UyghurWiki
UyghurWikiچوچاقدىۋانە بىلەن گۈلنىسا

دىۋانە بىلەن گۈلنىسا

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بۇرۇنقى زاماندا سىدىق دىگەن بىر چوڭ باي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ مالۇ - دۇنياسى ھەددى ھېساپسىز ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ چىرايى بەكمۇ سەت ئىكەن. بۇرنىنىڭ ئۇچىدا گۈلدەك بىر قارا ئۆسمە گۆش بولۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تۈس كىرگۈزىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇ قىرىق ياشقا كىرگىچە ئۆيلىنەلمەپتۇ. ئۇ قىرىق ياشقا كىرگىچە ئۆيلىنەلمەپتۇ. ئۇ قىرىق ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مالۇ - دۇنياسىغا تايىنىپ، ئۆيلىنىش نىيىتىگە كەپتۇ. پۇل دىگەننى بولۇشىغا خەجلەپ، بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ گۈلنىسا دىگەن قىزى بىلەن توي قىلىپتۇ. بىراق گۈلنىسا سىدىقنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان كۈندىن تارتىپ، ھەسرەتكە چۆكۈپتۇ ھەم >كېسەل بولۇپ قالدىم< دەپ ئورنىدىن تۇرماي يېتىۋاپتۇ. ئۆزىنىڭ كېسىلى ساقايغىچە سىدىق باي بىلەن بىللە بولماسلىقنى تەلەپ قىلىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئەمما گۈلنىسانىڭ كېسىلى ساقايماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىدىق باينىڭ مەھەللىسىدە بىر دىۋانە پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇ دىۋانىنىڭ يېقىملىق ۋە مۇڭلۇق ناخشىسى ھالسىز ياتقان گۈلنىسانى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپتۇ. ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا قىلىپتۇ. گۈلنىسادىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سەزگەن سىدىق باي دىۋانىنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، قوتانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. دىۋانە ھەر كۈنى گۈلنىساغا ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن گۈلنىسانىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلنىسا سىرتقا چىقىپ كېتىپ ئۆيگە قايتىپ كىرمەپتۇ. سىدىقباي ئۇنى ساقلاپتۇ. ساقلاپتۇيا، ساقلاپتۇ. ئاخىرى تاقەت قىلالماي ھويلىغا چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، دەرۋازا ئوچۇق تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرۈپ قارا ئارغىمىقىدىن ئەنسىرىگەن سىدىقباي ئاتخانىغا كىرىپتۇ. قارا ئارغىماقمۇ يوق تۇرغۇدەك. بۇ ئىشتىن گۇمانلانغان سىدىق باي ھېلىقى دىۋانە ياتقان قوتانغا كىرىپ قاراپتۇ. قوتاندا دىۋانىمۇ يوقمىش. سىدىقباي بۇنىڭدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ پۈتۈن مەھەللىدىكى كىشىلەرنى ئويغىتىپ ئىزلەشكە كىرىشىپتۇ. ئۈمىتسىزلىنىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي سىدىق باي بىر باغاق تاپشۇرۇپ ئاپتۇ. باغاققا شۇنداق قاراپلا، داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتۇ. باغاققا: >بىز بىر - بىرىدىن ئايرىلغان، قەلبى سەكپارە بولغان ھەسرەتلىك بىر جۈپ كېپىنەكلەر ئىدۇق. سىز بىزنىڭ ھايات گۈلىگە بىرگە قونۇشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردىڭىز. بىز سىزدىن مىننەتدارمىز. بىز ئەمدى توي قىلماقچىمىز. سىزنى تويىمىزغا تەكلىپ قىلىمىز< دەپ يېزىلغان ئىكەن. سىدىقباي باغاقنى ئوقۇپ، بېشى قېيىپ، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، خۇددى ئەسكى تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە. يەرگە >گۈپپىدە< يىقىلىپتۇ. شۇ ياتقىنىچە ئىككى كۈن ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ مال - دۇنياسىغا تايىنىپ، باشقىلارنىڭ بەختى ھېسابىغا ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ئىشنى ئىككىنچىلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئايال چىقمىسا، ئۆلگىچە توي قىلمايدىغانلىقىنى ھەققىدە قەسەم ئىچىپتۇ. دىۋانە بىلەن گۈلنىسا ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك كۈنلىرىنى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئېيتىپ بەرگۈچى: ياقا گۇڭشې ياقا دادۈيدىن ئابدۇغېنى يۈسۈپ.
← بارلىق تېمىلار چوچاق