شاھزادىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇخارا شەھىرىنىڭ پادىشاھى شىكارغا چىقىتۇ. شىكاردىن قايتىشىدا ئېزىپ قېلىپ باشقا بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بىر قىزنىڭ رەسىمى چاپلانغان ئىكەن. پادىشاھ رەسىمنى كۆرۈپلا ھۇشىدىن كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ياساۋۇللار پادىشاھنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ. پادىشاھ ھوشىغا كېلىپلا:
- ئۇ قىز كىم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ياساۋۇللار:
- بۇ قىز شەھەرنىڭ بىر گۈزىلى ئىدى. بۇنىڭدىن ئۈچ - تۆت ئاي بۇرۇن يوقىلىپ كەتتى. ئىز - دېرىگى بولمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئىزلەش توغرىلىق پەرمان چىقىرىپ رەسىمى بىلەن بىللە چاپلاپ قويغانمىز، - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ قىزنىڭ رەسىمىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوردا ئىچىگە قىرىق بىر ئېغىز ئۆي سالدۇرۇپ قىرىق ئۆينى ھەر خىل بايلىقلار بىلەن توشقۇزۇپتۇ. قىرىق بىرىنچى ئۆيگە بىر ئىشكاپ ئورنىتىپتۇ. ھىلىقى قىزنىڭ رەسىمىنى تاۋار - دۇردۇنلارغا ئوراپ ئىشكاپقا سېلىپ ساقلاپتۇ.
پادىشاھ قىرىق بىرىنچى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ھىچكىمگە بەرمەيدىكەن ھەم بۇ ئۆيگە ھىچكىشىنى كىرگۈزمەيدىكەن. شۇڭا بۇ ئۆيلەردە نىمە بارلىقىنى بىلەلمىگەن ئوردا ئىچىدىكىلەر تولىمۇ قىزىقىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھنىڭ ۋەزىرى شاھزادىگە:
- ئەي شاھزادە، سېنى داداڭ بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. سەندىن ھىچنىمىنى ئايىمايدۇ. بىراق سەن ھازىرغىچە قىرىق بىر ئۆيدە نىمە بارلىقىنى بىلمەيسەن، - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان شاھزادە تولىمۇ قىزىقىپ دادىسىدىن بۇ ئۆيلەرنى كۆرۈشكە ئىجازەت ئېلىپ ئاچقۇچلارنى سوراپتۇ، بىراق شاھزادە ئۆيلەرنى ئېچىپ قىرىق بىرىنچى ئۆيگە كەلگەندە ئاچقۇچ تۈگەپتۇ. شاھزادە ئۆيگە كىرەلمەي قاپتۇ. شاھزادە پادىشاھدىن بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى سورىغان ئىكەن، پادىشاھ:
- ئەي بالام، مەن بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ساڭا بىرەلمەيمەن، - دەپتۇ. شاھزادە ئانىسىدىن بۇ ئاچقۇچنى نەدە ساقلايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ئانا شاھزادىگە >داداڭ بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى كېچىسى ئاغزىغا سېلىپ ياتىدۇ. سەن ئۇنى ئالماقچى بولساڭ، داداڭنىڭ بۇرنىغا ئاچچىق بىر نەرسىنى پۇرات، شۇ چاغدا داداڭ ئاغزىنى ئاچىدۇ، داداڭ ئاغزىنى ئاچسا ئاچقۇچنى ئالالايسەن< دەپتۇ. شاھزادە شۇ كىچىسى ئۇخلاۋاتقان دادىسىنىڭ بۇرنىغا تاماكىنى پۇرىتىپتۇ. پادىشاھ قاتتىق چۈشكۈرگەن ئىكەن، ئاغزىدىن ئاچقۇچ ئېتىلىپ چىقىپتۇ. شاھزادە دەرھاللا ئاچقۇچنى ئېلىپ قىرىق بىرىنچى ئۆينى ئېچىپتۇ. تامدىكى بىر ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشكاپنى ئېچىپتۇ. تاۋار - دۇردۇنغا ئورالغان رەسىمنى ئېلىپ كۆرۈپتۇ. كۆرۈپتۇ - دە، ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ ئويغىنىپ، ئاغزىدىكى ئاچقۇچنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ دەرغەزەپكە كەپتۇ. ئوغلىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ.
بىراق ۋەزىرلەر پادىشاھقا مەسلىھەت كۆرسىتىپ شاھزادىنى ئۆلتۈرمەي، يىرق جايغا پالاشنى تەلەپ قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھزادە دەشت - باياۋانلاردا سەرسان بولۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر قونالغۇغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. بىر چاغدا ئىككى ياساۋۇل بىر ئادەمنى باغلاپ ئېلىپ كەپتۇ. شاھزادە ھېلىقى ياساۋۇللاردىن:
- بۇ گۇناھكار كىم بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇلار دەپتۇكى:
- بۇ كىشىنى دىۋىلەردىن سېھىر ئۆگەنگەن، كېيىن دىۋىلەرگە قارشى چىققان كەمەك ھەييار دېگەن بولىدۇ، بىز ئۇنى دىۋىلەرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۆلتۈرۈپ يۈرىگىنى ئېلىپ كەتمەكچىمىز، - دەپتۇ. شاھزادە دەرھال:
- سىلەر بۇ كىشىنى ماڭا سېتىپ بېرىڭلار. دىۋىلەرگە بولسا ئۆچكىنىڭ يۈرىگىنى ئاپىرىپ بېرىڭلار، - دەپتۇ. ياساۋۇللار: بۇ تەكلىپكە ماقۇل بولۇپ كەمەك ھەييارنى شاھزادىگە مىڭ دىنارغا سېتىپ بېرىپ قايتىپتۇ. كەمەك ھەييار ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان شاھزادىغا كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ جايغا كېلىپ قالغانلىقىنى، نام - ئەمالىنىڭ كىملىكىنى سوراپتۇ. شاھزادە سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئاخىرىدا:
- مەن ئۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نەدە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادا ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق ئۇ قىزغا ئاشىق - بىقارا بولۇپ قالدىم، - دەپتۇ. كەمەك ھەييار بۇنى ئاڭلاپ:
- ئەي شاھزادەم، ئۇ ساھىپجامال قىزنى بىز ئېلىپ قېچىپ دىۋىلەر ماكانىغا ئاپارغان ئىدۇق، ھازىر ئۇ ئەنە شۇ يەردە سولاقتا. سىز مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز. مەن سىزنىڭ ھەر قانداق خىزمىتىڭىزگە تەييارمەن. ئۇ قىزنى قۇتقۇزۇپ سىزنى مۇرات - مەقسىدىڭىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھۈنەرلىرىمىنىڭ ھەممىنى ئىشقا سېلىپ كۆرەي، - دەپتۇ ۋە شاھزادىدىن ئىجازەت ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
شاھزادە ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ تۇرسۇن، گەپنى كەمەك ھەيياردىن ئاڭلايلى: كەمەك ھەييار ئۇزۇن يول يۈرۈپتۇ. يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى دىۋىلەر شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ سېھرى - جادۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ كېچىسى پەم بىلەن قىزنى سولاپ قويغان ئۆينىڭ كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەي:
- سەن مېنى قۇتقۇزالمايسەن، - دەپتۇ. كەمەك ھەييار قوينىدىن بىر قىزىل ئالمىنى چىقىرىپ قىزغا پۇراتقان ئىكەن، قىز شۇ ھامان جان ئۈزۈپتۇ. كەمەك ھەييار دەرھال ئۇنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. شۇ ماڭغانچە ئۇزۇن يول يۈرۈپ ئاخىرى شاھزادىنىڭ يېنىغا ساق - سالامەت يېتىپ كەپتۇ. ئۇ قىزنى يەرگە قويۇپ، قوينىدىن بىر كۆك ئالمىنى چىقىرىپ قىزنىڭ بۇرنىغا تۇتقان ئىكەن، قىز شۇ ھامان تىرىلىپتۇ. بىراق، شۇ چاغدا كەمەك ھەييار ئۆزىنى دالدىغا ئاپتۇ. قىز كۆزىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي ئەتراپقا قارىغان ئىكەن، يېىدا كېلىشكەن بىر يىگىت تۇرغۇدەك. قىز ئۇنى كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېرىف سۆھبەتكە كىرىشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن كەمەك ھەييار دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى بىر مەھەللىگە بېرىپ، بىر موللامنى چاقىرىپ كېلىپ شاھزادە بىلەن قىزغا نكاھ ئوقۇتۇپتۇ. شاھزادە بىلەن قىز شۇ جايدا ئۆي تۇتۇپ ئىناق ئەر - خوتۇنلاردىن بولۇپ قاپتۇ.
كەمەك ھەييار ئۆز ئۆيىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن شاھزادىدىن رۇخسەت ئاپتۇ. >قاچان باشلىرىغا كۈن چۈشسە بۇنى كۆيدۈرسىلە مەن شۇ ھامان پەيدا بولىمەن< دەپ ئۈچ تال تۈك بېرىپ ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ.
كەمەك ھەييار ئۆز يولىغا مېڭىپ تۇرسۇن، گەپنى دىۋىلەر ماكانىدىن ئاڭلايلى:
ئەتىسى دىۋىلەر قىزنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئالا - توپىلاڭ كۆتىرىپتۇ. بىراق قىزنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تەرەپ - تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ قىزنى ئىزلەپتۇ. ھەتتا دىۋىلەرنىڭ پادىشاسىمۇ قىزنىڭ ئىز - دېرىگىنى قىلىشقا چىقىپتۇ. دىۋىلەر پادىشاسى ئۇچۇپ، شاھزادىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلارنى كۆرۈپ قاپتۇ. دىۋە شۇ ھامان يەرگە چۈشۈپ بىر ئاقساق موماينىڭ قىياپىتىگە كىرىپ شاھزادىنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. شاھزادە ئۇنى كۆرۈپ ئەھۋال سوراپتۇ. ئاقساق موماي ئۆزىنىڭ ئىگە - چاقىسىز بىر بىچارە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلىپتۇ. شاھزادە ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنى ئېلىپ قېلىپ خوتۇنىغا ھەمرا قىلىپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى شاھزادە ئوۋغا چىقىپ كەتكەندە دىۋە بىر تال لىگەننى بىرلا ئەپسۇن ئوقۇش بىلەن تۇلپارغا ئايلاندۇرۇپ قىزنى سەيلە قىلىپ كېلىشكە كۆندۈرۈپ تۇلپارغا مىندۈرۈپتۇ. ئۆزىمۇ تۇلپارغا مىنىپ:
- ئەي قىزىم كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ - دەپتۇ. ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە دىۋىلەر شەھىرىگە كېلىپ قاپتۇ. ھىلىقى ئاقساق موماي ئەسلىگە كېلىپ دىۋىگە ئايلىنىپتۇ، قىزنى ئالتۇندىن ياسالغان قەپەزگە سولاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇنى ئۆزىگە خوتۇن بولۇشقا زورلاپتۇ. ماقۇل بولمىسا ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز:
- ئەي دىۋىلەر پادىشاسى. ماڭا بىر ئايلىق مۆھلەت بەر. ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەي، بىر ئايدىن كېيىن نىمە قىلساڭ ئىختىيارىڭ، - دەپتۇ. دىۋىلەر پادىشاھى بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ. دىۋىلەر ئىچىدە بىر قېرى، توكۇر دىۋە بولۇپ. ئۇمۇ قىزنىڭ ھۆسنى - جامالىدىن مەس بولۇپ يۈرگەن ئىكەن. ئۇ ھەر كۈنى كەچقۇرۇن بوشۇرۇنچە قەپەزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىزغا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ يىلىنىدىكەن. بىراق ۋىجدانلىق قىز ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قىلچەئېتىۋار قىلماپتۇ.
ئەمدى گەپنى شاھزادىدىن ئاڭلايلى:
شاھزادە كەچتە ئوۋدىن قايتىپ كەلسە قىزمۇ، مومايمۇ يوق تۇرغۇدەك. شاھزادە ئۇيان ئىزلەپتۇ، بۇيان ئىزلەپتۇ. ئەمما زادىلا ئۇلارنىڭ دېرىگىنى ئالالماپتۇ. ئاخىرى كەمەك ھەييارنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ ھىلىقى تۈكنى كۆيدۈرۈپتۇ. كەمەك ھەييار ناھايىتى ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئۆز يۇرتىغا كېلىپ ئەمدىلا ئۆيىگە كىرمەكچى بولۇپ تۇرغان ئىكەن، بىردىنلا ئۇنىڭ بېشىدىكى چاچلىرى كۆيۈشكە باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن شاھزادىنىڭ بىر خېيىم - خەتەرگە يولۇققانلىقىنى بىلگەن كەمەر ھەييار دەرھاللا شاھزادىنىڭ قېشىغا كەپتۇ. شۇنداق قارىسا شاھزادە ھۇشسىز ياتقان. كەمەر ھەييار شاھزادىنى مىڭ تەستە ھۇشىغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن قىزنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلىپتۇ. يېنىدىن كىتابىنى چىقىرىپ قاراپ، قىزنى دىۋىلەرنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنلىگىنى، ئۇنىڭ ھازىر ئالتۇن قەپەزدە ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئاندىن شاھزادىگە:
- شاھزادە، بىكاردىن پەرياد قىلىپ ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويماي تېتىكرەك بولسىلا، مەن ھازىر قىزنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىمەن. مەن كەتكەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىدا بىر تال بۇيا ئۈنۈپ كۆكلىسە ئۇ مېنىڭ يالغۇز قايتىپ كېلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئىككى تال بۇيا ئۈنسە، ئۇ قىز ئىككى تال بۇيا يوقىلىپ كەتسە ھەر ئىككىمىزنىڭ دىۋىلەر بىلەن ئېلىشىش يولىدا ئۆلگەنلىگىمىزنى كۆرسىتدۇ. ۋاقىپ بولۇپ تۇرغايلا، - دەپ دىۋىلەر ماكانىغا سەپەر قىلىپتۇ.
كەمەك ھەييار كۆپ يول يۈرۈپ ئاخىرى دىۋىلەر ماكانىغا يېتىپ كەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ سېھىر - جادۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ قىزنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. كەمەك ھەييار:
- ئەي ساھىبجامال. سىزنىڭ بۇ جايدىن ئازات بولۇشىڭىز ۋە شاھزادەم بىلەن مەڭگۈ بەختلىك ياشىشىڭىز ئۈچۈن دىۋىلەرنى يوقىتىش كېرەك. بولمىسا بىزگە ئاراملىق يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ماڭا دىۋىلەرنىڭ جېنىنىڭ نىمىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېرىشىڭىز كېرەك، - دەپتۇ. قىز قولىدىن كەلسىلا بۇ تەلەپنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قىز دىۋىلەردىن ئۇلارنىڭ جېنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلاپتۇ. بىراق ئۇلار زادىلا ئېيتىپ بەرمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئارقىسىدىن كۈنلەر ئۆتۈپ، دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ قىزغا بەرگەن مۆھلىتى توشۇشقا پەقەت بىر كۈنلا ۋاقىت قاپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە قىز نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا ھېلىقى قېرى، توكۇر دىۋە يەنە كەپتۇ ۋە قىزغا:
- ئەي ساھىبجاما. قىز، سەن ھەقىقەتەن تاش يۈرەك ئىكەنسەن. مەن سېنىڭ ئىشقى - پىراقىڭدا كۆيۈپ كۈل بولۇشقا ئاز قالدىم. بىراق سەن ماڭا زادىلا ئىچ ئاغرىتمىدىڭ. مانا ئەمدى بىر كۈنلۈك ھاياتىڭ قالدى. ئەتە سېنى ئۆلتۈرىدۇ. مېنى مۇشۇنداق داغدا قويۇپ ئۇ دۇنياغا كەتمەكچىمۇ سەن؟ ماڭا ئۆز مۇھەببىتىڭدىن كىچىككىنە ھەدىيە قىلساڭ بولماسمىدى؟ - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزنىڭ كۆڭلىگە بىر ئەقىل كىرىپتۇ. ئۇ شۇئان دىۋىگە:
- ئەي دىۋە، مەن سېنىڭ بىر ئايدىن بۇيانقى ماڭا ئىزھار قىلغان سەمىمى سۆزلىرىڭدىن ماڭا ھەقىقىي مۇھەببىتىڭ بارلىقىنى بىلدىم. مەنمۇ سېنى ياقتۇرىمەن. بىراق ئىككىمىز بىللە بولۇش ئۈچۈن سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلارنى ۋە باشقا دىۋىلەرنى يوقىتىش كېرەك. بولمىسا ئۇلار مېنى ساڭا بەرمەيدۇ، - دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان توكۇر دىۋە خوشاللىقىدا:
- ئەي پەرىشتەم، قېنى سۆزلە. ئۇلارنى قانداق يوقىتىمىز؟ مەن سەن ئۈچۈن جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن، - دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ جېنىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىپ كېتىپ قالغىن. سەۋرى قىلساڭ ئەتە مېنى ئۆزەڭنىڭ قۇچىقىدا كۆرىسەن، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان دىۋە قىزغا:
- بۇ يەردىن توپ - توغرا يەتتە ئاي يول يۈرگەندىن كېيىن بىر دەريا ئۇچرايدۇ. دەريادىن ئۇقاتقا يەتتە ئايدا ئۆتكىلى بولىدۇ. دەريانىڭ ئۇ قېتىدا غايەت زور بىر تاغ بار. بۇ تاغ بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرىدۇ. شۇ تاغنى تۈزلىۋەتكەندە، ئاستىدا قىرىق مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر قۇدۇق بار. قۇدۇقنىڭ تەكتىدە بىر ئۆي بار، ئۆيدە بىر تۆمۈر ساندۇق، ساندۇقنىڭ ئىچىدە بىر قۇتا، قۇتىنىڭ ئىچىدە بىر يەل توپ بار. بىزنىڭ جېنىمىز ئاشۇ يەل توپتا. توپتىكى يەلنى چىقىرىۋەتسە بىزنىڭ جېنىمىزمۇ تۈگەيدۇ، - دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىز دىۋىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىپتۇ. ئۇ يەل توپنى ئېلىپ كېلىشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنىڭ ئازات بولۇشىدىن ئەھۋال سوراپتۇ. قىز توكۇر دىۋە ئېيتىپ بەرگەن ئەھۋالنى كەمەك ھەييارغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. كەمەك ھەييار ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دەرھال يولغا ئاتلىنىپ تاڭ ئاتقىچىلا ھەممە ئىشنى بىجا كەلتۈرۈپ يەل توپنى ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ ۋە دىۋىلەر شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. دىۋىلەر بۇنى كۆرۈپ كەمەك ھەييارغا ھۇجۇم باشلاپتۇ. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا توكۇر دىۋە باشلىق بەش - ئالتە دىۋە ساق قاپتۇ. قىز بىلەن كەمەك ھەييار دىۋىلەر پادىشاھىنىڭ تۇلپارىنى مىنىپ شاھزادىنىڭ يېنىغا قايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن كەمەك ھەييار ئۆيىنى كۆرۈپ كېسىلىش ئۈچۈن ئۆز يولىغا راۋان بولۇپتۇ. قىز بىلەن شاھزادە خوشال ھايات كەچۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى شاھزادە دۇدۇلنى مىنىپ ئوۋغا چىقىپتۇ. بىر كىيىكنى قوغلاپ يۈرۈپ باشقا بىر توپ دىۋىلەر تۇرۇشلۇق ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇلپارغا كۆزى چۈشكەن دىۋىلەر شاھزادىنى تۇتۇۋېلىپ، تۇلپارنى تارتىۋاپتۇ. شاھزادىنى سولاپ قويۇپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە شاھزادە ئۆيىگە قايتىپ كەلمىگەچكە قىز بىرەر ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ دەرھال كەمەك ھەييار قالدۇرۇپ كەتكەن تۈكنى كۆيدۈرۈپتۇ. كەمەك ھەييار ئۇزۇن يول يۈرۈپ، ئۆيىگە كېلىپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەمدىلا تاماق يىمەك بولۇپ ئولتۇرغان ئىكەن. بىردىنلا چاچلىرى پاراسلاپ كۆيۈشكە باشلاپتۇ. ئۇ شۇئان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مىڭ خىل جادۇ - سېھىرلەرنى ئىشقا سېلىپ قىزنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن پال كىتاۋىنى شۇنداق ئېچىپ قارىغان ئىكەن، يىگىت سولاقتا ياتقۇدك. ئۇ قىزنى ئېلىپ شاھزادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يولىغا راۋان بوپتۇ. ئاخىرى دىۋىلەرنىڭ ئۆڭكۈرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆڭكۈردە سەككىز پاپا دىۋە ۋە غايەت زور بىر دىۋە بار ئىكەن. ئالدى بىلەن سەككىز پاپا كەمەك ھەييارغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. كەمەك ھەييار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى چوڭ دىۋە بىلەن ئېلىشىپتۇ. بىراق، بۇ دىۋىگە كۈچى يەتمەپتۇ. ئاخىرى قىزنى ئەپسۇن ئوقۇپ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپتۇ. قىز ئارقا تەرەپتىن دىۋىنىڭ بېشىغا دەر - غەزەب بىلەن قىلىچ ئۇرغان ئىكەن، ئۇ ئىككى پارچە بولۇپ جېنىدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇلار شاھزادە بىلەن دۇلدۇلنى قۇتقۇزۇپ شاھزادىنىڭ ئەسلى يۇرتىغا قاراپ يول ئاپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنى پالىۋەتكىنىگە مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ خەۋىرىنى ئالالماي ئاھ - زار چېكىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خوشال بولۇپتۇ ۋە ئوغلىنى قۇچاقلاپ كۆز ياش قىلىپتۇ. بىراق شۇ چاغدا ئوغلى بىلەن بىللە كەلگەن قىزنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ ھېلىقى رەسىمدىكى قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ >ئاھا< دىگىنىچە ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئوردا ئىچىدىكىلەر ساراسىمىگە چۈشۈپ مىڭ خىل دورا - دەرمەكلەر بىلەن ئۇنى ئاران ھوشىغا كەلتۈرۈپتۇ. پادىشاھ كېيىن ۋەزىلىرىنى چاقىرىپ ئوغلىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىش توغرىلىق مەسلىھەتلىشىپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھ ئوغلى. كېلىنى ۋە كەمەك ھەييارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشۇپتۇ. ئاش تارتىلغاندا كەمەك ھەييار شاھزادىنىڭ ئېشىغا زەھەر سېلىنغانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ بىرلا ئەپسۇن ئوقۇپ چىراقنى ئۆچۈرۈپتۇ ۋە قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلىنىپ دەرھال پادىشاھنىڭ ئېشى بىلەن شاھزادىنىڭ ئېشىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. چىراق يېقىلغاندىن كېيىن پادىشاھ ئاشنى يەپ شۇ يەردىلا ئۆلۈپتۇ. شاھزادە پادىشاھ، كەمەك ھەييار ۋەزىر بولۇپتۇ. شەھەرنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ. خەلق ئۈستىدىكى ئون يىللىق باج - سېلىقنى ئېلىپ تاشلاپتۇ. خەلق پاراۋانلىققا ئېرىشىپ چەكسىز خوشاللىققا چۆمۈپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ئالاقاغا گۇڭشې بازا دادۈي ئىككىنچى دۈيدىن: ئابلا ھاجى