UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقكەنجى باتۇر

كەنجى باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بار ئىكەن،يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بولغانىكەن، بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى بارىكەن. ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، بوۋاي قېرىپتۇ، ئىشلەپ ھېرىپتۇ. بىر كۈنى بوۋاي يالغۇز ئولتۇرۇپ، كۆڭلىنى خىيالغا تولدۇرۇپ: «مېنىڭ بېشىم ئاقاردى، چىشىم سارغايدى، بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ، بالىلىرىم مەندىن ئايرىلىپ قالسا، كىشى قولىغا قاراپ قالمىسۇن، ئۆز ئەمگىكى بىلەن كۈن كەچۈرسۇن» دېگەن ئويغا كەپتۇ - دە، بالىلىرىنى ھۈنەرگە بېرىشنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. بوۋاينىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر مەھەللىدە بىرباي بارىكەن. ئۇنىڭ چوڭ بىر بېغى بولۇپ، باغدا ئۈزۈم، ئالما، ئۆرۈك، ئانار ۋە باشقا ھەرخىل مېۋىلەر يازدىن تارتىپ كۈزگۈچە پىشىپ، ساپىقىدىن ئايرىلىپ يەرگە چۈشۈپ تۇردىكەن. باي ئەتىيازدا ئۈزۈم تاللىرى يۇپۇرماق چىقارغاندىن باشلاپ تاكى كۈزگىچە باراڭدا سايىداپ، سېمىزلىكتىن ھاسىراپ ياتىدىكەن. باي يالغاندىن «مەن مۇزدوز» دەپ ھەريىلى بىر نەچچە شاگىرت ئالىدىكەن - دە، بىر ئاماللاپ ئۆلتۈرۈپ، ئىز - دېرىكىنى بىلدۈرمەي، ئۈزۈم تال تۈۋىگە كۆمىدىكەن. ھېلىقى بىچارە بوۋاي بىر كۈنى چوڭ ئوغلىنى باينىڭ ئالدىغا يېتىلەپ بېرىپ: _ ۋاي ئۇستام، مۇشۇ بالامنى بىر ھۈنەرلىك قىلىپ قويسىلا، - دەپ تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. بوۋاينىڭ ئوغلى بۇ ھويلىدا مۇزدوزلۇقنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمەي، باينىڭ سۈيىنى ئەكىرىپ، ئوتۇنىنى يېرىپ، ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ، بىر نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر كۈنى باي بالىنى چاقىرىپ: _ مەن بازارغا بېرىپ كەلگۈچە قۇمدىن يىپ ئېشىپ، لايدىن چەم كېسىپ، غەلۋىردا سۇ ئەكىرىپ قوي، - دەپتۇ. كەچكىچە بالىنىڭ بېشى قېتىپ، بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تاپالماي تازا قىينىلىپتۇ. ئاخشىمى باي كېلىپ سوراپتىكەن، بالا يەرگە قاراپ، تىرناقلىرىنى تاتىلاپ تۇرۇپتۇ. _ قىلالمىغان بولساڭ، بۇ گۇناھىڭ ئۈچۈن ئاۋۇ يەردىن بىر ئورا كولا، - دەپ ئۈزۈمتالنىڭ تۈۋىنى كۆرسىتىپتۇ باي. جىق ئىش كۆرمىگەن ساددا بالا يوغان كەتمەننى ئاپتۇ - دە، بېرىپ ئورىنى كولاپتۇ. ئورا ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ بولغاندا، باي كەينىدىن كېلىپ كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن بالىنى بىرنى قويۇپتۇ - دە، جېنىدىن جۇدا قىلىپ، ئورىغا كۆمۈۋېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ بوۋاي ئوغلىنى سېغىنىپ كۆرگىلى بارسا، قانخور باي: _ بالىڭىزغا ھۈنەر ئۆگىتىپ، دۇئا - تەگبىر قىلىپ يولغا سالدىم. ئۆيگە بارمىغان بولسا، بەلكىم شەھەر كۆرۈپ پۇل تېپىپ باراي دەپ يۈرىدىغاندۇ، - دەپتۇ. بوۋاي قايتىپ كېتىپ، ئوتتۇرانچى ئوغلىنى ئاپىرىپ بەرگەنىكەن. باي ئۇنىمۇ ھېلىقى ئۇسسۇل بىلەن ئۇجۇقتۇرىۋېتىپتۇ. بوۋاي ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، تەقدىرگە تەن بېرىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈۋېرىپتۇ. بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلى ئاكىلىرىغا قارىغاندا قاۋۇل، زېرەك، باتۇربالىكەن، تەڭ - دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا «كەنجى باتۇر» دەپ نام چىقارغانىكەن. شۇنىڭدەك ئۇ ناخشا - سازغا، ھېكايە - چۆچەككە ناھايىتى ئۇستا ئىكەن. بىركۈنى بوۋاي بۇ بالىسىنىمۇ«ھۈنەر » ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم قېنى بىلەن سەمرىگەن باينىڭ تۇلۇنئايدەك ھۆسنىگە تولغان، ئۆزى ئەقىللىق، مىجەزى يېقىملىق بىر قىزى بارىكەن. بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلىغا بۇ قىزنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قاپتۇ، يىگىتمۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئازراق پۇرسەت بولسا، ئىككىسى ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىكەن، ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز يىگىتكە زالىم ئاتىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۈزۈمتالنىڭ تۈۋىگە كۆمگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەقىل كۆرسىتىپتۇ. يىگىت ئىنتىقام ئېلىش قارارىغا كەپتۇ. بىر كۈنى ھىيلىگەر باي يەنە ھېلىقى ئاكىلىرىغا بۇيرۇغان ئىشلارنى تاپىلاپ قويۇپ، بازارغا كېتىپتۇ. قىز بىلەن يىگىت قانداق قىلىش توغرىسىدا پۈتۈشىۋالغاندىن كېيىن، كەچكىچە باغ سەيلىسى قىپتۇ. ئاخشىمى باي كېلىپ،«شاگىرت»نى چاقىرىپ: _ قېنى يىپ، قېنى چەم،قېنى سۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. يىگىتمۇ ھودۇقماي تورۇپ: ئۇستام، ئاۋۋال سىزنى مېھمان قىلىپ، بۇيرۇغان ئىشىڭىزنى ئالدىڭىزغا قويسام قانداق؟ - دەپتۇ. قورسىقى ئېچىپ، ماغدۇرى كېتىپ، نەپسى تاقىلداپ، ئۇسسۇلۇقتىن چاكىلداپ كەتكەن باي: _ ماقۇل، - دەپتۇ. _ مانا قېتىق، يۈزىنى بۇزماي ئىچىسىز؛ مانا نان پارچىلىماي يەيسىز، - دەپ ئالدىغا قويۇپتۇ يىگىت. باي ھېڭگاڭ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، چىقىر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ: _ ناننى ئوشتۇماستىن يېگىلى، قېتىقنى يۈزىنى بۇزماستىن ئىچكىلى بولامدىكەن؟! - دەپتىكەن. يىگىتمۇ؛ _ ئۇنداق بولسا، قانداق قىلىپ لايدا چەم كەسكىلى، قۇمدا يىپ ئەشكىلى، غەلۋىردە سۇ ئەكىرگىلى بولسۇن؟! - دەپتۇ. سۆز تاپالماي زۇۋانى تۇتۇلغان باي قاپاقتەك ئىششىپ، ئۆلگەن ئېشەكنىڭ ئۆپكىسىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ، «بۇ مېنىڭ بېشىمغا چىقىدىغان ئوخشايدۇ، بىر ئامال قىلىپ بۇنىمۇ ئۇجۇقتۇرمىسام بولمىدى» دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى يىگىتنى ئالدىغا چاقىرىپ : _ سەن بۈگۈن جاڭگالنىڭ بىر ئېشەك ئوتۇن ئەكەلگىن، - دەپتۇ. يىگىتمۇ چاندۇرماستىن: _ خوپ، بولىدۇ، - دەپ ئۆيگە ئارغامچىغا كىرىپ كېتىپتۇ. شۇ ھامان باي ئېغىلغا كىرىپلا ئېشەك سۈرىتىگە كىرىۋاپتۇ. باينىڭ قىزى بۇ ئەھۋالنى يىگىتكە مەلۇم قىلىپ؛ _ دادام سىزنى يوقىتىشىنىڭ كويىغا چۈشۈپتۇ. مۇشۇ تۇرقىدا ئېشەك سۈرىتىگە كىرىۋالدى، نوختا ئۇنىڭ جان ھالقىسى. بېشىدىن نوختىنى ھەرگىز ئاجراتماڭ، شۇ چاغدىلا ئۇ شۇم غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. سەزگۈر بولۇڭ، - دەپ ئەقىل ئۆگىتىپتۇ. يىگىت قىزنىڭ دېگەنلىرىنى قىلىپ، يوغان كالتەكنى كۆتۈرۈپ ئېغىلغا كىرىپتۇ. «ئېشەك» تېپىشكە تەمشەلگەندە باش - كۆزىگە راسا قويۇپتۇ. نوختىسى ساپتۇ، مىخلىق توقۇمىنى تۇقۇپتۇ. جاڭگالغا بارغۇ ئۈستىدىن چۈشمەپتۇ. كەچكىچە سۇمۇ ئىچكۈزمەي، ئوت - چۆپمۇ چىشلىمەي، قۇرۇق ياغاچقا قاڭتۇرۇپ قويۇپتۇ. كەچقۇرۇن ئوتۇننى راسا جىق ئارتىپ، تۆشىنى چىڭ تارتىپ، يەنە ئۈستىگە مىنىۋاپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئوتۇننى چۈشۈرۈپ، ئېغىلغا بوشىنالمىغۇدەك قىلىپ تازا چىڭ باغلاپ قويۇپتۇ - دە، ئۆزى دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ ۋە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى دادىسىغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بىرىپتۇ. بېشىنى نوختىدىن چىقىرۋېلىشقا ئامالسىز قالغان بەتنىيەت باي كالتەك - تاياق، ئاچلىق دەستىدىن قۇرۇق ئوقۇرنىڭ تۈۋىدىلا ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەقىللىق قىز بىلەن باتۇر يىگىت ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ، خۇشال - خۇراملىققا تولۇپ، مۇراد - مەخسەتلىرىگە يېتىشىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق