UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقتويلىشىش

تويلىشىش

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر ياش يىگىت ئايشەمخان ئىسىملىك بىر قىزغا ئۆيلەنمەك بوپتۇ. ئۇ بىر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ ئايشەمخاننىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئايشەمخان يىگىتنى خۇشال قارشى ئاپتۇ. يىگىت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ پاتىھە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئايشەمخان يىگىتنىڭ قولىغا سۇ بېرىپ، دەرھال ئالدىغا داستىخان ساپتۇ. لېگەنگە ئۈچ خىل نان - ئاستىغا قاتلىما، ئوتتۇرىسىغا ئارپا نېنى، ئۈستىگە تېرىق نېنىنى تىزىپتۇ. يىگىتنى چايغا ۋە مەزەگە تەكلىپ قىپتۇ. يىگىت ناننىڭ تىزىلىشىغا قاراپ قىزنىڭ ئۆزىنى سىناپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ - دە، مۇنداق خىيالغا كەپتۇ:>مەن بىردىنلا لېگەنگە تىزىلغان نانلارنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قاتلىما ناننى يېسەم بەكمۇ سەت بولار، ئۈستىدىكى تېرىق ناننى يېسەم، مېنى تازىمۇ نەپسى ئاۋارىسى ئىكەن دەپ ئەيىبلىشى تۇرغان گەپ. مەن داستىخانغا قويۇلغان ناننى ئېلىپ يېيىشكە تەمسىل قوشاققا قېتىپ، ئايشەمخاننىڭ ئەقىل - پاراسىتىمنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان مۇشۇ سىناق ئۆتكىلىدىن چوقۇم ئۆتۈشۈم كېرەك.< ئۇ ئىنتايىن تەمكىنلىك، ئەدەب بىلەن تېرىق ناننى قولىغا ئېلىپ: تېرىق نان مەڭزى قىزىل، خۇش چىرايلىق پىشىپسىز، كۈزگىدىن توققۇز ئايلىق كىچىكىسىز، ئالدىراپ تۆپىسىگە چىقىۋاپسىز. دېگەن بېيىتنى ئوقۇپ، تېرىق ناننى >سىز مەيەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ!< دەپ داستىخاننىڭ بىر چېتىگە ئېلىپ قويۇپتۇ. ئاندىن ئارپا ناننى قولىغا ئېلىپ، ئالدى - كەينىگە بىر نەزەر سېلىپ: مەن - مەن دېگەن ئوغۇللار، ھەددىدىن ئاشماس، سىز خېنىمنى مەن كۆرمىگىچە، قاينىماس - تاشماس. مەن ئۆزۈم بەك سوغۇق جان، ئارپا نېنى ياراشماس. دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ، >سىزمۇ مەيەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ!< دەپ، ئارپا نېنىنى داستىخاننىڭ بىر چېتىگە ئېلىپ قويۇپ، ئاندىن قاتلىما ناننى ئىشتىھا بىلەن ھوزۇرلىنىپ يەپتۇ. يىگىتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئايشەمخاننى قايىل قىپتۇ، بوپتۇ، ئاخىرىدا يىگىت بىلەن نىكاھلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولۇپ خۇشال - خۇرام ھايات كەچۈرۈپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: خوتەن ناھىيە لاسىكۇي يېزىسىدىن: مەتكىرەم توختى
← بارلىق تېمىلار چوچاق