۇن ھاسا تايانغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي يولۇقۇپتۇ. _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتا، - دەپ سالام بېرىپتۇ بالا. _ ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، بالام، يول بولسۇن؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي. _ مۇشۇ تاغىنىڭ ئۆڭكۈرىدە ھۆرلىقاخان دېگەن بىر قىز بارمىش، مەن شۇ قىزنى ئالغىلى كېتىپ بارىمە، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بالا. _ يامان يولغا مېڭىپسەن، بالام، ئۇ قىزنى ئالىمەن دەپ تالاي تالاي- ئادەملەر تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن. مەيلى بالام، يولغا چىققاندىن كېيىن يولۇڭدىن قايتما. لېكىن، مېنىڭ سۆزلىرىمنى قۇلىقىڭدا مەھكەم تۇت. يەنە يېرىم كۈن ماڭغاندىن كېيىن ئۆڭكۈرگە يېتىپ بارىسەن. ئۆڭكۈرنىڭ ئاغىزىدا تۇرۇپ:«ھۈرلىقاخان!» دەپ ۋارقىراپلا جىم تۇرۇۋال. بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە شۇنداق ۋارقىرىغىن - دە، جىمجىت تۇرۇۋال. ئۈچىنچى قېتىم يەنە ۋارقىراپ، يەنە جىمجىت تۇرۇۋال. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆڭكۈر ئىچىدىن «ۋارقىرا، ۋارقىرا، ۋارقىرا» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، لېكىن سەن زادىلا ۋارقىرىمىغىن. كېيىن ئۇقىز ساڭا قارىماقچى بولۇپ ئۆڭكۈردىن چىقىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇۋالغىن . ئاق يول بولسۇن، ئىشىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن بالام، ئامىن ئاللاھۇئەكبەر، - دەپ بوۋاي ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ساقىلىنى سىلاپتۇ- دە، كېتىپتۇ. بالا يولىنى داۋام قىپتۇ. ئارىدىن بىر يېرىن كۈن ئۆتۈپتۇ. بىر يەرلەرگە كېلىپ قارىسا، ئادەمگە ئوخشىشىدىغان نۇرغۇن تاشلار تۇرغان. بۇلانىڭ ھەممىسى ھۈرلىقاخاننى ئالىمىز دەپ كېلىپ تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەن. بالا ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ھۈرلىقاخان»! دەپ ۋارقىراپتۇ، بىردەم تۇرغاندىن كېيىن «ھۆرلىقاخان!»دەپ يەنە ۋارقىراپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ۋارقىراپ، جىمجىت تۇرىۋاپتۇ. بىر ۋاقتىلاردىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىن: «ۋارقىرا، ۋارقىرا، ۋارقىرا، ۋارقىرا!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، لېكىن بالا بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى ئەسلەپ زادىلا ۋارقىرىماپتۇ. شۇندىن كېيىن ھۆرلىقاخان: «مېنىڭ سېرىمنى بىلىدىغان بۇ قانداق ئادەمزات » دەپ ئۆڭكۈردىن چىقىشى بىلەنلا، بالا ئۇنىڭ بىلىكىدىن مەھكەم تۇتۇۋاپتۇ. شۇ چاغدا قىز: _ مەقسىتىڭنى ئېيتقىن، ساڭا نېمە كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ. بالا ئۆزىنىڭ مەقسەرلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھۈرلىقاخان رازىلىق بىلدۈرۈپ بالا بىلەن مېڭىپتۇ. شۇ ئارىدا تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يەنە ئەسلىگە كەپتۇ- دە، بالىغا نۇرغۇن رەھمەتلەرنى ئېيتىپ ئۆز يۇرتلىرىغا راۋان بولۇپتۇ. بالا ھۈرلىقاخاننى ئۆزى تۇرغان ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئۈچى ئويناپ - كۈلۈپ ياشاشقا باشلاپتۇ. كۈنلەردىن بىر كۈنى پادىشاھ يەنە ئوۋغا چىقىپ، شۇ تاغدا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەندە ئالدىدىن يەنە ھېلىقى كىيىك چىقىپتۇ. يەنە ئۆتكەنكى قېتىملاردىكىدەك پادىشاھنى مېلىكە قىلىپ، ھېلىقى باغقا ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ - دە، سەيلە قىلىپ يۈرگەن بالىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاپتۇ. پادىشاھ باغقا كېرىپ قارىسا، ئىككى قىز ۋە بىر ئوغۇل ئويناپ يۈرگەن، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كىيىك تۇرغان بۇلارنى كۆرگەن پادىشاھ ھەيران بولۇپ ئاتتىن چۈشۈپتۇ - دە، ئۇنى بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، ئۆزى بالىلار تەرەپكە قاراپ كەپتۇ. بالىلار يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بېرىپتۇ ۋە ئۇنى ھۈرمەت بىلەن كۈتىۋېلىپ باغنىڭ ئەڭ ياخشى جايىغا - گۈللەرنىڭ ئارىسىغا جاي تەييارلاپ ئولتۇرغۇزۇپتۇ. ھۈرلىقاخان تۈرلۈك - تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاپ، خىلمۇ - خىل يەل - يېمىشلەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ، ئۇنى ياخشى مىھمان قىپتۇ. ئاتا - بالىلار بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بىر داستىخاندا تائام يەپ تۇرسىمۇ، ئاتىسى بالىسىنى، يە بالىسى ئاتىسىنى تۇنۇماپتۇ. پادىشاھ بۇ يەردە پۈتۈن بىركۈن مىھمان بولۇپ، باغنى ئايلىنىپ راسا تاماش قىپتۇ، ئاندىن ئۇلارنى كېلەر جۈمە كۈنىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ قايتىپتۇ. ھۈرلىقاخان پادىشاھنىڭ خورجۇنىغا ھەر تۈرلۈك يەل - يېمىش ۋە سۈرلەنگەن گۆشلەردىن توشقۇزۇپ سېلىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئېلىپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك يەل - يېمىش ۋە سۈرلەنگەن گۆشلەرنى كۆرگەن خوتۇنلىرى ھەيران بولۇپتۇ، ئۇلاردىن بىرى: _ بۇ يەل - يېمىش ۋە سۈر گۆشلەرنى نەدىن ئەكەلدىلە؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ھەي خوتۇن، ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر تاغ پادىشاھنىڭ بېغىغا توغرا كېلىپ قالدىم. ئۇلار مېنى راسا مېھمان قىلىدى، بۇ نەرسىلەرنى شۇلار بەردى. مەن ئۇلارنى جۈمە كۈنىگە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ياخشىراق تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار، - دەپتۇ پادىشاھ. خوتۇنلار شۇ كۈندىن باشلاپ تەييارلىققا كىرىشىپتۇ. جۈمە كۈنى پادىشاھ پۈتۈن لەشكەرباشلىقلىرىنى چاقىرىپ: _ تەختىمىدىن تارتىپ تاغنىڭ ئېتىكىگىچە - يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە لەشكەرلەرنى قاتار قىلىپ تىزىڭلار. بۈگۈن تاغ پادىشاھى مېھماندارچىلىققا كېلىدۇ، - دەپ بۇيرۇق بېرىپتۇ. لەشكەر باشلىقلىرى پادىشاھىنىڭ ئېيتقىنىدەك، لەشكەرلىرىنى تەخىتنىڭ يېنىدىن تارتىپ تاغنىڭ ئېتىكىگە يەتكۈچە يولنىڭ ئىككى چېتىگە قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرلىرىنى ئېلىپ، مېھمانلارنى قارشى ئېلىشقا يۇلغا چىقىپتۇ. بىر ۋاقتىلاردىن كېيىن ئاكا - سىڭىل ، ھۈرلىقاخان ۋە كىيىك تاغدىن چۈشۈشكە باشلاپتۇ. پادىشاھ بۇلارنى قارشى ئېلىپ ئۆيىگە باشلاپ كەپتۇ - دە، ئۈچ - كېچە كۈندۈز تاماشا قىلىپ بىرىپتۇ، شەھەرلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپتۇ. كېيىن گەپلىشىپ ئولتۇرۇپ ، پادىشاھ ھۆرلىقاخانغا: _ بۇ بالىلار كىمىنىڭ بالىلىرى؟ - دەپ سوئال بېرىپتۇ. _ بۇ بالىلار ئەنە شۇ كىيىكنىڭ بالىلىرى، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. ھۈرلىقاخاننىڭ بەرگەن جاۋابىغا ھەيران قالغان پادىشاھ. _ بۇ قىزىق گەپقۇ، كىيىكمۇ ئادەم تۇغامدىكەن؟ - دەپ ئەجەپلىنىلىنپتۇ. ئەگەر ئادەم كۈچۈك تۇغقان تەقدىردە، كىيىك ئادەم تۇغالمامدىكەن؟ - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ پادىشاھ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپتۇ - دە، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، خوتۇنلىرىغا قاراپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنلىرى سىرنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۈن - سۆز قىلماپتۇ. چوڭ خوتۇنى گەپنى بۇراپ: _ مېھمانلار ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىپ قالدىمىكىن، تاماشا قىلدۇرسىلىچۇ؟ - دەپتۇ. پادىشاھ مېھمانلارغا قاراپ: _ كۆڭلۈڭلار نېمىنى خالايدۇ، مىھمانلار؟ خىزمىتىڭلار ئۈچۈن تەييارمەن، - دەپتۇ. _ ئەگەر پادىشاھى ئالەمگە مالال كەلمىسە، شۇ شەھەر خەلقىڭىزنىڭ چوڭىدىن - كىچىكىگىچە ئەر - ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى بىر كۆرسەك دېگەن تىلىكىمىز بار ئىدى، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. _ جېنىم بىلەن مېھمانلار، قانداق قىلىپ كۆرۈشنى خالايسىلەر؟ھەر بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كۆرسىتەيمۇياكى ھەممىسىنى بىر يەر گە توپلاپ كۆرسىتەيمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. _ ئۆيمۇ ئۆي كىرىشكە ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى شۇ ساراي دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزسىلە بىز شۇ دەرۋاز ئالدىدا تۇرۇپ كۆرسەك دەيمىز، - دەپتۇ ھۈرلىقاخان. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە: _ بۈگۈن شەھەرنىڭ بارلىق خەلقى ساراي دەرۋازىسى ئۆتسۇن، - دەپ بۇيرۇ بېرىپتۇ. ۋەزىرلەر قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ بۇيرۇق شەھەرنىڭ چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال ھەممىسىگە يېتىپتۇ. كۈن چۈشتىن ئۆتۈپ پېشىن بولغاندا پادىشاھ مىھمانلار بىلەن دەرۋازىغا چىقىپتۇ. ھۈرلىقاخان ئوغۇلىنى دەرۋازىنىڭ بىر تەرىپىگە، قىزنى ئىككىنىچى تەرىپىگە قويۇپ، ئۆزى كىيىك بىلەن بىر چەتتە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئانچە ئۆتمەي يىڭى كىيىمىلىرىنى كىيىشكەن شەھەر خەلقى توپ - توپ بولۇپ دەرۋازىدىن ئۆتۈپتۇ. ھېچكىم قالمىغاندىن كېيىن ھۈرلىقاخان پادىشاھقا قاراپ : _ پادىشاھى ئالەم، مېنىڭچە ھەممە ئادەم ئۆتمىگەندەك قىلىدۇ، بىرەت بۇلۇڭ - پۇشقاقتا قېلىپ قالغان كىشىلەردىن يوقتۇ؟ - دەپتۇ. پادىشاھ لەشكەر باشلىقىرىغا قاراپ: _ ھەر بىر ئۆيگە بىردىن ئەسكەر ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭلار، قالغان كىشىلەر بولسا دەررۇ دەرۋازا ئالدىدىن ئۆتسۇن، - دەپ بۇيرۇپتۇ. لەشكەر باشلىقلىرى لەشكەرلەرىنى ئۆيمۇ - ئۆي ئىزدىتىپتۇ، شۇ چاغدا ئېغىلدىكى كاتەكتە سولاقلىق تۇرغان بىر خوتۇننىڭ دەرۋازىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى خەۋەر قىپتۇ. _ مەيلى، ئۇمۇ ئۆتسۇن، ئادەم بالىسى ئەمەسمۇ. مېھمانلار ئۇنىمۇ كۆرسۇن، - دەپتۇ پادىشاھ. بىر ۋاقىتتىن كېيىن چاچلىرى ئۆسۈپ، چىرايى ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن بىر خوتۇننى ئىككى كۆزەتچى ھەيدەپ كەپتۇ. ئۇ خوتۇن دەرۋازىغا يېقىن كېلىشى بىلەنلا بىر ئەمچىكىنىڭ سۈتى ئوغلىنىڭ، يەنە بىرئەمچىكىنىڭ سۈتى قىزىنىڭ ئاغزىغا تىرىلداپ ئېتىلىپتۇ. ئەنە شۇ چاغدا ھۈرلىقاخان كۆپچىلىككە قاراپ: _ ئانىنى بالا، بالىنى ئانا بىلەن ۋە ئاتىنى بالا، بالىنى ئاتا بىلەن تېپىشتۇردۇم. ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ، ئەيىپسىز ئانىنىڭ ئالدىغا كۈچۈكلەرنى تاشلىغانلار پادىشاھنىڭ مۇنۇ چوڭ خوتۇنلىرى بىلەن مۇنۇ مەستان كەمپىر، - دەپتۇ. شۇندىن كېيىن ئاتا - ئانا ۋە بالىلار بىر - بىرلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ شۇ ۋاقتىنىڭ ئۆزىدىلا چوڭ خوتۇنلىرى بىلەن مەستان كەمپىرنى ئاساۋ ئاتلارغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ. پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى دەررۇ تۆت ئاساۋ ئات كەلتۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئۈچ خوتۇنىنى ۋە مەستان كەپمىرنى شۇ ئاتلارنىڭ قۇيرۇقىغا باغلاپ قويۇۋېتىپتۇ. ئاتلار چاپا - چاپا ھېلىقى تۆت خوتۇننى سۆرەپ، پارچە - پارچە قىلىپ تاشلاپتۇ. ئاتا - ئان بالىلىرى بىلەن ئەنە شۇنداق تېپىشقانىكەن.
← بارلىق تېمىلار چوچاق