ئىگەرچىنىڭ ئوغۇللىرى
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇندىنمۇ بۇرۇندا، يا باشقا جايدا، ياكى مۇشۇ ئورۇندا، تەكلىماكاننىڭ بېشىدا، ئىلچىنىڭ سەل تېشىدا بىر مەھەللە بولۇپتىكەن.
شۇ ئادەملەر ئارىسىدا داۋۇت ئاخۇن ئىسىملىك 80 ياشقا كىرگەن بىر ئىگەچى ئۇستام بولۇپ، ئۇ ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، داڭقى نە - نەلەرگە كەتكەن كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنىدىن توققۇز، كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنتى بار ئىكەن. ئىگەرچى بوۋاي ئون ئوغلىغا تەڭ كۆز بىلەن قاراپ، بالىلرىنى غەشلىككە، خوتۇنلىرىغا بولسا كەڭ كۆز بىلەن قاراپ، بالىلىرىنى غەشلىككە، خۇتۇنلىرىنى كۈندەشلىككە قويماي تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. شۇغىنىسى چوڭ خوتۇنىدىن بولغان توققۇز ئوغلى ھورۇن، تېرىككەك، يېگىلى ئامراق، ئىش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان زېرىككەك؛ كىچىك خوتۇنىدىن بولغان كەنجى ئوغۇل زېرەك ھەم ئىشچان، كۆڭلى تۈز، ئوچۇق يۈز بولۇپ ئۆسكەن ئىكەن. توققۇز چوڭ ئوغلى ئىگەرچىلىك ھۈنىرىگە بوش قىزىقىدىكەن، ھېلى قىلغان ئىشىدىن ھېلى ئېزىقىدىكەن. باشقىلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرگىنىگە چىدىماي كۆز قىزارتىدىكەن، تەييارتاپ مىجەز بىلەن باشقىلارنىڭ ھالال رىسقىغا قول ئۇزارتىدىكەن.
ئەمما كىچىك ئوغۇل دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىس، ھۈنەرگە - ھالاللىققا ھېرىس ئىكەن. دادىسى بۇ بالىغا بەكمۇ ئامراق ئىكەن.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، داۋۇت ئاخۇن ئىگەرچى قېرىپتۇ، ئۆمۈر ئېتى ھېرىپتۇ.......
بوۋاي ئۆلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى چوڭ خوتۇن بىلەن ئۇنىڭ توققۇز بالىسى ئۆي - بىساتلىرىنى پوكىنىغا بېسىپ، كىچىك خوتۇن بىلەن كەنجى ئوغۇلنى ھەر تەرەپتىن قىسىپ، خارلاپتۇ، كۆپ ئۆتمەي باشقا ئۆي ئايرىپ بىر كاتەككە پالاپتۇ.
چوڭ خوتۇن ۋە توققۇز ئوغۇل ئوڭچە قالغاندىن كېيىن، ئىش قىلماي يېتىپ يەپ، يەر - زېمىنلىرىنى ئالغىنىغا سېتىپ يەپ، يىلىىغا قالماي ئۆزى ئاق يەردە، پەلىكى داق يەردە قاپتۇ.
كىچىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئىخلاس بىلەن ئۆگەنگەن ئىگەرچىلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ جان بېقىپتۇ. توققۇز ھورۇن ھەپتىسىگە ئاران بىر دانە ئىگەر ياسىسا، ئۇ، يالغۇز ئۆزى توققۇز ئىگەر ياساپتۇ. شۇڭا ئىش كۈندىن - كۈنگە ئېقىش تېپىپ، تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپتۇ. كىچىك ئوغۇلنىڭ توققۇز ئىگىرى بازاردىن ئېشىپ قالماپتۇ، ئەمما چوڭ ئوغۇللارنىڭ قول ئۇچىدىلا ياسىغان ئىگىرىنى ھېچكىم ئالماپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان توققۇز ھورۇن بار يامانلىقنى ئىنىسىدىن كۆرۈپ، نېمە قىلىشى ھەققىدە يوشۇرۇن مەسلىھەت قىلىشىپتۇ. خۇدايىمدىن ئۆزلىرىگە ئامەت، ئىنىسىگە پالاكەت تىلىشىپتۇ، ئاخىرى بولماي، يامان غەرەز بىلەن چىشلىرىنى بىلىشىپتۇ. ئەتە بازار دېگەن كۈنى تۈن نىسپى بىلەن ئىنىسى ياتقان ھويلىغا ئوغرىلىقچە كىرىپتۇ. تام تۈۋىگە قاتار تىزىپ قويۇلغان بىر - بىرسىدىن چىرايلىق توققۇز ئىگەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئوت يېقىپتۇ، «ئەمدى بىز ئىگىرىمىزنى ساتالايمىز» دەپ ئويلاپ، خۇشلۇقىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپتۇ.
ئەتىسى ئىنىسى قارىغۇدەك بولسا ئىگەرلىرى يوقمىش، «بۇنى قىلغان چوقۇم ئاكىلىرىم» دەپ گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېۋىنى چىشلەپ گەپ قىلماپتۇ. ئۆيدىن بىر تاغار ئېلىپ چىقىپ، كۈل ئىچىدىن كۈمۈرلەرنى خىللاپتۇ. ئۇنى تاغارغا قاچىلاپ، ئىشەككە ئارتىپ، ئۈستىدىن ئارغامچا بىكلەن چىڭ تارتىپ، بازارغا راۋان بولۇپتۇ.
شۇ شەھەردە پۇل دېسە جان بېرىدىغان، بىر پۇلنى «ئانام»، يەنە بىر پۇلنى «دادام» دەيدىغان ئاچكۆز بىر باي بار ئىكەن.
كەنجى ئوغۇل ئاشۇ باينىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپتۇ، ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ: «كۆرسە كۆمۈر، كۆرمىسە ئالتۇن. ئەرزان ساتىمەن، نەق ساتىمەن، پۇلغا ئامراقلار بۇنى دەرھال سېتىۋالسۇن! ....» دەپ توۋلاپتۇ.
كەم ئەقىل، ئاچكۆز باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆيىدىن سىرتقا چىققىچە نەچچە يىقىلىپ - قوپۇپ، «سۇبھانىللا» نى تالاي قېتىم ئوقۇپ كەنجى ئوغۇلنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، ئاستا پىچىرلاپ سوراپتۇ:
- تاغىرىڭدىكى نېمە؟
- دېدىمغۇ، كۆرسە كۆمۈر، كۆرمىسە ئالتۇن، بۇ تاغارغا قاچىلانغىنى ئەسلى ئوتۇن، ھازىر كۆمۈردەك كۆرۈنىدۇ، ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە، ئاغزىنى ئاچساڭ بۇ كۆمۈر ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ. ئالاي دېسەڭ ساڭا مىڭ تىللاغا ساتىمەن، بولمىسا ئىشىكىمنى ھەيدەپ قايتىمەن، - دەپتۇ بالا.
بۇ گەپ كالتە پەم باينى قىزىقتۇرۇپتۇ. «ئالتۇن» دېگەن گەپ ئەقلىدىن يەنىمۇ ئېزىقتۇرۇپتۇ. «باشقا بىر كىم ئېلىۋالمىغىدى» دەپ ئەنسىرەپ تۆت تامغا بېقىپتۇ، ئاندىن كەنجى ئوغۇلنى ئىززەتلەپ، دولىسىغا قېقىپتۇ. ھەرقانچە پىخسىق، ئاچكۆز بولسىمۇ بىر تاغار «ئالتۇن» نىڭ ئالدىدا مىڭ تىللا ھېچنىمە كۆرۈنمەپتۇ، شۇڭا باھاسىنى تالاشماي دېگىنىگە ئاپتۇ، كۆمۈر بايغا قاپتۇ. مىڭ تىللانى كەنجى ئوغۇل يانچۇقىغا ساپتۇ. ئۇ مال بازىرىدىن ياراملىق ئىككى خېچىر سېتىۋاپتۇ. ئاشلىق بازىرىدىن ئىككى تاغار بۇغداي، گۆش بازىرىدىن يېرىم سان گۆش ئاپتۇ.
چوڭ خوتۇنىدىن بولغان توققۇز ئوغۇل قارىغۇدەك بولسا، ئىنىسى ئىككى خېچىرغا مال يۈكلەپ، ناخشىسىنى بولۇشىغا ئوقۇپ كېلىۋاتقىدەك. بۇ ھالدىن گاڭگىرىغان پېتى بىر - بىرىگە كۆز قىسىپتۇ. ھەيرانلىقىنى مىڭ تەسلىكتە بېسىپتۇ. ئارىدىن بىرسى، ئارقىدىن ھەممىسى چىقىپ يولنى توساپتۇ، يالغاندىن ئەھۋال سوراپتۇ ۋە «بۇنچە نەرسىنى نەدىن تاپتىڭ؟» دەپ قىستاپتۇ.
كەنجى ئوغۇل بولغان ئەھۋالنى، قىلغان ئامالنى، تاپقان پۇل - مالنى ئاكىلىرىغا جايى - جايى بىلەن سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپتۇ. ئۇلار ئۆيىگە چىقىپ بىر ھەپتىدىن بۇيان ياسىغان توققۇز ئىگىرىنى يىغىپ ئوت قويۇپتۇ. كۆيۈپ لاخشى بولغاندا ئۈستىگە ماقال سۇ قۇيۇپتۇ. چوغ كۆمۈرگە ئايلىنىپتۇ. كۆمۈر تاغارغا جايلىنىپتۇ. توققۇز ھورۇن بازارغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. بىر چاغدا قەدىمى ھېلىقى كۆمۈرنى «ئالتۇن» دەپ سېتىلۋالغان كەم ئەقىل، ئاچكۆز باينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېتىپتۇ.
بۇ چاغدا باي ئالدانغىنىدىن غەمگە چۆمۈپ، مىڭ تىللانىڭ دەردىدە تىنماي ياش تۆكۈپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك پىرقىراپ، پىچاق تەككەن توپاقتەك ۋارقىراپ يۈرگەن ئىكەن. «كۆرسە كۆمۈر، كۆرمىسە ئالتۇن، ئەرزان ساتىمەن، نەق ساتىمەن» دەپ ۋارقىراشقان ئاۋازنى ئاڭلىغان باي ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، بۇلارنى ئۇرۇپ - سۆرەپ قازىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ. قازى توققۇز ئوغۇلنى قىرىق دەررە ئۇرغۇزۇپتۇ. ئاندىن يانچۇقلىرىنى ئوڭ - تەتۈر قىلىپ بار يوقىنى بايغا تاپشۇرۇپتۇ. ھەتتا مىنىپ بارغان ئىشەكلىرىنىمۇ ئېلىۋاپتۇ.
تاياق دەستىدىن ئۇستىخانلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك، مال - بىساتىدىن ئايرىلغاننىڭ ئىچ پۇشۇقىدا مەس - ئەلەستەك بولۇپ قالغان توققۇز ئوغۇل دەرت - ئەلەمگە پايلىماي، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئالدى - كەينىنىمۇ ئويلىماي مەھەللىسىگە چىقىپتۇ. كەنجى ئوغۇلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى ئىزلەپ ئۇيان - بۇيانغا بېقىپتۇ. ئۇنى تاپالماي جىلى بولغىنىدىن كەنجى ئوغۇلنىڭ ئىنتىقامىنى ئانىسىدىن ئاپتۇ - بىچارىنىڭ گېلىنى غىققىدە سىقىپتۇ.
بىر چاغدا، كەنجى ئوغۇل تۈگمەندىن قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئانىسى ئۆلۈك ياتقىدەك. ئوغلىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈپتۇ. بۇ ئىشنى ئاكىلىرىنىڭ قىلغىنىنى بىلىپ، چىشلىرى گەز - گەز بولۇپ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپتۇ. لېكىن «قازاغا رىزا، بالاغا سەۋرى» قىلىپ ئاچچىقىدىن يېنىپتۇ. بىر ھازا ئويلىغاندىن كېيىن، ئەپچىل بىر چارە ئويلاپ تېپىپتۇ...
ئەتىسى ئەتىگەندە مەرھۇمنىڭ ئۈستى بېشىنى يەڭگۈشلەپ، ياخشى ياغاچقا يەلكۈشلەپ، پەلكۈشنى ئوسمىغا مىلەپ، ئانىسىغا كېلىشتۈرۈپ پەداز قىپتۇ. ئاندىن كېيىن خېچىرغا ئاۋايلاپ مىندۈرۈپ، يىقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قولتۇقىنى ئىككى ئاچىغا ئىلدۇرۇپ، سەھرا تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
بۇ سەھرادا ناھايىتى پىخسق، گەپلىرى سېسىق،كۆزلىرى قىسىق، ئاچچىقى يامان بىر باي ئالتە مولۇق يەرگە خامان ياساپ بۇل بۇغداي يېيىپ تۇرغان ئىكەن. كەنجى ئوغۇل ئانىسىنى مىندۈرگەن خېچىرنى باينىڭ خامىنىغا ھەيدەپ قويۇپتۇ. ئۆزى بولسا سەل يىراقتىكى بىر كالتە تامنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ تاھارەتكە ئولتۇرۇپتۇ. خېچىر بۇغداينى كورسىلدىتىپ يېگىلى تۇرۇپتۇ. پىخسىق باي بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلەپ، ئاغزىنى بۇزۇپ تىل سالغىنىچە يۈگۈرپتۇ ۋە قولىدىكى تۆمۈر ئارا بىلەن خېچىر ئۈستىدىكى مەرھۇمنى بىر نەچچىنى ئۇرۇپتۇ. مەرھۇم يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ.
شۇ چاغدا كەنجى ئوغۇل كالتە تامنىڭ ئارقىسىدىن تامبىلىنى كۆتۈرگەن پېتى يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئانىسىنىڭ مەڭزىگە - مەڭزىنى يېقىپ «ۋاي ئانام» دەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.
باي نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ، كەنجى ئوغۇل «ئانامنى تۆلە» دەپ باينىڭ ياقىسىدىن ئاپتۇ. خۇن دەۋاسى قىلىمەن دەپ قازى قېشىغا سۆرەپ، بولۇشىغا داۋراڭ ساپتۇ.
باي كەنجى ئوغۇلغا بىر ھازا يالۋۇرۇپتۇ. ئاندىن ئىككىسى سۆزلىشىپ، باينى قازىنىڭ قېشىغا سۆرىمەيدىغان، كەنجى ئوغۇلمۇ بۇ ئىشنى بىر كىمگە دېمەيدىغان، باي 20 تاغار بۇغداي، 20 ئېشەك، 2 مىڭ تىللا نەق پۇل بېرىدىغان، جەسەتنى كەنجى ئوغۇل ئاستىلا ئاپىرىپ كۆمۈدىغانغا كېلىشىپتۇ.
ئەتىسى توققۇز ئوغۇل قارىغۇدەك بولسا كەنجى ئوغۇلنىڭ ھويلىسى ئاش بىلەن ئىشەككە، يانچۇقى پۇل - پىچەككە تولۇپ كەتكەنمىش. ئۇلار كەنجى ئوغۇلنىڭ ھويلىسىغا كەپتۇ:
- ئەسسالام ئىنىم، بۇنچە مال - دۇنيانى نەدىن تاپتىڭ؟ - دەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل چاندۇرماي كۆرۈشۈپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
- كېچىدىن ئۆيگە ئوغرى كىرىپتىكەن، ئانام رەھمىتى تۇيۇپ قېلىپ جەڭلىشىپتۇ، ئاياللىقىغا باقماي ئېلىشىپتۇ - بەللىشىپتۇ، ئوغرى ئانامنىڭ گېلىدىن بۇغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. تۈگمەندىن كەلسەم بىچارە ئانام ئۆلۈك پېتى يېتىپتۇ. ئانامنى خېچىرغا ئارتىپ ئارغامچا بىلەن چېگىپ، مەھكەم تارتىپ بازارغا باردىم. «ئانا گۆشى ئالامدۇ؟» دەپ ۋارقىرىدىم. نەق پۇلى بارلار تىللاغا، پۇلى يوقلار ئېشەك ۋە ئاش - تاغارغا تالىشىپ سېتىۋالدى. بۇ مال - دۇنيا «ئانا گۆشى» ساتقان پۇلغا كەلگەن.
توققۇز ئوغۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىشىنىپتۇ، ئەخمەقلىقىدىن يالغاننى راست دەپ ئىشىنىپتۇ. تۈزۈك بىر مەسلىھەت قىلىشا - قىلمايلا ئۆيىگە بېرىپ ئانىسىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈشۈپتۇ.
كەنجى ئوغۇلنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، ئانىسىنىڭ ئۆلۈكىنى ئىشەككە تېڭىپ، سەھەرلەر مېڭىپ بازارغا بېرىپ «ئانا گۆشى ساتىمىز» دەپ ۋارقىراپ - جارقىراپتۇ، ئۈنلىرى پۈتۈپتۇ، دەرمانى كېتىپتۇ، ۋاقىت كەچ پېشىندىن ئۆتۈپتۇ. ئەمما ھېچكىم «ئانا گۆشى» سېتىۋالماپتۇ، ئەكسىچە، بۇلارنى «ساراڭ» ئىكەن دەپ چوڭ - كىچىك، ئۇلۇغ - ئۇششاق ھەممىسى مەسخىرە قىلىپتۇ. چالما - كېسەك ئېتىپ، لاي چېچىپ بازاردىن قوغلىۋېتىپتۇ.
توققۇز ئوغۇل دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي غالجىرلىشىپتۇ. كەچتە مەھەللىسىگە كېلىپلا ئىنىسىنى تۇتۇپ تاغارغا سولاپ، ئىشەككە ئارتىپ دەرياغا تاشلىۋەتمەك ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
ماڭە - ماڭە بىر يەرگە بارغاندا، ماغدۇرى كېتىپ راسا ھارغاندا، ئىشەكنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ، ئۆزلىرى سەل يىراقتىكى ئېرىق بويىغا بېرىپ قاتتىق قۇرۇق نانلىرىنى ئېرىقتىكى سۇغا چىلاپ يېگىلى تۇرۇپتۇ.
كەنجى ئوغۇل تاغارنىڭ ئىچىدە يا ياتالماي، يا قوپالماي قىينىلىپ، تەقدىرىگە تەن بېرىپ تۇرغاندا يېقىنلا بىر يەردىن قويلارنىڭ مەرەشكەن، ئىككى ئادەمنىڭ گەپلەشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپتۇ. ھايال ئۆتمەي بۇ ئاۋازلار ئىشەكنىڭ يېنىدا پەيدا بوپتۇ.
- كىمنىڭ ئىشىگىدۇ، بۇ، ئۈستىدە يۈكىمۇ بار ئىكەن، - دەپتۇ بىرسى.
- خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ - دە، ھەيدە ئىشەكنى، - دەپتۇ يەنە بىرسى.
بۇلارنىڭ سۆز - پارىڭىدىن تاغار ئىچىدىكى كەنجى بۇ ئىككى ئادەمنىڭ بىرسىنىڭ باي، يەنە بىرسىنىڭ قويچى - مالاي ئىكەنلىكىنى پەم قىپتۇ. كەنجى ئوغۇل بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ. پۇرسەتنىڭ بارىدا بىردەم بەس قىلىپ باقماقچى بولۇپ يۆتىلىپ «ئەھە - ئەھە» دەپتۇ.
يۆتەل ئاۋازىدىن چۆچۈگەن باي:
- كىم سەن؟ تاغارنىڭ ئىچىدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ - دەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل:
- كىم بولاتتىم، ھاكىم بولمايمەن دەپ مەنسەپتىن قېچىپ تاغارغا كىرىۋالغان ئادەممەن! .... - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي:
- سۈكر ئۇزاقتىن بېر مەنسەپ تاما قىلىپ ئاللاغا قىلغان يىغا - زارىم ئىشقا ئاشىدىغان چاغ بوپتۇ، - دەپتۇ - دە، تاغارنى ئىشەكتىن چۈشۈرۈپتۇ، كەنجى ئوغۇلنى تاغاردىن چىقىرىپتۇ.
- سۆزلە، - دەپتۇ باي، - كىم سېنى ھاكىم بول دەپ قىستىدى؟ تاغارغا كىم سولىدى؟ قانداق قىلىپ ھاكىم بولغۇلۇق؟
كەنجى ئوغۇل:
- تۈنۈگۈن ئۆيدە ئولتۇرسام، بىر توپ ياساۋۇللار كېلىپ، «سىزنى شەھەرنىڭ ھاكىمى قىلماقچى، مەپىگە چىقىڭ» دەپ كەپتۇ، مەن «تېچقىنا تىرىكچىلىكىمنى قىلاي، مەنسەپ تۇتۇشنى بىلمەيمەن» دەپ بىر كۈن يالۋۇردۇم، ئۇلار «پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى» دەپ زادى ئۇنىمىدى، ئاخىرى تاغارغا سولاپ ئېلىپ ماڭدى. ياساۋۇللار مۇشۇ يېقىندا ئارام ئېلىۋاتىدۇ، - دەپتۇ.
باي ناھايىتى مەنسەپپەرەس، تاماخور ئادەم ئىكەن، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بېرى بىرەر مەنسەپنىڭ چوققىسىغا مىنگۈسى بولسىمۇ ھېچ يولىنى قىلالماي يۈرۈپتىكەن. شۇڭا:
- ئەي ئەخمەق، مانا، ئالدىڭدا تۇرغان ئىككى يۈز قوي، ئەنە مالچى، مەن ھاكىم بۇلۇشقا رازى، ئىككىمىز مالنى مەنسەپكە، مەنسەپنى مالغا تېگىشەيلى، بولامدۇ؟ - دەپتۇ.
كەنجى ئوغۇل بىلەن مالچى ھېلىقى باينى ئەپلەپ، ئۇنى تاغارغا كەپلەپ، ئاغزىنى چېگىپ، ئىششەككە بۇرۇنقىدەك ئارتىپ قويۇپ، مالنى ھەيدەپ يولىغا راۋان بوپتۇ.
قويچى مالاي مەنسەپپەرەس، ئاچكۆز بايدىن قۇتۇلغىنىغا، كەنجى ئوغۇل 200 قويلۇق بولغىنىغا خۇش بولۇپ، خوشلىشىپ ئايرىلىپتۇ.
ئەتىسى توققۇز ئوغۇل ئورنىدىن ۋاقچە تۇرۇپ، كەنجى ئوغۇلدىن قۇتۇلدۇق دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ تالاغا چىققۇدەك بولسا ئەتراپنى بىر پادا قوي لىق ئاپتۇ. ئۇلار كەنجى ئوغۇلنى يەنىلا ھايات ھالىتىدە كۆرۈپ «ئاللا - توۋۋا» دەپ دات ساپتۇ.
- ئۆلمىدىڭمۇ؟ بۇ قويلارنى نەدىن ھەيدەپ كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ ئاكىلىرى.
- ياق، ئۆلمىدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كەنجى ئوغۇل، - بۇ قويلارنى سىلەر مېنى تاشلىۋەتكەن دەريانىڭ تېگىدىكى يايلاقتىن ھەيدەك كەلدىم.
- ئاران مۇشۇ قويلارلا بارمىكەن، ياكى .....
ئاكىلىرىنىڭ ئاچكۆزلۈكى، بەدنىيەتلىكىدىن تويغان كەنجى ئوغۇل كۆڭلىگە بىر پىلاننى پۈكۈپ، چاندۇرماي مۇنداق دەپتۇ:
- ۋاي ئاكىلىرىم، ئۇ يەردە پادا - پادا قويلار، قوتان - قوتان ئۇيلار، ئىشقىلىپ ھەممە نېمە بار ئىكەن، دەپتۇ.
- جېنىم ئۇكام، - دەپتۇ ئۇلار، - بىزگە شۇ يەرنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭ، سېنىڭ سايەڭدە بىزمۇ مال - چارۋىلىق بولۇپ قالغان بولساق؟ ....
- ماقۇل، - بوپتۇ كەنجى ئوغۇل، - يۈرۈڭلار، مەن سىلەرگە قوي بار يەرنى كۆرسىتىپ قوياي.
توققۇز ئوغۇل كەنجى ئوغۇلغا ئەگىشىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر چاغدا دەريانىڭ چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ، ئېگىزدىن تۆۋەنگە بېقىپتۇ. ئۇلار كۆرۈپتۇكى، سۇنىڭ ئاستىدا بىر تالاي قوي - قوزىلار مەرىشىپ تۇرغىدەك. بۇ ئەسلى كەنجى ئوغۇل ھەيدەپ كەلگەن قويلارنىڭ سۇدىكى سايىسى ئىكەن.
- ئەنە، - دەپتۇ كەنجى ئوغۇل، قويلار مۇشۇ يەردە.
توققۇز ئوغۇل بىر بىرىسىدىن قىزغىنىپ، بۇرۇنراق سۇغا چۈشۈپ كۆپرەك قوي ھەيدەپ چىقىشنىڭ غېمىدە ئارقا - ئارقىدىن دەرياغا سەكرەپتۇ - دە، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپتۇ.
كەنجى ئوغۇل خاتىرجەم ھالدا مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ئىگەرچىلىك ھۈنىرىنى يېڭى باشتىن قولىغا ئېلىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، بالا - چاقا تېپىپ ئۆز تېرىكچىلكىنى قىلىپتۇ.